كۆرۈش: 550|ئىنكاس: 4

9-يىللىق قوش تىل سىنىپىنىڭ 1-ماۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
9-يىللىق قوش تىل سىنىپىنىڭ 1-ماۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات
ئىمتىھان سۇئالى
توغرا جاۋاپنى تاللاڭ
1.تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرا ئېيتىلغىنى:
A: بىلال نازىم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى رىئالىزىمچى شائىر،ئۇنىڭ داستانلىرىدا ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائى رىئاللىق ئەكس ئەتكەن. B :  «غازات دەر مۇلكى چىن» داستانىدا رىياللىقتا بولمىغان خىيالى ۋەقە ئارقا كۆرنۈش قىلىنغان.
C:  بىلال نازىم 1825-يىلى تۇغۇلۇپ 1899-يىلى ۋاپات بولغان.
D:  بىلال نازىمنىڭ «غەزەليات»تىن ئېلىنغان پارچىدا شائىرنىڭ ئەينى دەۋردىكى رىئاللىققا بولغان خۇشاللىقى پەخىرلىنىش ھىسسىياتى ئىپادىلەنگەن.
2-«ئانا يۇرت»رومانى ھەققىدىكى بايانلاردىن خاتاسى:
A:  بۇ روماندا 1940-يىللاردا شىنجاڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»تىما قىلىنغان.
B:  بۇ روماندا رىئال تارىخى شەخس ئاساسلىق قىلىپ تەسۋىرلەنگەن،بەدىئى توقۇلما ئوبرازلار تەسۋىرلەنمىگەن.
C:  بۇ رومان «يېڭى ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۇلزار مۇكاپاتى»نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
D:  بۇ روماننىڭ ئاپتۇرى زوردۇن سابىر 1948-يىلى تۇغۇلغان.بۇ رومانى 2000- يىلى نەشىر قىلىنغان.
3-« قوش مەسچىت» ناملىق ئەسەر ھەققىدىكى بايانلاردىن خاتاسى:
A:  بۇ ئەسەر ژانىر جەھەتتىن ھىكايە بولۇپ ئەسەردە بىرەرمۇ تارىخى شەخس تىلغا ئېلىنمىغان.
B:  ئەسەردىكى زىددىيەت توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپ بولغىنى تىللا بىلەن ئالتۇن خىنىمنىڭ مەنمەنچىلىك ،ئابرويپەرەسلىك قىلىپ تۆر تالىشىشى سەۋەپ بولغان.
C:  ئەسەردە كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىناقسىزلىق ،جاھىللىق،نادانلىقنىڭ زىيىنى پىرسۇناژلار زىددىيىتى ئارقىلىق يورتۇلغان.
D:  بۇ ھىكايىنىڭ ئاپتۇرى مەمتىلى زۇنۇن بولۇپ ئەسەر 1988-يىلى يېزىلغان.
4-«ئاي كۆتۈرىلىپ تاغ ئىچى يورۇپ قالغان ،ئاي يورۇقى ئىگىز خادا تاشلار ،قويۇق ئورمانلار ،يېشىل چۆپلەر ئۈستىدە ئالا- بۇلىماچ سايە چۈشۈرۈپ تۇراتتى»دىگەن پارچە ھەققىدە خاتاسى:  
A:  پارچىدا تەبىئى مۇھىت تەسۋىرى بىرىلگەن.
B:  پارچىدا ئىستىلىستىك ۋاستىلەردىن سۈپەتلەش قوللۇنىلغان.
C:  «قويۇق»دىگەن سۆز بىلەن «ئورمان» دىگەن سۆز چىرمىشىش باغلىنىشتا كەلگەن.
D:  بۇ پارچە «پالۋان كەلدى »ناملىق ھىكايىدىن ئېلىنغان .
5-تۆۋەندىكى بايانلاردىن خاتاسى:
A:  نۇتۇق ئادەتتە مۇھاكىمە خااركتىرلىق ماقالىگە تەۋە .                                   
B:  نۇتۇق ئاغزاكى نۇتۇق ۋە يازما نۇتۇق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. C:نۇتۇق تىكىستىنى قاراتمىلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئوبىكىتنى ياخشى ئىگەللەش شەرتى قويۇلمايدۇ.                        
D:  نۇتۇقتا كۈچلىك ھىسسىيات بولغاندىلا كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگىلى بولىدۇ.
6-تۆۋەندىكىلەردىن ئىگە-خەۋەر مۇناسىۋىتىدە كەلگەن يېغىق ئاددى جۈملە:
A:  ھاياتنى ئۇلۇغلاش كىرەك.  B:  كۈز يېتىېپ كەلدى C:  ئۇنى تونۇيمەن . D:  جىمغۇرلۇقنىڭ ئۆزى دۆتلىك.
7-«قىزىق –دەپ ئويلىدى ئۇ،-بۇ ئېزىتقۇ سەراپ ياكى بۇزۇلغان ئەسەبىلىرىنىڭ ئويۇنى ،ناتوغرا تەسەۋۋۇرنىڭ مىۋىسى بولسا كېرەك »دىگەن جۈملىدە قوللىنىلغان پىرسۇناژ تەسۋىرى :
A:  تىل تەسۋىرى  B:   پورترىت تەسۋىرى C:  روھى ھالەت تەسۋىرى  D:  ھەركەت تەسۋىرى
8-«كىتاپسىز ئۆي –روھسىز تەن»ھىكمىتىنى بولسا:
A:  ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر ناۋائى ئوتتۇرىغا قويغان. B:  روسىيەشائىرى تولىستوي ئوتتۇرىغا قويغان .
C:  ئىتالىيىلىك ناتىق تېستېرۇن ئوتتۇرىغا قويغان. D:  كاتتا ئالىم مارى كىيورى ئوتتۇرىغا ىويغان.
9-ھازىرغىچە تېپىلغان يېزىق شەكلىدىكى ئەڭ قەدىمى كىتاپ:
A:  تېرە ۋە مەخسۇس تارشىلارغا يېزىلغان قوشاقلار .
B:ھەر خىل قىيا تاشلارغا چېكىلگەن رەسىملەر.
C:  تۇنجى ئۇچلۇق تاياقچە بىلەن لاي تاختىلارغا يېزىلغان «پايتەخت قۇرغۇچى گىلگامىش »داستانى.
D:  بابىل شاھى ھاممۇراينىڭ 282ماددىلىق قانۇن دەستۇرى.
10-تۆۋەندىكى ھۆكۈملەردىن خاتاسى:
A جۈملە بۆلەكلىرى ئىگە, خەۋەر، تولدۇرغۇچى، ئېنىقلىغۇچى، ھالەت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
B:  ئۇيغۇر تىلىدا باش بۆلەكلەرسىز جۈملە تۈزگىلى بولمايدۇ
C:ئەگەشمە بۆلەكلەردىنمۇ جۈملە تۈزگىلى بولىدۇ
D:  يېيىق جۈملە بىلەن تولۇق جۈملە ئوخشۇشىپ كىتىدۇ
(1)ئاماننىساخان سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان شائىرە،مۇزىكىشۇناس بولۇپ (              )،(              )،(               )قاتارلىق شېئىرىي توپلامنى ،(             ) ناملىق مۇقامنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن .ئاماننىساخان (        )-يىلى ۋاپات بولغان.
(2)تىلىمىزدىكى تەقلىت سۆزلەر مەنىسىگە ئاساسەن (               )،(               )،ۋە (               )
           )تەقلىتلىرى دىگەن تۈرگە بۆلىنىدۇ.
(3) «خۇشاللىق بىلەن قايغۇ قوشكىزەك»،«دىلىڭنى ئىلىم بىلەن يورۇتقىن»دىگەن جۈملىلەردىكى «بىلەن»سۆزى ئالدىنقى جۈملىدە (                    ) رولىدا،كىيىنكى جۈملىدە (                   ) رولىدا كەلگەن.
3-سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىڭ
(1) شىئېر دىگەن نىمە ؟ئۇ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟



(2) ناۋايى كىم؟ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قايسى ساھەگە چېتىلىدۇ؟



(3) تەۋرەنمەس روھ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزنىڭ بىردىنبىر يولىمۇ؟ سىزنىڭچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىمىلەرگە باغلىق؟




4-مۇلاھىزە ۋە مەشق سۇئاالى  .
(1) تۆۋەندىكى جۈملىنى سۆز تۈركۈمى ۋە جۈملە بۆلەكلىرىگە ئاجرىتىڭ؟
   مەن كىتاپخانىدىن يېڭى كىتاپ سېتىۋالدىم .

  بىزنىڭ سىنىپ ئازادە.

(2)تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ تەلەپنى ئورۇنداڭ
   ئۇ ئۆينىڭ تۆرىدىكى كارۋاتتا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالدى :«ئەلنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ ،ئوتىدا كۆيۈپ ،سۈيىدە ئاققانلارنى سوگو،ئوغرى ،بۇزۇق،ئەلنىڭ ئۈستىدە ئات چاپتۇرۇپ ،گۆشىنى شىلىپ ،قىنىنى شورىغانلارنى بولسا بەگ،ئۇلۇغ دىيىشىدۇ،»-دەپ ئويلايتى ئۇ.
    1)بۇ پارچە كىمنىڭ ،قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟

    2)پارچىدا پىرسۇناژلارنىڭ قانداق تەسۋىرى بىرىلگەن؟ «ئۇ» كىمنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەسەردىكى خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىڭ؟



   3)ئەسەردىكى« سوگو » دەپ ئاتالغان شەخس كىم؟ تەرجىمالىنى ئىخچام تونۇشتۇرۇڭ؟


   5- يېزىقچىلىق
   كۆرگەن، ئاڭلىغان ماتىريالىڭلار ئاساسىدا «پۇل ھەممىگە قادىرمۇ؟»دىگەن ماۋزۇدا بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىڭ؟ (مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ ئۈچ ئامىلى گەۋدىلەنسۇن. ھەجمى بىر بەتتىن كەم بولمىسۇن)

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-12-27 17:31:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل ۋاقتىدا يوللانغان ياخشى ئىمتىھان سۇئالىكەن ، مەۋسۈملىك ئىمتىھانغىمۇ ئاز قالدى ، مۇشۇ سۇئاللار ئاساسىدا يېتەكچىلىكنى كۈچۈيتسەك ...رەخمەت
ۋاقتى: 2013-12-27 23:06:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى سۇئاللاركەن بۇ ماۋسۇملۇقمۇ ئىمتاھان باشلىناي دەپ قالدىدە
ۋاقتى: 2013-12-28 22:06:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى سۇئال ئىكەن . چۈشۈرىۋالسام بولغۇدەك.
ۋاقتى: 2013-12-31 14:55:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز .رەخمەت سىزگە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش