كۆرۈش: 352|ئىنكاس: 0

تولۇق 2-يىللىقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ـــ زۆرۈر دەرس ئىمتىھان سۇئالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تولۇق 2-يىللىقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ـــ زۆرۈر دەرس ئىمتىھان سۇئالى
ئىسمى ئاتىسى:                 يوقلىما نومۇرى:      ۋاقتى: 120 مىنۇت
1-سۇئال: بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ. (10 نومۇر)
1) «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە (      ) بىلەن (      ) دىن ئىبارەت. 2) ھاجى ئەھمەت كۆلتېگىن  (    )-يىلى 9-ئايدا (      )دە تۇغۇلغان. 3)  سانلار تۈزۈلۈشىگە قاراپ (        ) ۋە (         ) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 4) «ئالا ئىت قىياسى»دا تەسۋىرلەنگەن ئاساسلىق پىرسۇناژلار (           )، (          )، (              ) ۋە (              ) لاردىن ئىبارەت.
2-سۇئال: سۇئال تەلىپىگە ئۇيغۇن بىردىن بىر جاۋابنى تاللاڭ.(30 نومۇر)
1) «دېڭىز سەپىرى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى (    )
A. باجىن، جۇڭگو  B.تۈرگېنىف، سوۋېت ئىتتىپاقى C. پوشكىن، روسىيە  D. تۈرگېنىف، روسىيە
2) «كىچىكرەك بىر بالا ئوماققىنا كۈلىۋەتتى» دېگەن جۈملىدىكى سۈپەت دەرىجىسى (    )
A. ئەسلى دەرىجە، كېمەيتمە دەرىجە  B. ئاشۇرما دەرىجە، ئەركىلەتمە دەرىجە   
C. سېلىشتۇرما دەرىجە، ئەركىلەتمە دەرىجە  D.سېلىشتۇرما دەرىجە، ئاشۇرما دەرىجە  
3) «سىنىپنى سۈپۈردۇق» دېگەن جۈملە: (    )
A.ئىگىسىز جۈملە.  B.يىغىق جۈملە.  .Cتولۇقسىز جۈملە.  D.ئىگىلىك جۈملە.
4) «ئاتىلار سۆزى» ناملىق ئەسەرنىڭ يېزىلغان دەۋرى (    )
A. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى   B.قارخانىيلار خانلىقى دەۋرى   C.سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى  D. قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى
5) «مېنىڭ بېشىم لوق-لوق قىلىپ ئاغرىۋاتىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى تەقلىد سۆز (         )
A. ئاۋاز تەقلىدى   B. ھېسسىيات تەقلىدى  C. ھالەت تەقلىدى D . ھالەت ھەم ھېسسىيات تەقلىدى
6) «ھاياتقا مۇھەببەت ـــ دۇنيادا تەڭداشسىز قۇدرەتكە ئىگە مەنىۋى كۈچتۇر. ئۇ،  تۇرمۇشنى يۈكسەلدۈرىدۇ. كىشىلەر قەلبىگە ئىلھام بېغىشلاپ، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە قىلىدۇ»  دېگەن پارچە ھەققىدىكى ناتوغرا بايان (      )
A. لىرىكا قوللىنىلغان، ئىسىمدىن ئونى بار B. مۇھاكىمە قوللىنىلغان،سۈپەتتىن ئۈچى
بار C . ئالتە ئىسىم كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن D. ئىككى ياسلما سۈپەت، بىر سان بار
7)  تۆۋەندىكىلەردىن تېكست مەزمۇنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاراش (    )
A. «ئىنسان ئۆلىدۇ، ئەمما مۇتلەق  مەنىدە ئەمەس» دېگەن پىكىردىكى «مۇتلەق» سۆزى ئۇنىڭدىن ياخشى ياكى يامان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بىر نام قالىدۇ دېگەن مەنىدە  B. ئەسەر ماۋزۇسىدىكى سۆزلەر ئۆز مەنىسىدە قوللىنىلمىغانلىقتىن قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان  C. «ئات»نى كامالەتكە يەتكۈزۈشتە ئات مىنگەن كىشىدە بىلىم، ئەقىل، ئىقتىدار بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن D.ئەسەردىكى ئادەمنى بىر ھايۋان دەپ ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق.
8) «ئوۋچى ئەسلىمىلىرى»نىڭ بىرىنىچى بۆلىكى ھەققىدىكى توغرا بايان: (    )
.Aتەبىئەتنى قوغداش، مۇھىتنى ئاسراش ئاساسىي ئوق تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەن بىر ئەسلىمە ھېسابلىنىدۇ.  .Bبۇ ھېكايىدە ھايۋانلار تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى دوستلۇقنىڭ ئەھمىيىتى چۈشەندۈرۈلگەن. .Cبۇ ھېكايىدە ئادەم بىلەن ھايۋان ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ۋاپادارلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.  .Dئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ، جۈملىدىن ھايۋانلارنىڭ قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
9) مارتىن لۇتېر كىڭ (    )
A. ئافرىقا نېگىرلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى  B. 1964-يىلى نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن C. مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرغان.   D. A جاۋاب توغرا
10) «مىليون ئادەم ئوتتۇز بەش ئادەمنىڭ دەردىنى تارتتى» دېگەن جۈملە ھەققىدىكى خاتا بايان (    )
A. باش كېلىشتىكى ئىسىم ئاددىي سان بىلەن ئېنىقلانغان  B. بىر ئىسىم تەۋەلىك ھەم كېلىشتە تۈرلەنگەن  C. ئىككى سان بولۇپ ئاددى ساندۇر D. ئىگىلىك كېلىشتىكى ئىسىم مۇرەككەپ سان بىلەن ئېنىقلانغان.
3-سۇئال: بېرىلگەن ھۆكۈملەرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ.(10 نومۇر)
1) سۈپەتلەر ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ، ھالەت ۋەزىپىسىدە كەلمەيدۇ         (    )
2) «كىم، نېمە، قەيەر» دېگەن سۇئالغا جاۋاب بولىدىغان سۆزلەر ئىسىمدۇر         (    )
3) «كۆڭلۈم» دېگەن سۆزدە بىر تاۋۇش چۈشۈپ قالغان                             (    )
4) سانلار  «ئەتراپىدا» سۆزىنى بېقىدۇرۇپ كېلەلمەيدۇ                              (    )
5) سان پىتىرو بوۋاي-غەلبە قىلغان مەغلۇبىيەتچى،ئىنسان غورورىنى قوغدىغۇچى.      (    )
6) ئادەملەر بىلەن يەر –جاي ناملىرىنىڭ ھېچقاندق مۇناسىۋىتى يوق                  (    )
7) توتېمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دىن ئىكەنلىكىدىكى قاراشلار بىرلىككە كەلدى            (    )
8) نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتنىڭ ئالتە شەھەرگە قاراپ يولغا چىققان ۋاقتى 1923-يىلى    (    )
9) نۇتۇقنىڭ كۈچى مەزمۇنىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ناتىقنىڭ سەنئىتىگە باغلىق                   (    )
10) «ھاۋا تۇتۇلۇپ، يامغۇر ياغدى» دېگەن جۈملە باغلىغۇچىلارسىز باغلانغان تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە   (    )
4-سۇئال: ئۇنۋېرسال مەشق.
1) «كىرىككەن تونلار كىرىن سوۋ ئۆزە يۇمىش كەرەك. سۆز كىرى كەتمەس يۇسا نە تەگىن قىلمىش كەرەك» دېگەن قەدىمكى ھېكمەتنىڭ مەنىسىنى يېشىڭ. (5 نومۇر)


2) ‹‹ئادىللىق ئوردىسىغا تۇتۇشىدىغان خاسىيەتلىك بوسۇغىدا تىت-تىت بولۇپ تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغان يەنە بىر مۇنچە گەپلىرىم بار. قانۇنىي ئورنىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش داۋامىدا قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ئوتقا ئىتتەرمەسلىكىمىز كېرەك. ئۆچمەنلىكنىڭ ئاچچىق شارابى بىلەن ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىمىزنى باسساق بولمايدۇ. بىز كۈرىشىمىزنى ئىنسانىي غۇرۇر ۋە ئىنتىزام ئاستىدا مەڭگۈ ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ئىجادچانلىققا باي بولغان بۇ كۈرىشىمىزنى جىسمانىي ئوبېيكتقا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق روھىي كۈچ جىسمانىي كۈچ ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغان مۇقەددەس ئورۇنغا چىقىشىمىز كېرەك.››
(1) بۇ كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ ژانىرى نېمە؟ (3 نومۇر)

(2) بۇ كىمنىڭ سۆزى؟ ئۇنىڭ قانداق خاراكتېرى گەۋدىلەنگەن؟ (4 نومۇر)


(3) «ئادىللىق ئوردىسى» قەيەر؟ «مۇقەددەس ئورۇن» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ (4 نومۇر)


(4) ئاستى سىزىلغان سۆزلەرگە قوشۇلغان ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قايسى؟ (9 نومۇر)


(5) «-ۋەن، -چان، -قۇن، -ق، -گۈ» قاتارلىق ياسىغۇچىلاردىن پايدىلىنىپ سۆز ياساڭ ھەم ھەر بىرىگە بىردىن جۈملە تۈزۈڭ. (10 نومۇر)





5-سۇئال: بېرىلگەن ماۋزۇدا بىر پارچە نۇتۇق تېكستى يېزىڭ. (15 نومۇر)
ۋاقىت ـــ ھايات دېمەكتۇر


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش