baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 313|ئىنكاس: 11

ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچى، بىلملىكلەر تۇپلاشقان مائارىپ ئىدارىسى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچى، بىلملىكلەر تۇپلاشقان مائارىپ ئىدارىسى
مائارىپ ئىدارىسدىكلەرنىڭ تەكشۇردىغنى ئۇقۇتقۇچلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرلۇك ئەن -خاتىرلىرى ،ئارخپلىردۇر،
ھەرقايسى مائارىپ ئىدارىللىردا تۇرلۇك ئىشخانلار تەسسس قىلنغان ،ئۇلار ئۇز نۇۋىتى بىلەن ئۇقۇغۇچلار ۋىلىسپىتنىڭ تۇرمۇز باريۇقلۇقدىن تارتىپ ،بىر ئۇقۇغۇچنىڭ ھەقسىز تارقىتىلغان ئۇزۇقلۇقنى يىگەن يىمگەنلىكنىمۇ تەكشۇردۇ،ھەم تەكشۇرەلەيدۇ.
لىكن ئىنتايىن مۇھىم بۇلغان شۇ ئۇغۇچنىڭ ساۋاتسىزمۇ ياكى ساۋاتلىقمۇ بۇنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يۇق .
بۇ دەل تۇلۇقسىز يىزا ئۇتتۇرا مەكتەپلىرنىڭ ئەينەن ھەھۋالىدۇر ،باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كۇچەيتىش سىنىپلىرى تەسسقىلىنغان .بۇلارغا پەقەت ماتماتكا بىلەن خەنزۇتىلى دەرىسلام ئۇتۇلدۇ .ئۇنۋىرسال ساپا سۇرۇشتۇرۇلمەيدۇ.چۇنكى شىنجاڭ سىنىپلىرغا قۇبۇل قىلشتا پەقەت بىر پەن بىر تىلدىنلا ئىنتاھان ئىلىندۇ ئەمەسمۇ !شىنجاڭ سىنىپلىرغا ئۇقۇغۇچى ئۇتمىسە بۇ مائارىپ سۇپەتسىز ماھارىپ بۇلدۇ .بۇلاردىمۇ ئامال يۇق.
لىكىن تۇلۇقسىزغا قۇبۇل قىلنغان كۇچەيتىش بۇلمىغان سىنىپلاردىكى ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچلار كىمنىڭ يادىدا ؟
بۇئۇقۇغۇچلارغا تۇلۇقسىزدىكى ئۇقۇتقۇچلار ساۋادىنى چىقراي دىسە تىخى،قۇش تىلدادەرەس ئۇتەي دىسە تىخى بۇمەسلىنى كىملەر ھەل قىلدۇ ؟
بۇ دەل مىللى مائارىپتىكى ئۇلۇك بۇلغان قاراڭغۇ نۇقتىدۇر .
مائارىپ ئىدارىسدىكى كەسىپ ئەھلى بۇلمىغان ، چۇڭ سۇزلەپ ئۇقۇتقۇچلارنى قۇرقۇتۇش بىلەن كۇننى ئۇتكۇزدىغان رەھبەرلەرگە شۇنى دىگۇم كىلىدۇ -
سىنى پارتىيە ھۇكۇمەت نىمە ئىش قىلسەن دەپ ۋەزىپىگە قۇيغان؟سەن ئۇز ئانا تىل-يىزقىنىمۇ  چۇشەنمەيدىغانلارغا قۇش تىلدا نىملەرنى چۇشەندۇرەلەيسەن؟سەن ئۇلارنى ساۋاتسىز قۇيغانلارغا نىمە دىيەلىدىڭ ؟
مەنبە:باغداش
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-11-16 14:09:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-16 14:11  


  بۇ تېمىنى باغداش تورىدا كۆرگەن ۋاقتىمدا ئوقۇپ مانا مۇشۇ تېمىنى يازغان ئاشۇ ئەزادىن سورىغۇم كەلگەن ئىدى . مەن ئۇنىڭدىن «  ساڭا مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر « ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى بىلەن ماتىماتىكا دەرسىىنلا ئۆت باشقىسى بىلەن كارى بولمىسۇن » دىگەن بۇيرۇقنى چۈشەرگەنما ؟ ياكى بولمىسا مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ  ئىككى خىل دەرسلىككىلا كۈچەپ باشقا دەرسلەرنى ئۆتمەسلىك توغرىسىدا ئىچكى  بۇيرۇق چۈشۈردىمۇ ؟ سەن بىر ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ ئۆز قەۋمىڭدىن بولغان ئاشۇ سەبىلەرگە نىمە ئۆتىۋاتىسەن ؟ ئۇلارغا تەسىس  قىلىنغان ھەر بىر پەننى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاشۇ دەرسلىكنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ ھەم تەتقىق قىلىپ تۇرۇپ ئەتراپلىق ئۆتۈپ بەردىڭمۇ ؟ ئۇلارغا مىلىتتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى- پەزىلەتلىرى  ،ئۆرۈپ -ئادەتلىرى  ھەم تارىخىنى تونۇشتۇردىڭمۇ ؟  ئۇلارغا ئادىمىيلىك يوللىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىڭمۇ ؟ ئوقۇغۇچىلارغا دوستانە مۇئامىلىدە بولۇپ باقتىڭمۇ ؟ ئۇلارنىڭ بىخىەتەرلىكى  ھەم ساغلاملىقى توغرىسىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭمۇ  ياكى بۇ توغرىسىدا تەربىيە ئىشلىدىڭمۇ ؟   ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىنى پەرزەنتلىرىمىزنى ئالداش بىلەن ئۆتكۈزۈپ مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر تەكشۈرگىلى كەلگەندە يالغاندىن ئارخىپ ياساپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە ئۇرىنىۋاتقان زادى كىملەر ؟ مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر  مەكتەپلەرنىڭ دائىملىق  خىزمەتلىرىنى تەكشۈرگىلى كەلگەندە مەكتەپلەردىكى   ئۆزى كۆكرەك كېرىپ  ئۈلگۈلۈك دەرس ئۆتۈپ بېرىدىغان ھەم ئىشلىگەن خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىدىن قانچىسى بار ؟ بۇ يەردە ئولتۇرغانلار مەن شۇنداق قىلالايمەن دىيەلەمدۇ ؟ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ساۋاتسىز قېلىشىغا كىم سەۋەپچى ، مائارىپ ئىدارىسىكىلەرمۇ ياكى  دەرس مۇنبىرىدە تۇرىۋاتقان بىز ئوقۇتقۇچىلارمۇ ؟  شۇنداق تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن بىز ھە دىسىلا مەسئۇليەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ ئۆزىمىز ئاپئاق بولىۋالىمىز ؟

مۇنداق دىسەم مېنى مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار . مەنمۇ بىر ئاددى ئوقۇتقۇچىمەن . مەن داۋاملىق مۇشۇنداق مەسئۇليەتنى باشقىلار ئارتىپ قويۇپ ئۆزى ئۈستىدە ئويلانمايدىغان ئاشۇ كەسىپداشلىرىمغا بەكمۇ ئېچىنىمەن . ھازىر   ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاغزىدا بولسۇن مۇنبەرلەردە بولسۇن ھە دىسىلا  مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن ، يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن ئاغرىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن . ئەگەر بىز ھەر بىرىمىز ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىمىزدا  مەسئۇليىتىمىزنى ئېنىق تونۇپ ،بۆلۈنگەن خزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقساقلا .  ئوقۇغۇچىلارغا پەرزەنتلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلسەكلا يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مەيلى نىمىنىلا تەكشۈرىشىدىن نىمە غەم قىلىمىز .  
شۇڭا بىز بۇندىن كېيىن ھە دىسىلا باشقىلاردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا  خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەيلى . باشقىلارنى  چىشلەپ - تارتىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنايلى .  شۇندىلا بىز ئۆز - ئۆزىمىزگە ، پەرزەنتلىرىمىز گە ، مىللىتىمىزگە ، ئەجداتلىرىمىزغا ، كەلگۈسىمىزگە يۈز كېلەلەيمىز .
ئويلان ، ئويغان ، ئىزدەن  قېرىندىشىم
.
ۋاقتى: 2013-11-16 23:35:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار يوللىغان ۋاقتى  2013-11-16 14:09
بۇ تېمىنى باغداش تورىدا كۆرگەن ۋاقتىمدا ئوقۇپ مانا م ...

كەسىپدىشىم گۈلزار مەن سىىزنىڭ يۇقارقى  قاراشلىرىڭىزنى قوللايمەن .بۇ بىزبىڭ مىللىتىمىز مىللىتىمىزنىڭ ساۋاتسىز قېلىشىغا ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى بولغان ئىنسان مىنڭچە قاراپ تۇرماس  .مەسئولىيەتنى باشىلارغا ئىتتىرىشنىڭ ئورنىغا بىرتال ھەرپنى ئۆگەتسەك ئۈزىمىزنىڭ زىممىمىزدىكى بىرتال يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك خوشال ھىسلارغا تولىشىمىز مۇمكىن .

