| ۋېنجوۋ ئونۋېرسىتىتى باي ناھىيە تەجىرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2013-2014-ئوقۇش يىلى 1- مەۋسۈم تىل-ئەدەبىيات 1-قېتىملىق ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى
ئىشلىتىش دائىرسى: 1-يىللىق سۇئال چىقارغۇچى: ماھىرە ياقۇپ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تولۇق نومۇر 150نومۇر، ۋاقتى 120 مىنۇت
1. جاۋاپ تاللاش سۇئالى(3 × 10= 30) 1. تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى: ( ) A . « يۇلتۇزلار يۇرتى» داستاندىن ئېلىنغان پارچە ، ئاپتۇرى مۇھەممەت ھوشۇر. ئۇ ئۇيغۇر بۇگۇنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق شائىر. B. مۇھەممەت ھوشۇرنىڭ تەخەللۇسى ئارسلان بولۇپ، «يۇلتۇزلار يۇرتى»، « ئۇپۇقتا قېتىپ قالغان سۈرەتلەر»، « ياشلق يۇلتۇزلىرى» قاتارلىق داستان، پوۋېست، شېئىرلىرى بار. C. « يۇلتۇزلار يۇرتى» ناملىق داستاندا تىلغا ئېلىنغان « يۇلتۇزلار» ــــ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن مەنىۋىي مىراسلارنى، شۇنداقلا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرسىتىدۇ. D. « يۇلتۇزلار يۇرتى» ناملىق داستاندا تىلغا ئېلىنغان« يۇلتۇزلار يۇرتى» ـــــ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى خەلقىمىزنىڭ شانلىق تارىخى، ماددى ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بارلىققا كەلگەن كەڭ زىمىنلارنى كۆرسىتىدۇ. 2. تۆۋەندىكى شېئىرىي پارچىلارنىڭ كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغانلىقى، ژانىرى ۋە مىسرالاردا قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلەر ھەققىدە توغرا ئېيتىلغىنى: ( ) A. « ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار، قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.» دېگەن مىسرا لۇتبۇللا مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ » ناملىق سىياسىي لىرىكىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلەردىن ئېفىمىزىم قوللىنىلغان. B. « مىڭ يىللىق كارىزدىن ئوخچۇغان سۇغا، باغرىنى ئاچىدۇ يىراقتا سايلىق» دېگەن مىسرا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ« غەزەپ ۋە زار» ناملىق غەزىلىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلەردىن سۈپەتلەش، جانلاندۇرۇش، سىموۋول قوللىنىلغان. C . « قوڭغۇرىقى سۈت ھارۋىسىنىڭ ھوشت-ھوشت ئۈنى تىنىچ سەھرادا ئارامىنى بۇزسا شەھەرنىڭ. ئۇيقۇسىنى ئاچار سەھەرنىڭ.» دېگەن مىسرالار تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ«سەھەردىكى سەھرا» ناملىق شېئىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلەردىن پەقەت سۈپەتلەشلا قوللىنىلغان. D . « تەڭرىتاغ ئېيتقىنا ئېغىرلىقىڭنى، دەرتلىرىڭ سىنىڭدىن ئېغىر قانچىلىك....» بۇ مىسرالار ئارسلاننىڭ«يۇلتۇزلار يۇرتى» ناملىق لىرىك داستانىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش قوللىنىلغان. 3. «ئەي پەلەك بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن» دېگەن مىسرادىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەققىدە ئېيتىلغان توغرا ھۆكۈم: ( ) A. تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن تۆتى بار. B . تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشتىن ئىككىسى بار. C. تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشتىن بىرىمۇ يوق. D . تىل ئارا سوزۇق تاۋۇشتىن يەتتىسى بار. 4. « جاھانغا قىيداشقا بولسىمۇ، جانغا قىيداشقا بولمايدۇ. جانانغا تېخىمۇ شۇنداق.» دېگەن جۈملىدىكى فونتىكىغا ئائىت مەزمۇنلاردىن توغرا ئېيتىلغىنى: ( ) A . بۇ جۈملىدە بىر سۆزدە سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. B . بۇ جۈملىدە تۆت سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئارقا بويىچە ماسلىشىپ كەلگەن. C. بۇ جۈملىدە ئاجىزلاشقان سوزۇق تاۋۇشتىن ئىككىسى بار. D . بۇجۈملىدە بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئالدى بويىچە ماسلىشىپ كەلگەن. 5. تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى ھەققىدە تۆۋەندە دېيىلگەنلەردىن توغرىسى: ( ) A . « ئىزدىنىش ــــــ مەڭگۈلۈك ھەرىكەت ئادىتىمىزگە ئايلىنىشى كېرەك.» دېگەن بۇ جۈملىدە بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش ئاجىزلاشقان. پەقەت بىرلا سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن. B. « خاس مەيدانى يوق كىشلەر ــــ چىكىتى يوق تارازىدۇر.» بۇ جۈملىدە ئىككى سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن. C . « ئۇچۇشۇڭ بىلىم بىلەن، پەرۋازىڭ ھىممەت بىلەن، ئىززىتىڭ تۆھپەڭ بىلەن بولىدۇ.» دېگەن جۈملىدە بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن، يەنە بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن، ئەممە ھەم تىل ئورنى جەھەتتىن ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن تەڭ ماسلىشىپ كەلگەن سۆز يوق. D . « گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نىمە پايدا» دېگەن جۈملىدىكى بارلىق سۆزلەر تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلاشقان دەپ ئېيتالمايمىز. 6. تۆۋەندىكى فونېتىكىلىك تەھلىللەردىن خاتاسى: ( ) A . « ئارزۇيۇڭنىڭ يۈكسەكرەك بولىشى سېنى سەن ئويلىمىغان يۈكسىلىشلەرگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.» بۇ جۈملىدە بىر سۆزگە شەخىس قوشۇمچىسى ئۇلانغاندا بىر ئۈزۈك تاۋۇش قوشۇلۇپ قالغان، بەش سۆز تەركىبىدىكى « ئا، ئە» تاۋۇشلىرى « ئې، ئى» تاۋۇشلىرىغا ئاجىزلاشقان. B . « مەن ھاياتقا تەلپۈنگەن ۋاقتىمدا دۇنيا ماڭا شۇ قەدەر گۈزەل كۆرۈنگەنىدى. ھاياتتىن ئۈمۈدسىزلەنگەن ۋاقتىمدا دۇنيا ماڭا شۇنچىلىك رەھىمسىز كۆرۈنگەنىدى، بىراق سېنىڭ قۇياشتەك ئوبرازىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىكەن، ئەي ئانا» دېگەن پارچىدا ئۈچ سۆزگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسسى كۆرۈلگەن، بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئې» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان. ھەممە سۆزنىڭ ئىملاسى توغرا. C . « سېنىڭ بىر نەرسىدىن تامايىڭ بولمىسا، بىرىگە مۇھتاج بولمايسەن» دېگەن جۈملىدە بىر سۆزگە تەۋەلىك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندىن كېيىن تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسسى يۈز بەرگەن. ئىككى سۆز تەركىبىدىكى « ئە» تاۋۇشى « ئې، ئى » تاۋۇشىغا بىر سۆز تەركىبىدىكى « ئا» تاۋۇشى« ئى» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان. D . « قۇش ھەر قانچە ئېگىز ئۇچسىمۇ، ئۇنىڭ يەيدىغان دېنى يەنىلا زېمىندا.» دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆز تەركىبىدىكى « ئا» تاۋۇشى « ئې، ئى » تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان.«ئە» تاۋۇشىدا ئاجزلىشىش كۆرۈلگەن سۆز يوق. 7. تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى: ( ) A . « ئالدىدا» ناملىق شېئىردا كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مۇخەممەس شەكلىدە يېزىلغان.« ئالدىدا» دېگەن سۆز رادىف قىلىنغان. B. «ياشىسۇن» مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرى بولۇپ، مۇرەببە شەكىلىدە، ئەركىن قاپىيەدە يېزىلغان. لىرىك شېئىرنىڭ قەسىدە تۈرىگە تەۋە. بۇ شېئىر شائىرنىڭ « ھايات دېگەن مانا شۇ» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىنغان. C . « روبائىي» بىر كۇبلىتى تۆت مىسرادىن تەركىپ تاپقان، شۇ بىر كۇبلىتنىڭ ئۆزىدە چوڭقۇر پەلسەپىۋىي ئوي پىكىر ئەكىس ئەتتۈرۈلىدىغان، كۇبلىتلار ئارىسىدا مەنە باغلىنىشى بولمىغان شېئىرىي شەكىلدۇر. D . « سىبىر تۇتقۇنلىرىغا مەكتۇپ» پۇشكىننىڭ سىبىريىدىكى كانلاردا ئىشلەۋاتقان كان ئىچىلىرىگە يازغان مەكتۇبى. 8. ئارۇز ۋەزىن ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى تولۇق گۇرۇپپىلانغان تۈر: ( ) 1) ئارۇز ۋەزىن ــــ ۋەزىن قائىدىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ۋەزىن ئۆلچىمى بىر قەدەر قاتتىق بولغان شېئىرىي شەكىل ھېسابلىنىدۇ. 2) ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردا يېپىق بۇغۇم قىسقا، ئىتتىك ئوقۇلىدۇ. ئۇچۇق بۇغۇملار بولسا بىر ئاز سۇزۇلۇپ ئوقۇلىدۇ. 3) ئارۇز ۋەزىنىدىمۇ ئارىلاش بۇغۇملۇق شېئىرلار يېزىلىدۇ. 4) ئارۇز ۋەزىنىدە 30دىن ئارتۇق ۋەزىن تۈرى بار بولۇپ، بۇ تۈرلەرنىڭ ھەر بىرى مەخسۇس ئەرەپچە ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىدۇ. 5) ئارۇز ۋەزىنىدە چاچما شېئىرلارنى يېزىشقىمۇ بولىدۇ. 6) رەجەز بەھرى مۇستەپئىلۇن ۋەزىنىنىڭ ھەر خىل تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بەزىدە مۇستەپئىلۇن ۋەزىنىنى ئاساس قىلىپ باشقا ۋەزنىلەرنىڭ قۇشۇلىشى بىلەنمۇ رەجەز بەھرى ھاسىل بولىدۇ. 7) « رەمەل» نىڭ لوغەت مەنىسى «كۆپ ، تولا» دېگەنلىك بولىدۇ. 8) « پائىلۇن» ۋەزىنى مۇستەققىل ھالدا بەھىر ھاسىل قىلالايدۇ. A. 1،4،6،7 B . 2،5،7،8 C . 4،3،6،7 D . 2،3، 4،7 9. تۆۋەندىكىلەردىن خاتا ئېيتىلغىنى: ( ) A. ئارۇز ۋەزىنىدە يېزىلغان شېئىرلاردا تۇراقلار ۋەزىن ئۆلچىمى بويىچە ئايرىلىدۇ. بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلاردا تۇراقلار سۆز پۈتۈنلىكى بويىچە ئايرىلىدۇ. B. مەپائىيلۇن ۋەزىنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن، ياكى مەپائىيلۇن ۋەزىنىنى ئاساس قىلىپ باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھەزەج بەھرى ھاسىل بولىدۇ. C . « ئاي جامالىڭنى كۆرۈپ، ئاينىڭ قىزىكەنغۇ دېدىم، نۇر چېچىپ تۇرسا يۈزۈڭ، كۈننىڭ ئۆزىكەنغۇ دېدىم.» بۇ شېئىر ئارۇز ۋەزىنىنىڭ پائىلاتۇن ۋەزىنى ئاساس، پائىلۇن ۋەزىنىنىڭ قوشۇمچە قىلىپ تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولغان، رەمەل بەھرىدە يېزىلغان. D . « ئۈزۈمزارلىق، ۋەتەنپەرۋەر، ئۈمىدۋارلار، دەريا بويلاپ، ياشلىق چاغلار» دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى مەپائىيلۇن ۋەزىنىگە چۈشىدۇ. 10. « يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە، ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۈلۈمنى. قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە، ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى» دېگەن شېئىرىي پارچە ھەققىدە ئېيتىلغان توغرا جاۋاپ: ( ) A. بۇ پارچە لۇتبۇللا مۇتەللىپنىڭ« يىللارغا جاۋاپ» ناملىق شېئىرىدىن ئېلىنغان. رىتورىك خىتابنىڭ ئادەمگە خىتاب قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. B. پارچىدىكى يىللار ۋاقىت ئۇقۇمىدىكى يىلنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، شائىر ۋاقىتقا جەڭ ئېلان قىلغان. C . بۇ پارچە ئېلىنغان شېئىر بارماق ۋەزىندە، ئالماش قاپىيەدە، مۇرەببە شەكلىدە يېزىلغان، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك سىساسىي لىرىكا. D . پارچە ئېلىنغان شېئىردا ئاپتۇر نۇقۇل ھالدا زۇلمەتلىك يىللارغا كەسكىن جاۋاپ قايتۇرغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ كەسكىن كۆرەش روھىنى ۋە زۇلمەتلىك يىللار ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. Ⅱسۇئال. بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئالى (1×20= 20 ) 11. ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ شېئىرىيىتىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىدىن بىرسى بولغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ــــــــــــــــــــــ يىلى 2-ئايدا ــــــــــــــــــــ شەھرىدە تۇغۇلۇپ ـــــــــــــــــــ يىلى جاللات شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان. 12. ئارۇز ـــــــــــــــــــــــــ ئاتالغۇ بولۇپ لوغەت مەنىسى « ئەن، كەڭلىك»، ئىستىمال مەنىسى ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ دېگەنلىكتۇر. 13. « قىران بۈركۈت كەبى ئۇچساڭ، چېلىشتا شان زەپەر قۇچساڭ، ھەسەتتىن قان يۇتۇپ ،كۆزدىن يېشى ئاققاننى دوست تۇتما. جېنىڭغا جان، تۇمۇرغا قان، ۋاپادار دوست ساڭا قالقان، ۋاپا قىلساڭ جاپا قىلغان، رەزىل ئىنساننى دوست تۇتما.» بۇ شېئىرىي پارچە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ــــــــــــــــــــــــــــــــــ شەكلىدە يېزىلغان. شېئىردىكى رادىف ــــــــــــــــــــــــــــ دىن ئىبارەت. يۇقۇرىقى شېئىردا قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن « ئا» تاۋۇشى « ئې» تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدىغان سۆزدىن ـــــــــــــــــــــــــ بار. شېئىرنىڭ ئىككىنچى كۇبلىتىنىڭ بىرىنچى مىسراسىدا ــــــــــــــــــــــــ سۆز تەركىبىدىكى سۇزۇق تاۋۇشلار تىل ئارقا بولۇش جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن. 14 . داڭلىق ـــــــــــــــــــــ ، ــــــــــــــــــــــــــ مەمتىلى ئەپەندى ــــــــــــــــ يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە تۇغۇلۇپ ــــــــــــــــــــــــــ يىلى ئۆلتۈرۈلگەن. ــــــــــــــــــــــ ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ دېگەن مەنىدە. 15. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ماسلىشىش ۋە ــــــــــــــــــــــــــــــــ جەھەتتىن ماسلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. 16. « سەن ئۈچۈن دەريا ئېقىتسام شۇم رەقىبلەر يېشىنى» دېگەن مىسرادا ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلەردىن ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ قوللىنىلغان. 17. « گۆھەر، بادام، گۈل، تىكەن» قاتارلىق سۆزلەرگە قۇشۇمچە قوشۇشقا توغرا كەلسە، ـــــــــــــــــــــ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قۇشۇمچە قوشۇلىدۇ. Ⅲسۇئال. تۆۋەندىكىلەرنى ماس تەلەپ بويىچە ئىشلەڭ. (15 نۇمۇر) 18.« بەختىڭنى بەرپا قىل ھالال تەر بىلەن، پۈتمەيدۇ ئىنساننىڭ رىزقى «بەر» بىلەن. ئەقلىڭنى ئىشلەتكىن، زېھنىڭنى يۈگۈرت، زامانەم گۈللىنەر ئىشچان ئەر بىلەن.» 1) يۇقۇرىقى شېئىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ قايسى شەكلىدە يېزىلغان؟ نىمە ئۈچۈن؟ (3نومۇر) 2) بۇ شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى بىر جۈملىگە يىقىنچاقلاپ ئىپادىلەڭ.(2نومۇر) 3) شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا ماس كىلىدىغان ماقال تەمسىلدىن بىرنى يېزىڭ. (2 نومۇر) 19. « قات-قات يۇپۇرماقلار ئارىسىدا ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاق گۈللەرنىڭ بەزىلىرى زىلۋاغىنا نازۇك بوينىنى سوزۇپ ئېچىلىپ تۇراتتى، بەزىلىرى ئۇياتچانلىق بىلەن پورەك ئىچىگە يۇشۇرۇنغانىدى. بۇلار خۇددى دانە-دانە مەرۋايىتلارغا، كۆك ئاسماندىكى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا ئوخشايتى....» 1) بۇ پارچىدا قانداق ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلەر قوللىنىلغان؟ (3نۇمۇر) 2) بۇ پارچىدا قانداق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان؟ (2نۇمۇر) 3) پارچىدىن ئىلھام ئېلىپ، قىش مەنزىرسىنى تەسۋىرلەپ قىسقا بىر پارچە تەسۋىر يېزىڭ. (3نومۇر) (3 جۈملىدىن كەم بولمىسۇن) Ⅳ سۇئال ئىقتىدار سۇئاللىرى ( 30 نۇمۇر) 20. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ، ئۈلگىدىن پايدىلىنىپ بېرىلگەن جۈملىلەرنى ئىجادىي داۋاملاشتۇرۇپ يېزىڭ. (3نۇمۇر) ھەر بىر ئادەمنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئوخشىمىغان ئادەملەر ئوخشاش بىر ئادەمگە ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىنى بېغىشلىغاندا، ئۇلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشتە ئىشلەتكەن تىلى، ئۇسۇلى ۋە ھېسياتى ئوخشىمايدۇ. تۆۋەندە تىلغا ئېلىنغان سالاھىيىتى ئوخشىمايدىغان كىشلەرنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، « مېھىر-مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ » دېگەن مەسلىنى شەرھلەپ بېقىڭ. ئۈلگە: دوستۇم دەيدۇكى، مېھىر-مۇھەببەت، قىيىنچىلىق مەزگىلىدە بېرىلگەن ياردەم، ئازاپ-ئوقۇبەتلىك چاغدىكى تەسەللىي، تايانچىسىز قالغان چاغدىكى يۆلەنچۈك، ئۇتۇق قازانغاندا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش. ئانام دەيدۇكى، مېھىر-مۇھەببەت ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. مۇئەللىم دەيدۇكى، مېھىر-مۇھەببەت ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. مەن دەيمەنكى، مېھىر-مۇھەببەت ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. 21 . تۆۋەندىكى ماقال تەمسىلنى تولۇقلاڭ. (2نۇمۇر) 1) دوستىدىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىغى ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. 2 ) ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ياماننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ. 22. تۆۋەندىكى ئىدىيومنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ. (2نۇمۇر) ئۆپكىسى يوق: تەخسىسى چېقىلماق: 23. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ، ئاخىردىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىڭ. ـــ مېنى تولا مالتىلاپ بەك ئىچىمنى پۇشۇردۇڭ! ـــ دەپتۇ چوغ كۆسەيدىن نارازى بولۇپ. ـــ ھەرگىز ئۇنداق دېمە،ــ دەپتۇ كۆسەي ئەستايىدىللىق بىلەن، ــــ ئەگەر ۋاقتى-ۋاقتىدا مالتىلاپ كۈلۈڭنى چۈشۈرۈپ تۇرمىسام يالقۇنجىمايلا داشقالغا ئايلىنىپ قالمامسەن؟ 1) بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرى نېمە؟ نىمە ئۈچۈن؟ (3 نۇمۇر) 2) ئەسەردە قانداق چوڭقۇر ئىدىيۋى مەزمۇن ئوتتۇرغا قويۇلغان؟ (3 نۇمۇر) 3) ئەسەردىكى كۆسەينى ئىجدىمائىي تۇرمۇشىمىزدىكى كىملەرگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ؟ (3 نۇمۇر) 24. تۆۋەندىكى شېئىرىي مىسرالارنىڭ كەم قالغان جايىنى تولۇقلاپ يېزىڭ: (4نۇمۇر) 1) ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى مەشرىق تامام، ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ 2) ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ھالىمىز قۇلدىن بەتتەر قانداق چىداپ تۇرارىمەن. 3) قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا، ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. ئۆلۈم پەستە قېلىش، كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا، ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. .24. تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوقۇپ تەلەپنى ئورۇنداڭ. « مەن ئۆلەرمەن، مەن ئۆلەرمەن، يولدا قويمايلار مېنى، يولدا قويساڭلار قويۇڭلار، چۆلدە قيمايلار مېنى. مەن ئۆلۈپ تۇپراقتا ياتسام، كىم مېنى يات ئەيلىسۇن. دوستلىرىم غەمكىن بولۇپ، دۈشمەنلىرىم شاد ئەيلىسۇن.» 1) بۇ شېئىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ قايسى شەكلىدە يېزىلغان؟ (1 نۇمۇر ) 2) تۇراققا ئايرىپ ۋەزىن سېخمىسىنى سىزىڭ ھەمدە قايسى ۋەزىن، قايسى بەھرىدە يېزىلغانلىقىنى ئەسكەرتىڭ. (4نۇمۇر) Ⅴتەھلىل سۇئالى (20 نۇمۇر) 25. تۆۋەندە بېرىلگەن شېئىرىي مىسرانى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ. «كۈلكە ھىچكىمدىن مىراس قالمىغان، شۇنداق چۆرگىلەپ تۇرىدۇ جاھان ھىچكىم يىغىنى سېتىپ ئالمىغان. ئۇلارغىمۇ كېلىدۇ ئەتە ئاۋۇنىڭ كەينىدە ماۋۇ بار. بەلكىم ساڭا كەلگەندىن بەتتەر» 1) بۇ شېئىري پارچە كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟(2 نۇمۇر ) 2) پارچىدىكى «سەن» كىمنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇلارچۇ؟ (4نۇمۇر) 3) «شۇنداق چۆرگىلەپ تۇرىدۇ جاھان» دېيىش ئارقىلىق ھاياتنىڭ قانداق قانۇنىيىتىنى ئوتتۇرغا قويغان؟ (3 نومۇر ) 26. تۆۋەندە بېرىلگەن شېئىرىي مىسرانى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ. تۇرۇپتۇ يالقۇنلۇق خىيالغا پېتىپ، ئوقۇيدۇ تەكلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى، كەچكى كۈن نۇرىغا گويا كۆمۈلۈپ. زىمىننىڭ مېھرىبان تىنىچ كۈيىنى. كۆڭلىگە يۈكسەك بىر تۇيغۇ ھۆكۈمران، ئىنتىلدىم بىلمەكچى بولۇپ شائىرنىڭ تۇرۇپتۇ ئىلھامغا ــــ ئويغا كۆمۈلۈپ. قەلبىنىڭ سىرىنى،تەگسىز ئويىنى. 1) يۇقىرىقى پارچە كىمنىڭ ، قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ ژانىرى نىمە؟ (3نۇمۇر) 2) پارچىدا تىلغا ئېلىنغان «شائىر» كىمنى كۆرسىتىدۇ ؟ سىزنىڭچە ئۇنىڭ كۆڭلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان يۈكسەك تۇيغۇ ــــ قەلبىنىڭ سىرى نىمىدۇر؟ (3 نۇمۇر) 3) پارچىدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان شائىر نىمە ئۈچۈن «يۇلتۇزلار يۇرتى»دىن ئورۇن ئالالىغان؟ (3نۇمۇر) 4) پارچىدىكى شائىرنىڭ ھاياتى-پائالىيىتى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟ قانداق ئەسەرلىرىنى بىلىسىز؟ (2نۇمۇر) Ⅵيېزىقچىلىق سۇئالى (40 نۇمۇر) 27.بېرىلگەن ماتىريالنى ئوقۇپ چىقىپ يېزىقچىلىق تەلىپىنى ئورۇنلاڭ. بىز تۇرمۇشتا كۆپۈنچە ھاللاردا ئىشلارنى ئاددىي ئىش، كىچىك ئىش دەپ ئانچە ئىتبار قىلىپ كەتمەيمىز ياكى سەل قارايمىز. دەل شۇ سەۋەپتىن بەزى بىر ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بېرىپ بىزنىڭ كىشلىك مۇناسىۋىتىمىز، كەيپىياتىمىز ھەتتاكى تۇرمۇشقا بولغان قاراشلىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. ئەپسۇسكى، كەينىدىنلا شۇ ئۇقۇشماسلىققا ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرىپ، مەسلىنى ھەل قىلمىغانلىقىمىزدىن پۇشايمان يەپ قالىمىز. سىزنىڭمۇ ئائىلە، مەكتەپ، ھاياتىڭىزدا، كىشلىك تۇرمۇشىڭزدا مۇشۇنداق ئۇقۇشماسلىق ئەھۋاللىرى بولغان بولىشى مۇمكىن. سىز مۇشۇ ھەقتىكى كەچۈرمىشلىرىڭىز ۋە ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاساس قىلغان ھالدا «ئۇقۇشماسلىق » دىگەن تېمىنى چۆرىدەپ بىر پارچە بايان ماقالىسى يېزىڭ تەلەپ: 1) ژانېر ئالاھىدىلىكنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈڭ. باياننىڭ ئامىللىرى تولۇق بولسۇن. 2) خەت چىرايلىق، ئىملاسى توغرا، تىنىش بەلگىلىرى مۇۋاپىق قويۇلغان، سۆز-جۈملىلىرى راۋان بولسۇن. ئابزاسلارغا ئېنىق ئايرىلىپ يېزىلغان بولسۇن. 3) سالاھيىتىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۇچۇق يازماڭ
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|