baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 382|ئىنكاس: 5

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزلىگەن سۆزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا مەكتەپ  مۇدىرىنىڭ  سۆزلىگەن سۆزى
             ئوقۇتقۇچى يولداشلار، ساۋاقداشلار،
     بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى،يەنى مائارىپ سېپىدە  جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان باغۋەنلەرنىڭ چوڭ بايرىمى.
1985-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى چاقىرىلغان 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمى كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ  ئوقۇتقۇچىلار  بايرىمىنى بەلگىلەش توغرىسىدىكى لاھىيىسى ماقۇللاندى ھەمدە ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بەلگىلەندى.بۇنىڭغا مانا بۇ يىل 28 يىل بولدى.
    دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى بەلگىلەشتىكى مەقسىتى-يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سىياسى ئورنى ۋە ئىجتىمائى ئورنىنى يۇقۇرى كۆتىرىش،ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ  ھەممىسى ئەڭ ھۆرمەيلەيدىغان،ئەڭ قىزىقىدىغان ،ئالىجاناپ كەسپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش،ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان،مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، بىلىمگە ئىقتىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئىجتىمائى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ،پەن-مائارىپنىڭ تەرەققى قىلىشى ،ئومۇملىشىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى ئورنى بارغانسېرى چوڭ بولماقتا.قىلچە مۇبالىغا قىلمىغان ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە گۈللەپ ياشنىشى ياكى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن موھىمدۇر.
     بىز خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئۈستىمىزگە ئالغان تارىخىي بۇرچىمىز ناھايىتى چوڭ، بىز بۇ تارىخىي بۇرچىمىزنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ كەسپكە ھۆرمەت قىلىدىغان قۇربان بېرىش روھى بىلەن تۈركۈم-تۈركۈملەپ يۇقۇرى ساپالىق،يېڭى ئەسىر روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلەيدىغان ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيەلەپ ،ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز.
   ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

   «تاللانغان نۇتۇق تېكىستلىرى» دېگەن كىتابتىن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-11-19 16:04:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پايدىلانما ئىكەن، چۈشۈرىۋالدىم.رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2013-11-22 15:23:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم ئىلىمنىڭ نۇرلۇق پەخىرى ،
قولىدا خەلقنىڭ قىسمەت -تەقدىرى.

     ھەجىمى ئاز ،مەزمۇنى ساز بولغان نۇتۇق سۆزى ئىكەن ،ساقلاپ پايدىلنىشقا ئەرزىيدۇ !  رەھمەت سىزگە .
ۋاقتى: 2014-1-2 15:47:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولى ھەقىقەتەن زور  سەل قاراشقا بولمايدۇ .
ۋاقتى: 2014-2-18 18:46:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ مۇدىرلىرى پايدىلانسا بولغىدەك
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوران829 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-21 10:34  

مەكتەپ مۇدىرلىرى كۆرسە بولغۇدەك  بۇ  تېمىنى .
لېكىن ئۇلارنىڭ بۇنداق مۇنبەرلەرگە كىرىپ ماتىريال كۆرۈش ۋاقتى ئاز،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:21, Processed in 0.234521 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش