كۆرۈش: 375|ئىنكاس: 4

9-يىللىقلار ئۈچۈن 1-مەۋسۇملۇق قوش تىل تىل-ئەدەبىيات چارەكلىك ئىمتىھ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
9-يىللىقلار ئۈچۈن 1-مەۋسۇملۇق قوش تىل تىل-ئەدەبىيات چارەكلىك ئىمتىھان سوئالى
(سول)
Ⅰتاللاش سوئالى تۆۋەندىكىلەردىن ھەر بىر تارماق سوئالغا بېرىلگەن تۆت خىل جاۋابتىن سوئال تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىرنىلا تاللاپ، تاللىغان جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى جەدۋەلدىكى ماس كاتەكچىلەرگە يېزىڭ.  ( 2 دىن جەمئىي 20 نومۇر )
1. تەقلىد سۆزلەر ھەققىدە تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:   (      )
A. تەقلىد سۆزلەر مەنىسىگە ئاساسەن ئاۋاز تەقلىدلىرى، ھالەت تەقلىدلىرى، قاراتما تەقلىدلىرى دېگەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
B. ‹‹تاراقلىغان ئاۋازدىن ئويغىنىپ كەتتىم›› دېگەن جۈملىدە تەقلىد سۆزدىن بىرسى بار.
C. ‹‹ئۇ سوغۇقتىن غال- غال تىترەپ كېتىپتۇ›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹غال- غال›› ھالەت تەقلىدىگە كىرىدۇ.
D. باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىق تەقلىد سۆزلەرنى ياسىغىلى بولىدۇ.
2. «تىل ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ» دېگەن جۈملە ھەققىدىكى توغرا قاراش:                                                     (      )
A. بۇ ئىگىسىز ئاددىي جۈملە بولۇپ، چاقىرىق مەنىسىدە كەلگەن.
.Bئىگىلىك ئاددىي جۈملە بولۇپ، ئىگىسى يوشۇرۇن كەلگەن.
C.يىغىق ئاددىي جۈملە بولۇپ، باش بۆلەكلەردىنلا تۈزۈلگەن.
D. يېيىق ئاددىي جۈملە بولۇپ، جۈملىنىڭ ھەممە بۆلىكى تولۇق.
3. تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدە ياردەمچى سۆز قوللىنىلمىغىنى: (    )
A. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۇيەرگە بېرىپ كەلمىسەم بولمايدۇ.
B. سەنمۇ- زە، تازا قاملاشمىغان گەپ قىلغىلى تۇردۇڭ.
C. ئۇنى مەنمۇ كۆرۈپ باقاي.
D. بىز ئۇنى ئاران تارتىپ چىقاردۇق.
4. « قوش مەسچىت» نىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەققىدە تۆۋەندە ئېيتىلغان جاۋابلارنىڭ توغرىسى:                          (       )
A. ياڭ زىڭشىڭ  مەقسەتلىق ھالدا يول قويۇش، قوللاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يول ئېچىپ بەرگەنلىكىدىن بولغان؛
B.پەقەت خەلقىمىزنىڭ نادان ھەم خۇراپىلىقىدىنلا بولغان؛
C. ئالتۇن خېنىم بىلەن، تىللا خېنىمنىڭ تۆر تالىشىپ، نىزا ئۇرۇقلىرىنى چېچىشىدىن بولغان.
D. كىشىلەرنى مەسچىتلەرنى كۆپەيتىش ئارزۇسىدىن بولغان.
5. «ھارۋا چاقى چوڭلۇقىدىكى قۇياش شەرقتىكى دەريا يۈزىدىن غۇۋا كۆرۈنۈپ چىقتى. دەريادىكى سۇ يۈزىدە لەيلەۋاتقان تاڭ تۇمانلىرى ئازىيىپ قالغاندەك بولۇپ كۆرۈندى. كۆكتىكى شالاڭ ھەم سۈزۈك بۇلۇتلارنىڭ بەزىلىرى يېڭى پاختىدەك ئاپئاق بولسا، بەزىلىرى سەتەڭ خوتۇنلارنىڭ كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان قىزغۇچ مەڭزىگە ئوخشايىتتى. سوغۇق شامال بىلەن تەڭ دەريادىكى تۇمانلار تارقىلىپ كېتەتتى. ئاپئاق كۆرۈنگەن سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن يوپۇرماققا ئوخشاش ئىككى- ئۈچ بېلىقچى كېمە پەيدا بولۇپ قالدى. » دېگەن پارچە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
.Aپارچىدا دەريا يۈزىدىكى سۈزۈك بۇلۇتلار تەسۋىرى ئاساس قىلىنغان.
.Bپارچىدا تەسۋىرلەنگىنى كۆكتىكى بۇلۇتلارلا ئەمەس، بەلكى سۇ يۈزىدىكى يوپۇرماقلاردۇر.
.Cپارچىدا سەھەردىكى قۇياش، دەريا، ئاسمان، بۇلۇت قاتارلىق شەيئىلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئوبرازلىق ھالدا تەسۋىرلەنگەن.
.Dپارچىدىن بۇلۇتلارنىڭ سەتەڭ خوتۇنلارنىڭ قىزغۇچ مەڭزىگە ئوخشىتىلىشىدىن كەچكى شەپەق پەيدا بولغان چاغدىكى تەبىئىي مۇھىتنىڭ تەسۋىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
6. تۆۋەندىكى تەھلىللەردىن خاتاسى:
A. ‹‹خەلق ئۈچۈن جاننى تىكىپ دۈشمەن بىلەن قىلغان كۈرەش،
ئول شەھىدۇ قەھرىمان ئالىپ ئارسلانلار ياتۇر›› دېگەن بېيىتتىكى ئالىپ ئارسلان تارىختا ئۆتكەن بۈيۈك قەھرىمان ئالىپ ئەر تۇڭانى كۆرسىتىدۇ.
B. ‹‹بار مەگەر شائىر غېرىب، يالغۇز ياتۇر كۆككە قاراپ،
كۆكتە يۇلتۇزلار يانار، يەردە پەقەت شائىر يانار...›› دېگەن بېيىتتا شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ غېرىبسىنىش تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن.
C. ‹‹ئاي كۆتۈرۈلۈپ تاغ ئىچى يورۇپ قالغان، ئاي يورۇقى ئېگىز خادا تاشلار، قويۇق ئورمانلار، يېشىل چۆپلەر ئۈستىدە ئالىبۇلىماچ سايە چۈشۈرۈپ تۇراتتى›› دېگەن پارچە تاغ ئىچىنىڭ كەچكى تەبىئەت مەنزىرىسىنىڭ تەسۋىرىدۇر.
D. ‹‹چوردۇن ھۇشىغا كەلدى. ئەتراپنى قاپلىغان جىمجىتلىق ئۇنىڭغا سۈرلۈك كۆرۈنۈپ ۋەھىمە سالغاندەك تۇيۇلدى. ‹مەن نېمىلەرنى دەۋەتتىم؟ نېمىشقا يالغان ئېيتتىم؟ نېمە ئۈچۈن؟› ›› بۇ پىسخىك تەسۋىردۇر.
7. تۆۋەندىكىلەردىن ئەسەر نامى، ئاپتورى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى توغرا گۇرۇپپىلانغىنى:
A. ‹‹ئانا تىلىم›› ــ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ــ جۇڭگو
B. ‹‹قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەملا تۇرمۇش يارىتالايدۇ›› ـــ پاۋلوف ـــ فرانسىيە
C. ‹‹نەۋائىشۇناسلىقنىڭ رېئال ئەھمىيىتى›› ـــ ئازاد سۇلتان ـــ جۇڭگو
D. ‹‹پالۋان كەلدى›› ــــ تېيىپجان ئېلىيېف ــــ جۇڭگو
8. ‹‹تىرىشقان تاغ ئاشار›› دېگەن بىرىكمىنىڭ مەنىسى توغرا ئىزاھلانغىنى:
A. بىلىم ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بايلىق.
B. بىلىم ئېلىش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماس ئىرادە بولۇش كېرەك.
C. تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ بەرداشلىق بېرىدىغان ئادەم ئاخىرى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ.
D. بىلىم ئېلىش گەرچە جاپالىق ئىش بولسىمۇ ئەمما كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى كۆپ.
9. پارچىدىكى نومۇر قويۇلغان ئورۇنلارغا ماس كېلىدىغان تىنىش بەلگىلەرنىڭ توغرا بولغىنى:
‹‹ھەممەيلەن ئۇزاققىچە توختىماي ئالقىش ياڭراتتى ① ھەر تەرەپتىن ② ③ ياشىسۇن ۋېكتور ھيوگو ④ ⑤ دەپ توۋلاشتى ⑥
        1        2        3        4        5        6
A        ،        :        ‹‹        !        ››        .
B        .        :        ‹‹        .        ››        .
C        :        ،        ‹‹        .        ››        .
D        .        :        ‹‹        !        ››        .
10. تۇرپاننىڭ ھەر خىل مېۋە-چىۋىلىرى ئۈرۈمچى بازارلىرى ھەممدىن بۇرۇن كىرىپ بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى:
A. شىمال-جەنۇبنىڭ كۈن ۋە پەسىل ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن
B. مېردىئان پەرقىدىن
C. يەر شەكلىنىڭ ئېگىز پەسلىك سەۋەبىدىن
D. كېلىمات ئالمىشىش سەۋەبىدىن بولغان.
Ⅱ تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭلار:  ( 1 دىن جەمئىي 10 نومۇر )
11. ياردەمچى سۆزلەر رولىغا ئاساسەن (         )، (          ) ۋە (         ) دېگەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
12. قاپىيە ئويۇنى ـــ (        ) ئۆز نۆۋىتىدە شېئىر (          ) بەيگىسىدۇر.
13. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھاياتىدا (      ) پارچىدىن ئارتۇق كىتاب (     ) پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالە ۋە (      ) پارچىدىن ئارتۇق شېئىر- غەزەللەرنى يېزىپ خەلقىگە تەقدىم قىلدى.
14. ‹‹سۇمبۇلە ئېيىنىڭ باشلىرى، قىيامدىن ئېگىلگەن ئوچۇق كۈن غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈستىدە يالتىرايتتى›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹سۇمبۇلە›› دېگىنى (           ) ئاي مەزگىلىنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹قىيام›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى (                     ).

Ⅲ قىسقىچە جاۋاب بېرىش سوئالى:
15. نۇتۇق تېزىسىنى يازغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ (3 نومۇر )



16. ‹‹بىر جۈملىنىڭ ئاددىي جۈملە ياكى مۇرەككەپ جۈملە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سۆزنىڭ ئاز- كۆپلۈكىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك›› دېگەن ھۆكۈم توغرىمۇ؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. ( 3 نومۇر )



17. دانالىرىمىز: ‹‹ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق تەس›› دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان. سىز بۇ قاراشقا قوشۇلامسىز؟ قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ. ( 3 نومۇر )



Ⅳ مەشىق ئىشلەش سوئالى:
18. تۆۋەندىكى جۈملىنىڭ جۈملە بۆلەكلىرىنى ئايرىپ كۆرسىتىڭ. (5 نومۇر)
شەنگەن مەزەمزات ھېكىمنىڭ مۆلچەرىنى باش ئىشارىسى قىلىپ تەستىقلىدى.

19. تۆۋەندىكى تۇراقلىق بىرىكمىلەرنى تۈرگە ئايرىڭ ھەم مەزمۇنىنى يېشىپ بېرىڭ. (2 دىن 6 نومۇر )
1) تۇغۇلغان يەرنىڭ تېشى گۆھەر، سۈيى كەۋسەر. (        )
مەنىسى:
2) ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماپتۇ.  (      )
مەنىسى:
3) ئېشىغا توپا سالماق                           (      )
مەنىسى:

20. ‹‹قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەملا تۇرمۇش يارىتالايدۇ›› دېگەن ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز (3نومۇر )



21. «ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش» دېگەن ئەسەردىكى چوردۇن بوۋاي بىلەن ئاچا-سىڭىلىنىڭ سۇلتانغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قانداق قارايسىز؟ سىز ئۇلارنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ (4 نومۇر)



Ⅴ تەھلىل قىلىش سوئالى:
22. ‹‹ئەلنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققانلارنى سوگو، ئوغرى، بۇزۇق، ئەلنىڭ ئۈستىدا ئات چاپتۇرۇپ، گۆشىنى شۈلۈپ، قېنىنى شورىغنالارنى بولسا ‹بەگ، ئۇلۇغ› دېيىشىدۇ، ــ  دەپ ئويلايتى ئۇ، ــ ھەي، بۇ جاھاندا ئادالەت، ئىنساب قالمىدى. ھوسۇل ئىلگىرى سەككىز خو ئىدى، ھازىر 16 خوخا چىقتى، دېھقاننىڭ ھالىغا ۋاي، بىر يىل قاتتىق ئىشلەپ ئارا- گۈرجەكنى قۇرۇق قۇچاقلاپ قېلىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ. سادىر قوزغىلىپ ياخشى قىلدى. ئۇنىڭ ھەرىكىتى ھازىرچە ئۇچقۇندەك كىچىك كۆرۈنگەن بىلەن خەلقنىڭ غەزەپ ئوتلىرى قوشۇلۇپ ئاخىر چوڭ گۈلخانغا ئايلىنىدۇ...››
1) پارچىدا كىمنىڭ قانداق تەسۋىرى بېرىلگەن؟ پارچىدىن ‹‹ئۇ›› نىڭ قانداق خاراكتېرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؟ ( 4 نومۇر)



2) پارچىدا قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە قوللىنىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ؟ ( 2 نومۇر )

3) ئاستى سىزىلغان جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى بىرەر ماقال- تەمسىل ياكى ئەقلىيە سۆزى بىلەن ئىپادىلەپ بېرىڭ. ( 1 نومۇر )

23. ‹‹بىر ئېسىل ئات يايلاقتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ياپيېشىل چۆپلەرگە ئانچە- مۇنچە ئېغىز تەگكەچ مېڭىپتۇ.
ئۇ ماڭغانسىرى يىراقلاپ كېتىپتۇ. ئوت- چۆپلەرمۇ ئازلىغىلى تۇرۇپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ چۆلگە يېقىنلىشىپ قاپتۇ. ئۇ كەينىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۆرەڭلىك بىلەن: ‹مەن دېگەن ئېسىل ئات، شۇڭا كەينىمگە يانسام بولمايدۇ› دەپ ئويلاپتۇ. نەتىجىدە ئۇ چۆلدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپتۇ››
1) ماتېرىيالدا ‹‹باتۇرلۇق›› ئىپادىلەنگەن دېيىش توغرىمۇ، نېمە ئۈچۈن؟ ( 3 نومۇر )


2) سىز بۇنىڭدىن كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى قانداق قانۇنىيەتنى ھېس قىلدىڭىز؟ ( 3 نومۇر )



Ⅵ يېزىقچىلىق سوئالى  (جەمئىي 30 نومۇر )
24. قۇملۇقتىكى ئىككى تال ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى پاراڭلىشىپ قاپتۇ:
ــ ئاھ، خۇدا! مۇنداق ئىسسىقتا، بىر تامچىمۇ سۇ بولمىسا، بىز قانداقمۇ بىخلىنالارمىز؟ ــ دەپتۇ بىرى. ئۇ شۇنداق ئاغرىنىپ غۇدۇڭشىغىنىچە ‹‹ئۆلۈپ›› قاپتۇ.
يەنە بىر تال ئۇرۇق ئۈن- تىنسىز ھالدا، كۈچەپ بىخلىنىپتۇ، ھەر بىر تامچە سۇنى جېنىنىڭ بارىچە سۈمرۈپتۇ ۋە ئۆز- ئۆزىگە: ‹‹مەن چوقۇم بىر دەرەخكە ئايلىنىشىم كېرەك، مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم بۇ زېمىنغا بىر پارچە يېشىللىق ئاتا قىلىش›› دەپ پىچىرلاپتۇ. دېگەندەك ئۇ كېيىن چوڭ بىر توغراققا ئايلىنىپتۇ...
ئەمەلىيەتتە، تەقدىردىن ئاغرىنىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، ھەركىم تىرشىپ- تىرمىشىپ، ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلالىسلا، دۇنيانى، تەقدىرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

يۇقىرىقى ماتېرىيالغا ئاساسەن بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ. ژانىرى چەكلەنمەيدۇ. ھەجمى بىر يېرىم بەتتىن كەم بولمىسۇن.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-11-1 19:43:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىرىلغان سۇئال ئىكەن. بولسا قۇشۇمچە ھۆججەت شەكىلدە يوللىغان بولسىڭىز چۈشۈرۈپ تەھرىرلەپ ئىشلىتىشكە قۇلاي بولغان بولاتتى.
ۋاقتى: 2013-11-1 23:52:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇشۇمچە ھۆججەت شەكلىدە يوللىغايسىز . باسقۇچلۇق ئىمتاھانمۇ كىلەي دەپ قالغانىقىنى بىلىۋاپسىزدە رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-11-1 23:52:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇشۇمچە ھۆججەت شەكلىدە يوللىغايسىز . باسقۇچلۇق ئىمتاھانمۇ كىلەي دەپ قالغانىقىنى بىلىۋاپسىزدە رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-11-1 23:52:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇشۇمچە ھۆججەت شەكلىدە يوللىغايسىز . باسقۇچلۇق ئىمتاھانمۇ كىلەي دەپ قالغانىقىنى بىلىۋاپسىزدە رەخمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش