| كىم ماڭا پۇل بېرىپ تۇرىدۇ؟
تەرجىمە ئەسەر
ئالدىنقى ئايدا مېنىڭ بىر دوستۇم سودىدا ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقۇپ پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قاپتۇ.ئۇ ماڭا تېلفۇن قىلغاندا مەن سەل ھەيران قالدىم،چۈنكى ئىككىمىز ئادەتتىكىچە دوسىت ئىدۇق،شۇڭا مەن سەل ئىككىلىنىپ قالدىم.«سەل تۇرۇپ سىزگە تېلفۇن قىلاي »دېدىم مەن.ئون مىنوت ئويلاشقاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ تۇرۇش قارارىغا كەلدىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەردى ھەم مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى. -سىزنى ماڭا پۇل ئۆتنە بېرىپ تۇرىدۇ دەپ پەقەتلا ئويلىمىغان ئىدىم -نېمىشقا؟ -سىزگە تېلفۇن قىلىشتىن ئىلگىرى مەن توققۇز ئادەمگە تېلفۇن قىلغان،سىز ئونىنچىسى ئىدىڭىز.سىز «سەل تۇرۇپ تېلفۇن قىلاي»دېگەندە مەن 11-ئادەمگە تېلفۇن قىلىشنى ئويلاشقان.مەن مۇناسىۋىتىمىزنىڭ يېقىن- يىراقلىقىغا قاراپ بۇ ئون تېلفۇننى ئۇرغان،ئاخىرىغا كەلگەنسىرى مېنىڭ ئىشەنچىم قالمىدى،سىزگە پەقەت«ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار»دېگەن خىيال بىلەنلا تېلفۇن قىلغان ئىدىم. بىز بۇ تېما ئۈستىدە ئۇزاق پاراڭلاشتۇق،ئاخىردائۇ خۇلاسە چىقىرىپ:«ئەگەر بۇ قېتىقى پۇل سوراش ئىشى بولمىغان بولسا مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى كۆپ دوستۇم بار دەپ يۈرەتتىم ،بىراق ئەمدى ھېس قىلدىمكى مەن شۇنچىلىك يالغۇزكەنمەن.» شۇندىن كېيىنكى نەچچە كۈندە مەن ئىزچىل مۇشۇ ئىشنى ئويلاپ چىقتىم،ئاندىن ئۆزەمنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش يالغۇز ياكى ئەمەسلىكىمنى بىلىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم.ئەمەلىي ھەركەتنى باشلاشتىن بۇرۇن بۇ خىيالىمنى ئۇنىڭغا ئېيىتتىم،ئۇ:«مېنىڭچە يەنىلا بۇ ئويۇننى ئوينىماڭ،بولمىسا ئۆزىڭىزنى ئاسماندىن يەرگە تاشلىۋىتىلگەندەك سېزىسىز»دېدى. مەن ئەتراپىمدىكىلەردىن يېقىن دوسلۇرۇم دەپ قارىغانلارنى تاللاپ چىقتىم.بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن بىر شەھەردە،سىرىتتىكىلەرنى ھازىرچە تىزىملىككە كىرگۈزمىدىم.ئۇلار بىلەن ئارىمىزدا پۇلغا مۇناسىۋەتلىك ئېلىم - بېرىم ئىشلىرى بولۇپ باقمىغان،ئۇلارنىڭ مېنىڭ خىزمىتىم بىلەنمۇ ھېچقانداق چېتىشلىقى يوق.بىز ئادەتتە بىللە تاماق يەيمىز،چاي ئىچىمىز،ئوينايمىز.ئادەتتە كىچىك ئىشلاردا ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغان ۋاقتىم كۆپرەك ،بىراق بۇ پەقەتلا دوسلۇق يۈزسىدىن.توققۇز ئادەمنى تاللاپ چىقتىم،بۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ يامان ئەمەس بولۇپ بىر نەچچە مىڭ يۈئەن ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانچە مەسلە ھېسابلانمايتتى. مەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مەزمۇنى ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان ئۇچۇردىن بىردىن ئەۋەتتىم: -مەن ئازىراق ئاۋارچىلىققا يولۇقۇپ قالدىم،سىزدىن نەچچە مىڭ يۈئەن قەرىز ئالاي دېگەن،بىر ئاي ئىچىدە قايتۇرىمەن.ئەگەر بېرىپ تۇرالىسىڭىز تېلفۇن قىلىڭ،بېرىپ تۇرالمىسىڭىز ئۇچۇر قايتۇرۇڭ،ھېچقىسى يوق،خەۋرىڭىزنى ساقلايمەن. مەن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بۇ ئۇچۇرنى يوللىغان،كەچلىك تاماق ۋاقتى بولمايلا يەتتە تال ئۇچۇر ۋە ئىككى تېلفۇن قوبۇل قىلدىم.يەتتە تال ئۇچۇرنىڭ ھەممىسى مەن ئۇچۇر يوللاپ بىر سائەت ئىچىدە قايتۇرۇلغان ،تېلفۇننىڭ بىرى ئۇچۇر يوللاپ 20مىنوتتىن كېيىن،يەنە بىرى ئىكككى يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇرۇلغان ئىدى.ئوچۇرلارنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: A:كەچۈرگىن،ھازىر قولۇم سەل قىسقا،بولمىسا چوقۇم ياردەم قىلاتتىم،سەن XXدىن سوراپ باققىن،راسلا سەت بولدى. B:ئاغىنە،ئالدىنقى ھەپتە تاغام مەندىن ئونمىڭ يۈئەن قەرىز ئالغان،كېيىنكى ئايدا بولغان بولسا بېرىپ تۇرشۇم مۇمكىنتى،كەچۈرگىن. C: يېقىندىن بېرى مېنىڭ ئەھۋالىممۇ ناچار،قىمار ئويناپ بىرمۇنچە پۇلۇمنى ئۇتتۇرۋەتتىم،كەچۈگىن،ئەگەر ئەھۋالىم ياخشى بولغان بولسا چوقۇم بېرىپ تۇراتتىم . D:كەچۈرگىن،مەن پۇلۇمنىڭ ھەممىسىگە پايچېك سېتۋالغان ئىدىم.راسلا كەچۈر E:ساڭىمۇ پۇل كېرەكمىتى؟تۈنۈگۈنلا بىرسىگە ئونمىڭ يۈئەن قەرىز بېرىپ تۇرغان ئىدىم،ئۆسۈمى يۇقرى.سەنمۇ يا بالدۇراق دېمەپسەن،كەچۈرگىن ھە،باشقا ئامال قىلىپ باق. F:كەچۈرگىن،يېقىندىن بېرى پايچېكتىن زىيان تارتىپ كەتتتىم،قولۇمدا پۇل يوق،بەك سەت بولدى. J:ئوغلۇم مەكتەپ ئالماشقان ئىدى،ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈنلا بەشمىڭ يۈئەن كەتتى،كەچۈرگىن ھە. تېلفۇن قىلغىنىYۋەKئىككەيلەن ئىدى. 1-تېلفۇن Y:ۋەي،تېنىچلىقمۇ؟سىزZZ مۇ؟ مەن:ھەئە،مەن شۇ Y:نېمە بۇنچىلىك پۇلغا ئېھتىياجلىك بولۇپ قالدىڭىز؟بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ مەن:ياقەي،ھېچ ئىش بولمىدى،مەن پۇلۇمنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېتىپتىكەنمەن،ئىنىمغا جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قاپتىكەن Y:باشقا ئىش بولمىغان بولسىلا بولدى،سىز ھازىر شىركەتتىمۇ؟ مەن:ھەئە Y:ئوغلۇمنى مەكتەپتە بىرسى سوقىۋىتىپتىكەن،قولى سۇنۇپ كېتىپتۇ ،نەچچە كۈندىن بېرى مەن ئۆيدە،سىرىتقىمۇ چىقمىدىم مەن:نېمە؟ئوغلىڭىزنىڭ قولى سۇنۇپ كەتكىننى نېمىشقا ماڭا بالدۇرراق دېمىدىڭىز؟ياردىمىم كېرەكمۇ؟ Y:مەن بىر ھەپتە رۇخسەت سورىدىم،يولدىشىمنىڭ ئىش ئورنىدىن رۇخسەت بەرمىدى.كېلەر ھەپتە ئاپامنى ئەكىلۋالسام بالىغا ئاپام قاراپ تۇرسۇنمىكىن دەيمەن.بولدى،سىزنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن،بانكا كارتىڭىزنىڭ نومۇرىنى دەپ بېرىڭ،ئەتە يولۇدۇشۇم ئىشقا بارغاندا سىزگە سېلىپ بەرسۇن.
2-تېلفۇن K:ۋەي ،ئاغىنە بۇ مەن،سەن ھازىر قەيەردە؟ مەن:مەن شىركەتتە K:ھە،مەن بايىلا دۇكانغا كەلگەن،پۇلنى تەييار قىلىپ قويدۇم،مەن ئاپىرىپ بېرەيمۇ ياكى ئۆزۈڭ كېلەمسەن؟ مەن:خىجىل بولماي سېنى ئەكەلگۈزسەم سەت تۇرا،مەن سەل تۇرۇپ يېنىڭغا باراي،قەرىز ھۆججىتى يېزىپ بېرەي،ئاندىن پۇلنى كارتامغا ئۇرىۋەت K:مۇنداق بولسۇن،سەن ھازىر ماڭا بانكا كارتاڭنىڭ نومۇرىنى دەپ بەر،مەن پۇلنى سېلۋىتەي،قايسى بانكىنىڭ كارتىسى؟سودا -سانائەتمۇ ياكى قۇرلۇش بانكىسىمۇ؟ مەن:قايسىلا بولسا ئوخشاش K:دۇكىنىمنىڭ ئالدىدا سودا -سانائەت بانكىسى بار،شۇ بانكىنىڭ كارتا نومۇرىنى دەپ بەرگىن
تۈنۈگۈن كەچ ھېلقى دوستۇم بىلەن قەھۋە ئىچكەچ ھال -مۇڭ بولۇشتۇق.مەن ئۇنىڭغا ماڭا پۇل بېرىپ تۇرغان ئىككەيلەننىڭ مېنى ئەزەلدىن باشقا ئىش ئۈچۈن ئاۋارە قىلمايدىغانلىقىنى،باشقىلارنىڭ بولسا ھەر خىل ئۇششاق ئىشلار بىلەن مېنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ،مەسلەن:كومپىيوتىردىن مەسلە چىقسا،پايچېكنىڭ ئىشلىرى بولسا،مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى دېگەندەك ئىشلاردا مېنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيىتتىم.ئۇ مەندىن ماڭا پۇل بېرىپ تۇرغانلارغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىدىغان -ئېيىتمايدىغانلىقىمنى سورىدى،«بۈگۈن كەچ ساراڭ بولۇپ قالمىساملا بۇنداق قىلمايمەن»دېدىم مەن.ئۇ مەنىلىك قىلىپ:«بۈگۈندىن باشلاپ سىزنىڭ ئىككىلا دوستىڭىز بار »دېدى. قايسى كىتاپ ئىكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ،ئەيتاۋۇر بىر كىتاپتا مۇنداق بىر جۈملىنى كۆرگىنىم ئېسىمدە:«سىزگە ياردەم قىلغان كىشى ھەرۋاقىت سىزگە ياردەم قىلىدۇ،بىراق سىز ياردەم قىلغان كىشىنىڭ ئۇنداق قىلىشى ناتايىن».مەن كۈلدۈم،كۆزئالدىمدىكى ئاستا كۆتىرلىۋاتقان ھورغا قاراپ پىچىرلىدىم:«ئېغىزىمدىن چىقارماي ئىچىمدىلا بىلىپ قالسام بولدى،بۇمۇ ياخشى بولغىنى،بۇنىڭدىن كېيىن قىيىنىلىققا ئۇچرىسام كىمنى ئىزدەش لازىملىقىنى بىلۋالدىم ،ئەمدى ئىشەنچىسىز كىشلەرنى ئىزدەپ كۆڭۈلۈمنى بىئارام قىلىشتىن،باشقىلارنى خىجىل قىلىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ،شۇنداقلا ئىشقا تەسىر يېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.قايسى دوستلارنىڭ بىللە تاماق يەپ،ئوينايدىغان،قايسى دوستلارنىڭ باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغان دوسىت ئىكەنلىكىنى بىلۋالدىم.بىللە تاماق يەيدىغان،ئوينايدىغان دوستلار بىلەن ئادەتتىكىچە ئۆتۈش،ئۇلاردىن ياردەم كۈتمەسلىك كېرەك،ئەمما ئىشەنچىلىك دوسلىرىڭىزغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلىدە بولشىڭىز كېرەك،چۈنكى دوسلىرىڭىز ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا شۇ نەچچە ئادەم.مۇشۇنداق قىلغاندىلا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ مەزمۇت تۇرالايسىز».
مەنبە: ئەلكىن تورى
ئەسكەرتىش: باشقا مۇنبەردىن ئەسەر يۆتكىسە بولامدۇ يوق بىلمىدىم. ئەمما بۇ تېمىنى ھەممىمىزنىڭ بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.شۇڭا يوللاپ قويدۇم. باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|