كۆرۈش: 202|ئىنكاس: 0

تىل-ئەدەبىيات ـــ زۆرۈر دەرس ــ 2-بۆلەك ئىمتىھان سۇئالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تولۇق 1-يىللىقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ـــ زۆرۈر دەرس ــ 2-بۆلەك ئىمتىھان سۇئالى

ئىسمى ئاتىسى:                 يوقلىما نومۇرى:      ۋاقتى: 120 مىنۇت
1-سۇئال: بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ. (10 نومۇر)
1)ئىپىك نەسىردە ئىخچام ۋەقە ــ (      )، (      ) ۋە (       )لار كۈچلۈك ھېسسىيات بىلەن گەۋدىلەندۈرۈلۈپ مەلۇم ئىدىيە، كۆزقاراش يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. 2) ھاجى ئەھمەت كۆلتېگىن (    )-يىلى 9-ئايدا (      )دە تۇغۇلغان. 3) ئىسىملار مەنە ئىپادىلەش دائىرىسىگە ئاساسەن (         ) ۋە (           ) دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
4) گرامماتىكا ـــ (          )، (      ) ۋە (           ) قائىدىلىرىنىڭ يىغىندىسى.
2-سۇئال: سۇئال تەلىپىگە ئۇيغۇن بىردىن بىر جاۋابنى تاللاڭ.(30 نومۇر)
1) ‹‹دېڭىز سەپىرى›› ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى (    )
A. باجىن، جۇڭگو  B.تۈرگېنىف، سوۋېت ئىتتىپاقى C. پوشكىن، روسىيە  D. تۈرگېنىف، روسىيە
2) ‹‹كىچىكرەك بىر بالا ئوماققىنا كۈلىۋەتتى›› دېگەن جۈملىدىكى سۈپەت دەرىجىسى (    )
A. ئەسلى دەرىجە، كېمەيتمە دەرىجە  B. ئاشۇرما دەرىجە، ئەركىلەتمە دەرىجە   
C. سېلىشتۇرما دەرىجە، ئەركىلەتمە دەرىجە  D.سېلىشتۇرما دەرىجە، ئاشۇرما دەرىجە  
3) ‹‹بۇ جەڭدە ئۈچىمىز 30 دەك دۈشمەننى يەر چىشلەتتۇق›› دېگەن جۈملىدىكى سان (    )
A. ئالماش سان، مۆلچەر سان   B.كىشىلىك سان، تەرتىپ سان   C. تەقسىم سان، رەۋىش سان  D.كەسىر سان، ساناق سان
4) ‹‹ئاتىلار سۆزى›› ناملىق ئەسەرنىڭ يېزىلغان دەۋرى (    )
A. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى   B.قارخانىيلار خانلىقى دەۋرى   C.سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى  D. قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى
5) ‹‹پەزىلەتلىك كىشى گۆھەر، پەزىلەتسىز كىشى پېتەك›› دېگەن جۈملە ھەققىدىكى خاتا ھۆكۈم (    )
A. جۈملە تۇراقلىق ئىبرىلەردىن ھېكمەتلىك سۆز تۈرىگە كىرىدۇ B. جۈملىدە سېلىشتۇرۇش ھەم ئوخشىتىش قوللىنىغان C. جۈملە تۇراقلىق ئىبارىلەردىن تەمسىل تۈرىگە كىرىدۇ  D. جۈملىنىڭ مەزمۇنى ‹‹پەزىلەتلىك كىشى قىممەتلىك دىنار، پەزىلەتسىز كىشى ئەرزىمەس يارماق›› دېگەندىن ئىبارەت.
6) ‹‹ھاياتقا مۇھەببەت ـــ دۇنيادا تەڭداشسىز قۇدرەتكە ئىگە مەنىۋى كۈچتۇر. ئۇ،  تۇرمۇشنى يۈكسەلدۈرىدۇ. كىشىلەر قەلبىگە ئىلھام بېغىشلاپ، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە قىلىدۇ››  دېگەن پارچە ھەققىدىكى ناتوغرا بايان (      )
A. لىرىكا قوللىنىلغان، ئىسىمدىن ئونى بار B. مۇھاكىمە قوللىنىلغان،سۈپەتتىن ئۈچى
بار C . ئالتە ئىسىم كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن D. ئىككى ياسلما سۈپەت، بىر سان بار
7)  تۆۋەندىكىلەردىن تېكست مەزمۇنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاراش (    )
A. ‹‹ئىنسان ئۆلىدۇ، ئەمما مۇتلەق  مەنىدە ئەمەس›› دېگەن پىكىردىكى ‹‹مۇتلەق›› سۆزى ئۇنىڭدىن ياخشى ياكى يامان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بىر نام قالىدۇ دېگەن مەنىدە  B. ئەسەر ماۋزۇسىدىكى سۆزلەر ئۆز مەنىسىدە قوللىنىلمىغانلىقتىن قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان  C. ‹‹ئات››نى كامالەتكە يەتكۈزۈشتە ئات مىنگەن كىشىدە بىلىم، ئەقىل، ئىقتىدار بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن D.ئەسەردىكى ئادەمنى بىر ھايۋان دەپ ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق.
8)  ‹‹بىز تۇيۇقسىز سايلام ئۆتكۈزۈپ، ئەمەتنى سىنىپ باشلىقى سايلىدۇق›› دېگەن جۈملە ھەققىدىكى توغرا بايان (    )
A. تۈپ سۈپەت بار  B. جۈملىدىكى بىر ئىسىم ياسالما ئىسىم بولۇپ يىلتىزى ‹‹ساي››  C. بىر ئىسىم چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن D. بىر ئىسىم شەخستە كەلگەن
9) مارتىن لۇتېر كىڭ (    )
A. ئافرىقا نېگىرلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى  B. 1964-يىلى نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن C. مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرغان   D. A جاۋاب توغرا
10) ‹‹مىليون ئادەم ئوتتۇز بەش ئادەمنىڭ دەردىنى تارتتى›› دېگەن جۈملە ھەققىدىكى خاتا بايان (    )
A. باش كېلىشتىكى ئىسىم ئاددىي سان بىلەن ئېنىقلانغان  B. بىر ئىسىم تەۋەلىك ھەم كېلىشتە تۈرلەنگەن  C. ئىككى سان بولۇپ ئاددى ساندۇر D. ئىگىلىك كېلىشتىكى ئىسىم مۇرەككەپ سان بىلەن ئېنىقلانغان.
3-سۇئال: بېرىلگەن ھۆكۈملەرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ.(10 نومۇر)
1) سۈپەتلەر ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ، ھالەت ۋەزىپىسىدە كەلمەيدۇ      (    )
2) ‹‹كىم، نېمە، قەيەر›› دېگەن سۇئالغا جاۋاب بولىدىغان سۆزلەر ئىسىمدۇر     (    )
3) سۈپەتلەر جۈملىنىڭ ھەرقانداق بۆلىكى بولالايدۇ، دېگىلى بولمايدۇ           (    )
4) سانلار  «ئەتراپىدا» سۆزىنى بېقىدۇرۇپ كېلەلمەيدۇ                           (    )
5) ئورتاق تىل دىئالېكت تەتقىقاتى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان تىلدۇر           (    )
6) ئادەملەر بىلەن يەر –جاي ناملىرىنىڭ ھېچقاندق مۇناسىۋىتى يوق           (    )
7) توتېمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دىن ئىكەنلىكىدىكى قاراشلار بىرلىككە كەلدى      (    )
8) ‹‹كۈچ ئۇلاپ يۈگرۈش كالتىكى›› ياىشى يېزىلغان مۇھاكىمىلىك نەسىردۇر    (    )
9) نۇتۇقنىڭ كۈچى مەزمۇنىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ناتىقنىڭ سەنئىتىگە باغلىق    (    )
10) ئەھمەد يەسسەۋى ‹‹نەفسى ھاۋا››نى بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبەسى دېمىگەن (    )
4-سۇئال: ئۇنۋېرسال مەشق.
1) ‹‹كىرىككەن تونلار كىرىن سوۋ ئۆزە يۇمىش كەرەك. سۆز كىرى كەتمەس يۇسا نە تەگىن قىلمىش كەرەك›› دېگەن قەدىمكى ھېكمەتنىڭ مەنىسىنى يېشىڭ. (5 نومۇر)


2) ‹‹ئادىللىق ئوردىسىغا تۇتۇشىدىغان خاسىيەتلىك بوسۇغىدا تىت-تىت بولۇپ تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغان يەنە بىر مۇنچە گەپلىرىم بار. قانۇنىي ئورنىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش داۋامىدا قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ئوتقا ئىتتەرمەسلىكىمىز كېرەك. ئۆچمەنلىكنىڭ ئاچچىق شارابى بىلەن ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىمىزنى باسساق بولمايدۇ. بىز كۈرىشىمىزنى ئىنسانىي غۇرۇر ۋە ئىنتىزام ئاستىدا مەڭگۈ ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ئىجادچانلىققا باي بولغان بۇ كۈرىشىمىزنى جىسمانىي ئوبېيكتقا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق روھىي كۈچ جىسمانىي كۈچ ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغان مۇقەددەس ئورۇنغا چىقىشىمىز كېرەك.››
(1) بۇ كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ ژانىرى نېمە؟ (3 نومۇر)

(2) بۇ كىمنىڭ سۆزى؟ ئۇنىڭ قانداق خاراكتېرى گەۋدىلەنگەن؟ (4 نومۇر)

(3) «ئادىللىق ئوردىسى» قەيەر؟ «مۇقەددەس ئورۇن» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ (4 نومۇر)


(4) ئاستى سىزىلغان سۆزلەرگە قوشۇلغان ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قايسى؟ (9 نومۇر)

(5) «-ۋەن، -چان، -قۇن، -ق، -گۈ» قاتارلىق ياسىغۇچىلاردىن پايدىلىنىپ سۆز ياساڭ ھەم ھەر بىرىگە بىردىن جۈملە تۈزۈڭ. (10 نومۇر)



5-سۇئال: بېرىلگەن ماۋزۇدا بىر پارچە نۇتۇق تېكستى يېزىڭ. (15 نومۇر)
ۋاقىت ـــ ھايات دېمەكتۇر


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش