| چوكانلار
قىزلاردىن كەم قالمايدۇ ، گۈزەللىكتە بىلسەڭلار ، چېھرى ئاپتاپ مۇلايىم ، بەك كۈيۈمچان چوكانلار ، گۈل ھۆسنىگە رەڭ بەرگەن ، ناز- كەرەشمە خۇيلىرى، ئاتا-ئانا ئېرىگە ، ساداقەتمەن چوكانلار.
ھويلاڭدا گۈل ئېچىلۇر ، كىرسە ئەگەر بىر نوۋەت ، ئەجەپ نازلىق چىرايلىق ،ئۇرسا خەندان چوكانلار ، سورۇنۇڭغا ئۆيۈڭگە ، رەڭ كىرگۈزگەن كىم دىسە، ھەممە بېرىدۇ جاۋاپ ، گۈلى رەيھان چوكانلار.
كۆپنى كۆرگەن بىېشىدىن ، ھەر قىسمەتلەر ئۈتۈلۈپ، تۇرمۇشنىڭ ئۇچاقىدا ، تاۋلانغان شۇ چوكانلار، چوكانسېز ئۆي بورانلىق ، نەدە بولسۇن خوراملىق ، چوكان بولسا ھەمرالىق ، جان ئوزىقى چوكانلار.
كىرىپ كەتمەس ئۆزگىنىڭ ، سۆزلىرىگە يولىغا ، ئۆزلىرىنى ئەقىلدە ، تۇيۇندۇرغان چوكانلار ، جاننى – جانغا ئۇلىغان ، ھاياتلىقنىڭ تۈۋرۈگى ، ئەھلى جاھان كۆزنىگى ، جانغا ھوزور چوكانلار .
ھەر دۆلەتتە پادىشا ، ھەر ئۆيدا بار بىر تۆرە ، شاھىن-شاھنىڭ تۆرىسى ، شاھقا خاقان چوكانلار، ساغلام مۇھىت يارىتۇر ، ھەر جاپادا ۋايسېماي ، ئەرنى قىلۇر تەقەززا ، ئەر ئارمانى چوكانلار .
قايىل قىلۇر جاھاننى ، ئۇيۇلۇپ قالار ئەركەك ، قىزلىق روھى جىسمىدا ، جىلۋىلەنگەن چوكانلار ، ياشاڭ –ياشناڭ دائىما ، ئىنسانىيەت مەنبەسى ، ھەر بىر جاننىڭ قەلبىدە ، ئەزىز بۇلۇپ چوكانلار .
مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم
لېرىكا يېزىلدى : 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 23- كۈنى . |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|