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت . باشقا ئوقۇتقۇىچلار قانداق قارايدىكەن بىر كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-11-17 12:57
ۋاقتى: 2013-11-17 10:48:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇھەممە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيلىنىپ بېقىشىغا تىگىشلىك مەسىلە ئىكەن قوشتىل مائارىپى ئەۋىج ئېلىۋاتقان مۇشۇكۈنلەردە دىمىسىمۇ بىرقىسىم ئۇقۇتقۇچىلار دەرىسلەرنى خەنزۇچە ئۆتىپ ئۇقۇغۇچىلارغا دەرىسنىڭ ئاناتىلىدىكى مەنىسىنى سۆزلەپ بەرمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت شۇڭا بارلىق ئۇقۇتقۇچىلار دەىس ئۆتىش جاريانىدا دەرىس مەزمۇنى قوشتىل بۇيىچەيەنى ھەم ئۇيغۇرچە ھەم خەنزۇچە ئۆتسە شۇنداقلا مائارىپ نازارىتى تەستىقلىغان بارلىق پەنلەرنى تۇلۇق ئۆتىش زۈرۈر دەپ قارايمەن
ۋاقتى: 2013-11-17 12:57:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hikmat يوللىغان ۋاقتى  2013-11-16 23:35
كەسىپدىشىم گۈلزار مەن سىىزنىڭ يۇقارقى  قاراشلىرىڭىزن ...

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت . باشقا ئوقۇتقۇىچلار قانداق قارايدىكەن بىر كۆرۈپ باققۇم  بار ئىدى .
ۋاقتى: 2013-11-17 16:26:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسىلىنى نوقۇل بىرلا تەرەپتىن تەھلىل قىلساق ياخشى بولمايدۇ.يۈقۇرىنىڭ قاتمال سىياسەت يوليۇرۇقلىرىمۇ،بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردىكى مەسئۇلىيەت،بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ كەملىكىمۇ رىيال ئەھۋالدۇر.
ۋاقتى: 2013-11-18 20:51:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسئۇلىيەتنى باشقۇرغۇچى مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرغا مۇئارىپ ئىدارە كادىرلىرغا ئارتىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئانا تىل دەرسىڭىزنى دەرس سىتكىسىدىن چىقىرىپ تاشلىدىمۇ ، مۇزاكىرە ۋاختىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىسىۋالدىمۇ ؟ بىز نىمىشقا ئويلانمايمىز ، بىز كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرنى مۇشۇنداق تەربىيەلەمدۇق ، مەسىلىنى نىمىشقا ئۆزىمىزدىن ئىزدىمەيمىز ، ھەي ئۇلۇغ مەشئەلگە لايىق ئوقۇتقۇچىلار شۇ سەبى بالىلارنى ئويلايلى ، مىللىتىمىزنى ئويلايلى ، دائىم بىر بىرىمىزنىڭ يېغىرنى كولىغىچە شۇ مەسىلە بار ئوقۇغۇچىغا ئوقۇتقۇچىغا ياردەم پىكرىمىزنى بىرىپ ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ساۋاتسىز قالدۇرمايلى ، ئىزدىنەيلى ،باشقىلاردىن يۇچۇق ئىزدىمەي مەن قانچىلىك قىلالىدىم ؟مەن قانچىلىك بىلىم بىرەلىدىم، ئوقۇغۇچىلارنى قانچىلىك ئادىمى ئەخلاققا يېتەكلىيەلىدىم؟ دىگەن سۇئاللارنى ئۆزىمىزگە قۇيۇپ تۇرۇپ ئويلاپ باقايلى ، سىز ئىنكاس قىلغان مەسىلە چۇقۇم مەكتىۋىڭىزدە بار ئىكەن نىمىشقا شۇ مەكتەپ رەھبەرلىكىگە پىكرىڭىزنى بىرىپ تۈۋەندە ھەل قىلمايسىز ،سىزدىكى ئوقۇتقۇچىلىق ساپا ، ئىنسانپەرۋەرلىك،ئوقۇتۇش ئىستىلى نەگە كەتتى ئويلۇنۇپ بېقىڭ دىگۈم كەلدى.
ۋاقتى: 2013-12-5 00:09:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچى، بىلملىكلەر تۇپلاشقان مائارىپ ئىدارىسى) بۇ تېما ماڭا بەك تەسىر قىلدى، ماۋزوسىدىنلا بىر خىل يۇشۇرۇن مەزمون ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ. ... بولدى،كوپ سوزلىمەيلى ، ئىشقىلىپ ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن!
ۋاقتى: 2013-12-27 11:55:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قولدىن چاۋاك چىقمايدۇ.دىمسىمۇ باھالاشلار مەكتەپ رەھبەرلىرى قاياققا باشلىسا شۇياققا ماڭدۇ.باھالاشلار خەۋەر قىلىپ ماڭىدۇ.تازلىق، داۋام ياخشى بولسا ئۇ مەكتەپ خو.
ۋاقتى: 2014-2-10 20:11:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى كۆرۈپ زور قىزىقىش ئىچىدە كۆرۈشكە ئالدىرىدىميو كۆرۈپ بولۇپ تېما يوللىغۇچى بىر كەسىپدىشىمنى ئېسىمگە سالدى.گۈلزار خانىم ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۆز ۋىجدانى بىلەن مىللى مائارىپقا مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمىز مەيدانىدا تۇرۇپ لىللا گەپنى قىلىپتۇ.مەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كۆپ قېتىم مەكتەپلەرگە بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ھەم قاتنىشىپ كېلىۋاتىمەن.مەلۇم يېزىدا بىر سىنىپتا (2-يىللىق)11نەپەر ئوقۇغۇچى باركەن .مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا ئانا تىل-ئەدەبىياتتا 3ئوقۇغۇچى نول (0)نومۇر،4نەپەر ئوقۇغۇچى15نومۇردىن تۆۋەن،ئەڭ يوقىرسى43نومۇر ئاپتۇ.ئوقۇتقۇچىسى ياش جەھەتتە مەندىن ئانچە پەرىقلەنمىگەچكە تالاغا باشلاپ چىقىپ بۇ نېمە ئىش دەپ سورىسام ‹پالانىچى مەن بىلەن قېرىشاتتى قاراڭ ئىمتىھاندا قاتتىق تۇتىۋېتىپتۇ...بۇ يەرگە مەسئۇل ھېلىقى بىر ئېغىزمۇ زۇۋان ئوقمايدۇ...ئوتتۇرا تېخنىكومنى ئاران پۈتتۈرگەن،پۇل تۇتۇشتىن باشقا ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ...›ئىشقىلىپ جاھاندا بار سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىپ داتلىدى.مەن ئۇنىڭدىن سىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مۇشۇ يەردىكى ئەڭ يوقىرى مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچىكەنسىز،بىراق 11بالىنى ئىككى يىل ئوقۇتۇپ 8زىنى ساۋاتسىز قىپسىز،بۇنىڭ ھېلىقى بىزنىڭ زۇۋانىمىزنى بىلمەيدىغان تۆۋەن سەۋىيەلىك يولداش بىلەن مۇناسىۋېتى بارمۇ؟..دەپ سورىسام ئەلۋەتتە بار ئۇ رۇخسەت سورىساڭ پۇل تۇتىدۇ،ئاغرىپ قالساڭ پۇل تۇتىدۇ...بىز بۇ مەكتەپنى باشقۇرغاندا (يامغۇر ياغسا باللىلارنى ئوقۇتمايتتىكەن)ئۇنداق ئىشلا يوقتى ئادەمگەرچىلىك قېنى بۇ جاھاندا..قېنى پۇل تۇتۇپ نېمە قىلالىدى شۇنىڭ بىلەن گۇينىڭ باللىرى تازا ئۆچۈمنى ئالدىم ...ئۇ غەزەپتىن كۆپۈپ سۆزلەيتتى...تېنىدىن ئاچچىق ھاراقنىڭ بۇسى بىخسىپ تۇراتتى...بۇ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئەمىلىيەت .ئەگەر مەن ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىمنى ئاڭلىسىڭىز بىرقانچە كۈن ئاغرىپ قالىسىز...خوش بىز كىمدىن ئۆچ ئالىمىز؟كىمنىڭ پەرزەنتىنى ئوقۇتىمىز؟مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر ساپاسىز بولسا سىز ساپالىق بولغاندىكىن نېمىشقا ئۆز پۇشتىڭىزدىن بولغان ئەشۇ سەبىلەرنىڭ قەلبىنى قۇياشتەك يورىتىشنىڭ ئورنىغا،زىمىستان گۆرگە،تېخىمۇ قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلىسىز؟!!!باشقا تىلنىغۇ بىلمەڭ،بۇ سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىز ئەمەس ئۇ تىللاردا سىزگە تەلەپمۇ قويمايلى ...سىزگە تەقسىملىگەن دەرس سائىتىدە سىنىپقا كىرىپ ئانا تىلىدا ساۋادسىز قېلىۋاتقان بىرەر بالىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش،تەكرار ۋاقىتلىرىدا كىرىپ شۇلارنىڭ ساۋات چىقىرۋېلىشىغا ياردەم بېرىش قولىڭىزدىن كەلمەمدۇ؟
ئەمدى گۈلزار خانىمنىڭ‹باشقىلارنى  چىشلەپ - تارتىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنايلى .  شۇندىلا بىز ئۆز - ئۆزىمىزگە ، پەرزەنتلىرىمىز گە ، مىللىتىمىزگە ، ئەجداتلىرىمىزغا ، كەلگۈسىمىزگە يۈز كېلەلەيمىز .
ئويلان ، ئويغان ، ئىزدەن  قېرىندىشىم . ›دېگەن مۇشۇ سۆزى ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىپ‹ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچى، بىلملىكلەر تۇپلاشقان مائارىپ ئىدارىسى›دېگەن تېما ئۈستىدىكى يازمىڭىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ باقامسىز قانداق؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:11, Processed in 1.141219 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش