| 8-يىللىق قوش تىل سىنىپىنىڭ 1-ماۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى 1، سۇئال:بوش ئورۇنى تولدۇرۇڭ( 10 نومۇر ) (1)«لوپنۇر» دېگن ئاتالغۇدىكى ‹‹نۇر›،دېگەن سۆز( ) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ئىلگىرى ( )دەرياسىنىڭ سۈيى لوپنۇر كۆ لىگە قۇيىلاتتى لېكىن( )يىللىرىغا كەلگەندە لوپنۇر كۆلى قۇرۇپ كەتتى (2) ئۇيغۇرلار ئۇزاق ( ) مول ( ) ئىگە مىللەت. (3) شەيئىلەرنىڭ تۈرلۈك ھالەتلىرىنى جانلىق ( ) تىل ئارقىلىق ( ) ( ) ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى تەسۋىر دەپ ئاتىلىدۇ. 4) سېۋىن ھېدىن ( )لىك داڭلىق ( ) 2. تاللاش سۇئالى.(20 نومۇر ) 1)تارىخىي كىتابلاردا خاتىرلىنىشچە لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ كۆلىمى؛( ) A. 200 مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىردىن ئېشىپ كەتتى .B 100مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى .C 20 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى .C 1000 كۇۋادىرات كىلو مېتىردىن ئېشىپ كەتتى (2) تۆۋەندىكىلەردىن خاتاسى ( ) A. قەدىمكى تۈرك يېزىقى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەدىمقى خەلقلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئېلىپبەلىك يېزىق B. چاغااتاي تىلى- چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايخان تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. C. خاقانىيە يېزىقى- ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ھىچقانچە ئىسلاھ قىلىنمىغان ھالدا قوبۇل قىلىنغان يېزىق. D. خەلقىمىز تارىختا كۆپلىگەن يېزىقلارنى ئىشلەتكەن. (3) قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلاردىن خاتاسى ( ) A. ئوغۇز نامە B. قىساسۇل ئەنبىيا C. ئالتۇن يارۇق D. تۇركىي تىللا دىۋانى (4) تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدە ئوخشۇتۇش قوللىنىلمىغىنى( ) A. ئاتا بالىدىن ئاققان قان بىر پارچە كىگىزنىڭ ئورنىدەك يەرنى قىپقىزىل بويىۋەتتى. B. تىكەن شوخا كىرىپ شور قىتىپ كەتكەن تاپانلىرى بەئەينى تۈكچە سالغانداك تۆشۈك ئىدى. C. مۇدىرنىڭ مەككار كۆزلىرى بالىغا تىكىلدى D. ئۇ 20 غۇلاچلىق مومىغا يالىمانتاقتەك يامىشىشقا باشلىدى. (5) تۆۋەندىكىلەردىن خاتاسى ( ) A. كىچىك پىرانىس ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرستە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى نىمىس تىلىنى دىگەندەك قەدىرلىمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ پۇشايمان قىلدى. B. بۇ سائەتلىك دەرستىن كىيىن فىرانسوس تىلى دەرسى ئەمدى مەڭگۈ ئۆتۈلمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. C. ھاممور ئەپەندى بىر ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇتقۇچى. D. «مەن ئۇلار بۇ كەپتەرلەرنىمۇ نىمىسچە بۇقۇلداشقا مەجبۇرلىماس دەپ ئويلۇدۇم» دىگەن جۈملە كۆچۈرمە جۈملىدۇر. (6) تۆۋەندىكىلەردىن تۇراقلىق ئىبارىلەر توغرىسىدا خاتاسى ( ) A. ماقال تەمسىل ۋە ئىددىئوملار تۇراقلىق ئىبارىگە تەۋە. B. ماقال بىلەن تەمسىل ئوخشاشلا تۇراقلىق ئىبارە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھىچقانداق پەرقى يوق. C. تۇراقلىق ئىبارىلەر ئۇزاق قوللىنىش جەريانىدا تۈزۈلۈش جەھەتتىن تۇراقلىشىپ بىر پۈتۈنلۈكنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ. D. «ساقال تارىماق» بولسا ئىددىئومغا تەۋە. 7)‹.بۈيۈك››بايقاش( )نى كۆرسىتىدۇ Aزاۈۇنلۇق قەبرىستانلىقىنى بايقاش. B. كروران خارابىلىكىنى بايقاش C قۇجۇ قەدىمكى شەھرىنى بايقاش D يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى خاتا . (8) تۆۋەندىكىلەردىن ئىددىئومغا تەۋە بولىدىغىنى ( ) A. ھەق ئىگىلەر سۇنماس B. موزاينىڭ يۇگرىشى سامانلىققىچە C.ئېغىز غىرىچلىماق D. پىيازنىڭ پوستى تولا، ئەخمەقنىڭ دوستى تولا 9)تۆۋەندىكى سۆزلەر ئىچدە خاس ئىسىملارنىڭ توغرا گۇرۇپپىلانغىنى ( ) A.تاغ ،ئۆسمۈرلەر گېزىتى دەرەخ B جۇڭگۇ ،تۈمەن دەرياسى ،گۇلنۇر C ئادەم ،كىتاب ،ئۈرۈك. D تاغ،ئورمان .بۆرە (10) تۆۋەندىكى قاراشلاردىن توغرىسى ( ) A. دۇنيادا ئۇيغۇرلاردەك كۆپ يېزىق قوللانغان مىللەت ناھايىتى كۆپ. B. چىڭگىزخان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل دۆلىتىنىڭ يېزىقى قىلىپ قوبۇل قىلغان. C. قۇتادغۇ بىلىك قەدىمقى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان. D. چاغاتاي ئويغۇر يېزىقىدا بىزگىچە ھىچقانداق يادىكارلىق يېتىپ كەلمىگەن. 3. توغرا-خاتاسىغا ھۆكۈم قىلىڭ.(20 نومۇر ) (1) «چىرىغىنى ياندۇرۇش» نىڭ مەنىسى ۋارىسلىق قىلىش دىگەنلىكتۇر. ( ) (2)دائودىت ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى. ( ) 3)‹‹قۇم باسقان شەھەر›،› ناملىق تارىخىي رومان بولۇپ ئاپتۇرى مەمتىمىن ھوشۇر( ) (4) ئەختەم ئۆمەر 1963-يىلى مەكىتتە تۇغۇلغان. ( ) (5) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى خاقانىيە يېزىقىنىڭ بېۋاستە راۋاجى ( ) (6) چاغاتاي يېزىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خىلمۇ-خىل ھۆسنىخەت نۇسقىللىرى مەيدانغا كەلدى. ( ) (7) «تۈركىي تىللا دىۋانى» نىڭ قەدىمقى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان نۇسخىسىمۇ بار. ( ) (8) بىرلا مۇستەقىل مورفىمىدىن تۈزۈلگەن، مەنىلىك بۆلەكلەرگە بۆلۈنمەيدىغان سۆزلەر تۈپ سۆز دەپ ئاتىلىدۇ. ( ) (9) بەدەن تىلى ئاغزاكى ئالاقىدە ئىشلىتىلىدىغان بەدەن ئامىللىرى ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇلىدىغان تىلنى كۆرسىتىدۇ. (10) «ئەس كىرمەك» دىگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ مەنىسى ئەقىل كىرمەك دىگەندىن ئىبارەت. ( )
4. جاۋاب بېرىڭ. (15نومۇر ) ‹‹دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ قۇل قىلىنغان خەلىق ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى يادىدا چىڭ ساقلىسىلا،تۈرمە دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەك بولىدۇ ›› (1) يۇقارقى پارچە كىمنىڭ ، قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ ژانىرى نىمە؟
(2) بۇ سۆزنى كىم قىلغان؟ كىمگە ئېيتىۋاتىدۇ؟
(3) بۇ پارچىدىكى «ئاچقۇچ» بىلەن «تۈرمە دەرۋازىسى» نىمىگە سىمۋول قىلىنغان؟ پارچىدا قانداق چوڭقۇر مەزمۇن ئىپادىلەنگەن؟
5. ئۇنۋېرسال مەشق سۇئالى 1)تۆۋەندىكى ماقال-تەمسىللەرنى تولۇقلاڭ( 6 نومۇر) (1)قاغا بالام ئاپاق ،ــ ــ ـ----- (2) ئويلىماي سۆزلىسەڭ ،ـ - ـ - ـ - (3)ـ - - - - - ،پەرزەنتىڭدىن شۇنى كۆرەرسەن 2)«ئىگىز » دىگەن سۈپەتنى تۆت دەرجە بويىنچە تۈرلەڭ(4 نومۇر)
3) قىشلىق تەتىللىك ئۆگۈنىش پىلانىڭىزنى يېزىڭ (5نۇمۇر ) .
ا 6. يېزىقچىلىق (20 نۇمۇر ) «ئۇ ھامان مېنىڭ قەلبىمدە » دىگەن تىمىدا بىر پارچە بايان ماقالىسى يېزىڭ. تەلەپ: (1) بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش پائالىيەتنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. (2) باياننىڭ ئالتە ئامىلى تولۇق ئىپادىلەنسۇن. (3) خېتىڭىز چىرايلىق باش ئاخىرى ماسلاشقان بولسۇن.
|
|