كۆرۈش: 373|ئىنكاس: 5

ياخشى ئايال ئەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ياخشى ئايال ئەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ

ئايال ئەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىيالايدۇ. ئەرلەرنىڭ قىزغىنلىقى ھەم قىممەتلىك، ھەم قورقۇنچلۇقتۇر. بۇ خىل قىزغىنلىق ئەرلەرنى تولۇپ -تاشقان كۈچ -قۇۋۋەت بىلەن ئالغا باستۇرىدۇ، شۇنداقلا مەلۇم بىر ئىشنى ئەسەبىيلەرچە قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا ياخشى ئايال بولسا، ئۇ ئېرىنىڭ ئالدىراقسانلىق، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشتەك روھىي ھالىتىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ ھەمدە ئېرىدىكى قىزغىنلىقنى مۇلايىملىق، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرالايدۇ.

ئەرلەرنىڭ قەلبى خۇددى بىر پارچە مۇنبەت تۇپراق، لېكىن تۇپراق بەك مۇنبەت بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدا ياۋا ئوت-چۆپلەرمۇ تېز ئۆسىدۇ. ياخشى ئايال بىر ياخشى دېھقان. ئۇ جان-دىلى ۋە ھالال ئەمگىكى بىلەن ياۋا ئوت-چۆپلەرنى ئوتاپ ، يۇمران مايسىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن پەرۋىش قىلىپ، چېچەك ئاچقۇزۇپ مېۋە بەرگۈزىدۇ. ئەرلەر دۇنيانىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلسا، ياخشى ئايال دۇنيانىڭ يەنە يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ يېرىم دۇنياسىنى تولۇقلىغاندىلا، ئاندىن ھەسەن-ھۈسەنلەر چىقىپ، بۇ دۇنيانى پارلاپ تۇرغان يۇرۇق دۇنياغا ئايلاندۇرىدۇ . ياخشى ئايالنىڭ دۇنياسى پۈتۈن بولىدۇ ، ئۇ ياردەمگە موھتاج ئەرلەرگە ياردەم بېرىدۇ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئەرلەرنى ئۆزگەرتىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-11-17 21:39:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەھمەت! بولسا تىمىڭىزنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز.
ۋاقتى: 2013-11-17 21:44:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زەپەر ئەپەندىم
ئەرلەرنىڭ قەلبى خۇددى بىر پارچە مۇنبەت تۇپراق، لېكىن تۇپراق بەك مۇنبەت بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدا ياۋا ئوت-چۆپلەرمۇ تېز ئۆسىدۇ. ياخشى ئايال بىر ياخشى دېھقان نىمە دىگەن ياخىشى يېزىلغان مەزمۇنلار ھە.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-17 22:32:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدۇ ئاغىينەم ئالىمجان
ۋاقتى: 2014-2-20 15:04:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ،ئاللا خالىسا مەن ياخشى ئايال بولىمەن .رەھمەت سىزگە ،ھارمىغايسىز .
ۋاقتى: 2014-2-20 23:11:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن . مەنمۇ چوقۇم مەسئۇلىيەتچان ، ياخشى ئايال بولىمەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش