مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش تۈنۈگۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 23:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 17:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 1

ئۈندىداردىكى مۇھەببەت (پوۋسىت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 23:39:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-1 23:46  


ئۈندىداردىكى مۇھەببەت

(رازۋىدكا پوۋسىت)

راخمانجان رۇسۇل سۇلتانى


     ساداقەت خىزمەتكە كەلمىگىنىگە ئۈچ كۈن بولغاندا بۆلۈم مودىرى ياڭ دوختۇرخانا باشلىقىغا خەۋەر قىلدى.
-ئۆي تېلىغۇنى، يانغۇنىغا تېلىغۇن ئورۇپمۇ ئالاقىلىشالمىدۇق،- دېدى جاڭ مودىر دوختورخانا باشلىغىنىڭ سۇئالىغا جاۋابەن،- ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلىدىغان يېقىنلىرىغىمۇ تېلىغۇن ئوردۇق، ئۇلارمۇ بىلمەيدىكەن،- جاڭ مودىر بىر ئىش ئېسىگە يەتكەندەك قوشۇپ قويدى،- ئۇنىڭ كومپيوتىرى ئوچۇق، كۆپ قېتىم سۆز قالدۇرغان بولساقمۇ جاۋاب يوق.
ساداقەت خىزمەتكە قاتناشقانىدىن بۇيان بىر قانچە كۈن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ئەمەس، بىرەر قېتىممۇ خىزمەتكە كېچىكىپ باقمىغان، بىرەر ئىككى سائەتلىك جىددى ئىشى چىقىپ قالغاندىمۇ، تېلىغۇن ئارقىلىقمۇ بولسا دوختورخانا باشلىغىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويىدىغان بولغاچقا دوختورخانا باشلىغى جىددىلىشىپ دەرھال ج خ ئىدارىسىغا دېلو مەلۇم قىلدى.
ج خ ساقچىلىرى يېتىپ كەلگەندە ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى ئىشخانىسىدا ساقلاۋاتاتتى، ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى ج خ ساقچىلىرىنى ئىشخانىسىغا باشلاپ ئۇلارغا ساداقەتنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى تونۇشتۇردى.
-دوختۇرخانىمىزدا مەن بولمىسام بولىدىكى دوكتور ساداقەت بولمىسا بولمايدۇ!-دېدى ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى،- ھازىرقىدەك رىقابەت دەۋرىدە دوختۇرخانىمىزنىڭ بۇنداق نام چىقىرشىمىزدا ساداقەتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئۇ ياشلىق باھارىنى، پۈتكۈل زېھنىنى دوختۇرخانىمىزغا، جۈملىدىن بىمارلارغا ئاتىغان،- ئۇ ئىشخانىسىنىڭ ئۈچ تېمىغا توشۇپ كەتكەن لەۋھەلەرنى، دېرىزىگە ۋە بىر قانچە ئىشكاپلارغا تىزىلغان ھەرخىل موكاپات بويۇملارنى كۆرسىتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- مانا بۇ موكاپاتلارنىڭ مۇتلاق كۆپى ساداقەتنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن...
-ھازىرچە ئالدىراپ يەكۈن چىقارمايلى!- ئۆزىنى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىدىنىڭ باشلىغى دەپ تونۇشتۇرغان گۇڭ ئەترەت باشلىغى ياڭ دوختورخانا باشلىغىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- ئۇنىڭ ئائىلىسى، يولدىشى، بالا-چاقىلىرى، ئاتا-ئانىلىرى، يېقىن ئورۇق-توغقانلىرى...
-ساداقەتنىڭ يولدىشى يوق، بالا-چاقلىرىمۇ يوق!- ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى تىت-تىت بولۇپ گۇڭ ئەترەت باشلىغىنىڭ سۆزىنى بۆلدى،-بىزنىڭ تېلىغۇن بەرمىگەن ئادەم قالمىدى، ھەتتا ئۇنىڭ يورتىدىكىلەر بىلەنمۇ ئالاقىلاشتۇق، ساداقەتنىڭ ئاتا-ئانىسى خېلى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ساداقەت يالغۇز قىز ئىكەن...
-...
-...
ئۇلار بىرىنىڭ گېپىنى بىرى تارتىۋېلىپ خېلىغىچە تالاش-تارتىش قىلىشقاندىن كېيىن ئەترەت باشلىغىنىڭ پىكىرى بويىچە ساداقەتنىڭ تورالغۇسىغا بېرىش ئۈچۈن قوزغالدى.
ساداقەتنىڭ ئىككى جايدا تورالغۇسى بار بولۇپ، بىرى شەھەر ئىچىدىكى بىر ئولتۇراق بىناسىنىڭ 3-قەۋىتىدە، يەنە بىرى شەھەر سىرتىدىكى بىر داچا رايۇنىدا ئىدى. ئۇلار دەسلەپ شەھەر ئىچىدىكى ئولتوراق رايۇنىغا بېرىپ قوشنلىرى ۋە باشقىلاردىن سوراپ ھېچقانداق يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىدى، ج خ خادىملىرى بىنانىڭ كىرىپ-چىقىش دەرۋازا ئۈستىگە ئورنىتىلغان نازارەت قىلىش سىن لىنتىسىدىن كۆرۈپمۇ يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بويان ساداقەت بىلەن ئۇنىڭ "TOYOTA" ماركىلىق پىكاپنىڭ كىرىپ –چىققانلىق خەۋرىگە ئېرشەلمىدى. ماشنا توختۇتۇش مەيدانىدىنمۇ ساداقەتنىڭ " TOYOTA" پىكابى يوق ئىدى. ئۇلار داچا رايۇنىغا باردى، ساداقەتنىڭ داچىسىنىڭ ئىشىگى قۇلۇپلانمىغان بولۇپ، ھويلىدا پىكاپمۇ يوق ئىدى، گۇڭ ئەترەت باشلىغى كۆپ يىللىق تەجىربىسىگە ئاساسەن كۆڭلىدە چوقۇم بىرەر يامان ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىگىنى قىياس قىلىپ دەرھال ساداقەتنىڭ ئۆيىگە كىرىۋىدى، ھەممە نەرسىلەر شۇنداق رەتلىك بولۇپ، ئۆيدىن باشقا بىنورمال ئەھۋال بايقالمىدى، رازىۋىدكچىلار ساداقەتنىڭ كارۋىتىدىن بايقىغان بىر قانچە تال چاچنى ئېلىپ بىر خالىتىغا سالغاندىن كېيىن تازلىق ئۆيىگە كىرىپ تەكشۈرىۋىدى، تازىلىق ئۆيدىكى سوپۇن، يۈز ماي، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جۇپ ئىكەنلىگىنى بايقاپ بىر ئاز غەلىتىلىك ھېس قىلدى ۋە بۇ نەرسىلەرنى ئايرىم-ئايرىم خالتىلارغا سېلىپ، ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈشكە ئېلىپ مېڭىۋېتىپ، گۇڭ ئەترەت باشلىغىنىڭ كوڭلىغا بىر ئىش كەلگەندەك ئارقىسىغا يېنىپ، تەرەت قاچىسىنىڭ قاپقىقىنى ئاچتى، تەرەت قاچىسىنىڭ ئىچىدە بىر يانغۇن تۇراتتى، ئەترەت باشلىغى دەرھال يانغۇنىنى ئېلىپ، كۆڭلىدا نىمىلەرنى ئويلىدىكىن، يانغۇننى تازىلىق قەغزىگە ئوراپ، باشقا نەرسىلەر بىلەن ئېلىپ ماڭدى.
گۇڭ ئەترەت باشلىقىغا يەنە نېمە بولدىكىن، ئىشىك ئالدىغا چىقىپ بولغان ئادەم ئارقىسىغا يېنىپ يەنە ئۆيگە كىرىپ، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ئىنچىكلىك بىلەن سەپسېلىشقا باشلىدى، ئۇ يۇيۇنىدىغان دوشنىڭ سۇ چىقىرىش ئاغزىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ قالغان بىر قانچە تال قىسقا چاچنى قىسقۇچ بىلەن قىسىپ ئېلىپ بىر سۇلياۋغا سالغاندىن كېيىن خۇددى بىر ئىشتىن رازى بولغاندەك بېشىنى بىلىنەر بىلىنمەس لىڭشىتىپ قويۇپ، ئۆيدىن قايتىپ چىقتى.
گۇڭ ئەترەت باشلىغى ساداقەتنىڭ ئۆيدىن ئېلىپ كەلگەن ماددى ئىسپات ئەۋرىشكىلىرىنى DNA لىق تەكشۈرۈشكە يوللىغاندىن كېيىن تەرەت قاچىسىدىن تېپىلغان يانغۇننى ئاۋايلاپ ئېلىپ، ئېچىش كونوپكىسىنى بېسىۋىدى، باتارىيىدە توك قالمىغانمۇ ياكى سودا تۇرۇپ يانغۇن ئىچىگە سۇ كىرىپ كەتكەنمۇ ئىكران يورىمىدى، ئەسلىدە ئۇ ھەممە ئۈمىدنى مۇشۇ يانغۇنغا باغلىغان بولۇپ، ئۇ شۇ ھامان ياڭ دوختورخانا باشلىقىغا تېلىغۇن بېرىپ، يانغۇننىڭ ساداقەتنىڭ يانغۇنى ئىكەنلىگىنى بىلگىنىدە، كۆڭلى تېخىمۇ غەش بولدى، ئۇ دەرھال مۇئاۋىن ئەترەت باشلىغى تۇرسۇننى ئىشخانىسغا چاقىرىپ دېدى؛
-سىز بۇ يانغۇننى خەۋەرلىشىش شىركىتىگە ئېلىپ بېرىپ، مۇشۇ يانغۇن بىلەن ئالاقىلىشىش خاتىرىسىنى ئېنىقلاپ كېلىش بىلەن بىرىگە، ئەڭ ياخشىسى يانغۇننىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ كېلىڭ!- گۇڭ ئەترەت باشلىغى تۇرسۇن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دەرھال قاتناش كونتىرول مەركىزىگە تېلىغۇن بېرىپ، +++ نومۇرلۇق "TOYOTA" ماركىلىق پىكاپنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئۆتۈندى.
گۇڭ ئەترەت باشلىغى خىيالغا پاتتى، ئۇ دېلو تۇرغۇزۇش-تۇرغۇزغوزماسلىق مەسلىسىنى ئويلىنىۋاتقاندا جىنايى ئىشلار ئەترىدىدىكى بىر ساقچى كىرىپ دېدى:
-ئەترەت باشلىغى، DNA تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىپتۇ،- ئۇ ساقچى قولىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئەترەت باشلىقىغا بېرىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- چاچ، چىش چوتكىسى، سوپۇن قاتارلىق نەرىسلەر ئىككى ئادەمنىڭ ئىكەن...
-شۇنداقمۇ؟- ئەترەت باشلىغى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە سىنچىلاپ قاراپ، بىز يەنىلا ئىشنى «TOYOTA » ماركىلىق پىكاپنى ئىزدەشتىن...
تۇيۇقسىز كەلگەن تېلىغۇن گۇڭ ئەترەت باشلىغىنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويدى.
-ۋەي، گۇڭ ئەترەت باشلىغىمۇ؟ ھە، سىلەر تەكشۈرمەكچى بولغان "TOYOTA" ماركىلىق پىكاپ 12-ماي سەھەر سائەت 4:20 دە داچا رايونى  تەرەپتىن غەربى ئايلانما يولىغا چىقىپ، ئۇزاق ماڭمايلا يول بويىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئالدىدا توختىغان، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە ماشنىنى ھەيدەپ ئۆزى كىرگەن ئېغىزدىن چىقىپ، يولنى خاتا ماڭغان...
-ماشنا ھەيدىگەن ئايالمىكەن ياكى ئەر؟- گۇڭ ئەترەت باشلىغى قاتناش باشقۇرۇش كونتىرول مەركىزىدىن تېلىغۇن بەرگەن قىزنىڭ سۆزىنى بۆلدى.
- ئەر،- دېدى كونتىرول مەركىزىدىن تېلىغۇن بەرگەن قىز،- ئۇ يەنە يولنى خاتا ماڭغاننىڭ سىرتىدا سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەپ پويىز ئىستانسىنىڭ ماشنا توختۇتۇش مەيدانىغا كىرىپ كەتكەنچە ھازىرغىچە ئۇ ماشنا ھېچيەردە پەيدا بولمىدى،- كونتىرول مەرگىزدىكى قىز ئۇ شوپىرنىڭ 9 نومورنى كېسىپ، 500 يۈەن جەرىمانە قويىلىغانلىغىدىن تارتىپ تەپسىلى سۆزلىدى.
گۇڭ ئەترەت باشلىغى "12-ماي" مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتاتتى، ئىشىك چىكىلىپ، ئىشخانىغا مۇئاۋىن ئەترەت باشلىغى تۇرسۇن كىرىپ "ئايغۇن" ماركىلىق يانفۇن بىلەن خەۋەرلىشىش شىركىتى تەمىنلىگەن "ئايغۇن" ماركىلىق يانفۇننىڭ يېقىنقى بىر ئايلىق سۆزلىشىش ئۇچۇرى چىقىرىلغان قەغەزنى تەڭلەپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى:
-يانغۇن نومۇرى ھەقىقەتەن ساداقەت نامىدا تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ سۆزلەشكەن يانغۇن نومۇرى ئىسرايىل نامىدىكى ساختا كىملىككە بېجىرگەن، XXXX138 تېلىغۇن نومۇرى ئىكەن،- تۇرسۇن ساختا كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى گۇڭ ئەترەت باشلىقىغا بەرگەندىن كېيىن قۇشۇپ قويدى،-ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئاساسەن ئۈندىدار بىلەن بىر-بىرىنىڭ سۈرىتىنى يوللاپ تۇرۇپ سۆزلىشىپتۇ،- ئۇ بىر قانچە قېتىم سۆزلەشكەندىكى يوللىغان سۈرەتلەرنىمۇ يۇدۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ سۈرەتلەرنىمۇ بەردى.
ئىشخانىدا ئەترەت باشلىغى بىلەن مۇئاۋىن ئەترەت باشلىغىلا بار ئىدى، گۇڭ ئەترەت باشلىغى ساختا كىملىكتىكى سۈرەت بىلەن ئۈندىداردا سۆزلەشكەن چاغدىكى سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ "TOYOTA" ماركىلىق پىكاپنى داچا رايۇنىدىن ھەيدەپ چىقىپ يولنى خاتا يۈرگەن ئادەم بىلەن ساختا كىملىكتىكى ئىسرايىلنىڭ ۋە ئۈندىدار ئارقىلىق ساداقەت بىلەن ئەڭ كۆپ سۆزلەشكەن ھەم 11-ماي ئەڭ ئاخىرقى سۆزلەشكەن ئادەمنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۇرۇپ، تۇرسۇنغا دېدى:
-ئەترەتتىكى ھەممە خادىملارغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىڭ، 10 مىنوت ئىچىدە يىغىلسۇن !...
تۇيۇقسىز كەلگەن تېلىغۇن گۇڭ ئەترەت باشلىغىنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويدى.
-سىلەر ئىزدەۋاتقان X X X X نومۇرلۇق "TOYOTA" ماركىلىق پىكاپنى پويىز ئىستانسىنىڭ ماشنا توختۇتۇش مەيدانىدىن بىرەيلەن ھەيدەپ چىقىۋاتقاندا بايقىلىپ، چىقىش ئېغىزىدىلا تۇتۇلغان! –دېدى قاتناش باش ئەترىدىن بىرەيلەن تېلىغۇندا،- دەسلەپكى ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، تۇتۇلغۇچى پىكاپنى ئوغۇرلغان...،- قارشى تەرەپ بىر ئاز تۇرىۋالغاندىن كېيىن تېخىمۇ جىددى دېدى،- پىكاپنىڭ ئارقىدىكى يۈك-تاق قويىدىغان ساندۇقتا بىر ئايالنىڭ جەسىدى بايقالدى...
-بولدۇ، بىز ھازىرلا يېتىپ بارىمىز!- دېدى گۇڭ ئەترەت باشلىغى تېلىغۇن بەرگۈچىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- تۇرسۇن سىز بىرەيلەننى ئېلىپ بىرىنجى نەخ مەيدان پۇل بەرگۈدىكى (پۇلدان) نازارەت قىلىش لىنتىسىنى تەكشۈرۈپ كېلىڭ، مەن ماۋۇ ئىككەيلەن بىلەن پويىز ئىستانىسىغا باراي،- گۇڭ ئەترەت باشلىغى جىنايى ئىشلار ساقچىسى نامەت بىلەن جاڭ خۇڭنى كۆرسىتىپ. سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئىشخانىسىدىن چىقىۋېتىپ قۇشۇپ قويدى،- مىنوت، سىكونتنى چىڭ تۇتايلى...
ئۇلار ناھايىتى تېزلا پويىز ئىستانسىغا يېتىپ بارغاندا پويىز ئىستانىسى ساقچىخانىسىدىكىلەر نەخ مەيداندا ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، گۇڭ ئەترەت باشلىغى بېرىپلا ماشنا ئىچىگە ئاددىلا سەپسالغاندىن كېيىن ئارقا قاپقاقنى ئېچىشى بىلەن تەڭ، ئەتراپنى بىر خىل سېسىق پۇراق قاپلاپ، تېزلا قاپقاقنى يېپىۋەتتى ۋە ئۆزىنىڭ ھەيدەپ بارغان ساقچى ماشنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى بىرگە بارغان جىنايى ساقچىسى نامەتكە بېرىپ دېدى:
-ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا جەسەتنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىۋەتمىسەك بولمايدۇ، شۇڭا سىلەر ئىككىڭلار ئۇ جىنايەت گوماندارىنى مېنىڭ ماشنامدا ئېلىپ ئەترەتكە مېڭىڭلار، مەن بۇ ماشنىنى ئېلىپ باراي!- گۇڭ ئەترەت باشلىغى تېلىغۇن ئارقىلىق ياڭ دوختورخانا باشلىغىنىڭ دەرھال جىنايى ئىشلار ئەترىدىگە بېرىشنى ئۇقتۇرۇپ، ئۆزى "TOYOTA" نى ھەيدەپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى...
گۇڭ ئەترەت باشلىغى جىنايى ئىشلار ساقچىسى ئەترىدىكىگە يېتىپ بارغاندا ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى تەقەززالىق بىلەن ساقلاۋاتقان بولۇپ، ماشنىسىنى توختۇتۇپ بولغىچە ئالدىغا يۈگەردى؛
-مۇشۇ پىكاپ دەل ساداقەتنىڭ پىكاۋى!- دېدى ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى گۇڭ ئەترەت باشلىغىنىڭ قولىنى تۇتۇپ يېلىنگەندەك،- ماشنا تېپىلىپتۇ، ساداقەتتىن خەۋەر بارمۇ؟
-خەۋەر بار،- دېدى گۇڭ ئەترەت باشلىغى ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ قولىدىن يېتىلەپ "TOYOTA" ماركىلىق پىكاپنىڭ ئارقىسىنى ئېچىپ،- ساداقەت دېگەن مۇشۇ ئايالمۇ؟
-ھە؟ - ئەگەر گۇڭ ئەترەت باشلىغى ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ قولىدىن تۇتۇغلۇق بولمىسا ئارقىغا "ئۇچۇپ" كېتەتتى،- بۇ... بۇ زادى نېمە ئىش؟- ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ كۆزىگە قىزىلچىلىق تىقىلىپ يەنە ئارقىغا ئىككى قەدەم داجىدى.
-ئۆزىڭىزىنى بېسىۋېلىڭ!- دېدى گۇڭ ئەترەت باشلىغى ئىككى قولى بىلەن ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىنى چىڭ تۇتىۋېلىپ،- ئەھۋال دەسلەپكى قەدەمدە ئايدىڭلاشتى، قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئەمما قاتىل تېخىچە تۇتۇلمىدى،- گۇڭ ئەترەت باشلىغى ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىدىن يەنە سورىدى،- بۇ جەسەتنىڭ ساداقەت ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟.
-ئەلۋەتتە جەزىملەشتۇرەلەيمەن!- دېدى ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى ئالدىغا ئىككى قەدەم مېڭىپ خۇددى ئۇخلاپ قالغاندەك ئوڭدىسىغا ياتقان ساداقەتنىڭ يۈزىنى سىلاشقا قولىنى ئۇزۇتۇپ...
-ھاي، ھاي، تۇتماڭ!- دىدى گۇڭ ئەترەت باشلىغى ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ ئۇزاتقان قولىنى تۇتىۋېلىپ،- بىزگە ئىشىنىڭ، بىز قاتىلنى ئۇزاققا قالماي تاپىمىز، ئۆلۈش سەۋەبىنىمۇ تېزلا ئېنىقلاپ چىقىمىز،- گۇڭ ئەترەت باشلىغى بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك قوشۇپ قويدى،- سىلەرمۇ يېقىندىن ماسلىشىپ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەڭلار، بولۇپمۇ ئۇنىڭ يېقىن ئارىلىشىدىغان ئادەملىرى، باردى-كەلدى قىلىدىغانلار...
-ھۆ! ھۆ! ھۆ!- ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى ھۆڭگىرەك ئېيتىپ يىغلاپ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ كۆز جىيەكلىرىنمۇ نەمدىدى.
ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى نېمە ئۈچۈن ئۆز قېرىندىشىدىنمۇ بەكرەك ئازاپلىق يىغلاپ كېتىدۇ؟!
  X   X   X   X
ساداقەت جەنۇپتىكى بىر چەت ناھىيىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر كەنتتىن بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقىغا قارىماي مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ، سىنىپ بويىچىلا ئەمەس، مەكتەپ، يېزا بويىچە، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرىنى يېزا، ناھىيە بويىچە ئەڭ ئالدىدا پۈتتۈردى، بولۇپمۇ ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىدا داۋاملىق ھەرخىل مۇسابىقىلار ئېلىپ بېرىلىپ، ناھىيە، ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ماتىماتكا مۇسابىقىسى، ئولىمپىك مۇسابىقىسى... دېگەنگە ئوخشاش مۇسابىقىلاردا بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، مەكتەپ، ناھىيىگە شان-شەرەپ ئېلىپ كېلەتتى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە ئۈچ ئاي قالغاندا ئۇنىڭ دادىسى كېسەل بولۇپ قېلىپ يېتىپ قالدى، ئۇ چاغلاردا ھەمكارلىشىپ داۋالاش دېگەن گەپ يوق بولغاچقا، ئۇلار ئۆيىدىكى ساتا-ساتقۇلۇقلارنى سېتىپ يېزا ۋە ناھىيىلىك دوختۇرخانىلاردا داۋالىتىپ باققان بولسىمۇ ئەمما يېزا ۋە ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ داۋلاش شارائىتىنىڭ چەكلىكلىگى، ئەڭ مۇھىمى قولىنىڭ "قىسقا" لىقى تۈپەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالىتىش ئىمكانيىتى بولماي، ساداقەتلەرنى قارنىغىچە قەرزگە بوغۇپ، بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. "ئۆلۈك قەيەرگە بارىسەن؟ تىرىك قالغانلارنىڭ كۆتىنى ئاچقىلى" دېگەندەك، ھەممە دەردى-بالاغا كۆڭلىدە نۇرغۇن-ئارزۇ ئارمانلارنى پۈكۈپ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقىۋاتقان ساداقەت بىلەن، بېلى مۇكچەيگەن ئايسىخان ئاچىغا قويۇپ كەتتى، ئۇلارغا ئاجايىپ قاتتىق كەلدى، سەمەت ئاكىنىڭ ئۆلىمى خۇددى يۈرىگىنى بىرىسى ئامبور بىلەنلا قىسىپ سوغورىۋالغاندەك بەكلا قاتتىق كەلدى، ئۇ قەدىنىسىنىڭ 40 نەچچە يىلدىن بۇيان تىرىشىپ تىرمىشىپ، بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىپ، تېخى ئەمدىلا تامبىلى تېزىدىن ئېشىشىغا ئۇنى ئېلىپ كەتكەن پەرۋەردىگاردىن ئاغرىنىپ يۈزلىرىنى مورلىدى، چاچلىرىنى يۇلدى، ئۇنىڭ ئېسىگە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز قەرزى، ئەمدى قانات-قۇيرۇق چىقىرىپ ئۇچۇشقا تەمشىلىۋاتقان قىزى كەلگىنىدە ئۆزىنى قويدىغانغا يەر تاپالمايتى...
ئايسىخان ئاچا ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي يىقىلدى، ئۇنى داۋالىتىشقا بىر قانچە ئېغىزلىق كېسەك ئۆيدىن باشقا پۇل ئەسلا يوق، گەردىنىدە بىرمۇنچە قەرزى بار بۇ ئائىلىگە قەرز بېرىدىغانلار ئەسلى يوق ئىدى، ئىمتىھانغا بىر ئايلا ۋاقىت قالغىنىدى، ساداقەت ئاشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ تەرەپ-تەرەپكە چاپتى، ھەتتا نومۇسنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئەگەر ئانىسىنى داۋالىتىپ ساقايتىشقا يارىدەم قىلىدىغان ئادەم چىقسا ئۇنىڭ يېشىنىڭ قانچە ياش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ، بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلىدىغانلىغى توغرىسىدا گەپ تارقاتقان بولسىمۇ، "ئەتىكى قويروقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى" دەيدىغان ئۇ كۈنلەردە بىرەر ئادەم ئوتتۇرىغا چىقمىدى، ساداقەتنىڭ يىغىسى، غېمى، يۈرۈگىنىڭ بېغىشىدىن چىقىۋاتقان كۆز يېشى پەرۋەردىگارنىمۇ، بەندىنىمۇ تەسىرلەندۈرەلمەي ئايسىخان ئاچىنىمۇ بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كەتتى، بىر قانچە مىلىيارد ئادەم سىغقان بۇ دۇنياغا ئاشۇ ئىككى ئادەم سىغمىدى، تويۇقسىز گۇمۈرۈلۈپ چۈشكەن تاغدەك ساداقەتنىڭ يەلكىسىدىن باسقان بۇ قىسمەت تېخى خۇددى ساداقەتنىمۇ قوشۇپ يۈتىۋىتىدىغاندەك نەرە تارتىپ باسمادىدى. ساداقەتنىڭ يىغىسى، ساداقەتنىڭ ھەسرەت-نادامىتى ھېچكىمنى تەسىرلەندۈرەلمىدى، خۇددى ۋۇلقان ئېتىلىپ تاغلارنى كۇكۇم تالقان قىلغاندەك ساداقەتنى شىللىسىدىن باستى... "ئىشىكتىن ھازا چىقسا، تۈڭلۈكتىن سەۋرە كىرىدۇ" دېگەن گەپ زادى قانداق گەپ؟ مانا ساداقەتنىڭ ئىشىگىدىن ئىككى ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىككى موردا چىقتى، بىراق سەۋرە كىرمىدى، ساداقەت بۇنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈش بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئەمما بۇ رېئاللىق ئىدى، ساداقەتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزىرسىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرەلمىدى، ئايسىخان ئاچىنىڭ دەپ بېرىشىچە، ساداقەتكە ئىككى ياش چېغىدا قىزىل چىقىپ گۆر ئاغزىدىن يانغانىكەن، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىقىغا چىققاندا بىر قېتىم ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، يەنە بىر قېتىم گور ئاغزىدىن يانغانكەن. "ھەي، ئاشۇ چاغدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسام، بۈگۈنكىدەك قىسمەتلەرگىمۇ دۇچار بولمىغان بولغىيىتىم.." دەپ ئويلىدى ساداقەت. دىمىسىمۇ راست ئەمەسمۇ؟ تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان بۇ ناتىۋان قىزغا نېمە تارتقۇلۇق؟ نېمە دېگەن ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن قاتتىق زەربە –بۇ؟ بۇ جاھان مۇشۇنداق ئادالەتسىز، مۇشۇنداق رەھىمىسزمىدۇ؟ كىشىلەر ئاشۇنداق بىۋاپا، بىكۇيۇم بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟!!
ساداقەت ئەنە شۇنداق قايغۇ-ھەسرەت، دەرت-ئەلەم ئىچىدە قارىلىق كېيىم، ئاق رومال، بولدۇقلاپ ئېقىۋاتقان كۆز يېشى بىلەن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانغا قاتناشتى، ئۇ ئىمتىھان بېرىۋېتىپ بىردە سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئويلىسا، ئۇنىڭ ئېسىگە يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيانقى قىسمەتلەر كېلىۋېلىپ، خۇددى توغاننى بۇزۇپ قاچقان سەلەپ سودەك كەلگەن كۆز يېشى ئۇنىڭ ئىمتىھان قەغزىنى ھۆللىۋېتەتتى، ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە ئولتۇرغان ساۋاقداشلىرى تەئەججۇپ ئىلكىدە ئۇنىڭغا قارايتى، ئۇنىڭ مۇشۇ ھالەتتە ئىمتىھان بەرگىنىگە قاراپ ئىچىدە "ھەي، ئىمتىھان بىرىمەن دەپ ئاۋارە بولغىچە ھەققە بويسۇنۇپ، سىڭگەن نېنىنى يەپ ئولتۇرۇپ قالسىچۇ؟ دەپ بېشىنى چايقىشاتتى. ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كومسىيىلەر ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغۇسى كېلەتتى. بىراق ئۇلاردىمۇ نېمە ئامال، ھېسداشلىق قىلدىم دەپ يېزىپ بەرگىلى، دەپ بەرگىلى بولمايدۇ-دە!
ئۈچ كۈنلۈك ئىمتىھان تۈگدى، ئەمما سادەقەتنىڭ كۆز يېشى تۈگمىدى، ئۇنىڭ ھەسرەت-نادامىتى، قايغۇ-ئەلىمى تۈگمىدى، ئۇنىڭ يەلكىسىنى بېسىپ تورغان تاغنىڭ بېسىمى يەڭگىلىمىدى...
ساداقەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقىۋاتقاندا قايسى كەسىپتە ئوقۇش ئىدىيىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ داڭلىق يازغۇچى ياكى شائىر بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ناچار ئىللەت، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى، تەڭسىزلىكلەرنى سۆكۈپ، ئېچىپ تاشلاپ، ئىنسانلارنى ئىلغار مەدەنىيەتكە باشلىغۇسى، مىللەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغۇسى، مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر ناۋايى قاتارلىق كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئىددىيىسگە ۋارىسىلىق قىلىپ، نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، ئەمگەكچان، ئىشچان، كۆيۈمچان، مېھماندوست، سەنئەت سۆيەر مىللىتمىزنى تېخىمۇ پارلاق ئەتىگە باشلىغۇسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئىستىگى شەكىللىنىپ بۇ جەھەتتە تىرىشىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىغا چىققاندىن باشلاپ شېئىر، ھىكايە، نەسىرلىرى دەسلاپ مەكتەپ گېزىتىدە، كېيىنچە ۋىلايەت گېزىتلىرىدە ئىلان قىلىنىپ كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى سۆيۈندۈرگىندى. ئۇنىڭ بۇ يىل ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك بىر گېزىتتە ئىلان قىلىنغان بىر ھىكايسى خېلى داغدۇغا قوزغاپ ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە پارچە ئوبزور ئىلان قىلىنىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان بىر سەھرا قىزىنىڭ نامىنى كشىلەر بىلىپ كەتكىنىدى، بىراق، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىئەجەل، بىقارار ئۆلىمى ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئۈچيۈز ئاتىمىش گىرادوس ئۆزگەرتىپ، ئارزۇ تولدۇرۇش جەدىۋىلىنىڭ بىرىنجى ئارزوسىغىلا ھېچقانچە ئويلانمايلا ئىچكى ئۆلكىدىكى مەملىكەت بويىچە ئەڭ داڭلىق تىببى ئۇنىۋېرىستېتىنى يېزىپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى، ئەدەبىيات يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەلقەمنى چۈچىتىۋەتتى.
-بۇ نېمە قىغىنىڭىز ساداقەت؟- دەپ سورىدى ئەلقەم ئۆزىنىڭ ھەيران قالغانلىغىنى يوشۇرالماي،- سىز تېخى مۇندىن ئۈچ ئاي ئىلگىردىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەدەبىياتتا ئوقۇش ئارزويىڭىز بارلىغىنى ئېيتقان ھەم بۇ جەھەتتىكى غايىلىرىڭىزنى ئاغزىڭىز ئاغزىڭىزغا تەگمەي شەرھىلگەن، ھەم كولسولتاتسىيىگىمۇ ئىجتىمائي پەنگە قاتناشقان ئىدىڭىزغۇ؟
-شۇنداق مۇئەللىم، ئەگەر....،- ئۇ ئۆزىنى توختۇتۇۋالماي بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى...،- ئەگەر بىزنىڭ پۇلىمىز بولغان بولسا ياكى ئائىلىمىز ۋە ياكى ئورۇق-تۇغقانلىرىمىز ئىچىدە بىرەر دوختۇر بولغان بولسا، دادام بىلەن ئانام بۇنداق بىئەجەل ئۆلۈپ كەتمىگەن بولاتتى...،- ئۇ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچى سىرىلغۇدەك، ھېسداشلىق قىلغۇدەك قان-زار يىغلاپ كەتتى.
-دىگىنىڭىزغۇ توغرا، بىراق...- ئەلقەم مۇئەللىم يانچۇقىدىن رستورانلاردا ئىشلىتىدىغان قەغەزدىن بىر تال ئېلىپ ساداقەتكە تەڭلىگەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- سىز بىر ئادەم تىببى ساھەدە ئوقۇپ، بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىۋاتقان شۇنچە كۆپ ئادەملەرنى قۇتقۇزىۋالارسىزمۇ؟
-مېنى توسىماڭ، مۇئەللىم!- دېدى ساداقەت بولدۇقلاپ ئېقىۋاتقان كۆز يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ،- بىرنى، ئىككىنى قۇتقۇزىۋالساممۇ ھېساپ- مۇئەللىم، مېنىڭ بۇ قارارىمنى ھېچكىم توسالمايدۇ...
-بىراق، بىراق، تىببى ئونۋىرستېتىلارنىڭ نومۇر سىزىغى ھەر قانداق مەكتەپلەرنىڭكىدىن يۇقىرى، بىراق سىز بۇ قېتىمقىدەك زەربىگە ئۇچرىمىغان بولسىڭىزغۇ گەپ يوق ئىدى. بىراق.... ،-ئەلقەم مۇئەللىم بوغىزىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.
-...
-...
ساداقەتنىڭ ساۋاقداشلىرى، مۇئەللىملىرى ئۇنى نېيىتىدىن ياندۇرالمىدى.
ئۇلارمۇ ياخشى نىيەت بىلەن شۇنداق قىلغان ئىدى، چۈنكى ئەلقەم مۇئەللىم ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ تېخى كۆز يېشى قۇرىماي تۇرۇپلا بۇنداق تەۋەككۇلچىلىك قىلغاندا نومۇر سىزىغى يەتمەي قېلىشتىن ئەنسىرىگىنىدى، دىمىسىمۇ راست، دادىسى ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۈچ ئاي، ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكىنىگە بىر ئايمۇ بولمىغان بىر ئادەم، قارىلىق كېيىمى، بولدۇقلاپ ئېقىۋاتقان كۆز يېشى بىلەن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشسا، ھەر قېتىملىق ئىمىتھان قەغىزى كۆز يېشى بويۇلۇپ كەتكەن تۇرسا، كىممۇ ئۇنىڭ نومۇر سىزىغىنىڭ تىببى ئونىۋىرستېت نومۇر سىزىقىغا يېتىدۇ، دەپ ھۆددە قىلالىسۇن؟
ھەممەيلەن بېشىنى چايقاشتى، ئىچىگە تىنىشتى، ھەتتا ھەسرەت چىكىشتى... بىراق، نەتىجە ئىلان قىلىنغاندا ھەممەيلەننىڭ ئاغزى ئېچىلىپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتىشتى، ساداقەت ماتىماتكىدىن 111 نى، ئومومى نومۇردا  677نى ئالغىنىدى...
-تۆۋە، ماۋۇ قىزنى، شۇنداق كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرت-ئەلەمنى، ياق، دەرت-ئەلەم ئەمەس، شىللىسىنى بېسىپ تۇرغان بىر تاغنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ-يا؟
ھەقىقەتەن قەيسەر قىز ئىكەن...
-دۇنيادا مۆجىزە بولىدۇ، ئەمما مۇنداق مۆجىزە بولمايدۇ-دە!
-ھەي، قەغەز تەكشۈرگۈچىلەر ساداقەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغانمىدۇ-يا؟
-ھە، تۆۋە دىگىنە، ھازىر دېگەن ئىمتىھان قەغزىنى كومپيوتېر ئارقىلىق تەكشۈرىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسمى، ئادىرىسى پىچەتلىنىدىغان تۇرسا!
-...
-...
بىر مەھەل ساداقەتنىڭ ئاشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئالغان نومۇرى بۇ چەت، نامرات ناھىيىدىكىلەرنىڭ سۆھبەت، مۇنازىرە تىمىسىغا ئايلىنىپ قالدى، ئېتىز-ئېرىق بېشىدىمۇ، ئاشخانا- ئاشىپزول، ساماۋەرخانىلاردىمۇ، كوچا-كوتاڭ، ھەرخىل ئولتۇرۇشلاردا شۇ گەپ بولاتتى، ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردارلار ساداقەتنىڭ قەيسەرلىگىدىن سۆيۈنسە، ئۇنىڭ ئۇستازلىرى، مەكتەپ، يورتىدىكىلەر ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى. ئۇنى بىلمەيدىغانلار بەشمالتىقىنى چىقىرىپ ماختايتى، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر ئۆزىدىن كۆرمەي ھەسەت قىلىشاتتى...
مەكتەپ، مۇئەللىملىرى ساداقەتتىن پەخىرلەنگەن بىلەن يەنە بىر ئىش ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇراتتى، ئۇ بولسىمۇ ساداقەتنىڭ ئوقۇش پۇلى ئىدى، ئەگەر ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتمىگەن بولسىغۇ، ئۇ غەمنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قىلاتتى، ئەمما ھازىر ئۇ غەم مەكتەپ بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازلىرىنى بېسىۋالدى، ئۇلار نېمە قىلارىنى بىلمەي ئاخىرى ئىئانە توپلاشنى مەسىلىھەتلىشۋاتقاندا يەنە بىر مۆجىزە يۈز بېرىپ ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلدى.
ساداقەت ئالى مەكتەپ ئىمتىھاندىنمۇ ئاز سانلىق مىللەت تىلدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن بىرىنجى بولۇپ ئۆتكەن بولسا، چاقىرىق قەغزىمۇ بىرىنجى تۈركۈم ئىچىدە بىرىنچى نومۇرلۇق چاقىرىق قەغىزى بولۇپ قېلىشنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرمگىنىدى، مەكتەپ، ساداقەتنىڭ مۇئەللىملىرى ھەم ساداقەتنى غەمدىن خالاس قىلغان ئىش بىرىنجى نومۇرلۇق چاقىرىق قەغىزى بولماستىن بەلكى ساداقەت بىرىنچى ئارزۇسىغا يازغان داڭلىق تىببى ئونىۋىرستېتىنىڭ ساداقەتنى ھەقسىز ئوقۇتۇش، ھەقسىز بولغاندىمۇ ئوقۇش خىراجىتى ھەقسىز بولغاننىڭ سىرتىدا تاماق، ياتاق قاتارلىق ھەممە چىقىمنى مەكتەپ ئۈستىگە ئالدىغانلىغى توغرىسىدىكى چاقىرىق قەغىزى ئىدى.
ھەممەيلەن تەنتەنە قىلىشتى، ساداقەتنى تەبرىكلەشتى، ھەتتا مەكتەپ ساداقەتنى داغدۇغلۇق ئۇزۇتۇش، ھەممەيلەن ئۆز كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىپ، ئۇنى ياخشى يولغا سېلىپ، بۇ ئارقىلىق ياش ئەۋلاتلارغا ياخشى ئوقىغاندىلا كۆزلىگەن مەقسەتكە، كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇسىغا يەتكىلى بولىدىغانلىغى، ھەر قانداق قېيىنچىلىق، مۈشكۈللىكلەرنى يەڭگىلى بولىدىغانلىغىنى تونۇتۇپ، بۇندىن كېيىن جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىپ ئوقۇش دولقۇنى قوزغاش توغرىسىدا قارارمۇ ماقۇللىدى...
ناھىيە بويىچە ساداقەت توغرىسىدىكى غولغۇلا بېسىقماي تۇرۇپ، قايناۋاتقان قازاننىڭ ئوتىنى ئۇلغايتسا تېخىمۇ پورۇقشىپ قاينىغاندەك غولغۇلىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.
-...
-...
ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن مۆجىزىلەر مەكتەپ، ساداقەتنىڭ ئۇستازلىرى، ساۋاقداشلىرى، ئۇرۇق-تۇققان، دوسيا-ئاغىنىلىرىنىڭ ئاغزىنى قولىقىغا يەتكۈزگەن بولسىمۇ ئەمما ساداقەتنى ئانچە خۇشال قىلالمىدى، ئۇنىڭ غەم-قايغۇسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. نىمىشقا دەمسىز؟ كونىلاردا ئاتا-ئانا قەرىزىنى پەرزەنتىلەر تۆلەيدۇ، شۇڭا بىراق ئۆلۈپ كەتكەندە نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن ئاۋال ناماز چۈشۈرگەن خاتىپ: "مەرھۇم ++ ئاخۇن ياكى ++ خان ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىسى ئىدى... لىكىن بىلىپ-بىلمەي كۆڭلۈڭلارنى رەنجىتىپ قويغان بولسا ياكى بىرەر باش چامغۇر، بىرەر باش قوناق، بىرەر سويما قاتارلىق نەرسىلىرىڭلارنى ئېلىۋالغان بولسا رازى بولۇپ كەتكەيسىلەر، ئەگەر تىل خەت ياكى تىل خېتى يازماي قەرز ئالغان بولسا مەرھۇمنىڭ ئوشبۇ قەرزىنى مەرھۇمنىڭ پەرزەنتى قايتۇرىدۇ..." دەيدۇ ۋە مەرھۇمنىڭ پەرزەنتى ئوتتۇرىغا چىقىپ "ئاتامنىڭ (ئانامنىڭ) قەرزىنى مەن قايتۇرىمەن..." دەپ جامائەت ئالدىدا مەيدىسىگە ئۇرىدۇ، ئەگەر مەرھۇمنىڭ ئوغول پەرزەنتى بولمىسا ئىماماخونۇم مۇسىبەت بولغان ئۆيگە كىرىپ قىز پەرزەنتلەرنىڭ ۋەدىسىنى ئېلىپ چىقىپ كۆپچىلىككە جاكارلايدۇ.
ساداقەتنىڭ دادىسى سەمەت ئاكىنىڭ نامىزىدىمۇ بۇ "قائىدە" داۋاملاشقان بولۇپ، مەزىناخۇنۇم جامائەتنى توختۇتۇپ قويۇپ، ئايسىخان ئاچىغا ئۇ "قائىدە" نى ئۇقتۇرغاندا، مەزىناخونۇمنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي جامائەت ئالدىغا چىقىپ، قەرزىنى چوقۇم قايتۇرىدىغانلىغى توغرىسىدا ۋەدە بەرگىنىدى، ساداقەتنىڭ ئانىسى ئايسىخان ئاچا ئالەمدىن ئۆتكەندىمۇ ئۇلارنىڭ ئوغول پەرزەنتى يوق  بولغاچقا، ساداقەت چىقىپ خۇددى ئانىسىغا ئوخشاش جامائەت ئالدىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ قانداق خۇشال بولالىسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئوقۇشقا ماڭىدۇ، شۇڭا ساداقەتنىڭ غېمى تېخىمۇ ئېغىرلاپ، قايغۇسى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇنىڭ مەسلىھەت سالغىدەك ئاكا-ئۇكىسى، ئاچا-سىڭلىسى يوق، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقىنى تېخىمۇ يوق، ئۇ تىكەندەل بىر تاللا قىز، شۇڭا ئۇ ئۆيىنى ۋە بىر قانچە مو يېرىنى سېتىش قارارىغا كەلدى.
ئۇنداق چەت، ياقا سەھرادا مەيلى يېڭى بولسۇن ياكى كەپە بولسۇن ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە لايىق ئۆيى بار، بۇنداق ئەھۋالدا ساداقەتنىڭ خام كېسەل ئۆيى ھېچقانچە پۇلغا يارىمايدۇ، پۇلغا يارىدى دېگەندە ئۆينىڭ ئورنى چوڭراق بولسا ئورنى بىر ئاز پۇلغا يارايدۇ، ئەگەر ساداقەتنىڭ ئۆيى شەھەردە، ياق، شەھەردە ئەمەس ناھىيە بازىرىدا بولۇپ قالغان بولسا ئاشۇ ئۆينىڭ ئورنىلا قەرزنى قايتۇرۇشقا يېتىپ يەنە ئوقۇش پۇلىغا يەتكىدەك ئاشاتتى. سەمەت ئاكا ھەر نېمە بولسا ئوروننى خېلى چوڭ ئىگەللەپ قويوپتىكەن، ساداقەت ئۆيى، ئۆي ئورنى ۋە ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى بىر قانچە مو يېرىنى مەڭگۈلۈك سېتىپ قەرزلىرىنىڭ كۆپىنى قايتۇرالىدى، ئەمما يەنىلا خېلى كۆپ قەرزى گەردىنىدە قالدى، ئۇ قالغان قەرزلىرىنى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇشقا تىلخەت يېزىپ بېرىپ، يورتىدىن "لا ماكان" بولۇپ ئوقۇشقا ماڭدى.
X  X  X
ساداقەتنىڭ سىتودنتلىق ھاياتى باشلاندى، ناھىيە بازىرىدىن ئاتلاپ باقمىغان ئۇ سەھرا قىزىغا نىسبەتەن ئالغاندا تەرەققى قىلغان بۇنداق چوڭ شەھەر، چوڭ شەھەردىكى پەلەككە تاقاشقان، خۇددى سەرەڭگىنىڭ قېپىنى تىزىپ قويغاندەك ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان سانجاق، سانجان بىنالار، گىرەلىشىپ كەتكەن ئاسفالىت يوللار، ئاسفالىت يوللاردىكى باپكارنىڭ موكىسىدەك ئۆتىشىۋاتقان ماشىنىلار، يولنىڭ ئىككى قاسنىغىدىكى "ھۆپپىدە" ئېچىلغان رەڭگارەڭ ھەرخىل گۈللەر، گۈللەر بەرگىسىگە قونۇپ، بىر-بىرىنى قوغلوشۇپ ئۇچۇپ يۈرگەن كېپىنەك، ھەسەل ھەرىسى ۋە ئۇ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ھەرخىل جانىۋارلار، ھەرخىل مەنزىرە دەرەخلىرىگە قونۇپ سايراۋاتقان بولبۇل ۋە ھەرخىل ئۇچار قۇشلار، بىر-بىرىدىن چىرايلىق كېيىنىپ خۇددى تويغا ئالدىرىغاندەك كوچىغا پاتماي كېتىۋاتقان، كېلىۋاتقان ھەر مىللەت خەلقى، مەيدان، دوقمۇش-دوقموشلاردىن ئاسمان پەلەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان پونتانلار ئۇنى شۇنچە ھەيران قالدۇرغان، ئۆزىگە جەلب قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنى خۇشال قىلالمىدى، ئۇنى قىزىقتۇرالمىدى، ئۇنىڭ غەم-قايغۇدىن خالى قىلالمىدى، ئۇنىڭ گەدىنىدىكى قەرزىنى ئۇنتۇلدۇرالمىدى، ئەمما ئۇنى داۋاملىق تىرىشىپ ئوقۇپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەش ئارقىلىق قەرزىنى تۆلەپ، يورتىغا، ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتا-ئانىسىغا، ئۇنى پۇلسىز قوبۇل قىلغان مەكتەپكە، ئۇنى ياخشى تەربىيلىگەن ئانا مەكتىۋىگە ۋە ئۇستازلىرىغا ئەمەلى جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى تىكلىدى...
ساداقەت دېگىنىنى قىلىدىغان، بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان قىز، بىر بوغداينى كۆرۈپ سەمرىپ،  بىر بوغداينى كۆرۈپ ئورۇقلاپ كېتىدىغان قىزلاردىن ئەمەس ئىدى، ئۇ دېگىنىنى قىلدى، ئۇ ئوقۇشتا يەنىلا ئالدىنقى قاتاردا ماڭغاننىڭ سىرتىدا كەچتە، دەم ئېلىش كۈنلىرى، ھېيىت-بايرام، يازلىق، قىشلىق كانىكوللاردا سېستىرالىق، كېسەللىكلەرگە قارىغۇچى، توغۇت باققۇچى... قاتارلىق پەرۋىش ئىشلىرىنى قىلىپ، ئوقوشنىڭ ئىككىنچى يىلىلا يورتتىكى قەرزىنى تۈگىشىپ، ئاتا-ئانىسىنى گۆرىدە خاتىرجەم ياتقۇزدى، ئۇ قەرزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن تاپقان پۇلىنى ئېنگىلىزچە ئۆگىنىش قاتارلىق بىلىم ئاشۇرۇش كورسىغا تۆلەپ ئەتراپلىق بىلىم ئىگىلىدى، ئۇ بەش يىللىق ھاياتىدا بىرەر قېتىملىق دەم ئېلىش كۈنىنى، بىرەر قېتىملىق ھېيىت-بايرامنى باشقا ساۋاقداشلىرىدەك ئارامو-خۇدا ئۆتكۈزۈپ باقمىغىنىنى، بىرەر قېتىملىق ئارام ئېلىش كۈنى ئەتىگەندە "ھۇرۇن ئۇيغۇسى" نى ئۇخلاپ باققىنىنى ئەسلا ئۇقمايدۇ، "تىرىشقان ئۇزار"، "جاپانىڭ تېگى ئالتۇن" دېگەن سۆزلەر تولىمو توغرا ئېيتىلغان، ئۇ تىرشقانغا، جاپا تارتقانغا لايىق نەتىجىگە ئېرىشتى، ئۇ ئۇنىۋىرستېتىنىڭ تولۇق كورسىنى ئەلا پۈتتۈرۈپ يورتىغا قايتىشنىڭ تەييارلغىنى قىلىۋاتقاندا، مەكتەپ رەھبەرلىگى ئۇنى ئاسپىرانتلىققا ھەقسىز قوبۇل قىلغانلىغىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلىۋەتتى...
ئۇ قەرزلىرىنى تولۇق تۈگەتكەن، مەكتەپ ئوقۇش پۇلى ئالمىغاننىڭ سىرتىدا ياتاق، تامىقىنى كۆتەرگەن بولغاچقا، ئاسپىرانتلىققا ئوقۇش جەريانىدا پۈتۈن زېھنىنى تەتقىقاتقا قاراتتى، ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە ئىلمى ماقالىسى، تەتقىقات ماقالىسى مەملىكەت مىقىياسىدىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئىلان قىلىنىپ، مەملىكەت مىقىياسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، مەكتەپمۇ ئۇنى نوقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يول ھازىرلاپ بەردى.
ساداقەت ئىككى يىللىق ئاسىپرانتلىق ئوقۇشنى بىر يېرىم يىلدا تاماملاپ مەكتەپ تارىخىدا يەنە بىر قېتىم مۆجىزە ياراتتى.
-قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىز؟- دېدى بىر كۈنى ئاشۇنداق داڭلىق ئۇنىۋىرستېتنىڭ مودىرى ئۇ تەكلىماكاننىڭ بىر بۈرجىگىدىن كەلگەن ئاددى سەھرا قىزىنى ئىشخانىغا چاقىرتىپ.
-مەن ئالدى بىلەن مەكتەپنىڭ مېنى تەربىيلەپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەنلىكىگە، سىزنىڭ خۇددى ئۆز پەرزەنتىدەك كۆيۈنۈپ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە چىن دېلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، مەن مەكتەپنىڭ غەمخورلىقىنى، سىزنىڭ غەمخورلىقىڭىزنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزمەن، مەن پەقەت "رەھمەت" لا دىيەلەيمەن، مەن بۇندىن كېيىن يورتۇمغا قايتىپ، تىرىشىپ، ياخشى خىزمەت قىلىپ، جان دىلىم بىلەن ئىشلەپ، بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمنى، نامرات خەلقىمنى داۋالاپ، مىسكىنلەرنى ئۆلۈمدىن، ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەكتەپكە ۋە سىزگە جاۋاب قايتۇرماقچىمەن...،- ساداقەتنىڭ بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىۋاتقاندىلار كېلىپ، سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
-كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن!- دېدى مەكتەپ مۇدىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ساداقەتنىڭ قېشىغا كېلىپ خۇددى ئۆز دادىسىدەك ئۇنىڭ بېشىنى مىھىرىبانلارچە سىلاپ،- بىز ئەلۋەتتە سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمىز،- مەكتەپ مۇدىرى ئورنىدىن قوپۇپ، شىرەسى ئۈستىدىن بىر قانچە تال قەغەزنى ساداقەتكە تەڭلەپ تۇرۇپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردى، -ئەمما سىز خالىسىڭىز سىزنى مەكتىۋىمىزدە ئېلپ قېلىپ، سىلەرنىڭ شىنجاڭدىن قوبۇل قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەشنى، ئەگەردە ئۇ ئىددىيىڭىزدىن ئۆتمىسە ئونىۋىرسىت قارمىغىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ قېلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز...، - مەكتەپ مۇدىرى نېمىلەرنى ئويلىدىكىن خېلىدىن كېيىن قۇشۇپ قويدى،- بىرەر يىل ئىشلەپ كۆرگەندىن كېيىن قايسى دۆلەتتە ئوقۇشنى خالىسىڭىز دوكتورلىقتا ئوقۇپ كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇنىڭغا مەن چوقۇم كاپالەتلىك قىلىمەن.
-ماڭا قىلغان شاپائىتىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت!- دېدى ساداقەت بولدۇقلاپ ئېقىۋاتقان كۆز يېشىنى توختۇتالماي،- سىز بىلمەيسىز، يورتىمىز تولىمۇ نامرات، نۇرغۇن بىمارلار بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، دادام، ئانامنى ئالساق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئەمەس، پەقەت نامراتلىق تۈپەيلىدىنلا بىئەجەل ئۆلۈپ كەتتى،- ساداقەت بىردەم يىغلىۋالغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆلۈپ كېتىۋاتقان دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى، يورتىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى سۆزلەپ مىنستىر دەرىجىلىك چوڭ ئەرباپنى، تىببى ساھەدىكى "دوكتۇر ئاشتى" نى تەسىرلەندۈرۈپ، ئىككى تامچە يېشىنىڭ تال-تال قورۇق باسقان يۈزىنى بويلاپ چۈشكەنلىگىنى كۆرگەندىن كېيىنلا سۆزلەشتىن توختىدى.
-...
-...
ساداقەت بۇ مەركىزى شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن باشقىلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن يورتىغا كېتىش ئويىدىن يالتايدى، دىمىسىمۇ راسىت، ئۇنىڭ تارتىشقىدەك يېقىن ئورۇق-تۇغقىنىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېرىپلا كىرگۈدەك ئۆيى بولمىسا ئورۇنلاشقىچە مېھمانخانىدا تۇرامدۇ؟ ئۇ ئاشۇ نامرات ناھىيىدە، ئاشۇنداق داۋالاش شارائىتىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالامدۇ؟!
ساداقەتنىڭ ئىككى ساۋاقدىشى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپلا قايتىپ كېلىپ، بۇ مەركىزى شەھەردىكى ئەڭ چوڭ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ ئىككى يىل بولا-بولمايلا بىرىسى بۆلۈم مودىرى بولغىنىدى، شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىزدەپ ئۇلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئارخىپ، ئاسپىرانتلىق كىنىشكە ۋە ئىلان قىلغان ئىلمى ماقالىلىرىنى كۆتۈرۈپ دوختورخانا باشلىغى بىلەن كۆرۈشتى. بىراق ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس ئىدى. دوختۇرخانا باشلىغى ئۇ ئىلمى ماقالە، دىپلۇم-كېنىشكىلار قاچىلانغان ئارخىپ خالتىلىرىنىڭ خېلى "توم" لىغىنى كۆرۈپ قىزىقتى بولغاي، دەرھال ئېچىپ، ئۇنىڭ قۇرۇق قەغەز ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ، قاراپ قويۇشقىمۇ خوشياقماي ساداقەتكە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن دېدى:
-دوختۇرخانىمىزدا شىتات ئارتۇق، كەچۈرۈڭ، بىر يىغىنىم بار ئىدى،- ئۇ ساداقەتتىن بالدۇر قوزغولۇپ ساداقەتنى ھەيدىدى.
-سەن قۇرۇق كىرگەنمىدىڭ؟- دەپ سورىدى ساداقەتنىڭ ھېلىقى ساۋاقداشلىرى ساداقەتتىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن.
-ياقەي، قانداقمۇ قۇرۇق كېرەي؟- دېدى ساداقەت تەقەززا بولغاندەك،- مەن دىپلۇم، ئاسپىرانتلىق كىنىشكىسى قاتارلىقلاردىن باشقا نوپوزلۇق ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان ئىلمى ماقالىلار، ھەتتا ئېنىگىلىزچىدىن "توفۇ" دىن ئۆتكەنلىك كىنىشكىسى، موكاپاتقا ئېرىشكەن ئىلمى ماقالىلارنىڭ شەرەپ گۇۋاھنامىسى... قاتارلىق ئۈچ خالتا ئېلىپ كىرگەن...
-ھا ! ھا ! ھا!- ئىككەيلەن تەڭلا قاقاقلاپ كۈلۈپ ساداقەتنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ قويدى،- سەن تولىمۇ  ساددا جۇمۇ؟- ساداقەتنىڭ بىر سىنىپ ساۋاقدىشى رەنا چۈشەندۈردى،- دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ قىزىقىدىغىنى ھەرگىز ئۇ نەرسىلەر ئەمەس...
-ئۇنداقتا نېمە؟- ساداقەت ئالدىراپ سورىدى.
-دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ قىزىقىدىغىنى ماۋۇ....،- رەنا بەشمالتاق قولى بىلەن بىگىز قولىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ پۇل سانىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
-ئۇنداقتا سىلەرمۇ ئاشۇنداق...،- ساداقەت سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتى.
-سىلەر قانچە پۇلغا ئورۇنلاشقان؟- ساداقەت خېلىدىن كېيىن ھەيران قالغانلىغىنى يوشۇرالماي سورىدى.
-بىز پۇل بەرمىگەن!- ئۇلار تەڭلا كۈلۈشتى.
-...
-...
ئۇلار قانچە پۇل بىلەن بۇ دوختۇرخانىغا كىرگەنلىگىنى زادىلا دېگىلى ئۇنمىدى.
-ماڭا دەببىرىڭلارچۇ، مەن زادى قانچە پۇل ئەكىرسەم بولار؟- ساداقەت سوراپ تۇرىۋالدى.
-سىنىڭ ئوقۇش تارىخىڭ، نەتىجەڭ بىزنىڭكىدىن يۇقىرى بولغاندىن كېيىن، بەلكىم ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ مۇشۇ كېتەر!- رانا بەش بارمىقىنى كۆرسەتتى.
-بەشمىڭ؟- ساداقەت ئەجەپلەنگەندەك سورىدى.
-ھا! ھا! ھا!- ئىككەيلەن يەنە تەڭ كۈلۈشتى،- سەن جەمئىيەتتە بارقۇ يوق،- دېدى رەنا تېخىچە كۈلۈپ،- جېنىم دوستۇم، 50 مىڭ،- ئۇ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ھازىر ئاڭلىشىمىزچە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 100 مىڭ ئىكەن...،- ئۇ يېقىندا كىرگەن بىر قانچەيلەننىڭ ئەھۋالىنى دېگەندىن كېيىن قوشۇپ قويدى، سىنىڭ ئەھۋالىڭ بىزگە ئايان، ئەگەر سەندە ئاشۇ پۇل بولغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىشقا قوشۇلمايسەن، شۇڭا سەن شەھەرلىك دوختورخانىغا بېرىپ باق، ئۇلار سەندەكلەرگە تولىمۇ مۇھتاج، بىر قانچە ئاي بولدىغۇ-دەيمەن، ئۇلار سەن ئوقىغان كەسىپتە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىقتىساسلىق خادىم قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئىلان بەرگەن، قوبۇل قىلالىدىمۇ-يوق، ئۇنى ئۇقالمىدىم، ئۇلارنىڭ قۇشۇمچە تەمىناتى ئاساسەن بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاشمىش...
-...
-...
ساداقەت ئوقۇشتىن باشقىغا قىزىقمىغاچقا، ھازىرقى جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن راستىنلا خەۋرى يوق ئىدى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ داڭلىق ئونۋىرىستېت ئېلىپ قالىمىز دېسە ئۇنمىغان ساددا قىز ئۇ دوختۇرخانىغا قابىلىيىتىمگە تايىنىپ كىرىمەن، دەپ ئويلاپ قالغىنىدى، شۇڭا ئۇ يورتىغا كېتىشتە چىڭ تۇردى.
-مەن باغلىشىمەنكى، سەن ۋىلايەتلىك دوختورخانا ئەمەس، پۇل خەجلىمىسەڭ ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا كىرىشىڭمۇ تەسكە توختايدۇ...،- رەنا يەنە ئۆزىنىڭ قانداق كىرگەنلىگىدىن تارتىپ سۆزلەپ شەھەرلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ بېقىشتا ماقۇل كەلتۈردى.
رەنا ئەسلى بىر نازىرنىڭ قىزى بولۇپ، دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ بىر ئادىمىنى نازىر قوبۇل قىلىدىغان، رەنانى ئۇ داڭلىق دوختۇرخانىغا قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، "ئالماشتۇرۇش سودىسى" قىلىشقىنىدى...
ساداقەت ساۋاقداشلىرىنىڭ دېگەنلىرىدىن ھەيران قالغان بولسىمۇ ئەمما جاھاندىكى ئىشلارنىڭ كىشىلەر تەسەۋۇرىدىنمۇ ھالىقىپ كەتكەنلىگىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندى، "ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە" دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟ ساداقەت سىناپ بېقىش نەزىرىدە شەھەرلىك دوختۇرخانىغا باردى.،
-بىز سىزنى قوبول قىلىمىز،- دېدى دوختۇرخانا باشلىغى ساداقەتنىڭ ئارخىپلىرىنى، ئىلمى ماقالىلىرىنى تەپسىلى كۆرگەندىن كېيىن كۆز ئەينىگىنى شىرەسىگە ئېلىپ قويۇپ،- سىز توردىكى ئىلانىمىزنى كۆرۈپ كەلگەن ئوخشىمامسىز؟
-ياقەي، ساۋاقداشلىرىمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن كېلىشىم،- دېدى ساداقەت ئاددىلا قىلىپ.
-ئۇنداق بولسا ياخشى،- دېدى دوختۇرخانا باشلىغى ئۈچتەك ئاقارغان چاچلىرىنى سىلاپ قويۇپ،- ئەمەلى ئىپادىڭىزگە ئاساسەن، بىر قانچە ئايدىن كېيىن تەمىناتىڭىزنى ئۇقتۇرۇشتىكىدىنمۇ يۇقىرى قىلىپ بېرىشىمىز مۇمكىن، بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق.
-مەن چوقۇم تىرشىمەن، ئۈمىدىڭىزنى يەردە قويمايمەن،- ساداقەت ھەممە ئادەمنىڭ ساۋاقداشلىرى دېگەندەك "پۇل، ھوقۇق" سودىسى قىلمايدىغانلىغىنى ئويلاپ كۆزىگە ياش ئالدى.
-...
-...
ساداقەت شەھەرلىك دوختۇرخانىدا ئىشلەپ قالدى، ئىشلىگەندىمۇ ئاجايىپ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، پۈتۈن نىيەت، بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن بىمارلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، بىمارلارنىڭ غەمگۈزارى، پەرشتىسىگە، دوختۇرخانىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، ئۇزاققا قالماي دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ ئىشخانىسى تەشەككۇر ياغقان لەۋھەلەر بىلەن، كېسەلخانا بىمارلار بىلەن توشۇپ، دوختۇرخانىنىڭ ئىناۋىتى ئۆستى، كىرىمى ئاشتى...
بىر كۈنى بىر بىمار قوبول قىلىندى، ئەسلىدە ئۇ بىمار يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بىر داڭلىق دوختۇرخانا "ئامال" قىلالماي، تەلىيىنى سىناپ بېقىش مەقسىدىدە بۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگىنىدى.
ساداقەت ئۆز تەجىرىبىسىگە ئاساسەن دىئاگىنوز قويۇپ، بىر داۋلاش لاھيىھىسىنى تۈزگەندىن كېيىن بېيجىڭدىكى ئۆزى پىراكتىكا قىلغاندىكى يېتەكلىگەن ئۇستازلىرىغا "يىراقتىن دىئاگىنوز قويۇش" سېتىمىسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالدى ۋە ساداقەتنىڭ داۋلاش لايىھىسىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش بىلەن بىر قانچە تۈرلۈك داۋالاش تەكلىۋىنى بەردى. ساداقەتنىڭ كۆڭۈل قويۇپ، ئىزدىنىپ داۋالىشى نەتىجىسدە ئۇ "ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان" بىمار 20 نەچچە كۈندە ياخشىلىنىپ بالنىستىن چىقتى. ھەر قانداق ئادەمگە جان ئوخشاشلا تاتلىق، لىكىن ئۇ بىمارغا، ئۇ بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېخىمۇ تاتلىق بولۇپ، ئۇ بىمار ئاپتۇنۇم رايۇنى بويىچە ناھايىتى داڭلىق بىر خۇجايىننىڭ دادىسى ئىدى. ئۇ خۇجايىننىڭ ئىسمى ئىسرايىل بولۇپ، ئۇ دوختۇرخانىغا ناھايىتى كاتتا بىر لەۋھە تەقدىم قىلماقچى بولۇپ، تېلىۋىزىيە ئىستانىسى، بىر قانچە گېزىت، رادىئو قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇ دوختۇرخانا ۋە ساداقەت ئۈچۈن تولىمۇ ئەتراپلىق ئىلان ئىشلەپ بېرىپ، دوختۇرخانا بىلەن ساداقەتنىڭ تېخىمۇ نامىنى چىقىرىۋەتتى..
ئۇ دوختۇرخانىنىڭ، ساداقەتنىڭ نامىنى چىقىرىۋەتكىنى يالغۇز ئۇ ئىشلا ئەمەس، دوختۇرخانىنىڭ كىشىلەر كۆتىرەلىگۈدەك مۇۋاپىق باھاسى، قىسمەن دوختورخانىلاردەك ئاددى كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان بىملارنىمۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىدا بىر قېتىمدىن تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش پۇلى داۋالاش پۇلىدىن ئاشۇرۋىتىشى ئەمەس، بەلكى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا، بىمارنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىگە ۋە كېسىلىگە قاراپ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك بولسا تەكشۈرۈش، قىممەت باھالىق دورىلارنى ئاز يېزىش، دوختۇر سېستىرالارنىڭ بىمارلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس، دورا بىلەن داۋالاشنى قۇشۇمچە قىلىش، پىسخىكىلىق داۋالاشنى، روھى ئوزۇقنى ئاساس، دوختورخانىنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى قۇشۇمچە قىلىش... قاتارلىق مۇكەممەل قائىدە-تۈزۈم، بىمارلارنى ئۆلۈمدىن، ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك ئالىيجاناپ روھى ئىدى...
دوختورخانا، خۇسۇسەن ساداقەتنى ھېچقانداق "ھەق" تەلەپ قىلماي قوبۇل قىلغان ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىمۇ ساداقەتنىڭ ئەمەلى ئىپادىسى ۋە دوختۇرخانىغا قوشقان تۆھپىسىگە ئاساسەن بىر يۈرۈش ئۆي بەرگەندىن باشقا، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەمىناتلىرىنىمۇ ئۆستۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئازادە شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
ساداقەت داۋلاش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ، بىجاندىل ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوختۇرخانا ۋە ساداقەتنىڭ نامىنى چىقىرىپ، ئابرويىنى ئۆستۈرۈشتە بەلگىلىك تۆھپىسى بار ھېلىقى خۇجايىن ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ توي تەكلىۋى قويدى، ساداقەتنىڭ يېشى گەرچە 25 كە بېرىپ قالغان بولسىمۇ لىكىن ئۇ ئىشلارنى ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدى، شۇڭا ئۇ ئىسرايىلنىڭ تەلىپىنى سىلىق رەت قىلدى. بىراق ئىسرايىل نىيىتىدىن يانماي ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىنى ئىزدىدى، ساداقەتنىڭ ساۋاقداش ۋە يېقىنلىرىنى ئىشقا سالدى. ئۇلارنى بىر قانچە قېتىم مېھمان قىلدى، ساداقەتكە يېلىندى، باش ئۇردى، ئاجايىپ پاساھەتلىك ۋەدىلەرنى بېرىپ بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىپ، بىر كۈندە نەچچە قېتىم تېلىغۇن قىلدى، توردا خەت قالدۇرۇپ ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزدى.
بىزدە "ئېغىز يىسە يۈز ئوۋىتار" دېگەن گەپ بار، بىر قانچە قېتىملىق مېھماندارچىلىق يۈزىسىدىنمۇ ياكى ئىسرايىلنىڭ دوختورخانىنىڭ نامىنى چىقىرىشتا بەلگىلىك تۆھپىسى بارلىغى ئۈچۈنمۇ ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى بىلەن رەنا ئۇنىڭغا ئەلچى بولۇپ، تەرەپ-تەرەپتىن ساداقەتنى ئىسكەنجىگە ئالدى، ھەممىدىن ئارتىپ كەتكىنى ئىسرايىلنىڭ دادىسى يەنى ساداقەت ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قويغان قۇددۇس ئاكا بولدى.
قۇددۇس ئاكا ساداقەت دوختۇرخانىغا بارسا دوختورخانىغا باراتتى، ئىشتىن چۈشكەندە ساداقەتنىڭ ئىشىگى ئالدىدا پەيدا بولاتتى، ئۇنىڭ ساداقەتكە قىلمىغان يېلىنىش سۆزلىرى، دىمىگەن ياخشى گېپى، بەرمىگەن ۋەدىسى قالمىدى.
-مەن بىر ئەر كىشىنىڭ بىر قىزنى ئۇنداق قوغلاشقىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن،- دېدى رەنا بىر كۈنى ساداقەتنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ،- بولۇپمۇ ئىسرايىلدەك پۇلدارلارغا نسىبەتەن تېخىمۇ شۇنداق، ئۇنداق ئەرلەرنىڭ 27 ياشقا كىرگىچە توي قىلماي تۇرالىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر مۆجىزە، قېنى ئويلاپ باققىن، ئاشۇ چىراي، ئاشۇ شانۇ-شۆھرەت بىلەن ھەر قانداق قىزغا تەلەپ قويسا رەت قىلمايدۇ...
-شۇنداق!- دېدى ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى رەنانىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- مەن ئۇنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ باقتىم، ھەتتا ئۇنى نېمە دەيدىكىن دەپ، ساداقەتنىڭ چەتئەلدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغۇسى بار ئىدى، بەلكىم ئۇ ئاشۇ تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ رەت قىلغان بولىشى مۇمكىن، دېسەم ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق يەرگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرسا چوقۇم ئەۋەتىدىغانلىغى، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىغى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، شۇڭا ئۆزىڭىز ئويلىشىپ كۆرۈپ جاۋابىنى بەرسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىسىنىڭ سىزنى كېلىن قىلېۋېلىش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچلۈك.
-..
-...
ئاخىرى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئارىغا چۈشىشى، "سالا" قىلىشى بىلەن ئىسرايىل بىلەن ساداقەتنىڭ تويى تولىمۇ داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ مەركىزى شەھەرنىڭ غولغۇلا تېمىسىغا ئايلاندى.
ساداقەتنىڭ يورتتا بىۋاستە تۇغقىنى بولمىغاچقا قىز تەرەپنىڭ تويىنى دوختورخانا يەنى ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى "باش" بولۇپ ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئوغۇل تەرەپ توينى تېخىمۇ ھەشەمەتلىك قىلغاننىڭ سىرتىدا قىزنى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن يۆتكەپ، بۇ مەركىزى شەھەر قۇرۇلغاندىن بۇيان "مەخسۇس ئايروپىلان" بىلەن قىز يۆتكەپ، شەھەر تارىخىنىڭ بىرىنچى بېتىگە ئۆچمەس پۈتۈك پۈتۈلدى...
X      X   X    X
تۇرمۇشنىڭ، مۇھەببەتنىڭ قېلىپى يوق، تۇرمۇشنى قانداق ئۆتكۈزۈش، شۇ مۇھەببەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ئۆزىگە، تىرىشچانلىقىغا باغلىق، تۇرمۇش بىلەن مۇھەببەت خۇددى توخومغا ئوخشايدۇ، سەللە دىققەت قىلمىسا ئوڭايلا دەز كېتىدۇ، بىخۇتلۇق قىلسا چېقىلىدۇ.
ساداقەت بىلەن ئىسرايىلنىڭ گەرچە كەسپى، قىزىقىشى، ئوقۇش تارىخى، ئېڭى، كشىلىك دۇنيا قارىشى.... جەھەتلەردە بىر-بىرىدىن ئاسمان-زېمىن پەرقىلەنسىمۇ، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلماي، توي قىلىپ بولۇپ ئاندىن مۇھەببەتلەشكىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۈنلىرى خۇددى توي كۈنىدىكىدەك ياخشى ئۆتتى، ئىسرايىل ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ ساداقەتنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالمىدى، ئىمكان بار ئۇنىڭغا خاتىرجەم خىزمەت شارائىتى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن ئۆي ئىشلىرىغا خىزمەتچى ياللاپ، ساداقەتنىڭ خىزمىتىنى قوللىدى.
ساداقەت بۇنىڭدىن رازى ئىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بىر خىل تىنچ، خاتىرجەم ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە ئىسرايىل پەرزەنت غەلۋىسى قىلىپ:
-"بالا بار ئۆي بازار، بالا يوق ئۆي مازار" دەيدىكەن،- دېدى ئىسرايىل بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا،- ئادەم دېگەن ئەۋلاد قالدۇرمىسا بولمايدۇ،- ئىسرايىل ئەستايىدىللىق بىلەن دىنى ۋە پەننى نوقتىدىن چۈشەندۈردى،- پەرزەنت دېگەن ئاتا-ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى ھەم ۋارىسى، شۇڭا سىز ماڭا ئىككى ئوغۇل، بىر قىز توغۇپ بەرسىڭىز، مۇشۇنچىلىك ۋاقتىمىزدا ئۇلارنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشساق...،- ئىسرايىل يەنە نۇرغۇن قائىدە-يۇسۇنلارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.
ئەسلىدە ساداقەتنىڭمۇ پەرزەنتلىك بولغۇسى بار ئىدى، بىراق ئۇنىڭ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنى ئۆلۈمدىن، ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلاپ، دوختۇر بولغاچقا ئىسرايىلغا ئوقتۇرماي "مۇداپىئە" قىلغىنىدى.
-مەنمۇ سىزدىن بەك ئالدىراۋاتىمەن،- دېدى ساداقەت ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالدىرىمغانلىغىنى ئىسرايىلغا بىلىندۈرمەي،- بىراق خۇدا بەرمىسە بۇنىڭغا نېمە ئامال-دەيسىز؟ بىز توي قىلغىلى تېخى ئەمدى بىر يىل بولدى، شۇڭا بەك ئالدىراپ كەتمەيلى! –ساداقەت خېلىغىچە جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئويىنى ئېيتىۋىدى، بۇ گەپلەر ئىسريىلنىڭ نارازىلىغىنى قوزغىدى؛
-نېمە؟-دېدى ئىسرايىل تىرىككەندەك،- سىز تېخى ئاسپىرانتلىققا قانائەت قىلمامسىز؟ ئويلاپ بېقىڭ، سىلەرنىڭ دوختورخانىدا دوختۇرخانا باشلىغىدىن باشقا سىز بىرلا ئاسپىرانتقۇ؟ مېنىڭچە بولغاندا ھازىرقى سەۋىيىڭىزمۇ يېتىپ ئاشىدۇ...
-بىلىمنىڭ چېكى يوق، دېدى ساداقەت ئىسرايىلنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- بىزتوي قىلىشتىن بۇرۇن پۈتۈشكەن، شۇڭلاشقا سىزمۇ لەۋزىڭىزدە تۇرشىڭىز كېرەك..
-بۇ... بۇ... بۇ مېنىڭ قۇشۇلمىغانلىغىم ئەمەس، بىراق...،- ئىسرايىل سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتى.
-...
-...
ئىككەيلەن خېلىغىچە تالاش-تارتىش قىلىشتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسرايىل گەپ- سۆز قىلمايلا چىقىپ كەتتى.
شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئىسرايىلنىڭ گېپى ئازلاپ كەتتى ۋە پوزىتيىسىدىمۇ خېلى ئۆزگۈرۈش بولدى، بىراق ساداقەت دوختورخانا باشلىقىغا ئەھۋالنى ئېيتىپ، ياۋروپادىكى بىر دۆلەت بىلەن ئالاقىلىشىپ ياندۇرقى ئايدىلا بارسا بولىدىغانلىغى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ تەكلىپ ئەكەلدۈردى.
ساداقەت پاسپورتتىن تارتىپ بېجىرىپ جىددى تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، بىر كۈنى ئىسرايىل ئېغىز ئاچتى؛
ئەڭ ياخشىسى بارماڭ!- دېدى ئىسرايىل تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ،- بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ خۇراپاتلىق ئىددىيىسى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئۇلار بەزى دىنى قائىدىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ "ئەر-خوتۇنلار ئۇنداق ئۇزاق ئايرىلىپ تۇرسا نىكاھى جۇدا بولىدۇ" دەيدۇ، دادامنىڭ دىيىشىچە، بۇرۇنقى زاماندا چەتئەللەرگە چىقىپ سودا قىلىدىغانلار بىرەر-ئىككى يىل ئەمەس، بىر ئايلىق ئشقىمۇ ئاجرىشىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قايتا نىكاھ ئوقۇتۇپ يارىشىدىكەن...
-نېمە؟- ساداقەت ئەجەپلىنىپ ئىسرايىلنىڭ سۆزىنى بۆلدى،- سىزنىڭچە بىزمۇ ئاجرىشىمىزمۇ؟ قارىغاندا سىز ماڭا ئىشەنمەيدىكەنسىز-ھە؟
-يا.. ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس!- دېدى ئىسرايىل دۇدۇقلاپ،- ئاتا-ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىساقمۇ بولماس.
-ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاجرىشىپ كېتەيلى!- دېدى ساداقەت.
-...
-...
ئاجرىشىشقا ئىسرايىل قەتئى ئۇنمىدى، ئەمەلىيەتتە ساداقەتنىڭمۇ ئاجراشقۇسى يوق بولۇپ، ئاچچىغىدا شۇنداق دەپ قويغىنىدى.
ئىسرايىل ئاخىرى قۇشۇلغان بولسىمۇ، لىكىن ئاتا-ئانىسىنىڭ تاپا-تەنىسىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي ئاخىرىدا دوختۇرخانىغا باشلىغىنى ئىزدەپ باردى؛
-سىز خىزمەت ئىشلەپ باقسىڭىز!- دېدى دوختۇرخانا باشلىقىغا خېلى توم بىر كونۋىرتىنى تەڭلەپ،- ھازىرقى چاغدا ئۇ دوختۇرخانىدىن ئايرىلسا، سىلەرنىڭ دوختورخانىنىڭ ئىشلىرىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا ئەمدى داڭقى چىققان دوختۇرخانا ئەسلىدىكى ھالەتكە قايتىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا سىز بىر ئامال قىلپ توسۇپ قالسىڭىز.
-مەقسىدىڭىزنى چۈشەندىم،- دوختۇرخانا باشلىغى ئىسرايىل بەرگەن كونىۋىرىتنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى،- مېنىڭ ساداقەتنى ئىككى يىل ئەمەس، ئۇنىڭ بىر ئاي ئايرىلىشىغىمۇ كۆزۈم قېيمايدۇ، ئەمما كېيىنلىكنى ئويلىغاندا، ساداقەتنىڭ تەقدىرىنى ئويلىغاندا ساداقەتنىڭ ئويلىغىنى توغرا....،- ياڭ دوختورخانا باشلىغى نۇرغۇن قائىدىلەرنى سۆزلىدى، ئىسرايىلنىڭ توي قىلىشتىن بەرگەن ۋەدىلىرىنى قايتا يۈزىگە سالدى.
-...
-...
ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى ئىسرايلنى ئاخىرى قايىل قىلدى، بىراق ئىسرايىل ھېلىقى كونىۋىرتنى قايتا تەڭلەپ دېدى؛
-بۇ سىلەرنىڭ دوختۇرخاناڭلارنڭى دادامغا ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق بەرگىنىڭلارغا بىلدۈرگەن رەھمىتىم بولۇپ قالسۇن،- ئىسرايىل كۆزىگە ياش ئېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- تۈزۈكرەك رەھمەت ئېيتارمەن دەپ ھازىرغا سوزۈلۈپ كەتتى...
- سز ئەينى چاغدا ناھايىتى ياخشى رەھمەت ئېيتقان!- دېدى ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى كونىۋىرتنى بىر قېتىم ئىسرايىلنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ،- ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىڭىزنىڭ كېسىلىنى داۋالاش مەسلىسىگە كەلسەك، بىمالارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاغرىق ئازابىنى يەڭگىللىتىش بىز تىببى خادىملارنىڭ شۇئارىمىز، يۈرەك سۆزىمىز ۋە مىزانىمىز، سىز بۇ قېتىم ساداقەتنى ئوقۇشقا ئىۋەتىپ، ئۇنى قوللىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىزگە بىلدۈرگەن رەھمىتىڭىز...،- دوختۇرخانا باشلىغى يەنە نۇرغۇن قائىدىلەرنى سۆزلىدى، مىساللارنى كەلتۈردى.
-ھازىر دوختۇرلارغا "قىزىل بولاق" بېرىش ئاساسەن ئوچۇق ئاشكارە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟- دېدى ئىسرايىل قايىل بولمىغاندەك،- مەسىلەن ئالايلى، بىر بىمارنىڭ يۈرىكىگە دىيەك قويسا ياكى كۆۋرۈك سالسا دوختۇرغىلا بىر قانچە مىڭ يۈەن بېرىدۇ، باشقا جايدىن دوختۇر تەكلىپ قىلىپ دىئاگىنۇز قويدۇرسىمۇ بىر قانچە مىڭ يۈەن بىرىدۇ..
-ئۇ دېگەن ئايرىم ئەھۋال!- دېدى دوختۇرخانا باشلىغى ئىسرايىلنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- ئويلاپ بېقىڭ، بىمارلار ئەڭ پۇلغا ئېھتىياجلىق، ئاشۇنداقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە "قىزىل بولاق" ئالساق، "ئاق خالاتلىق پەرىشتە" ئاتالغان كىشىنىڭ ۋىجدانى قانداق چىدايدۇ، ھازىر ئاشۇنداق چىقىمنى كۆتىرەلمەي بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار نۇرغۇن، ئاشۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلار "ئۆلىمەن" دەپ ياتسا، بىز "قىزىل بولاق" ئالىمىز دېسەك "ئاق خالاتلىق پەرىشتە" دېگەن نامغا يۈز كېلەلەمدۇق، بىزگە نان بېرىۋاتقان جاپاكەش دېھقانلارغا، بىزگە يېتەرلىك ئىش ھەققى، چېنىغا چىققۇدەك موكاپات بېرىۋاتقان ھۆكۈمەتكە يۈز كېلەلەمدۇ؟!....،- دوختۇرخانا باشلىغى ناھايىتى كۆپ مىساللارنى كەلتۈردى،- دېگەنلىرىڭىز توغرا ھازىرقى چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان دىيەك، كۆۋرۈك دېگەنلەرنىڭ كىرىش باھاسى بەش-ئالتە مىڭ يۈەنلا، لىكىن قولدىن قولغا ئۆتۈش، ھالقىما-ھالقا شىرىنكا دەستىدىن ھازىر 40-50 مىڭ يۈەنگە سېلىنىۋاتىدۇ، بۇ يېقىندا توردىمۇ، گېزىتلەردىمۇ ئىلان قىلىندى، "دىيەك، كۆۋرۈكنىڭ پايدىسى زەھەرنىڭ پايدىسىمۇ 10 ھەسسە يۇقىرى" دېگەن ماقالە جەمئىيەتتە بەك غولغۇلا قوزغىدى..." ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى تېخىچە سۆزلەۋاتاتتى،- ئويلاپ بېقىڭ، ھازىر دوختۇرلارنىڭ مائاشى ئەڭ يۇقىرى دېسەك بولىدۇ، ئاشۇ سىز دېگەن "قىزىل بولاق" ئالىدىغان دوختۇرلارنىڭ ئايلىق نەخ ئالىدىغان پۇلى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، ھەر ئايدا 10 نەچچە مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالىدىغان "پەرشتە" يىللىق كىرىمى بەش مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان بىچارە دېھقاندىن، ئايدا ئاران ئىككى ئۈچ مىڭ يۈەنگە قانائەت قىلىپ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، ئۆي ئېلىش دېگەنلەر ئېغىز ئاچالماي دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ "شۇكىرى" دەۋاتقان خىزمەتچىلەردىن يەنە "قىزىل بولاق" تەلەپ قىلسا، بۇ خۇددى "مۈشۈكتىن پەيشەنبىلىك تاما" قىلغانلىق بولمامدۇ؟!...،- ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ كېيىنكى گەپلىرى ئىسرايىلنىڭ قولىقىغا كىرمىدى، ئۇ ھەقىقەتەن ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ گەپلىرىگە قايىل بولغىنىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان گەپلىرىدىن خىجىل بولدىمۇ ياكى "قىلىغى" دىن ئىزا تارتتىمۇ قولىقىغىچە قىزىرىپ كەتتى.
ئۇ خېلىدىن كېيىن ئېسىگە كېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ دېدى؛
-بۈگۈن دىيىشكەن گەپ- سۆزلەرنى ۋە مېنىڭ كەلگەنلىگىمنى ساداقەتكە ئېيتىمىغان بولسىڭىز،- ئۇ مېڭىپ بولۇپ قوشۇپ قويدى،- مەن ئۇنىڭ تەييارلىقىغا يارىدەملىشەي!...
X  X  X  X
ساداقەت ياۋروپاغا كەتكىلى بىر يىل بولاي دېدى، بۇ جەرياندا ئىسرايىل بىلەن ساداقەت كۈندە كۈرۈشمىگەن تەقدىردىمۇ ھەپتىدە ئەڭ ئاز بولغاندا بىر قېتىم ئۈندىداردا ياكى كومپيوتىردا كۆرۈشۈپ تۇردى.
ۋەتەندىن چەتئەلگە ئۇرۇلغان تېلىغۇن ھەققى قىممەت بولغىنى ئۈچۈن داۋاملىق ئىسرايىل ئېلىپ قويىۋەتكەندىن كېيىن ساداقەت قايتۇراتتى. ئۇلار مەيلى ئۈندىداردا كۆرۈشسۈن ياكى كومپيوتىردا كۆرۈشسۈن بىر-بىرىنىڭ سۈرتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۆزلەشكەچكىمۇ، ياكى ياۋروپانىڭ سۆزلىشىش ھەققى تۆۋەن بولغاچقىمۇ يېرىم سائەت، بەزىدە بىرەر سائەت سۆزلىشەتتى، ساداقەت ئۆزىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى، تۇرمۇشى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا تەپسىلى "دوكلات" قىلاتتى، ئىسرايىلنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى سورايتى، ئىسرايلىمۇ تەپسىلى "دوكلات" قىلاتتى، ئەتراپلىق جاۋاب بېرەتتى...
بىر كۈنى ئىسرايىل بىرەيلەن بىلەن ئۈندىداردا سودا ئىشى توغرىلىق سۆزلىشىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز يەنە بىر ئۈندىدارچى قۇشۇلۇپ قالدى. قوشۇۋالغان قارشى تەرەپ بىر قىز بولۇپ، ئىسرايىل تولىمۇ ھەيران قالغاندىن كېيىن سودا ئىشى توغرىلىق سۆزلىشىۋاتقان ئادەم بىلەن جىددى ئىشى چىقىپ قالغانلىغىنى بىر ئازدىن كېيىن ئالاقىلىشىدىغانلىغىنى ئېيتىپ، قۇشۇلغان ئۈندىداردىكى قىز بىلەن سۆزلەشتى.
-ۋەي، ياخشىمۇسىز؟- قارشى تەرەپنىڭ زىل ئاۋازى چورىدەك ئاڭلاندى.
-ئۆزىڭىزچۇ، سىز كىم بولىسىز؟- ئىسرايىل سورىدى.
-مەن بۇ يىل ئىچكى ئۆلكىدىكى سودا ئونۋىرستېتىنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن جەمىلە بولىمەن، مەن سىلەرنىڭ شىركەتنىڭ توردىكى كاتىپ قوبۇل قىلىش ئىلانىنى كۆرۈپ تېلىغۇن قىلىۋاتىمەن...،- قىزنىڭ ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.
-ھە، بولىدۇ، بولىدۇ!- دېدى ئىسرايىل نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي خۇددى تىڭىرقىغان ئادەمدەك،- قىز تېخىچە سۆزلەۋاتاتتى، ئۇ ئالدىن ئۆزىنى تونۇشتۇردى، ئەمما ئاشۇ يېقىملىق ئاۋازى ئۇنى مەپتۇن قىلىپ، قىزنىڭ ئاخىرقى تونۇشتۇرۇشى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى، ئىسرايىل قىزنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن رەسىمىگە سەپسالدى؛ ئۇنىڭ يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرغان چېچى سول قېشىنى يېپىۋالغان بولۇپ، ھەر ئېغىز گەپ قىلغاندا روشەن كۆرۈنۈپ تۇرغان زىنىقى، قاپقارا ئوڭ قېشى، سەدەپتەك چىشى... ئۇنى ئۆزىگە رام قىلىپ "دۇنيادا ئاشۇنداق گۈزەل قىزمۇ خىزمەت تاپالماي ماڭا يېلىنىۋاتامدىغاندۇ؟" دېگەن خىيال "لىپپىدە" ئۆتۈپ ئىسىنى يىغدى،- ھە، مۇنداق، ھە، سىز ۋاقىت چىقىرىپ شىركىتىمىزگە كېلىڭ، بىز كۆرۈشكەندىن كېيىن يۈز تورانە سۆزلىشەيلى!
-ئەتە ئەتىگەن سائەت 8 دە كۆرۈشەيلى!- دېدى قىزچاق تېخىمۇ ناز قىلىپ،- بەي-بەي! –دېدى.
ئىسرايىل تېخىمۇ ھەيران قالدى، ئۇ قىز بىلەن يەنە بىردەم سۆزلەشمىگىنىگە پۇشايمان قىلغاندەك بىرنى ئۇلۇغ تىندى، قىزنىڭ ئۈندىداردىكى زىل ئاۋازى، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان گۈزەل رۇخسارى.... خىيالىدىن ئۆتۈپ، خۇددى بىرىسى ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىغىنى بىلىپ قالغاندەك ئالاقىزادىلىك بىلەن ئەتراپقا قارىدى، ئۇ ئەتراپىدا ئادەم يوق ئۆزى يالغۇز تۇرغانلىغىنى بىلگەندىن كېيىنلا يۈرىكى جايىغا چۈشۈپ، يەنە نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىشقا باشلىدى...
ئەسلىدە بۇ شىركەتكە قوبۇل قىلىدىغان خادىملار بىلەن سۆزلىشىش، يۈز تورانە ئىمتىھان قاتارلىق ئىشلارغا مۇئاۋىن باش دىرىكتۇر مەسئۇل ئىدى، مۇئاۋىن باش دىرىكتۇر تەكشۈرۈپ بولىدىكەن دېگەندە ئاندىن باش دىرىكتۇرغا يارىسا قوبۇل قىلىناتتى. لىكىن بىر كېچىنى تەستە ئۆتكۈزگەن ئىسرايىل ھەر كۈندىكىدىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىشقا كېلىپ، شىركەت دەرۋازىسى ئالدىدىلا جەمىلەنى ساقلىدى.
خىزمەتچىلەر بىردىن، ئىككىدىن كېلىپ ئىسرايىلغا سالام بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئىشخانىلىرىغا ماڭدى. دەرۋازىدىن بىر قىز كىرىپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ بارغانسىرى ئىسرايىل تۇرغان پەشتاققا يېقىنلاشماقتا، ئىسرايىل يىراقتىنلا كېلىۋاتقان قىزنىڭ كېچىدىن بۇيان ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى ئۇيقا قىلمىغان، ھەر كۈنى ھۇرۇن ئۇيقىسىغا ئادەتلەنگەن ئادەمنى سەھەر تۇرۇشقا مەجبۇرلىغان، باشقىلاردىن بىرەر سائەت كېيىن كېلىپ ئەمەلدارلىق ئۈستىلىدە غادىيىپ ئولتۇرۇپ، مۇئاۋىنلارنىڭ دوكىلاتىنى ئاڭلاشقان ئادەتلەنگەن ئادەمنى يېرىم سائەت بۇرۇن مېڭىشقا ئالدىراتقان قىز ئىكەنلىگىنى قىياس قىلىپ، ئىمىتھان بىرىدىغان ئۇ قىز بولماستىن خۇددى ئۆزى ئىمتىھان بېرىدىغاندەك تۈگمىلىرىنى بىر قۇر تەكشۈردى، ئەتىگەن مېڭىش ئالدىدا ئەينەك ئالدىدا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ھايال بولغانلىغىنى ئۇنتۇپ، ئەينەك ئىزدىگەندەك ئەتراپقا سەپسالدى، ئۇ كۆرۈپلا تونىدى، راسىتنلا تۈنۈگۈن ئۈندىداردا كۆرۈشكەن جەمىلە ئىدى. تۈنۈگۈن ئۈندىداردا ئۇ گىرىم قىلمىغاندەك تەسىر بەرگىنىدى، ئەمما بۈگۈن ئۇ قېنىق گىرىم قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قېشى تۈنۈگۈنكىدىن ھەم قارا ھەم بىر ئاز توم بولۇپ قالغاندەك كۆرۈندى.  لاك سۈركەلگەن لىۋى خۇددى تولۇق پىشقان گىلاسنى ئەسلەتسە ئىككى مەڭزىدىكى زىنىقى بۇلاقنى، كۆتىرىپ چىققان كۆكسى تاغ چوققىسىنى، مۆرىسىگە تاشلىنىپ تۇرغان قوڭور سومبۇل چېچى تاغدىكى يېشىل ئورماننى، ئويناپ تۇرغان كۆزى كېيىك بالىسىنى ئەسلىتەتتى، كورىيەنىڭ بىر تۈگمىللىك كۆپتىسى زىلۋا ئۇستىخىنىغا لىق كەلگەن بولۇپ، تاغ چوققىسىدەك چوقچۇيۇپ چىققان كۆكسى كوپتىسىنى تىشىپ چىقىدىغاندەك كۆرىنەتتى، تولغان ساغرىسىنى سەللا ياپقان يوپكىسى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياراشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتاپ كۆرمىگەن پاچىغى ۋە يوتىسىنى تېخىمۇ ئاق، سۈزۈك كۆرسىتەتتى...
-سىز تۈنۈگۈن ئۈندىداردا كۆرۈشكەن جەمىلە بولامسىز؟- ئىسرايىلنىڭ خىيالى ئۈزۈلۈپ بۇ گەپنى دېگەنلىگىنى ئۆزىمۇ ئۇقالمىدى.
-سىلە، ھە، باش دىرىكتۇر...،- جەمىلە "ۋىللىدە" قىزىرىپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتى.
-ھە، شۇنداق، قېنى مەرھەمەت!- ئىسرايىل دۇدۇقلىغىنىچە بىنانىڭ ئىشىگىنى كۆرسەتتى.
-مەرھەمەت!- جەمىلە ناز قىلىپ ئىسرايىلنى ئالدىن مېڭىشقا شەرەت قىلدى. ئۇلار ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ "باش دىرىكتور ئىشخانىسى" غا كىرىپ كەلگەندە ئىشخانىنىڭ بېزىلىشى، سەرەمجانلاشتۇرۇلىشىنى كۆرگەن جەمىلەنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى، ئۇ كىنو، تېلىۋزىيە فىلىملىرىدا شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ ئىشخانىسىنى كۆرگەن، ھىكايە، پوۋسىت، رومانلاردىمۇ ئوقىغان، بىراق كۆرگىنى بىلەن ئوقىغىنىدىن ئاسمان زېمىن پەرق قىلاتتى. كەڭ ئىكرانلىق تېلىۋىزور، كومپيوتىر، چەتئەلنىڭ ئالى دەرىجىلىك كىرىسلوسى... قاتارلىقلار كىشىنى ئەيمەندۈرەتتى.
-قېنى ئولتۇرۇڭ!- دېدى ئىسرايىل تېخىچە ئولتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان جەمىلەنى ئولتۇرۇشقا شەرەت قىلىپ.
جەمىلە تېخىچە ھەيرانلىق ئىلكىدە ئىشخانىنىڭ كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن بېزەكلەرگە سەپسېلىۋاتاتتى، ئىسرايىل يەنە ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلدى؛
-تارتىنماي ئولتۇرۇڭ!- ئۇ كىرىسلونى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.
جەمىلە ئولتۇرۇشتىن ئاۋال قول سومكىسىدىن ئارخىپ ماتىرىياللىرىنى ئىسرايىلغا بەرگەندىن كېيىن ئىسرايىل كۆرسەتكەن كىرىسلودا ئولتۇردى، ئەمما ئۇ تېخىچە ئىشخانىغا سەپسېلىۋاتاتتى.
-ئارخىۋىڭىزدىن قارىغاندا بولىدىكەن،- دېدى ئىسرايىل ئارخىپلارنى دەسلەپ ئالغان ئارخىپ خالتىسىغا سېلىۋېتىپ،- كەسىپىمۇ ماس كېلىدىكەن،- ئۇ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ئەسلى سىناق مۇددىتى ئالتە ئاي بولاتتى، ئەمما سىز ئۈچ ئاي ئىشلەپ...
-تاك! تاك! تاك!- ئىشىكنىڭ يەكگىل چىكىلىشى ئىسرايىلنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ قويدى.
-كىرىڭ!- ئىسرايىلنىڭ ئىجازەت بېرىشى بىلەن خىزمەت فورمىسى كەيگەن، يېشى جەمىلەدىن خېلىلا چوڭ بىر ئايال پەتنوستا بىر نەرسە كۆتۈرۈپ كىرگىنىچە ئىسرايىلنىڭ شىرەسىگە قويۇپ دېدى؛
-باش دىرىكتور، قەھۋەيىڭىز!
-مېھمانغىمۇ ئەكىرىڭ!- ئىسرايىل يوقارقى گەپنى دەپلا دەرھال جەمىلەگە قاراپ سورىدى،- سىز قەھۋە ئىچەمسىز ياكى چايمۇ؟
-بولدى، مېنىڭ ئەتىگەندە بىر نەرسە ئىچكۇم يوق!- دېدى جەمىلە كېسىپلا.
-تارتىنماڭ، ئىشخانامدىن قۇرۇق چىقىپ كەتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟- دېدى،- جەمىلەگىمۇ قەھۋە ئەكىرىڭ!
ئۇلار قەھۋە ئىچكەچ ئۇزاق پاراڭلاشتى، جەمىلە بۇ "يۈز تورانە ئىمتىھان" دىن ئوڭوشلۇق ئۆتۈپ قوبۇل قىلىنغانلىغىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كىرگەن چاغدىكى قورونۇشىلاردىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، خۇددى قەدىناسلاردەك يۈرەك باغرىنى تۆكىۋەتتى، ئۇ ئائىلە ئەھۋالى ۋە باشقا ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلىرىنى قالدۇرماي سۆزلەپ، ئىسرايىلدا "قارىغاندا خاتا تاللىماپتىمەن" دېگەن تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، جاۋغىيىدا كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن سورىدى؛
-ئۇنداقتا قاچان ئىشقا چۈشەلەيسىز؟
-قاچانلا دىسىڭىز مەن تەييار،- دېدى جەمىلە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ،- ئەتىلا ئىشقا چۈشسەممۇ بولىدۇ.
-...
-...
جەمىلە خىزمەت مەسلىسىنىڭ بۇنداق تېز ھەل بولۇشىنى ھەمدە كەسىپكە بۇنداق ماس كېلىشىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەچكە تولىمۇ خۇشال ھالدا ئىسرايىلنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقتى...
كىشىلىك تۇرمۇش ھەرگىز كىچىك چاغدىكى "ئۆي" ئېتىپ ئوينايدىغان"ئويۇن" ئەمەس، ئۇ ھاياتلىقنىڭ مۇساپىسى، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنىڭ سىناق تېشى، ئىنساننىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور ئارزوسى، ئۆرپ-ئادەت جەريانىدىكى چاكىنىلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆزىگە مىزان قىلىپ، ئۇنى ھەرىكىتىگە سىڭدۈرۈش بولۇپ، ئۇنى ئۆز پەزىلىتىدە نامايەن قىلىدۇ، كىشىلىك تۇرمۇشتا سۆيگۈ توغرىسىدا قەسەم قىلغانلار ھەقىقى سۆيگۈنىڭ نىمىلىگىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، ۋاقىتلىق سۆيۈلگەن بىلەن سۆيۈلۈش ھۇزۇرىدىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولالمايدۇ...
ھەر قانداق ئىنسان سۆيگۈگە، مىھرى-مۇھەببەتكە مۇھتاج بولغىنى ئۈچۈنلا بۇ دۇنيا مىھىرى-مۇھەببەتكە تولغان. چىن سۆيگۈ، مىھىرى-مۇھەببەت تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان غايىۋى كۈچ، روھى ئوزۇق، سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا، ئاسىيىلىق قىلماسلىققا ئۈندەيدىغان غايىۋى كۈچ. شۇڭا ھەر قانداق كىشى مىھىرى-مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئىنتىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەدەل تۆلەش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك، بېلىگە شىجائەت كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ، سۆيگۈ ئۈچۈن شام كەبى كۆيۈش، پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئاتىغاندىلا باشقىلار تەرىپىدىن سۆيىلىدۇ، باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلەيدۇ...
ساداقەت بىلەن ئىسرايىلنىڭ مۇھەببىتى، سۆيگۈسى بىر قېتىملىق ئۈندىدار بىلەن سۆزلىشىشكە بەرداشلىق بېرەلمىدى، چاك-چېكىدىن پارچىلاندى، تېخى ئالدىنقى ئايدىلا ھەر قېتىملىق ئۈندىدار بىلەن دىدارلاشقاندا ئىسرايىلنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان "قەسەم" لەر ساداقەتنىڭ يات ئەلدىكى ئايرىلىش ئازابىدىن بەزگەن كۆڭلىنى بەزلەش بىلەن مەلىكە بولسا، گاھىدا ساداقەتكە ئەبەدىيىلىك خىسلىتىنى نامايەن قىلىپ، ساداقەتنى خۇددى ئاسماندىكى ئاپئاق بولۇتلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، پارلاق ئىستىقبال گۈلزارلىقنى، بۈيۈك ۋىسال دەقىقىلىرىنى، لىرىكىغا تولغان چىمەن باغلارنى، مۇھەببەت كۆۋەجەپ دولقۇنلىغان دېڭىز-ئوكيانلارنى سەيرە قىلغۇزۇپ، ۋەتىنىنى، مۇھەببىتىنى، سۆيگۈسىنى ئۇنتالمايدىغان كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇپ، بۇرۇنراق ۋەتىنىگە قايتىپ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇساپىسىنى، ئۇنى توختىماي ئالغا ئىلگىرلەشكە ئۈندەيدىغان مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشكە دالالەت قىلغان بولسا، ئاشۇ بىر قېتىملىق ئۈندىدار ئۇنىڭ بارلىق قەسىمىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ جەمىلە بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ كېتىشى ھەممەيلەننى بولۇپمۇ ئۇنىڭ ساداقەتكە توي قىلىش تەكلىۋىنى قويغاندىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئاشۇ كەچمىشلەرنى خۇددى ھارام بولۇپ قالغان قوينى ئارزۇلايدىغان مىۋىلىك دەرەخنىڭ تۈۋىگە كۆمۈۋەتكەندەكلا كۈمۈۋەتتى. تۇرغۇن سۇنىڭ ئايغىدىكى توغاننى ئېلىۋېتىپ، ئاياغقا ئېقىتىۋەتتى، ئارزۇلاپ چىكىسىگە قىسقان گۈلنى ماجغاپ تۈزىتىۋەتكەندەكلا تۈزىتىۋەتتى...
ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ تۈپ پەرقى شۇ ئىكەنكى ئۇنىڭ بىرىدە ئەخلاق بىلەن پەزىلەتنىڭ، غورور بىلەن قەدىر-قىممەتنىڭ بولغانلىغى ئۈچۈندۇر، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ھايۋاننىڭ ئادەم بولىشى ئاسمانغا شۇتا قويماي چىقىشتىنمۇ تەس، لىكىن ئادەمنىڭ ھايۋانغا ئايلىنىشى بىر قاچا سۇنى ئىچىپ قاچىنى يەردە قويغۇچىلىك ئارىلىقتىنىمۇ قسقا دېگىنىنىڭ ئاساسى بارلىغىنى ھېس قىلدىم.
ساداقەت چەتئەلگە بارغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىسرايىلنىڭ ھەپتىدە بىر –ئىككى قېتىم ئۈندىدار بىلەن ئۇزاق پاراڭلىشىدىغان ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىپ، بىرەر ئايدا بىرەر قېتىمغا، بارا-بارا ساداقەت ئىزدىمىسە ئىزدىمەيدىغانغا ئالماشتى. سۆزلەشكەندىمۇ بىرەر-ئىككى ئېغىز ئەھۋال سوراپلا ئىشنىڭ ئالدىراشلىغىنى باھانە قىلىپ تېلىغۇنىنى تېزلا قويىۋىتىشى ساداقەتتە گۇمان پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چاچتى.
بىر كۈنى ساداقەت ۋاقىتنى ئىسرايىلنىڭ ئورنىدىن تۇرىدىغان ۋاقىتقا توغرىلاپ تېلىغۇن ئوردى. تېلىغۇن ئۇلىنىپ خېلىغىچە ئادەم چىقمىغاندىن كېيىن ساداقەت تېخىمۇ گۇمان قىلىپ قايتا ئۇرىۋىدى، تېلىغۇن ئۇلىنىپ خېلىدىن كېيىن يانغۇندا بىر قىزنىڭ ئاۋازى ، ئارقىدىنلا بىر بوۋاقنىڭ يىغىسى ئاڭلاندى.
-ۋەي، بۇ ئىسرايىلنىڭ يانغۇنى ئىدىغۇ؟- دەپ سورىدى ساداقەت يۈرىگى خۇددى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇپ ئالاقىزادە بولۇپ.
-شۇنداق، سىز كىم بولىسىز؟- قارشى تەرەپنىڭ سۇئالىنى بوۋاقنىڭ يىغىسى بېسىپ كېتىپ، ساداقەت قارشى تەرەپنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىيالمىدى.
-مەن ئىسرايىلنىڭ چەتئەلدە ئوقىۋاتقان ئايالى ساداقەت بولىمەن!- دىيەلىدى ساداقەت يۈرىگى ئاغزىغا قاپلىشىپ قېلىپ، ئۇ بىر ئازدىن كېيىن ئۆزىنى ئوڭشۋېلىپ قايتا سورىدى،- سىز كىم بولىسز؟
-مەن ئىسرايىلنىڭ خوتۇنى بولىمەن!...
-نېمە؟ قانداقسىگە سىز خوتۇنى بولىسىز؟- دېدى جەمىلە ساداقەتنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- سىلەر ئاجرىشىپ كېتىپتىكەنسىلەرغۇ؟
-...
-...
ئۇلار ئۈندىداردا ئۇرۇشىۋاتقاندا ئىسرايىل تازىلىق ئۆيىدىن چىققانچە كېلىپ يانغۇنىنى تارتىۋېلىپ، كونۇپكىسىنى بېىسۋەتكەندىن كېيىن يانغۇنىنى پەگەغا ئېتىپ جەمىلەگە ۋارقىرىدى:
-مەن سىزگە باشقىلاردىن كەلگەن تېلىغۇننى ئالماڭ! دەپ قانچە قېتىم دەيمەن؟
-مەنمۇ دەسلەپ ئالمىغان!-دېدى جەمىلە بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ بەزلىگەچ،- ئەممە جىرىڭشىۋەردى، بالا ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن دەپ....،- جەمىلە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى،- سىز ماڭا "بىز ئاجرىشىپ كەتكەن" دەپ قەسەم ئىچكەن ئەمەسمىدىڭىز؟
-شۇنداق، بىز ئوقۇشقا ماڭىدىغان چاغدىلا ئاجرىشپ كەتكەن!- دېدى ئىسرايىل كېسىپلا،- نىكاھتىن ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسىنى سىزگە كۆرسەتكەن ئىدىمغۇ؟
-ئۇنداقتا، ئۇ خۇتۇن نىمىشقا "مەن ئىسرايىلنىڭ خوتۇنى" دەيدۇ؟
-...
-...
ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىر ئېغىز گەپتىن قالماي تالاش-تارتىش ئاخىرى جىدەل بىلەن ئاخىرلاشتى...
X  X  X  X
ئىسرايىلنىڭ جەمىلەنى شىركەتنىڭ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۆزىگە كاتىپ قىلىۋالغاندىن كېينلا ساداقەتنى، ساداقەتنىڭ ئەقىدىسىنى ئۇنتۇپ، جەمىلەگە تەلەپ قويدى، جەمىلە ئىسرايىلنىڭ خوتۇنى بارلىغىنى ئاڭلىغان ئىدى، شۇڭا ئۇ ئىسرايلنىڭ ئۆيىنى بۇزۇشنى راۋا كۆرمەي سىلىقچە رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما جەمىلەگە كانىدەك چاپلىشىپ، ئاجايىپ ۋەدىلەرنى بەردى ھەمدە ساداقەت بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىگىنى ئېيتىپ، دەبدەلىك ۋەدىلەرنى بەردى، قورقۇنچلۇق قەسەملەرنى قىلدى.
پۇلى بارلارغا بارنى يوق قىلىش، يوقنى بار قىلىش ئوڭاي ئىش ئوخشايدۇ، بىر كۈنى ئۇ بىر نىكاھتىن ئاجىرىشىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىپ دېدى؛
-ئەمدىغۇ ئىشەنگەنسىز؟- دېدى ئۇ ئاجراشقانلىق گۇۋاھنامىسىنى جەمىلەنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ،- مەن راست ئاجراشمىغان بولسام سىزگە ئاجراشتىم دەمدىمەن، ھازىرقى چاغدا قانداقمۇ قانۇن بىلەن ئويناشقىلى بولسۇن؟ شەرىئەت بويىچە ئېيتقاندىمۇ، خوتۇنى تۇرۇپ خوتۇنۇم يوق دېسە، ئاجراشماي تۇرۇپ، ئاجرىشىپ كەتكەن دېسە، ئۇ خۇتۇن راۋا بولمايدۇ...،-نۇرغۇن يالغان-ياۋدىداق سۆزلەرنى قىلىپ جەمىلەنى ئىشەندۈردى.
ئەمەلىيەتتە ئىسرايىلنىڭ جەملەگە كۆرسەتكىنى ساختا توي خېتى بولۇپ، ھازىرقى پۇلنىڭ ساختىسى، ھەر خىل كىنىشكا، بېلەتلەرنىڭ ساختىسىنى ياسايدىغانلار، ئادەمنى كېلىنلىغانلار نىكاھتىن ئاجرىشىش كىنىشكىسىنىڭ ساختىسىنى ياسىيالماسمۇ؟ ئۇنى كېلىنلىيالماسمۇ؟
جەمىلە ئىشەندى، بىراق ئۇنىڭ كۆڭلى دەككە-دۇككىدىن خالى بولالمىدى، گەرچە جەمىلە ئىسرايلغا ناھايىتى بۇدرۇق بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ئەر-خوتۇنلۇق نىكاھلىنىش كىنىشكىسى يوق، ئۇلار توي قىلمايلا بىر ئۆيگە كىرىۋالغان، نىكاھلىنىش كىنىشكىسى ئالمايلا بالىلىق بولغان، جەمىلە ئۆزى كەتكۈزۈپ قويغان بولغاچقا، ئىسرايىلنىڭ يالغان-ياۋداق گەپلىرىگە ئىشىنىپ ھازىرقى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. ئۇ ئىسرايىلنى "قوش نىكاھلىق" دەپ ئەرز قىلىشنى ئويلىمىدى ئەمەس، ئۇ ئويلىدى، بىراق ئۇ ئەرز قىلسا، ئىسرايلىنىغۇ جازالا، ئەمما جەمىلەمۇ خىزمىتىدىن، ھازىرقى تەمىناتىدىن قۇرۇق قالىدىغان گەپ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ بالىسىچۇ، ئۇنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى "نىكاھسىز تۇغۇلغان" دېگەن ئاھانەتتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇ تەقدىرىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتەلمەيدۇ، تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئۈچۈرىۋېتەلمەيدۇ، ئانا-بالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى تېخىمۇ قوغدىيالمايدۇ...
جەمىلە بۇلارنى ئويلاپ بىر قانچە كۈن شىلتىڭ ئېتىپ باققان بولسىمۇ، ئاخىرى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، ئەمما ئىسرايىل كۆڭلىدە كىشلەر تەسەۋۋۇرىدىن خېلى يىراق بىر "چوت" نى سوقۇپ ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي يۈرىۋەردى ۋە شىركەتنىڭ تېلىغۇنى، ئۆي تېلىغۇنى، ئۈندىدار نومۇرلىرىنى تارتىپ ئالماشتۇرۇپ، ساداقەت بىلەن بولغان ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزدى، ئۇ كۆڭلىدە: يامىنى كەلسە بالىلىق بولايلى دېگەندە ساداقەتنىڭ ئارقىغا سوزۇپ ئاخىرى ئوقۇشقا كېتىۋالغانلىغىنى، ماڭدىغان چاغدا ھەر يىلى بىر قېتىم كېلىشكە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بىر كەتكەنچە يوق بولۇپ كەتكەنلىگىنى باھانە قىلىپ، ئاجرىشىپلا "ئىش تامام ۋەسسالام" قىلىدىغانلىغىنى ئويلايتى...
ساداقەتنىڭ بېشىدىلا چاقماق چېقىلىپ، خۇددى چاقماق سوققان ئادەمدەك ئىڭراپلا جايىغا يىقىلدى، ئۇ بۇنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈش بولۇپ چىقىشىنى خېلىدىن كېيىن ئويلىدى. "بۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ"؟ ئىسرايىلنىڭ ۋەدىلىرى، ئۇنىڭ قەسەملىرى ئۇنىڭ ئېسىدىن كەچتى "بۇ مۇمكىن ئەمەس!" دەپ ئويلىدى ئۇ، بىراق ئۈندىداردىكى ھېلىقى قىزنىڭ ئاۋازىنى، بۇۋاقنىڭ يىغىسىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارقىدىنلا تېلىغۇن ئۇرغاندا تېخى بايىلا سۆزلەشكەن، بوۋاقنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىغان ئۈندىدار ئېتىك تۇرسا قانداقسىگە قاباھەتلىك چۈش بولسۇن؟"
شۇ مىنوتتىن باشلاپ ساداقەتنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، يىگىنى تاماق بولمىدى، ئەگەر ھازىر ۋەتەندە بولغان بولسا، ئىسرايىلنىڭ يۈزىگە بىر قانچىنى تۈكۈرىۋالغۇسى، ئۈن ئالغۇغا ئېلىۋالغان قەسەملىرىنى قويۇپ بېرىپ، بىر قانچە ئېغىز گەپ قىلىۋالغۇسى كېلەتتى. بىراق ئامال قانچە؟! ئەگەر ئۇ بۇ ئوقۇشقا كەلمىگەن بولسا بۇنداق ئىشمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى. شۇ مىنوتتىن باشلاپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا دەرس كىرمىدى، يىگىنى تاماق بولمىدى، ئۇنىڭ دەرھال ۋەتەنگە ئوتتەك قايتىپ ئەھۋالنى ئۇققۇسى، سەۋەبىنى بىلگىسى كەلدى، ئۇ يەنە بىر ئايدىن كېيىن دىسىرتاتسىيە ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئەڭ كىچىككەندە ئىككى ئايدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتالايتى، ئەمما ئۇنىڭ ئىككى ھەپتە، ياق ئىككى كۈنمۇ تۇرغۇسى كەلمەي، دەرھال قايتىش ئۈچۈن ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلدى، ئۇنىڭ بۇ قارارىنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپ ئەسلا بىلمەيتى، ئۇ ئايروپىلان بېلىتنى زاكاز قىلىپ بولغاندىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىغا بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويۇپلا ۋەتەنگە قاراپ ئۇچتى...
ساداقەت يا دوختۇرخانىغا ياكى تونۇش –بىلىشلەرگىمۇ خەۋەر قىلمىدى، ئايروپىلان بۇ مەركىزى شەھەردىكى خەلقىئارا ئايروپورتقا قونغاندا كېچە سائەت 12 دىن ئاشقان بولۇپ، ساداقەت يۈك-تاقىلىرىنى ئالغاندىن كېيىن ھېچ تەرەپكە قارىمايلا ھەممىنىڭ ئالدىدا كۈتۈش زالىغا چىقتى.
يېرىم كېچە بولۇپ قالغاچقىمۇ ئادەم ئالغىلى چىققانلار ئايروپىلان بىلەن كەلگەنلەردىن كۆپرەك ئىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قولىدا گۈل، بەزىلەرنىڭ قولىدا كىچىك بالا، بەزىلەرنىڭ قولىدا ئىسىم يېزىلغان قەغەز بار بولۇپ، ساداقەتنىڭ ئالدىغا چىقىدىغان ئادەم بولمىغاچقىمۇ، ئۇ خۇددى خەلقىئالەم ئالدىدا بىر گۇناھ سادىر قىلىپ قويغان ئادەمدەك يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئۇدۇللا ئىشىككە قاراپ ماڭدى، نىقىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆزى جېيىكى نەملەنگىنىدى...
ساداقەتنى شاقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇر قارشى ئالدى. ئۇ تاكسى توختاش مەيدانىغا بارغىچە ئۇ خۇددى سۇغا پىشلىغان توخوغىغا ئوخشاپ قالغىنىدى، ھېلىھەم ياخشى بىر تاكسى شوپىرى يالغۇز كېلىۋاتقان ساداقەتنىڭ ئالدىغا يۈگىرەپ بارغىنىچە، ئۇنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىغىنى سورىمايلا ئۇنىڭ يۈك-تاقىلىرىنى قولىدىن ئېلىپ، ئاۋال تاكسىنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ ساداقەتنى ئولتۇزغوزىۋەتكەندىن كېيىن ماشىنىنىڭ ئارقىسىنى ئېچىپ يۈك-تاقىلارنى ئارقىغا ئورۇنلاشتۇردى ۋە شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇردىن ۋايسىغىنىچە تاكسىغا چىقىپلا ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.
شوپىر ئايروپورتتىن شەھەر رايۇنىغا كىرگىچە ساداقەتتىن گەپمۇ سورىمىدى، ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە تاراسلاپ تىگىشىۋاتقان يامغۇر ئاۋازى بىلەن ئالدى ئەينەكتىن سۈرتىۋاتقان ئەينەك سورتكۈچنىڭ ئاۋازى قۇشۇلۇپ چىقارغان يېقىمسىز ئاۋاز كىشى كۆڭلىنى غەش قىلاتتى.
-ئاچا، قەيەرگە بارىسىز؟- تاكسى شوپىرى 20 نەچچە ياشلاردىكى بالا بولۇپ، ساداقەتنىڭ خىيالىنى بۆلدى.
-ھە، جەنۇبى تاغدىكى داچا رايۇنىغا!- دېدى ساداقەت ئىسىنى يىغىپ.
شوپىر يىگىت ئەسلىدىن كەمسۆزمۇ ياكى ساداقەتنىڭ سۈرۈن تەلەتىگە قاراپ گەپ قىلغۇسى كەلمىدىمۇ باشقا گەپ سورىمايلا سۈرئەتنى تىزلىتىپ يۈرۈپ كەتتى، ئىككى تەرەپتىكى قەۋەت بىنالارنىڭ چىراغلىرى خۇددى يۇلتۇزلاردەك كۆزىنى قاماشتۇراتتى، يامغۇر توختايدىغاندەك ئەمەس، بايامقى يېقىمسىز ئاۋاز قۇلاققا ئاڭلىناتتى. تاكسى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرگەندىن كېيىن ساداقەت دېگەن داچا رايۇنىغا يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغاندا تاكسى بىر قۇرۇلۇش مەيدانىغا دۇچ كېلىپ تۇسۇلۇپ قالدى.
-ھە، راست، ئاچا، بۇ يەرگە كۆتۈرمە يول ياساش باشلانغىلى خېلى بولغان، شۇڭا سىز دېگەن داچا رايونىغا بارغىلى بولمايدۇ،- دېدى شوپىر خېجىل بولغاندەك،- يامغۇر قاتتىق يېغىۋاتىدۇ، يۈك-تاقىڭىز خېلى بار ئىكەن، شۇڭا....،- شوپىر يىگىت گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتى.
داچا رايۇنىغا خېلى بار ئىدى، شۇڭا شوپىر ماشىنىنى توختۇتۇپ ساداقەتكە سۇئال نەزىرىدە قارىدى.
-بۇ...بۇ..،- ساداقەت نېمە قىلارىنى، نېمە دىيىشىنى بىلمەي بىر ئاز تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن شوپىرغا يېلىنىش ئاھاڭىدا دېدى،- ئارقىمىزغا قايتىپ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن سولغا قايرىلساق تاغ باغرىغا سېلىنغان كەپە ئۆيلەر بار، شۇ يەرگىچە ئاپىرىپ قويسىڭىز، ئىككى يۈز مېتىرچە ئايلىنىپ ماڭساق داچا رايۇنىغا بارغىلى بولاتتى.
-ئۇ يولنى مەنمۇ بىلىمەن،- دېدى شوپىر يەنە دېلىغۇلدا بولۇپ،- بىراق يامغۇر بۇنداق قاتتىق يېغىۋاتسا، ئۇ يول بەك پاتقاق بولۇپ كېتىدۇ، سىز ئۆزىڭىز قىينىلىپ قالارسىزمىكىن؟
-ئامال يوق!- دېدى ساداقەت،- شۇنداق ماڭايلى، مەن كىراغا قۇشۇپ بېرىمەن...
-مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس!- دېدى شوپىر بالا دەرھال ماشىنىنى ئارقىغا بوراپ،- مېنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم، يول بويىدا بىرەر ئورۇق-تۇغقانلارنىڭ ئۆيى بولسا، شۇ يەرگە ئاپىرىپ قويسام، ياكى يېقىن ئەتراپتىكى بىرەر...،- شوپىر گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتى، ئۇ كۆڭلىدە "بىرەر مېھمانغا چۈشۈپ تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بارسىڭىز!" دىمەكچى ئىدى.
-بولدى، مېڭىۋىرەيلى!- ساداقەت ئەسلىدە دوختۇرخانىدىن بەرگەن ئۆيىگە بارسىمۇ بولاتتى، لىكىن  ئۇ داچا رايۇنىدىكى داچىسىغا بېرىش قارارىغا كەلگەنىدى.
شوپىر گەپ –سۆز قىلمايلا ئارقىغا قايتىپ ساداقەت دېگەن يول بىلەن ماڭدى، ئۇ يول ساداقەت ئوقۇشقا ماڭغان چاغدا شېغىل يول ئىدى، ئەمما ھازىر ئاسغالىت يول قىلىنىپ، ئىككى تەرەپكە كوچا چىراغلىرى ئورنىتىلغىنىدى، ئۇلار ئاشۇ يول بىلەن 10 نەچچە مىنوت ماڭغاندىن كېيىن ساداقەت شوپىرنى توختاشقا بويرىدى؛
-بولدى، مۇشۇ يەردە توختۇتۇڭ!- ساداقەت قولى بىلەن جەنۇپ تەرەپنى كۆرسەتتى،- ئەنە، ئاشۇ تانۇ بىلەن كىرسەم 10 مىنوتقا قالمايلا ئۆيگە كېرەلەيمەن،- ساداقەت ماشنىدىن چۈشمەكچى بولۇپ، تاكسىنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن بىر ئىش يادىغا يەتكەندەك ئىشىكنى قايتا يېپىپ، قول سومكىسىدىن 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ شوپىرغا تۇتقۇزغاندىن كېيىن دېدى،- رەھمەت سىزگە، بولدى ئاشقىنىنى قايتۇرماڭ، سىزنى بەك ئاۋارە قىلدىم...
-ئۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ؟- دېدى شوپىر بالا 30 يۈەننى ساداقەتكە تەڭلەپ،- بۇ دېگەن بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز.
-...
-...
ئۇلار خېلىغىچە تالاشتى، ھېچقايسىسى بىر-بىرىگە يول قويمايتى، قارىغاندا يەنىلا ئاددى كىشىلەرلا پۇل ئالدىدا كۆزىنى قىزارتمايدىكەن، ئاخىرى ساداقەت قايتۇرغان پۇلنى ئېلىپ، سومكىسىغا سالغان بولۇپ، تاكسىغا بىلىندۈرمەي تاشلاپ قويغاندىن كېيىن ماشنىدىن چۈشكەندە شوپىر بالا بىر قولىدا يامغۇرلۇقنى تۇتۇپ، ساداقەتنىڭ يۈك-تاقىلىرىنى چۈشۈرىۋاتاتتى.
-ماۋۇ يامغۇرلۇقنى تۇتىۋېلىڭ!- دېدى شوپىر بالا بىر قولىدا تۇتىۋالغان يامغۇرلۇقنى ساداقەتكە تەڭلەپ.
-بولدى، يۈك-تاقام كۆپرەك،- دېدى ساداقەت قولىدىكى بىر چامداننى ئېلپ،- يامغۇرلۇقنى بىر قولۇمدا تۇتسام، بىر قۇلۇمدا يۈك-تاقامنى ئېلىپ ماڭالمايمەن.
ئەمەلىيەتتە ساداقەتنىڭ يۈك-تاقىلىرىنى كۆپ بولۇپ، ئىككى چامدان، بىر دانە يېشىك قاتارلىقلار بار ئىدى، بۇ ئەھۋالدا ئىككى قولى بىلەن ئېلىپ مېڭىشقىمۇ تەس ئىدى.
-ئۇنداق بولسا مەن سىزنى ئىشىگىڭىز ئالدىغىچە ئاپىرىپ قوياي!- دېدى شوپىر، ساداقەتنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي يامغۇرلۇقنى ساداقەتكە تۇتقۇزۇپ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا ئىككى چامىداننى ئۆزى ئىككى قولىدا كۆتۈرۈپ،- ماۋۇ يېشىكنى سىز ئېلىڭ!- شوپىر شاقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا پىسەنت قىلماي ئالدىدا ماڭدى.
-بۇ...بۇ...،- ساداقەت دۇدۇقلىنىغىچە ئىلاجىسىز بىر قولىدا يامغۇرلۇق بىر قولىدا يېشىكنى تۇتۇپ شوپىرغا ئەگىشىپ ماڭدى.
يامغۇر قېرىشقاندەك تېخىمۇ قاتتىق يېغىۋاتاتتى، ئۇلار ئۆتىدىغان تانۇ بەك تار بولۇپ، ئىككى ئادەم ياندىشىپ ماڭالمايتى، تانۇنىدىكى يول ئازگال (پەس) ھەم توپا يول بولغاچقا يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۈيى ئۇ يولنى كاكۇل لايغا ئايلاندۇرۇپ ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كېيىم بىلەن مېڭىش تولىمۇ تەسكە توختىدى، ھەي، ساداقەت بۇنداق بولىشىنى بىلگەن بولسا ئۇنىڭ تەنتەربىيە ئايىغى، شوينىلىق ئايىغىمۇ بار ئىدى-غۇ؟ ئۇ نىمىشقا ئويلىماي سەپەر ئۈستىدىمۇ ئىتالىيىدىن 1000 نەچچە ياۋروغا سېتىۋالغان ئىگىز پاشنىلىق توپلەرنى كېيۋالغان بولغىيىتى؟!
ئىچكىرلەپ ماڭغانسىرى ساداقەت پۇتىنى پەقەت يۆتكىيەلمىدى، پۇتىنى يۆتكىگەن ھامان ئۇنىڭ توپلىيى لايغا پېتىپ، پۇتىدىن چۈشۈپ قالاتتى، ئۇ ئىككى قېتىم لاينى مالتىلاپ چۈشۈپ قالغان ئاياغنى يامغۇرلۇق بىلەن قۇشۇپ تۇتۇپ ماڭغان بولسىمۇ، بىر قانچە قەدەم ماڭمايلا يەنە بىر پۈتىدىكى توپلەيمۇ لايغا پېتىپ قالدى، ئۇنىڭ بەكلا ئاچچىغى كەلدى، "شۇنچە كۆپ نەرسىنى يوقاتقان تۇرۇپ، 1000 نەچچە ياۋروپالىق نەرسىنى تاشلىۋېتىشكە نىمىشقا كۆزۈم قېيمايدۇ؟" دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە غودراپ ۋە قولىدىكى بىر پاي توپلەينى غەزەپ بىلەن "پالاققىدە" لايغا تاشلاپ، شوپىر بالىغا يېتىۋېلىش ئۈچۈن يالاڭ ئاياغ پېتى قەدىمىنى تېزلەتتى. "ۋايجان!" دېدى ساداقەتنىڭ پۇتىغا ئەينەك پارچىسىمۇ ياكى مىخمۇ بىر نەرسە كىرىپ خۇددى بىرىسى بىتۇيۇق بېگىز سانجىۋەتكەندەك قاتتىق ئاغرىپ... ئاسماندىكى ھەممە يامغۇر يىغىلىپ مۇشۇ خالتا كوچغىلا چۈشۈۋاتقاندەك قاتتىق يېغىۋاتاتتى، "ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك" دېگەندەك يالاڭ ئاياغ كېتىۋاتقان ساداقەتنىڭ پۇتىغا بىر نەرسە كىرىپ قولىدىكى يامغۇرلۇق بىلەن بىر قولىدىكى يېشىك لايغا چۈشۈپ، ئۆزىمۇ لاي ئۈستىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى.
-نېمە بولدى؟- شوپىر بالا بىر قانچە قەدەم ئالدىدا ماڭغان بولۇپ، ساداقەتنىڭ ئەنسىز ۋاقىرىغانلىغىنى ئاڭلاپ يۈگەرگەندەك يېتىپ كەلدى.
-پۇتۇمغا...،- ساداقەت گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋېتىپ، پۇتىنى چاڭگاللىغىنىچە لايدا ئولتۇراتتى، قولىنى سوزسا ئالقاننى پەرق ئەتكىلى بولمىغىدەك قاراڭغۇدا شوپىر ساداقەتنىڭ ئولتۇرۇپ قالغانلىغىنىمۇ كۆرەلمەيتى.
شوپىر ئىككى قولىدىكى ئىككى چامداننى قويۇپ ياىدەملىشەي دېسە خالتا كوچا پۇتىكاپتەك لاي؛ قويماي دېسە، ساداقەتنىڭ بايامقى نىداسىدىن چوقۇم پۇتىغا بىر ئىش بولغانلىغىنى ھېس قىلىپ ئىچ ئاغرىتقان قىياپەتتە دېدى؛
-پۇتىڭىز قايرىلىپ كەتتىمۇ؟- دېدى شوپىر بالا ئۆز سەزگۈسىگە ئاساسەن،- ماڭالامسىز؟ ئەگەر ماڭالمىسىڭىز ماڭا ھاپاچ بولۇڭ!- ئۇنىڭ ئىككى قولىدا ئىككى چوڭ چامدان بار ئىدى.
-ياقەي، ئۆزۈم ماڭالايمەن!- دېدى ساداقەت پۇتىغا كىرىپ كەتكەن ئەينەك پارچىسىدەك بىر نەرسىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ.
ساداقەت سىيادەك قاراڭغۇ، چېلەك بىلەن ئۆستەڭدىن سۇ قۇيغاندەك شىددەتلىك يامغۇردا خۇددى چايان چاققاندەك ئاغرىققا چىداپ، لاي چاپلىشىپ، تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەن يېشىكنى تەستە كۆتۈرۈپ، چىشىنى چىشلىگىنىچە شوپىرنىڭ كەينىدىن قىياسەن ماڭماقتا.
20 نەچچە مىتىر ئارىلىق ساداقەتكە 20 نەچچە كىلومتىردەك بىلىندى، ئۇلار ئاخىرى داچىنىڭ ئالدىغا چىقتى.
-مانا بۇ مېنىڭ ئۆيۈم!- دېدى ساداقەت بىر دەرۋازا ئالدىدا توختاپ قولىدىكى لايغا مېلەنگەن يېشىكنى داچا دەرۋازىسى ئالدىدا قويغاندىن كېيىن مول سومكىسىدىن 100 يۈەن ئېلىپ شوپىرغا تەڭلەپ،- سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم، سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت...
-ئەرزىمەيدۇ!- دېدى شوپىر تەڭلىگەن پۇلدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،- بايام سىز كىرانى بېرىپ بولغان.
-...
-...
ئۇلار خېلىغىچە تالاشتى، بىراق شوپىر زادىلا ئالغىلى ئۇنماي گەپنى باشقا ياققا بورىدى.
-ئاچقۇچ بارمۇ-ياكى ...،- شوپىر گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتى.
-ئاچقۇچ بار،- ساداقەت دەرۋازىنىڭ بىخەتەرلىك قۇلۇپقىغا ئاچقۇچ سېلىۋىدى، قۇلۇپ ئېچىلدى،- بولدى سىز كېتىۋىرىڭ!
-ھېچ بولمىغاندا يۈك-تاقىلىرىڭىزنى ئەكىرىشىپ بېرىپ ماڭاي!- دېدى شوپىر.
-بولدى، رەھمەت، سىزنى ھىلىمۇ كۆپ ئاۋارە قىلدىم....،- ساداقەت دەرۋازىنى توسقاندەك شوپىرنىڭ ئالدىدا تۇرىۋالدى.
شوپىر ئىلاجىسىز ماڭدى، ساداقەت شوپىرنىڭ خالتا كوچىغا كىرىپ كەتكەنلىگىنى قىياس قىلغاندىن كېيىن يۈك-تاقىلىرىنى بىر-بىرلەپ داچا ئىشىگىنىڭ ئالدىغا توشوۋېلىپ ئاندىن داچا ئىشىكىگە ئاچقۇچ سالدى، ئىشىك ئىچىدىن تەتۈر تاقالمىغان بولۇپ ئوڭايلا ئېچىلدى، چوڭ ئىشىكتىن كىرشىگلا مېھمانخانا بولۇپ، بايام دەرۋازىدىن كىرگەندىكىدەك چىراقنى ياقمايلا يۈك-تاقىلارنى بىر-بىرلەپ توشوۋېلىپ ئاندىن چىراقنى يېقىپ داڭ قېتىپلا قالدى، چۈنكى مېھمانخانىنىڭ بۇرۇنقى سەرەمجانلاشتۇرىلىشى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋىتىلگەن بولۇپ، بۇرۇنقىدىنمۇ ئېسىل سەرەمجانلار تىزىلغىنىدى.
ئۇ مېھمانخانىنىڭ چىرىغىنىمۇ ئۈچۈرمەي 2-قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيگە ماڭدى.
ياتاق ئۆينىڭ ئىشىگى قىيا يېپىقلىق بولۇپ، ياتاق ئۆيگە كىرىپلا ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىگە جايلاشقان تونۇش جايدىكى كونوپكىنى باستى، چىراق "ۋاللىدە" يۈرۈشى بىلەن ساداقەت داڭ قېتىپلا قالدى.
-كىم؟- ئىسرايىل بىلەن ئۇنىڭ نىكاھسىز خوتونى يوتقاندىن بېشىنى كۆتەرگىنىچە تەڭلا ۋارقىرىدى، ئۇلارنىڭ ۋارقىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ نىكاھسىز بالىسىمۇ قىقىراپ يىغلىدى، ئىسرايىل ساداقەتنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان ھەم ھۆل، ئۈستېبېشى لاي بولغاچقا تونىمىدىمۇ ياكى قورقۇپ كەتكەچكىمۇ ئاغزى گەپكە كەلمەي خېلىدىن كېيىن كۆزىنى ئوۋىلىۋېتىپ كارۋاتنىڭ بېشىدا قويۇپ ياتقان توك كالتىگىنى ئېلىپ كالتە ئىشتاندىن باشقا كېيىم يوق يالىڭاچ پېتى يۈگىرەپ كېلىشىگە ساداقەت ئېغىزىنى ئاچتى.
-ئويلىمىغان بولغىيتىڭىز؟
-سىز، ساداقەت؟- ئىسرايىلنىڭ قولىدىكى توك كالتىگى يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ساداقەت جاۋاب قايتۇرمىدى، ئۇ ئۆي ئىچىگە سەپسالدى؛ ئەينى چاغدىكى ئىسرايىل بىلەن بىرگە تورغان ياتاق ئۆي، بۇرۇنمۇ ياتاق ئۆينىڭ تېمىغا بېزەك قەغىزى چاپلانغان بولۇپ، ھازىر قايتىدىن بېزەتكەندەك قىلاتتى. كارۋاتمۇ ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان كارۋات قويۇلغىنىدى، بۇرۇنقى كارۋات بېشى شىمال تەرەپكە قارىتىپ قويولغان، تامغا ئىسرايىل بىلەن ساداقەتنىڭ تويلۇق سۈرىتى ئېىسلغان بولۇپ، ھازىر كارۋات بېشى جەنۇپ تەرەپكە قارىتىپ قويۇلغان، كارۋات بېشى تەرەپتىكى تامغا ئىسرايىل بىلەن جەمىلەنىڭ سۈرىتى ئېسىلغىنىدى، ھەتتا پەردىلەرمۇ ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە يېڭىلانغىنىدى...
ساداقەتنىڭ جەمىلەنىڭ قېشىغا يۈگرەپ بارغانچە ئۇنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ، ئۇنى ھەيدەپ چىقارغۇسى، ئىسرايىلنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ، بۇرۇنقى قەسەملىرىنى ئېسىگە سالغۇسى بار بولسىمۇ لىكىن ئۇنداق قىلمىدى، ئۇنداق قىلمىدى ئەمەس چىش-يېرىپ بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمىدى، ئۇ نېمە دەيدۇ؟ ئۇ جەمىلەنى بوغۇپ، ئۇرۇشۇپ جاراھەتلەنگەن كۆڭلىنى ئەسلىگە ئەكىلەلەمدۇ؟ ئازاپلانغان قەلبىگە داۋا تاپالامدۇ؟ ئۇمۇ بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، بالا بولسا گۇناھسىز، شۇڭا ئۇ ھەممە خىيالىدىن ياندى، سۈكۈتنىڭ ئۆزى ئەڭ كۈچلۈك قارشلىق، سۈكۈت –ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىق...
ئادەم غەزەپلەنگەندە ھەرخىل خىياللارنى قىلىدۇ. ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككى سىكونت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەسەبىيىلىك كىشىنى مەڭگۈ پۇشايماندا قويۇش، داغدا قويۇشى، بەزىلەرنىڭ قۇرغان قاپقىنىغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، ساداقەت ئۆزىنى تۇتىۋالدى، ئۇ ھاياجاننىڭ، رەشىكنىڭ ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھەممىدىن بەك يەرگە ئورىدىغانلىغىنى بېلەتتى، چۈنكى ھاياجان، رەشىك دېگەنلەر سېنى ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدىغان خىسلەت بىلەن تامامەن زىت كېلىدۇ...
ساداقەت ياتاق ئۆيدىن چىقىپ مېھمانخانىغا چۈشۈپلا پولدىكى ئىزىغا قاراپ چۈچۈپ كەتتى، ئۇنىڭ پۇتىدىن قان ئېقىۋاتاتتى، ئۇ شۇ ھامان پۇتىنىڭ ئالقىنى خۇددى چايان چېقىۋالغاندەك ئاغرىپ كېتىۋاتقانلىغىنى، پۈتۈن بەدەننىڭ سىقىراپ ئاغرىۋاتقانلىغىنى سەزدى، ئۇ بۇ يەردە، بۇ ئۆيدە يىقىلىپ قالسا بولمايتى، ئۆلۈپ قالسىمۇ سىرتتا ئۆلۈش كېرەك، ئۇ ئاشۇلارنى ئويلاپ ئاغرىقنى ئۇنۇتتى، دەرھال جايىدىلا ئولتۇرۇپ، پايپىغىنى سېلىپ، بىر پارچە ئەينەك پارچىسىنىڭ تېخىچە پۇتىدا ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ، لىۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ ئەينەك پارچىسىنى تارتىپ چىقاردى ۋە سالغان پايپىغى بىلەن پۇتىنى تېڭىپ ئورنىدىن تۇردى. تېخى بايام ئۇنىڭ پۇت-قولىدا جان قالمىغاندەك ماغدورسىزلىنىپ جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالغىنىدى، بىراق ھازىر ئۇنىڭدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان كۈچ-قۇۋەت، ماغدور پەيدا بولغاندەك ئاجايىپ چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا ماڭدى.
-ساداقەت، سىز؟- ئىسرايىل كېيىمىنى كېيىپ مېھمانخانىدىكى قانغا قاراپ چۈچۈپ كەتتى ۋە يۈگەرگەنچە كېلىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئىشىك تۈۋىگە بارغان ساداقەتنىڭ بىلىكىگە ئېسىلدى،- نېمە بولدىڭىز؟ بۇ قان....،- ئۇ مېھمانخانىدىكى قان ئىزىغا قاراپ، سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتى.
-پاسكىنا قولۇڭ بىلەن مېنى تۇتما!- دېدى ساداقەت ئىسرايىلنى تۇنجى قېتىم سەنلەپ سىلكىپ،- پاك تېنىمنى پاسكىنا قولۇڭ بىلەن بولغۇغۇم يۇق،- ئۇ خۇددى نىجاسەتتىن سەسكەنگەندەك يولقۇنۇپ چىقىپ سىرتقا ئۆزىنى ئاتتى.
ئىسرايىل نېمە دېيىشىنى، نېمە قىلىشىنى بىلمەي، ئېسى يوقاتقان ئادەمدەك جايىدا قېتىپ قالدى.
بۇ چاغدا ساداقەت ئاللا بۇرۇن قاراڭغۇلۇق قوينىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى...
X  X  X  X
دۇنيا مىھىرى-مۇھەببەتكە تولغان، مىھىرى-مۇھەببەت غايىۋى كۈچ، مىھىرى-مۇھەببەت روھى ئوزۇق، ئۇ كىشىلەرنى ھاياتلىققا، بەخىتكە، ۋىجدانلىق ياشاشقا ئىنتىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بەختى، ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن بارلىغىنى ئاتاشقا ئۈندەيدىغان غايىۋى كۈچ، مىھرى –مۇھەببەتكە ئىنتىلىش، بەخىتكە ئىنتىلىش، بەخىتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلىش غورورلۇق، ۋىجدانلىق پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ خاسلىغى بولۇپ، ساداقەت ئەنە شۇنداق مىھرى-مۇھەببەتنى دەپ، پەزىلەتلىك، ۋىجدانلىق ياشىغان، تىرىشقان، ھەتتا بىر ئۆلكىنىڭ مەرگىزى بولغان چوڭ شەھەردە تۆتنىڭ بىرى بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ يەنىمۇ كۆپ مىھرى-مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغان، مىھرى-مۇھەببەتكە تەشنا كىشىلەرگە مىھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەتئەلدە ئوقۇشقا كەتكەن ئەمەسمىدى؟!
ساداقەت گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە ئۆزىنىڭ ئوقۇشى پۈتەي دېگەندە ھەممىنى تاشلاپ قايتىپ كەلمىسە، بۇنداق يەڭگىلتەكلىك قىلمىسا بوپتىكەن، ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق نىمىنى يوقاتتى، نىمىگە ئېرىشتى؟ ھازىر ئۇ ئېرىشكىنىدىن يوقاتقىنىنىڭ كۆپلىگىنى ھېس قىلدى.
دۇنيادا قانداق ئازاپ ئەڭ دەھشەتلىك؟ كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان قارىشى ئوخشاش ئەمەس، ئەمما شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەككى ئەقىدە باغلاپ تۇتقان ئۆيىدىن، ئىشىنىپ، مىھرىنى بېرىپ، مۇھەببىتىنى ئاتا قىلىپ جۈپلەشكەن جۈرىسىدىن باشقىلارنىڭ تارتىۋېلىش سەۋەبلىك ئايرىلىش ئەڭ دەھشەتلىك، ھازىر ساداقەتنىڭ كۆز ئالدىدا گۈزەللىكىنى سۆيگۈچى، يارىتىش يولىدا ئۆز جېنىنى پىدا قىلغۇچى، ئەزگۈلۈكنىڭ شاھىدى، مىھرى-مۇھەببەتنى ئاپىرىدە قىلغۇچى، ئوتلۇق مىھىر ھارارىتىدە ئالەمنى ئىللىتقۇچى، ھاياتنى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلغۇچى، پۈتكۈل ئالەمگە مىھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى جاكالىغۇچى، مۇھەببەت يولىدا كامالەت تۇغلىرىنى مەڭگۈ لەپىلدىتىش يولىدا بارلىغىنى تەقدىم قىلغۇچى پەرھاد-شىرىن، تاھىر-زۆھرا، ئاماننىساخان... لار پەيدا بولدى. تۆۋە ئۇلار بىر-بىرىنى خۇددى ئىزغىن شامال بولۇتلارنى مىھرى بىلەن سۆيگۈندەك، ئۇلار بىر-بىرىنى شىرىن ئازاپ ئىچىدە سېغىنغان، ئاچچىق ئازاپ ئىچىدە ئۇھسىنىپ كۆتۈشكەن، ياپ-يېشىل ئورمان تاغلارنى سۆيگۈندەك سۆيگەن، ئوتلۇق سۆيگۈلىرىنىڭ چاڭقاش-ئېچىرقاش، ئۈمىد-ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، نالە-پىغان بىلەن يېنىپ، كۈل ئىچىدە ئوت، ئوت ئىچىدە كۈل بولۇپ، كۈندە نەچچە رەت ئۆلۈپ تېرىلگىنىدى، ئۇلارنىڭ ئوتلۇق سۆيگۈلىرى ئالەمنى قاپلاپ، نەپەسلىرى بىلەن تومورلىرىغا تاراپ، ئۆز ھەرىكەتلىرى، نەمۇنىسى بىلەن ئۆزگىلەرنى پاكلىق، گۈزەللىك، مىھىرىبانلىق، ئەپۇچانلىق ئالىمىگە باشلاپ، ھەربىر ھەركىتى، ھەربىر تەبەسسۇمىدىن مۇھتاجلارغا مۇھەببەت نۇرى چاچقان ئەمەسمىدى؟! مەنىۋى يۈكسەكلىكىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ماددى يۈكسەكلىكنى مەنىۋى يۈكسەكلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئەل قەلبىدە «يۈكسەك ئىسنان» نامىنى ئالغان ئەمەسمىدى؟!
تۆۋە، ھازىر جەمئىيەت بۇزۇلدىمۇ ياكى ئادەم بۇزۇلدىمۇ؟ جەمئىيەت ئادەملەرنى بۇزدىمۇ ياكى ئادەملەر جەمئىيەتنى بۇزدىمۇ، كىچىككىنە نىجاسەت بىر كۆلنىڭ سۈيىنى بۇلغىغاندەك، بىر ياكى بىر قانچە كىشىنىڭ ۋاپاسىزلىغى، نامەردلىگى پۈتۈن جەمئىيەتنى بولغىۋەتتىغۇ؟! بۇ كىشىلىك تۇرمۇشتا سۆيۈش، مۇھەببەت توغرىسىدا قەسەم قىلغان قەسەمخۇر، لاپ ئۇرغان پوچى، دەبدەبىلىك ۋەدە بەرگەن يالغانچىلارنىڭ ھەقىقى سۆيگۈنى، ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ نىمىلىگىنى بىلمىگەنلىگىدىن ئەمەسمۇ؟! كىشلەر «بىر كۈنلىك ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ يۈز كۈنلىك مىھرى بولىدۇ» دىيشكەن، قۇرۇپ كەتسۇن شۇنداق لاپ، پوچىلىق!...
ساداقەتنىڭ خىيالىنى يىراقتىن ئاڭلانغان مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى بۇزدى، ئۇ داچا رايۇنىدىن دوختۇرخانىدىن بەرگەن ئۆيى بار ئائىلىك قوروسى سەيناسى ئالدىغا قانداق كېلىپ قالغانلىغىنى ئەسلىيەلمىدى، لىكىن ئۇ، ئۆيى بار بىنانىڭ ئالدىداتۇراتتى، ئەتراپقا قارىدى، ھېلىمۇ ياخشى ئادىمىزات كۆرۈنمىدى، ئەگەر بىرەرسى ساداقەتنىڭ بىر پۇتىدا پايپاق، بىر پۇتىدا پايپاق يوق، يالاڭ ئاياغ؛ چاچلىرى چۇۋۇلغان، يۈز-كۆزىدە قان دىدارى يوق؛ كېيىم-كېچەكلىرى پاتقاققا مىلەنگەن، نىرۋىسى جايىدا ئادەملىگىدىن ئەسەر يوق ھالىتىنى كۆرسە بىناغا كىرگۈزمەيتى، ئۇ بارلىق زېھنىنى كاللىسىغا، پۈتكۈل مادارىنى پۇتىغا يىغىپ، بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقىپ مۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن تاشلاپ كەتكەن ئوڭ تەرىپىدىكى ئۆيگە ئاچقۇچ سالدى، بىخەتەر قۇلۇپ ئىككى يىلدىن بۇيان ئاچقۇچ سېلىنماي داتلىشىپ قالغانمۇ ناھايىتى تەستە ئېچىلدى. ئۆي ئىچى قاراڭغۇ، ئۇ ماڭىدىغان چاغدا توك مەنبەسىنى باشتىن تاقىۋەتكەنلىگى ئېسىدە يوق، ئىشىكتىن كىرىپلا سول تەرەپتىكى چىراق كونوپكىسىنى بېسىۋىدى، چىراق يېقىلمىدى، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ ئۇ سىلاشتۇرۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ جۈمەكنى ئاچتى، جۇمەكتىمۇ سۇ يوق، ئۇ سۇنىمۇ باشتىن تاقىۋەتكەنلىگىنى ئېسىگە ئالدى، ئۇ يەنە تامنى تۇتۇپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ، كارۋاتنى تۇتتى، ئۇ چەتئەلگە ماڭغان چېغىنى ئەسلىدى، ئۇ ماڭىدىغان چاغدا ئورۇن-كۆرپىنىڭ ئۈستىگە بىر يۈڭ ئەدىيالنى يېپىپ مەھكەم چۈڭكىۋەتكەن ئىدى، ئۇ كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىۋىدى، بۇرنىغا ئاچچىق چاڭ-توزاڭنىڭ ھىدى ئۇرۇلۇپ، قاڭشارلىرى ئېچىشىپ كەتتى، ماڭدىغان چاغدا ئىشىك-دېرىزىلەرنى ھىم ئېتىپ، پەردىلەرنى تولۇق چۈشۈرىۋەتكەن تۇرسا، قەيەردىن كىرگەن چاڭ-توزاڭدۇ –بۇ !
ئەينەك تىلىۋەتكەن پۇتى قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ قورسوغىنىڭ ئاچقانلىغىنى ھېس قىلىپ، تاماق يىمىگىلى بىر كۈندىن ئاشقانلىغىنى ئەسلىدى، ئۇنىڭ لەۋلىرى گەز باغلاپ كەتكەن بولۇپ، ئاغزىدا نەممۇ قالمىغىنىدى. ئۇ تەستە لىۋىنى شورىدى، ئۇ بىرەر سائەتمۇ بولسا ئۇخلىۋالماقچى بولۇپ كۆزىنى يۇمغان بولسىمۇ ئاغرىق ئازابى، ئاچلىق ئازابى، ئۇسسۇزلۇق تەشنالىغى، ئەڭ مۇھىمى دىل ئازابى، كۆڭۈل غەشلىكى ئۇنى قىيناپ ھالىنى قويمىغان تۇرسا ئۇيقا كېلەمدۇ؟!
تاڭ ئېتىشقا بىر سائەتتىنمۇ ئاز ۋاقىت قالغىنىدى، ساداقەت تاڭ ئېتىشنى تەقەززالىق ئىلكىدە كۈتكىنى بىلەن تاڭ ئاتقان ھامان ئاخشامقىدىنمۇ قاباھەتلىك بىر ئەھۋال يۈز بېرىدىغاندەك تېنى شۈركۈنۈپ كەتتى، ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇنداق سەزگۈ بولىدىغانلىغىنى ئوقالمىدى...
شۇنداق تەستە، شۇنداق ئۇزۇندا تاڭ سۈزۈلدى، دېزىزە پەردىسى ئاقاردى، ئەمما ئۆي ئىچى يەنىلا قاراڭغۇ ئىدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دەرىزە پەردىسىنى قايرىۋەتمەكچى بولۇپ مىدىرلىۋىدى، خۇددى ئۇنىڭ يەلكىسىنى چوڭ بىر دىۋە بېسىۋالغاندەك مىدىرلىيالمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىتىپ كېتىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلدى، ئۇ بىرسىگە تېلىغۇن ئۇرماقچى بولۇپ، يانغۇنىنى قول سومكىسىدىن ئالغان بولسىمۇ ئەمما يانفۇن كارتىسىنىڭ چەتئەل كارتىسى ئىكەنلىگىنى ئېسىگە يېتىپ ئۇ نىيىتىدىن ياندى، چۈنكى چەتئەل كارتىسى ۋەتەندە ئىشلىمەيتى، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟
ئۇ ھېچ بولمىغاندا يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ، كېيىمىنى يەڭگىلىشۋالغان بولسا ياخشى بولاتتى، ئەمما بۇ ئۆيدە سۇ يوق، توك يوق، يەڭگۈشلىگىدەك كېيىم تېخى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېرىزە پەردىسىنى قايرىۋېتەلىگىدەك ئەھۋالى يوق ئادەم ئەمدى قانداقمۇ قىلار؟
ساداقەت ھېچ بولمىغاندا قوشنىلاردىن بىرەرسىنى خەۋەرلەندۈرۈشنى ئويلىدى، بىراق قوشنىلارنىڭ ھەممىسى بىر ئىدارە، بىر ئورۇننىڭ ئادىمى ئەمەس، ئۇلار بىلەن بۇرۇنمۇ كۆرسە باش لىڭشىتىپ سالام بېرىشىپلا، ئىشگىنى «گۈپ» قىلىپ تاقاپ باردى –كەلدى قىلىشمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بارمۇ-يوق، بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا قاراڭغۇ...
ساداقەت بارغانسىرى قىزىپ، بارغانسىرى ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ نوموسنى، ئىزا-ئاھانەتتى قايرىپ قويۇپ، قوشنىلارنى ئىزدەشنى قارار قىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇشقا خېلى كۈچەپ باققان بولسىمۇ، ئەمما مىدىرلىيالمىدى، ئۇنىڭ تېخى يېرىم سائەت ئىلىگىرى دەرىزدە پەردىسىنى قايرىۋېتىش ئۈچۈن قوپۇشقا تەمشەلگەن ھالىتىمۇ يوق ئىدى، ھەي، ئىشكنى تاقىماي، ئوچوقلا قويغان بولسا ياخشى بوپتىكەن. ئۇ ھازىرقى ھالىتىدە ئۆمۈلەپ ئىشىك تۈۋىگە بارغان ھالاتتىمۇ ئىشىكنى ئاچالمايدۇ، كىشىلەر ئىشقا ماڭغان بولسا كېرەك، كاردوردىن تاراقشىغان ئاياغ تىۋىشلىرى، بىنا ئالدىدىن ماشنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازلىرى ئاڭلاندى، ئۇ ۋارقىرىماقچى بولۇپ زېھنىنى، كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ «قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ توۋلىدى، ئۇ ئاۋازىنى ئۆزىمۇ تەستە ئاڭلىدى، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتەرمۇ؟ ياق، ساداقەت ئۆلسە بولمايدۇ، ئۇ ھۆكۈمەت بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتتى، ئەمدى ئۇ ھۆكۈمەتكە، دوختۇرخانىغا جاۋاب قايتۇرۇشى، خىزمەتداشلىرىغا، ۋەتىنىگە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك...
ۋاقىت شۇنداق تەستە ئۆتمەكتە، ساداقەتنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلدى، ئۇ بارغانسىرى ھالسىزلىنىپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش تاتارغان يۈزىنى يۇيۇپ، پەسكە سىرغىپ، ئاستىدىكى تۈشەككە سىڭىپ كەتتى، بۇ ساداقەتنىڭ بەدىنىدە سويۇقلۇقنىڭ تېخى تامامەن تۈگەپ كەتمىگەنلىگىدىن دىرەك بېرەتتى، ساداقەت بۇلارنى ئەسلەپ ھاياتىدىن سەل ئۈمىد تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دوختۇر بولغاچقا ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىغىنى بىلەتتى، ئۇ يامان ئاقىۋەتنى ئويلىماي ئىمكان بار ياخشى تەرەپنى ئويلاپ ۋاقىتنى سوزاشنى ئويلاپ كىچىك چاغلىرىنى ئەسلىدى، ئۇ تېخى باشلانغۇچ مەكتەپكىمۇ كىرمىگەن چاغلار ئىدى، ئۇلارنىڭ ھويلىسىدا بىر قانچە تۈپ ئۈزۈم تېلى بار بولۇپ، ئۈزۈم تېخى مېغىزچىلىك بولغان چاغدا قاتتىق مۆلدۈر چۈشۈپ، مېغىزچىلىك ئۈزۈملەرنى پۈتۈنلەي قېقىۋەتتى، شۇ چاغدا يامغۇر توختىغاندىن كېيىن مەھەللىدىكى تەڭتۈش بالىلاردىن بىر قانچىسى ئاشۇ ئاچچىق ئۈزۈمنى تىرىپ يىگەنلىگى، كەكىردەك ئاچچىق ئۈزۈمنى يېيىشنىڭ نەقەدەر قېيىنلىغىنى ئىسىگە ئېلىشى بىلەن بايامدىن بىرى قۇرۇپ كەتكەن ئاغزىغا سېرىق سۇ يىغىلىپ، سېرىق سۇنى «غورتتىدە» يۇتۇش بىلەن بىر ئاز جان پەيدا بولغاندەك بىلىندى، ئەمما ئۇ ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن خېلى تىرىشىپ باققان بولسىمۇ پەقەت مىدىرلىيالمىدى...
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىگى ساداقەتكە قاراڭغۇ ئىدى، بىراق شۇ چاغدا بىنانىڭ ئالدىدا ماشنىنىڭ گۆكىرىگەن، تورموز قىلىپ توختىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئارقىدىنلا كارىدوردا ئوپور-توپىر ئاياق تىۋىشلىرى، ئارقىدىنلا ئىشىكنىڭ ئاۋال بوش چىكىلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ ساداقەتنىڭ ئۇچۇپ قالاي دېگەن ھايات شامى قايتىدىن يانغاندەك بولۇپ، «مەن بار، مەن ئۆينىڭ ئىچىدە...» دەپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىدى.
ئەپسۇس، ساداقەت كوڭلىدە شۇنداق ۋارقىرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاۋازنى ئۆزىمۇ ئېنىق ئاڭلىيالمىدى، ئەگەر ئۇنىڭ قېشىدا بىرەر ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ قېشىدىكى ئادەممۇ ئاڭلىيالمايتى، «ئۇلار مېنىڭ قايتىپ كەلگەنلىگىمنى قانداق بىلىگەندۇ؟ ئۇ ئىسرايىلمىدۇ-يا؟ مۇمكىن ئەمەس، ئاخشام ئۇ مۇشۇنداق كېچىدە، بۇنداق يارىلانغان ئەھۋالدا قەيەرگە بارىسىز؟ دەپ سوراشقىمۇ پېتىنالمىغان ئادەم، قانداقمۇ مېنى ئىزدەپ كەلسۇن....».
ئىشىكنىڭ قاتتىق ئۇرۇلۇشى ساداقەتنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى؛
-ساداقەت، ساداقەت، سىز بارمۇ؟- بۇ ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ ئاۋازى ئىدى.
-ساداقەت، جېنىم دوستۇم، ئىشىكنى ئاچ، ھەر قانداق ئىش بولسا تۈگەيدۇ!- بۇ ساداقەتنىڭ ساۋاقدىشى، ئەڭ يېقىن دوستى رەنانىڭ ئاۋازى ئىدى.
-...
-...
ئۇ يەنە بىر قانچەيلەننىڭ تولىمۇ تىت-تىت بولغاندەك جىددى چاقىرىۋاتقانلىغىنى ئېنىق ئاڭلىدى، بىراق جاۋاب قايتۇرالمىدى، ئۇنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ پەسلەپ كېتىۋاتاتتى، «ھەي، ئۇلار مېنى باشقا ياقتىن ئىزدەپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋىتىدىغان بولدى...» ساداقەتنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈل-كېسىل بەرپات بولدى.
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، ساداقەت دېرىزىدىن خۇددى قۇتقۇزۇش ماشنىسىنىڭ ئاۋازىدەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئارقىدىنلا ئىشىك قۇلۇپىنىڭ تاراقشىغانلىق ئاۋازى، ئارقىدىنلا ئىشىك ئېچىلىپ، بىر قانچەيلەننىڭ دوپۇرلىشىپ كىرگەنلىك ئاياق تىۋىشى شەپە بولدى.
-ساداقەت!-بۇ ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ ئاۋازى بولۇپ، ياڭ دوختورخانا باشلىغى ساداقەتنىڭ پىشانىسىنى سىلاپلا چۈچۈپ كەتتى،- تېز، تېز قۇتقۇزۇش ماشنىسىغا ئېلىپ چىقايلى!...
X  X  X  X
ساداقەت ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچقاندا ياڭ دوختورخانا باشلىغى، رەنا، جاڭ مودىر... قاتارلىق خېلى تونۇش چىرايلار ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى، رەنا ئۇلارغا بىر-بىرلەپ كۆز يۈگەرتىپ ئۇلارنىڭ قۇتقۇزىۋالغانلىقىغا تەبەسسۇمى بىلەن جاۋاب قايتۇرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ كۆزى تولىمۇ تونۇش ئەمما خىجىللىقتىنمۇ ياكى پۇشايماندىمۇ قاراشقا پېتىنالمايۋاتقان بىر كۆز بىلەن ئۇچرۇشۇپ، چىھرىدىكى كۈلكە شۇ ھامان غايىپ بولۇپ، ئۆمرىدىكى بارلىق غەزەپ-نەپرىتىنى كۈزىگە مۇجەسسەملىگەندەك، تال-تال كىرپىگىنى ئوقيا قىلىپ ئۇنىڭ كۆكسىنى نىشانلاپ ئوقيانىڭ كىرىچىنى تارتىدىغاندەك قادىلىپ، تۈنۈش كۆز ئىگىسىنى دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا مەجبۇرلىدى.
ئەسلىدە ساداقەتنىڭ ھايات قېلىشىدىكى ئاساسى «تۆھپە» ئىسرايىلغا يېزىلسا، ساداقەت ئۇنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى كەچۈرىۋەتسە بىر قەدەر ئادىل بولاتتى. چۈنكى ئۇ كۈنى ساداقەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگىلا چۈشكەچكە ئىسرايىل نېمە قىلارىنى بىلمەي، ساداقەتنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن، توغرىراقى ساداقەتنىڭ «قوش نىكاھلىق» دەپ ئەرز قىلىپ، جىنايى جاۋابكارلىقتا تارتىشىدىن قورققىنى ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ قالالمىغان، ھەتتا ھېچ بولمغاندا ئۇنى ئاپىرىپ قويمىغان ھەم دەككە-دۈككىدە كېچىچە كۆز يومماي چىققان بولۇپ، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ساداقەتكە تېلىغۇن قىلىشتىن خىجىل بولۇپ، ياڭ دوختۇرخانا باشلىقىغا تېلىغۇن قىلىپ ساداقەتنىڭ ئاخشام چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەنلىگىنى ھەمدە يارىلانغانلىغىنى ئېيتقان ئىدى. ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى دەرھال ساداقەتنىڭ دوسلىرىغا، بېرىش ئېھتىماللىغى بولغان جايلارغا تېلىغۇن قىلىپ، ھېچ يەردىن ئىنتىلىشىنى ئالالماي ئاخىرى تەۋەككۇل قىلىپ ساداقەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوتۇلدورغان ئىدى. ئەمما ساداقەتنىڭ بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋىرى بولمىغاچقا ئىسرايىلنىڭ ئۇ مەيداندا پەيدا بولۇشى ساداقەتنىڭ ئېچىشقان يېرىگە تۇز سىپىپ، ئۇنىڭ ئۆچمەنلىگىنى تېخىمۇ كۇچەيتىۋەتتى...
ياڭ دوختورخانا باشلىغى ساداقەتنى قۇتقازغاندا ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، تىمپراتورسى 40 گىرادوستىن ئېشىپ كەتكەن، قاننىڭ كۆپ چىقىپ كېتىشى سەۋەبلىك شۈك بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالغان، ئەگەر بىرەر سائەت ئەمەس، يىگىرمە مىنوت كىچىككەن، ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ؟ دەپ قولۇپنى بۇزۇپ كىرمىگەن بولسا ساداقەت ئاللا قاچان جەھەننەمگە سەپەر قىلىپ كەتكەن بولاتتى، شۇڭا ئۇ بىر ھەپتىدىن ئارتۇن بالنىستىدا يېتىپ، ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى، دوختورخانىدىكى دوختور، سېستىرالارنىڭ ئۆز بىر تۇغقىنىدەك ئەستايىدىل كۈتىشى بىلەن بالنىستىدىن چىققان بولسىمۇ، دوختۇرخانا باشلىغىنىڭ ۋە سەپداشلىرىنىڭ توسوشىغا پەرۋا قىلماي ئەتىسلا ئىشقا چىقىۋالدى، ئۇ ھېچ قانداق ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدى، ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىمۇ ئۇنىڭ مىجەزىنى ياخشى بىلگەچكە خىزمەت بىلەن ئارام ئېلىشىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ياخشى ئوزۇقلىنىشنى تاپىلاپ، قەيەرگىلا بارسا يېنىدىن ئادەم ئايرىمىدى، ھەتتا كەچتىمۇ بىر سېستىرانى ئۇنىڭغا ھەمرا قىلدى.
ئارىدىن يەنە بىر ھەپتە ئۆتۈپ ئۇنىڭ كەيپىياتنىڭ تۇراقلىشىپ، چىرايىنىڭمۇ ئەسلىگە كەلگەنلىگىنى كۆرگەن يېقىنلىرى بولۇپمۇ رەنا ئىسرايىل ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىقىپ، توغولغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرىۋېتىش توغرىسىدا ساداقەتكە «يەل» بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ساداقەت ئۇلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلماي، ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىغىدا چىڭ تۇردى. ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىمۇ ساداقەتنىڭ قارشىغا قۇشۇلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى؛
-مەنمۇ دەسلەپ شۇنداق ئويلىغان ھەمدە ساداقەت قۇشۇلمىغان ھالەتتىمۇ بىرىنچى بولۇپ ئۆزۈم ئوتتۇرىغا چىقىشنى قارار قىلغان ئىدىم،- ئۇ رەنا ۋە باشقىلارغا قاراپ سۆزىنى ئەستايىدىل داۋام قىلدى،- ئىسرايىلنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئويلىسام ئۇنى  چايناپ پۇرقىۋەتسەممۇ دەردىم چىقمايدۇ، لىكىن ئۇنى قانداق قىلىۋەتكەن بىلەن ئىش ئورنىغا كەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇ تۇرمىغا كىرىپ كەتسە ئاشۇ سەبى بوۋاق قانداق قىلىدۇ؟ ئۇلارمۇ زىيانلانغۇچى-دە !- ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى يەنە نۇرغۇن قائىدىلەرنى سۆزلىدى.
-مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن!- دېدى ساداقەت بىرنى ئولۇغ-كىچىك تىنىپ،- جەمىلەمۇ زىيانلانغۇچى، بالىدا تېخىمۇ گۇناھ يوق، شۇڭا، ئۇنداق پەسكەش، چاكىنا ئادەملەردە ئىنسانى پەزىلەت دېگەن نەرسە كام بولىدۇ، شۇڭا ئۆچۈمنى ئالىمەن دەپ، باشقىلارنىڭ ئۆچمەنلىگىنى قوزغاپ قويمايلى، مېنىڭ راستىنلا جەمىلە بىلەن ئۇنىڭ بالىسىغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، چۈنكى ئىسرايىلدەك ئادەملەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارغىمۇ يۈزسىزلىك قىلمايدۇ، دىگىلى بولمايدۇ، ھازىر دېگەن «گاچا بولسىمۇ پۇلى بارلار سۆزلىسۇن»، «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە» دەيدىغان زامان...،- ساداقەت يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى، ئەمما رەنا ئاچچىغلاپ چىقىپ كېتىپ ساداقەتنىڭ ئۇ گەپلىرىنى ئاڭلىمىدى.
-...
-...
كەسكىن مۇنازىرە، تالاش- تارتشىلاردىن كېيىن نىكاھتىن ئاجرىششقا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئورتاق مۈلۈكنى بۆلۈشۈش ۋە روھى زىيان تۆلىمى مەسلىسىدە ساداقەت ھېچقانداق نەرسە تەلەپ قىلماي، خېتىنى ئالسىلا بولىدىغانلىغىدا چىڭ تۇردى، لىكىن ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى، رەنا ۋە باشقا يېقىنلار بۇنىڭغا قارشى چىقتى.
تالاش-تارتىش يەنە ئەۋجىگە چىقتى.
-...
-...
نىكاھ ئىشىدا بۇنداق ئارىلىشىۋېلىشقا شەرىئەتمۇ يول قويمايدۇ، لىكىن ساداقەت نىمىلەرنى ئويلىدىكىن ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرىۋالدى، ئەمما ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى، رەنا ۋە باشقا يېقىنلار ساداقەتنى يالغۇز قويغان بولسىمۇ، «داۋاگەر سۇس بولسا قازى مۇتىھەم بوپتۇ» دېگەندەك، ھەق-تەلەپ داۋالىرىدا داۋاگەر تەلىپىنى ئوتتورىدا قويمىسا ۋە داۋا تەلىپىگە قارىتا پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويمىسا سورالمايدىغان قائىدە بار، بۇ دېگەن قانۇن، شۇڭا كۆپچىلىك بىردەك داۋانى دوختۇرخانا باش بولۇپ قىلىدىغان، ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش ئىشلىرىدىمۇ دوختۇرخانا مەسئۇل بولىدىغان، ساداقەت بارلىق داۋانى ياڭ دوختۇرخانا باشلىقىغا ھاۋالە قىلىپ، ساداقەت بىر ھاۋالەنامە يېزىپ بېرىش، ئەرزنى دوختۇرخانا ساداقەتنىڭ نامىدا يېزىپ، ساداقەت ئىمزاسىنى قويۇپ بەرسىلا سوتقا قاتناشمىسىمۇ بولىدىغانغا بىرلىككە كېلىپ تارقاشتى.
ساداقەتنىڭ ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇشى ئاساسەن «نومۇس» يۈزىسىدىن بولۇپ، داڭلىق ئونىۋىرستېتنى پۈتتۈرۈپ، چەتئەلدە دوكتورلۇقتا ئوقۇپ كەلگەن بىر بىلىم ئىگىسىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشنى پۇل بىلەنلا ئۆلچەيدىغان، پۇل بولسىلا ھەممە بولىدۇ، دەپ قارايدىغان، پۇل، مال-دۇنيا ئۈچۈن ئىچىدە ئوغا قاينايدىغان بىر چاكىنا سودىگەر بىلەن پۇل توغرىسىدا داۋالىشىپ، كىشىلەرنىڭ سۆز –چۆچەك تىمىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگىنى ئىدى.
-كونىلار «قېرىشقاننىڭ ئانىسىنى ئال» دەيدىغان بىر تەمىسل بار!- دېدى رەنا ئاخىرىدا،- ئۇنىڭ قىلغىنىغا بىر تال تۈكنى يولىۋالساقمۇ ھېساب، سودىگەر دېگەن پۇلغا ئامراق كېلىدۇ، ئەگەر سەن ئالمىساڭ، ماڭا ھاۋالە قىل، سەن ئۈچۈن مەن داۋالىشىپ، سەن ئىشلەتمىسەڭ يوقسىزلارغا ئىئانە قىلىۋېتىمەن، ھازىر دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشقا قادىر بولالماي بىگونا، بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلاردىن، ئاشۇ «پۇل» نى تاپالماي ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقانلاردىن كۇمىڭى بار...،- رەنا يەنە نۇرغۇن ئەمەلى مىساللارنى سۆزلەپ ساداقەتنىڭمۇ كۆز جيەكلىرىنىڭ نەملەنگەنلىگىنى كۆرۈپ بولدى قىلدى...
ساداقەتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سوتتا ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى بىلەن رەنا قاتناشتى، ئىسرايىل ئۆز قىلىمىشىغا پۇشايمان قىلدىمۇ ياكى ساداقەتنىڭ كەڭ قورساقلىغى تەسىرلەندۈردىمۇ داۋاگەرلەرنىڭ قانداق تەلىپى بولسا ئورۇنلايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ گۇناھىنى يوماقچى بولدى، ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى بىلەن رەنا ئىسرايىلنىڭ پوزىتسىيىسى ئەڭ مۇھىمى ساداقەتنىڭ ئامان قېلىشىدىكى ئاساسى سەۋەبنىڭ ئىسرايىلنىڭ ياڭ دوختۇرخانا باشلىغىنى خەۋەرلەندۈرشىدىن كۆرۈپ، ئەسلىدىكى تەلىپىنىڭ %30 تىنى تەلەپ قىلىپ، ئىسرايىلغا يەنە بىر قېتىم ياخشىلىققا ياخشىلىق يانىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا دوروس ئادەم بولۇشنىڭ قانداقلىغىنى تونۇتۇپ قويدى...
سوت مەھكىمىسى ساداقەتكە ناھايىتى كۆپ تۆلەم پىچتى، ئەمما ساداقەت بۇنىڭ ھەممىنى خەيرى-ساخاۋەت ئورنىغا ئىئانە قىلىۋېتىشىنى ئېيتىپ تۇرىۋالغاندا، رەنا بىلەن ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى قۇشۇلماي ساداقەتكە بىر داچا رايۇنىدىن بىر داچا بىلەن «TOYOTA» ماركىلىق پىكاپتىن بىرنى سېتىۋېلىپ، قالغىنىنى خەيرى-ساخاۋەت ئورنىغا ئىئانە قىلىۋەتتى.
ساداقەت شۇنىڭدىن باشلاپ تەنھا ياشىدى، ئۇ ياۋروپاغا قايتا بېرىپ، دىسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاپ دىپلۇمنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن زېھنىنى كېسەل داۋالاش، يۈرەك قان –تومور كېسەللىگىنى تەتقىق قىلىشقا قارىتىپ، ناھايىتى زور شۆھرەتلەرنى قازاندى، دوختۇرخانىنىڭ نامىنى تېخىمۇ چىقىرىۋەتتى، ياڭ دوختۇرخانىغا باشلىغى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قاتراپ، ئۇنىڭغا ئالدىن مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى بېرىپ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئۆتىنىپ بەرمەكچى بولۇپ، بىر قانچە قېتىم سىناپ تەكشۈرگەن بولسىمۇ ئەمما ساداقەت بۇنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئاددىسى بۆلۈم مودىرى بولغىلىمۇ ئۇنمىدى.
ساداقەتنىڭ ئويلىغىنى ئەمەلىيەتتە توغرا ئىدى، چۈنكى باشلىق بولدۇڭمۇ، كالا تۈكىدىن كۆپ يىغىن، تەتقىقاتقا، كېسەل داۋالاشقا ھەرگىز ۋاقىت چىقىرالمايدۇ، ھازىر ئانىسىدىن قورسىغىدىن چۈشۈپلا «ئىڭە» دەپ يىغلاشنىڭ ئورنىغا «مەن باشلىق بولىمەن» دەپ چۈشىدىغان بۈگۈنكى كۈندە خېلى كۆپ فىراپىسور، ئالىملار، فىراپسورلوقنى باشقارما باشلىقىلىقىغا تېگىشىپ، كەسىپتە چىكىنىپ كەتكەنلەرنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟!
ساداقەت دېگىنىنى قىلدى، ئۇ يۈرەك قان-تومور كېسەللىگى بويىچە ناھايىتى كۆپ بوشلۇقلارنى تولدۇردى، ئۇ پۈتۈن ئۈمىدىنى، بارلىغىنى بىمارلارغا بېغىشلاپ، ناھايىتى كۆپ كىشىلەرگە ئىككىنچى قېتىملىق، ئۈچىنچى قېتىملىق ھاياتلىق ئاتا قىلىپ، دوختۇرخانىنىڭ كارىدۇرلىرىدىن تارتىپ رەھمەت خېتىگە توشقۇزىۋەتتى، دوختۇرخانىنىڭمۇ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇپ، بەلگىلىك ئىقتىسادى كىرىم يارىتىپ بەردى...
كۈن ئاينى، ئاي يىلنى قوغلاپ بىر قانچە يىل ئۆتتى، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى بەزىلىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتى، بىراق ساداقەت ئاشۇ قېتىملىق زەربىدىن كېيىن كۆڭلى سۇۋۇپ كەتكەن بولۇپ، مەيلى ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى بولسۇن ياكى رەناغا ئوخشاش ساۋاقداشلىرى، يېقىنلىرى بولسۇن، «لايىق» نىڭ گېپىنى چىقارسىلا خۇيى تۇتاتتى، ئۇنىڭدا چىراي دېسە چىراي، خىزمەت ئورنى دېسە، كىشىلەر كۆز تىككىدەك خىزمەت ئورنى، ئىقتىدار دېسە، شەھەر بويىچە بارماق بىلەن سانىلىدىغانلار قاتارىدا، شۇڭا ئۇنىڭغا ھەر ساھە، ھەر تەبىقە، ھەر قايسى ياشتىكىلەر لايىق بولدى، ئەلچى كىرگۈزدى، مۇھەببەت ئىزاھار قىلدى، «ئاياللار (قىزلار) دېگەن خان كۆۋرۈگى» دېگەن ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان، «خان كۆۋرۈگى» دىن بايمۇ، كەمبەغەلمۇ، ئاتلىقمۇ، ساياقمۇ، ياشمۇ-قېرىمۇ ھەممە ئادەم ئۆتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى توسىيالمايدۇ، ساداقەتكە ئەلچى كىرگۈزگەنلەر ئىچىدىمۇ فىراپىسور، ئالىملار، ئىدارە باشلىقلىرى، باشقارما باشلىقلىرى، ئادەتتىكى دۆلەت مەمۇرلىرى، ئىشچىلار.... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلاتتى، ھەتتا ساداقەتتىن سەككىز-ئون ياش كىچىكلەرمۇ بار بولۇپ، دېگەندەك «كۆيۈك ئوتى» دا پۇچۇلىنىپ، سەۋدايى بولاي دېگەنلەرمۇ، ئەمىلى ئۆسكەندىن كېيىن «كونىنى تاشلاپ يېڭىغا ئىنتىلگۈچى» لەرمۇ، ھارامدىن پۇل تېپىپ، پۇلىنى خەجلەيدىغان جاي تاپالمىغانلارمۇ، ساداقەتنىڭ ھەر ئايلىق 10 نەچچە مىڭ يۈەن مائاشنى كۆزلىگەنلەرمۇ...،- بار ئىدى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپى ساداقەتتىن دەككىسىنى يىگەندىن كېيىن، تەن بەرگۈسى كەلمەي ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى، رەنا قاتارلىق يېقىنلارغا يېلىنگەن، ھەتتا بەزىلىرى «ئىنئام» بېرىشكە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇلار دەسلەپ «ساداقەتكە دەپ باقاي» دەپ جاۋاب بەرگەن بولسا، بارا-بارا كېسىپلا «ساداقەت توي قىلمايدۇ» دەپلا گەپنى ئۈزىدىغان، ئۇنداقلارغا خىيالىدىن يېلىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدىغان بولۇشتى...
ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى بىلەن رەنانىڭ ساداقەت توغرىسىدىكى بايانى، ساداقەتنىڭ ياخشى تەرىپى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇلارنىڭ بىرى سۆزلىسە يەنە بىرى تولۇقلايتى، جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىدىنىڭ باشلىغى گۇڭ ئۇلارنىڭ بايانىنى زىرىكمەي ئاڭلاپ، تولۇق خاتىرى قالدۇرغاندىن باشقا، دېلونى تېزراق پاش قىلىش ئۈچۈن ئۈنئالغۇغا ئېلىۋالدى ۋە ياڭ دوختۇرخان باشلىغى بىلەن رەنانىڭ نېمە ئۈچۈن كۆز يېشىنى توختىمالماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى. دەل شۇ چاغدا جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلادى بىلەن پۇل بەرگۈ (پۇلدان) نى ۋە يانغۇن نومورىنى تەكشۈرۈشكە بارغان مۇئاۋىن ئەترەت باشلىغى تۇرسۇن كىرىپ، ئۇلارنىڭ ساداقەت توغرىسىدىكى تونوشتۇرۇشىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈپ قويدى....
X  X  X  X
-جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتىدىن قارىغاندا جەبىرلىنىپ ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا جىنايەت گوماندارى بىلەن ئىككى قېتىم جىنىسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن،- دېدى ج خ ئىدارىسىنىڭ لابورانتى ۋاڭيى كۆز ئەينىگىنى بىگىز قولى بىلەن ئۈستىگىرەك سۈرۈپ قويۇپ،- ئەڭ يامان يېرى ئۆلگۈچىنىڭ قورسىغىدا تۆت ئايلىق ھامىلە بار...
-نېمە؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس!- دېدى ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى ئورنىدىن چاچراپ تۇرغانچە ۋاڭيىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- ئەترەت باشلىغى بۇ مۇمكىنمۇ؟
-ئولتۇرۇڭ!- دېدى گوڭ ئەترەت باشلىغى دوختۇرخانا باشلىغىنى ئولتۇرۇشقا شەرەتلەپ،- سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن،- ئۇ لابورانتقا قاراپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- يولداش ۋاڭيى ج خ ئىدارىسىنىڭ قانۇن دوختۇرلىغىنى قىلىۋاتقان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان بىرەر قېتىممۇ خاتالىق سادىر قىلىپ باقمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلە دېگەن بولسا يوق بولۇپ قالمايدۇ، يوق بولسا بار بولۇپ قالمايدۇ،- گوڭ ئەترەت باشلىغى رەنا بىلەن ياڭ دوختۇرخانا باشلىقىغا قاراپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- قائىدە بويىچە بۇنداق دېلو مۇزاكىرىسىگە سىرتنىڭ ئادىمىنى قاتناشتۇرمايتۇق، بىراق ئىككىڭلار گەرچە ئۆلگۈچىگە بىۋاستە ئورۇق-تۇغقىنى بولمىساڭلارمۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىزمىتىڭلارنى تاشلاپ مۇشۇ ئىش بىلەنلا بولغۇنۇڭلاردىن سۆيۈنۈپ ھەمدە بۇلارنىڭمۇ سۆھبەت ئۈستىگە كىرىپ قالغىنى ئۈچۈن قاتناشتۇردۇق، شۇڭا بۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، لوقما سالماڭلار، بىزنى پايدىلىق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەڭلار!
ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى بىلەن رەنا گەپ-سۆز قىلمايلا ئولتۇردى.
-ھامىلە تولۇق يېتىلىشكە باشلىغان،- دېدى ۋاڭيى سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- قاتىل ئاخىرىدا ئۇنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەن...
-ئۆلگۈچىدىكى سىپىرمىنى ئېلىپ تەكشۈردىڭلارمۇ؟- گوڭ ئەترەت باشلىغى سورىدى.
-تەكشۈردۇق،- دېدى ۋاڭيى جاۋاب بېرىپ.
-گوماندار «TOYOTA» ماركىلىق پىكاپنى غەربى يولدىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ پۇل بەرگۈ ئالدىغا توختۇتۇپ قويۇپ، ئاپتوماتىك پۇل بەرگۈ ئورنىتىلغان ئۆيگە كىرىپ، ئىككى كارتىنى ئارقا-ئارقىدىن سېلىپ مەخپى نومۇرنى خاتا بېسىپ پۇل ئالالماي چىقىپ ماشنىنى ھەيدەپ پويىز ئىستانسىغا بارغان، پويىز ئىستانسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە نازارەت قىلىش ئاپراتىدا ئېنىق كۆرۈنگەن بولسىمۇ ئەمما ماشنىنىڭ كىرىپ كەتكەنلىگىنىلا كۆرگىلى بولغان. كېيىنكى ئەھۋاللار ئېنىق ئەمەس...،- مۇئاۋىن ئەترەت باشلىغى تۇرسۇن نازارەت ئاپپاراتىدىن سىن لىنتىنى گوڭ ئەترەت باشلىقىغا بېرىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- يەنە بىر مۇھىم يىپ ئۇچى، ئۆلگۈچى 139......-نومۇرلۇق يانغۇن ئارقىلىق ئۈندىداردا .....139-نومورلۇق يانغۇن بىلەن بىر ئاي ئىچىدە 18 قېتىم سۆزلەشكەن ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سۆزلەشكەن...
       -ئۇ يانغۇننى ئېنىقلىدىڭلارمۇ؟- گوڭ ئەترەت باشلىغى سورىدى.
      -ئېنىقلىدۇق، ئۇ يانغۇننى مۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئىسرايىل دېگەن ئىسىمدا بېجىرگەن ساختا كىملىك ئىكەن،- مۇئاۋىن ئەترەت باشلىغى تۇرسۇن يانغۇن نومۇرى بېجىرگەن ساختا كىملىكنى گوڭ ئەترەت باشلىقىغا بەردى.
-ئىسرايىل؟- ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى ئورنىدىن تۇرۇپ چۆگىلەپ كەتتى،- ئىسرايىل بولسا، ساداقەتنىڭ ئاجراشقان ئېرى ئىسرايىلمىدۇ؟
گوڭ ئەترەت باشلىغى ساختا كىملىكنىڭ يانغۇن نومۇرى بېجىرگەن كۆپەيتىلگەن نوسخىسىنى ياڭ دوختۇرخانا باشلىقىغا بېرىۋىدى، ياڭ دوختۇرخانا باشلىغى بىلەن رەنا سىنچىلاپ قاراپ، ئەمەسلىگىنى كېسىپلا ئېتىپ گوڭ ئەترەت باشلىقىغا قايتۇرۇپ بەردى.
ساختا كىملىكنى كومپيوتىردا كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ گوڭ ئەترەت باشلىغى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا ساختا كىملىك ئىشلەتكەن ئىسرايىلنى تۇتۇش بويروغى چىقىرىپ بېرىش ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئىسرايىل نامىدىكى ئادەملەرنىڭ ئارخىۋىنى چىقىرىپ بېرىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇپ، ساداقەتنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرى ئىسرايىلنى چۈچۈتىۋەتمىگەن ئاساستا تەكشۈرۈپ بېقىشنى مۇئاۋىن ئەترەت باشلىغى تۇرسۇنغا ئورۇنلاشتۇردى.
-ھە، راست، ئەترەت باشلىغى جەسەت بار «TOYOTA» ماشنا بىلەن توتۇلغان ئادەم توغرىسىدا سورىمايسىزغۇ؟- رازۋىدكىچى جاڭ خوڭ كۈلۈپ سورىدى.
-ئۇ چوقۇم ماشنا ئوغرىسى، شۇنداقمۇ؟- دېدى گوڭ ئەترەت باشلىغى.
-شۇنداق!- دېدى جاڭ خوڭ،- دېلو يۈز بەرگەن كۈنى ئۇ بۇ شەھەردە يوق بولۇپ، ئۇ راستىنلا ماشنا ئوغرىسى ئىكەن، ئۇنى ئوغورلۇق گومانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختاتتۇق، بۇ خۇددى «ئوغرىنى قاراقچى ئۇرۇپتۇ» دېگەندەك ئىش بوپتۇ، ھا ھا ھا ! –جاڭ يى قاقاقلاپ كۈلدى.
-...
-...
دېلودا چوڭ ئىلگىرلەش بولدى ھەم ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان قېيىن نوقتىلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ قاتىل بىر ئادەمگە مەرگەزلەشتى، بىراق كىملىگى ساختا بولغىنى ئۈچۈن دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدەشكە توغرا كەلدى؛ جىنايەت گوماندارى ماشنىنى نېمە ئۈچۈن پويىز ئىستانسىنىڭ ماشنا توختۇتۇش مەيدانىدا توختۇتۇپ قويدى؟ ئۇ دېلودا بېجىرگۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى بورىماقچىمۇ ياكى باشقا غەرىزى بارمۇ؟ ھازىر پويىز بىلىتىمۇ كىملىككە ئاساسەن سېتىلىدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا راس كىملىك بارمۇ ياكى ساختا كىملىكتە سىناپ باققان ئەھۋاللار مەۋجۇتمۇ؟ ئۆلگۈچى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنداق بولسا ئۆلگىچىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ئالامەتلىرى بارمۇ-يوق؟! ئۆلگۈچىنىڭ تىنىدە قالغان ئىككى قېتىملىق ئىسپىرما بىر ئادەمنىڭمۇ؟، ساختا كىملىكتىكى ئادىرىسى راست ئادىرسىمۇ ياكى يالغان ئادىرسىمۇ؟؛ جىنايەت گوماندارىدا راست كىلىملىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئايروپىلان بىلەن قېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداقتا ئۇ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇۋۇزدا قاچتىمۇ؟.... يوقارقى نۇرغۇن «نېمە ئۈچۈن» جىنايى ئىشلار رازۋىدكا چوڭ ئەترىدىنىڭ باشلىغىنى شۇنداقلا «12-ماي مەخسۇس دېلو گوروپپىسىدىكلەر» نىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسلىگە ئايلاندى...
«12-ماي» مەخسۇس گورۇپپىسىدىكىلەر ئىككى كۈنىگىچە ھېچقانداق يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىدى، توردا، گېزىت-ژورناللاردا تۇتۇش بويروغى چىقىرىلغان بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە بىرەر كىشى بىرەر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى، «ئاتالمىش ئىسرايىل» ئىسىملىكلەرنىڭ ماتىرىيالىمۇ كەلدى، بىراق ئاپتۇنۇم رايۇنى بويىچە «ئىسرايىل» ئىسىملىكلەردىن 292 سى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ياش قورامى، دېلو سادىر قىلىش مۇمكىنچىلىگى، چىراي شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەكشۈرۈشتە 270 ئادەم گوماندىن ساقىت قىلىنىپ، 22 ئادەم ئىلغىنىپ «گومانلىق» لار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىغا بېرىپ تەكشۈرگەندە ئۇ 22 ئادەممۇ گوماندىن ساقىت قىلىندى...
يىپ ئۇچى ئۈزىلىپ «12-ماي» دېلو گوروپىسى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بويرىغى» چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىش بىلەن يازما تۇتۇش بويرىغىنى شەھەر بويىچە بارلىق ئائىلىلەرنىڭ، ھەممە ئاممىۋى سورونلارنىڭ ئىشىكىگە چاپلاشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ساختا كىملىكتىكى ئادىرسقا ئاساسەن مەخسۇس خادىم ئەۋەتىپ «قۇمباستى» يېزىسىنى ئائىلىمۇ ئائىلە تەكشۈرۈش لاھىيىسىنى ئوتتورىغا قويدى، لىكىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنداق يېزىنىڭ يوقلىغى ئېنىقلىنىپ، يىپ ئۇچىك يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى...
قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بويروغى چىقىرىلىپ 2-كۈنى ماشنا رىمونت قىلىدىغان رىمونتخانىنىڭ خوجايىنى دىلو مەلۇم قىلىپ تۇتۇش بويرىغى چىقىرىلغان ئىسرايىل دېگەن ئادەمنىڭ ئۆزى ئاچقان رىمونتخانىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىشلەپ كېلىۋاتقان رىمونتچىسى ئىكەنلىگىنى ئېيتى.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان گوڭ ئەترەت باشلىغىنىڭ خۇددى بىرىسى يەلكىسىنى بېسىپ تۇرغان قورام تاشنى ئېلىۋەتكەندەك ئۆزىنى يەڭگىل ھېس قىلىپ بىر قانچە رازۋىدچىكنى باشلاپ ئۇدۇل رىمونتخانىغا باردى.
رىمونتخانا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇۋۇز بېكىتىنىڭ جەنۇبىدىن خېلى يېراق بولۇپ، رىمونتخانىنىڭ كۆلىمىمۇ چوڭ، ئىشلەيدىغانلارمۇ بىر قەدەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر سوغورتا شىركىتىنىڭ «بەلگىلەنگەن» رىمونتخانىسى ئىدى، خوجايىننىڭ فامىلىسى دەن بولۇپ يېشى 50 لەردىن ئاشقىنىغا قارىماي ناھايىتى روھلۇق ئىدى.
-تۇتۇش بويروغى چىقىرىلغان ئىسرايىل ئۆزى شۇ!- دېدى دەن خوجايىن ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن توختامغا چاپلانغان كىملىكنىڭ نۇسخىلانغان نۇسخىسىنى گوڭ ئەترەت باشلىقىغا كۆرسىتىپ،- بىراق...
-بىراق نېمە؟- گوڭ ئەترەت باشلىغى ئالدىراپ كېتىپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.
-بىراق ئۇ ئادەتتە بەك يۇۋاش، كەمسۆز، تىرىشچان بالا ئىدى.
-«يۇۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە» دېگەن گەپنى ئاڭلىمغانمىدىڭىز؟- گوڭ ئەترەت باشلىغى گەپنىڭ ئۇزراپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدىمۇ، دەن خوجايىندىن سورىدى،- ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئېنىق ئادىرىسىنى ۋەياكى ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىغۇنى نومۇرى دېگەندەكلەرنى بىلەمسىز؟
-كىملىكىدە بارغۇ دەيمەن!- دەن خوجايىن ئۇنىڭ كىملىكىدىكى ئادىرىسنى ھەجىلەپ ئوقىۋاتقاندا گوڭ ئەترەت باشلىغى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى.
-بولدى، ئوقىماڭ، كىملىگى ساختا بولغاچقا، ئادىرىسىمۇ خاتا ئىكەن.
-مەن ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان چاغدا كىملىگى ساختا ئەمەستەك قىلاتتى...
-شۇنداق، ھازىر پۇلنى پەرقلەنمەيدىغان ياسىغان يەردە كىملىكنى ئەلۋەتتە راستەك ياسايدۇ-دە! ئۇ سىزگە قەيەرلىك ئىكەنلىگىنى ئېيتمىغانمۇ؟- گوڭ ئەترەت باشلىغى يەنە سورىدى، جەنۇپتىكى بىر چەت ناھىيىدە دېگەندەك قىلغان.
-...
-...
«جەنۇپ دېگەن بىر بىپايان زېمىن، جەنۇپنڭ بىر ناھىيىسىنىڭ يەر مەيدانى ئىچىكى ئۆلكىلەرنىڭ بىر ئۆلكىسى بىلەن تەڭ، بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ، ئەمدى بىر يىپ ئۇچى چىقىۋىدى يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى، بۇ خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندىنمۇ تەسكە چۈشتىغۇ –ئەمدى....» كوڭ ئەترەت باشلىغى يوقارقىلارنى ئويلاپ يەنە بېشى قاتتى.
-ئۇنداقتا ئىسرايىل 12-ماينىڭ ئالدى-كەينىدە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىغى، رىمونتخانىدىن ئايرىلغان –ئايرىلمىغانلىغىنى ئەسلىيەلەمسىز؟ - گوڭ ئەترەت باشلىغى رىمونتخانا خوجايىنىدىن سورىدى.
-ئەلۋەتتە ئەسلىيەلەيمەن!- دېدى دەن خوجايىن كېسىپلا،- ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇراتتى، ئاپرىلنىڭ ئاخىرىدىغۇ دەيمەن، 5-ئايدا يورتىغا بېرىپ توي قىلىدىغانلىغىنى ۋە بىر ئاي روخسەت بېرىشىنى ئېيتقان، مەنمۇ ئۇنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىرەر كۈنمۇ روخسەت سورىماي ياخشى ئىشلەپ بەرگەنلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ قوشۇلغان ئىدىم، ئۇ 4-ماي 4-ئايلىق ئىش ھەققىنى ئېلىپ 5-ماي ئۆيىگە بارىدىغان پويىز بېلىتىنى ئېلىپ بولغانلىغىنى ئېيتىپ، 5-ماي ئەتىگەندە مەن بىلەن خوشلۇشۇپ ماڭغانلىغىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە مەن موكاپات ھېساۋىغا ئۇنىڭغا 500 يۈەن يوللۇقمۇ تۇتقان ئىدىم،- دەن خوجايىن 4-ئايلىق ئىش ھەققى تارقاتقان ۋىدىموسىنى گوڭ ئەترەت باشلىقىغا كۆرسەتتى.
-ئۇنداقتا دېلو يۈز بەرگەن چاغدا ئۇ بۇ شەھەردە يوق، دەڭ!- گوڭ ئەترەت باشلىغى تولىمۇ ھەيران قالدى، «بۇ قانداق گەپ؟ دېلو 12-ماي يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ 5-ماينىڭ بېلىتىنى ئالغانلىغىنى دەن خوجايىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويغان...» گوڭ ئەترەت باشلىغى يەنە خىيالغا پاتتى.
-ئەگەر ئۇ سىز بىلەن ئالاقىلاشسا ھەرگىز چاندۇرماي ئۇنىڭ قەيەردىلىگىنى سوراپ بىزگە خەۋەر قىلىڭ!-گوڭ ئەترەت باشلىغى خوشلۇشۇپ چىقىۋېتىپ يوقارقىلارنى دەن خوجايىنغا تاپىلىدى ۋە ئۆزىنىڭ تېلىغۇن نومۇرىنى قالدۇرۇش بىلەن دەن خوجايىننىڭ تېلىغۇن نومورىنى خاتىرلىۋالدى.
گوڭ ئەترەت باشلىغى يول بويى گەپ –سۆز قىلمىدى ۋە ئەترەتكە بارغاندىن كېيىن باشقىلارغا خىزمەتمۇ ئورۇنلاشتۇرماي ئىشخانىسىنى تاقاپ كىرىپ يەنە ئويغا پاتتى: «ئۇ 5-ماينىڭ پويىز بېلىتىنى خوجايىنغا كۆرسەتكەن بولسا ئۇنىڭدا چوقۇم ھەقىقى كىملىك بار...»
ئۇشتۇمتۇت جىرىڭلىغان تېلىغۇن گوڭ ئەترەت باشلىغىنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى.
-ۋەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىدىمۇ؟ -قارشى تەرەپ جىددى تەلەپپۇزدا سورىدى.
-شۇنداق، سىز...؟-گوڭ ئەترەت باشلىغىنىڭ يۈرىگى قىنىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇپ دۇدۇقلىدى.
-ھە، مەن ++ ناھىيىسىنىڭ بەشتۈپە كەنت ساقچىخانىسىدىن رەجەپ بولىمەن، توردىكى ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش بويرىغىغا ئاساسەن بىز يېز بويىچە 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئەر نوپۇسلارنى بىر قانچە قېتىم سېلىشتۇرۇپ چىقتۇق. ئەمما بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئىسرايىل ئىسىملىك ئادەم چىقمىدى، بىراق...
-بىراق، نېمە؟- گوڭ ئەترەت باشلىغى قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى بۆلدى.
-بىراق، ئىسراپىل دېگەن بىرەيلەن تۇتۇش بويروغى چىقرىلغان سۈرەتكە بەك ئوخشايدىكەن، لىكىن يورتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ راستىنلا ئىسراپىل ئىكەنلگىنى ئىسپاتلىدى،- دېدى قارشى تەرەپ.
-ئۇ كىشى 12-ماينىڭ ئالدى-كەينىدە سىلەرنىڭ ناھىيە، يېزىدىن ئايرىلىپتىكەنمۇ-قانداق؟- گوڭ ئەترەت باشلىغى تەقەززا بولغاندەك سورىدى.
-ئۇ ئەسلى مۇشۇ يەرلىك بولۇپ، يورتتىن چىقىپ كەتكىلى خېلى يىللار بولغان ئىكەن، تېخى قايتىپ كەلگىلى بىر قانچە كۈن بوپتۇ...
-ئۇنداق بولسا ئۇ ئادەمنى ھەرگىز قاچۇرۇپ قويماڭلار!- دېدى گوڭ ئەترەت باشلىغى ئالدىراپ،-مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر سۈرەتكە ئېلىپ كومپىيوتىر ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بېرىڭلار...
-ئۇ ئادەم بىلەن بىر ساقچىمىز باشقا ئىشخانىدا سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ، بىز سىلەرنىڭ تەلىپڭلار بويىچە ھازىر سۈرەتنى سىلەرگە يوللاپ بېرىمىز...
گوڭ ئەترەت باشلىغى دەن خوجايىننىڭ دەرھال جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىدىگە كېلىشنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن مۇئاۋىن ئەترەت باشلىغى تۇرسۇنغا تېلىغۇن ئورۇپ ئىشخانىسىغا چاقىرىتتى.
ئارىدىن بەش مىنوتتەك ۋاقىت ئۆتكىنىدى، سۈرەتنى يوللاپ بەرگەنلىك توغرسىدا ئۇچۇر كەلدى، گوڭ ئەترەت باشلىغى سۈرەتنى ئېچىۋىدى، ئالدىدىن، ئوڭدىن، سولدىن، پۈتۈن، يېرىم دېگەندەك ھەرخىل نوقتىدىن تارتىلغان سۈرەتلەر كومپيوتىر ئىكرانىدا كۆرۈندى، گوڭ ئەترەت باشلىغى ئۇ سۈرەتلەرنى ساختا كىملىكتىكى سۈرەت، پۇل بەرگۈدىن پۇل ئېلىۋاتقان چاغدىكى سىن لىنتىسى بىلەن سېلىشتۇرىۋاتقاندا، مۇئاۋىن ئەترات باشلىغى تۇرسۇن بىلەن رىمونتخانىنىڭ خوجايىنى تەڭلا كىرىپ كەلدى.
گوڭ ئەترەت باشلىغى قارشى تەرەپ يوللاپ بەرگەن سۈرەتلەرنى ئۇلارغا كۆرستىۋىدى، تېخى ئىككى پارچە سۈرەتنى چوڭايتىپ كۆرستىپ بولىغىچە دەن خوجايىن ئالدىراپ كەتتى؛
-دەل ئۆزى شۇ!- دېدى دەن خوجايىن قالغان سۈرەتلەرگىمۇ كۆز يۈگۈرىتىپ،- قىلچە خاتاسى يوق.
ئۈچەيلەن مۇقىملاشتۇرغان بولسىمۇ ئەمما تېخىمۇ ئىشەنچىلىك بولۇش ئۈچۈن گوڭ ئەترەت باشلىغى توردا قارشى تەرەپكە جىنايەت گوماندارىنى سىن كۆز ئالدىغا ئېلىپ كېلىش توغرىسىدا خەت يېزىۋىدى، قارشى تەرەپ دەرھال ئىسرايىلنى سىن كۆز ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ كۆرسەتتى، ئۈچەيلەن قايتا-قايتا راستىنلا ئىسرايىلنىڭ ئۆزى ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە گوڭ ئەترەت باشلىغى توردا ئۇنى ھەرگىز قاچۇرۇپ قويماسلىق، ئەتىلا ئايروپىلان بىلەن ئادەم ئەۋەتىدىغانلىغى توغرىسىدا ئۇچۇر يوللىدى...
X  X  X  X
ئىسراپىل مەركىزى شەھەرگە يالاپ ئېلىپ كېلىندى، بىراق ئۇ ئۈزىنىڭ قاتىللىق، بولاڭچىلىق قىلمىشىىنى ھەرگىز ئىقرار قىلمىدى، جىنايى ئىشلار ئەترىدى يەنىلا ئەتراپلىق ئويلاپ ئالدى بىلەن ئىسراپىلنىڭ DNA سىنى ئېلىپ تەكشۈرۈپ، ۋەقە يۈز بەرگەن ساداقەتنىڭ داچىسىدىن ئالغان باشقا چاچ ئەۋرىشكىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېكىتكەندىن كېيىن، پولاتتەك پاكىتنى ئالدىغا قويغاندا، تېخى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىدى ئىگىلەپ بولمىغان تەپسىلاتلاردىن تارتىپ تولۇق تاپشۇردى.
ئىسرايىلنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىسراپىل بولۇپ، جەنۇپتىكى بىر چەت ناھىيىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى بەكلا نامرات بولۇپ كىچىگىدىلا دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئىككى ئىنىسى بىلەن ئۇنى ئانىسى قاتارغا قوشقىنىدى، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن نامراتلىق تۈپەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقىيالماي شۇ ناھىيە ئىچىدىكى بىر ماشنا رىمونتخانىسىدا شاگىرىت بولۇپ كىرىپ ماشنا رىمونت قىلىشنى ئۈگەندى، ئۇ توي قىلىش يېىشغا بېرىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ توي قىلغۇدەك مادارى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسى ئولتۇرسا قوپسا ئۇنى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىپ قەرزىنى ئادا قىلىشنى ئويلايتى، «مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گوشقا ئامراق» دېگەندەك ئۇ ئۆزى بىلەن بىر كەنتلىك ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىرىگە ئوقىغان بىر قىزغا توي قىلىش تەكلىۋىنى قويىۋىدى، ئۇ قىز ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى نامرات كۆرۈپ رەت قىلدى، بىراق ئىسراپىل ئاسانلا بولدى قىلماي، ھۆنەر ئايرىپ چىققاندىن كېيىن ئۇ قىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىدىغانلىغى توغرىسىدا تالاي ۋەدىلەرنى بېرىپ ئۇقىزنى «ئىندەك» كە كەلتۈردى. «ئۇستۇرا كاپقا، قىز بالا لاپقا» دېگەندەك ئۇ قىز ئىسراپىلنىڭ «لاپ» لىرىغا ئىشىنىپ كېتىپ، ئۆزىنى تۇتتۇرۇپ قويۇپ، بويىدا قالدى، قىز ئۇنى تېخىمۇ ئالدىرتىشقا باشلىدى، ئەمما ئىسراپىلنىڭ ئامالى يوق ئىدى، قىز ئاخىرى «باسقۇنچىلىق قىلدى» دەپ ساقچىغا مەلۇم قىلماقچى بولغانلىغىنى ئېيتىپ ئىسراپىلغا قوقاق سالدى، ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي كۆڭلىغا بىر پىلاننى پۈكۈپ، بىر ئاي ئىچىدە چوقۇم توي قىلىدىغانلىغى توغرىىسىدا ۋەدە بەردى، ئۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۆپ باش قاتۇرۇپ ئامالنى قىلالمىدى، قىزمۇ بوش ئەمەس ئىدى، ئۇ مۇشۇنداق بولىشىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەندەك تۇنجى قېتىملىق «ئەھۋال» يۈز بەرگەندىكى ماددى پاكىتلارنى ساقلاپ قويغان بولۇپ، ئۇ پاكىتلارنى ئىسراپىلغا كۆرسىتىپ، مەلۇم قىلماقچى بولدى، قانداق قىلغۇلۇق؟ ئىسراپىل قىزدىن يەنە بىر ھەپتىلىك مۆھلەت ئېلىپ «پىلان» نىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغاندا تۇتۇلۇپ قېلىپ، ساقچىخانىغا كىرىپ قالدى، ئەمدى ئىسراپىل يورتنى تاشلاپ قاچمىسا قىز چوقۇم ئەرز قىلاتتى، ئەگەر ئوغۇرلۇق بىلەن باسقۇنچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى جىنايەت بىرلەشسە ئىسراپىلغا 10 يىللىقتىن ئارتۇق كېسىلىپ كېتىش تورغانلا گەپ، شۇڭا ئىسراپىل تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىپ بۇ مەركىزى شەھەرگە كېلىپ پاناھلاندى. ئۇ چاغدا 2-ئەۋلاد كىملىك تېخى بېجىرىلىشكە باشلىمىغان بولغاچقا ئۇنىڭ 1-ئەۋلاد كىملىگى ساقچىخانىدا تۇتۇپ قېلىنغىنىدى، شۇڭا ئۇ بۇ شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن ئىسمىنى ئىسرايىلغا ئۆزگەرتىپ ساختا كىملىك ياسىتىپ دەن خوجايىننىڭ رىمونتخانىسىغا ئورۇنلاشقىنىدى...
ئىسراپىلنىڭ ئىسمى ئىسرايىلغا ئۆزگەردى، يورتىمۇ ئۆزگۈرۈپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ «پوقى» بولغاچقىمۇ،. رىمونتخانىدا ناھايىتى ياخشى ئىشلەپ دەن خوجايىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. ئۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئىشلەيتى، بارىدىغان يېرى بولمىغاچقا رىمونتخانىدىن يىراققا كەتمەيتى. دەن خوجايىن ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بەرگەندىن باشقا رىمونتخانىنىڭ ھەممى ئىشلىرىنى ئاساسەن ئۇنىڭغا تاپشۇردى، ھەتتا شوپىرلىق پىراۋىسىمۇ ئېلىپ بەردى، كىرىم-چىقىمنىڭ ھەممىسى كومپيوتىرغا كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرىلىدىغان بولغاچقا، دەن خوجايىنمۇ خاتىرجەم ئىدى، ئىسراپىل بوش ۋاقىتلىرىدا تورغا چىقىپ بوش ۋاقىتىنى زىرىكمەي ئۆتكۈزەتتى، كېيىن «ئۈندىدار» پەيدا بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر كۈننىڭ، ئۇزۇن كېچىلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىگىنىمۇ بىلمەي قالىدىغان بولۇپ كەتتى.
بىر كۈنى كەچتە ئۇ تېلىغۇن ئويناۋېتىپ، ئۈندىداردا بىر قىزنىڭ نومۇرىنى قوشۇۋالدى. ئۇلار ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتى، ئۇ بۇرۇنمۇ خېلى كۆپ قىزلار بىلەن ئۈندىداردا ئۇچراشقان، ئەمما ئېھتىيات يۈزىسىدىنمۇ ياكى ئادەت يۈزىسىدىنمۇ ئۆز ئادىرىسىنى، نېمە ئىش بىلەن شوغۇللىنىدىغانلىغى، ھەقىقى ئىسمى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى، لىكىن ئۇ كۈنى نىمىشقىكىن، قارشى تەرەپمۇ ئۆزىنىڭ دوختۇر ئىكەنلىگى، قايسى دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغانلىغى قاتارلىقلارنى تەپسىلى ئېيتقانلىغىنى ئاڭلاپ، ئۇمۇ ئىسىمىنىڭ ئىسرايىل ئىكەنلىگىنى ئېيتىشى ھامان قارشى تەرەپ تولىمۇ ھەيران ھالدا قايتا سورىدى؛
-نېمە؟ ئىسىمىڭىز ئىسرايىلمۇ؟
-شۇنداق، ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ ئىسمىم غەلىتىمىكەن؟- ئىسرايىلمۇ سۇئالغا سۇئال بىلەن جاۋاب بەردى.
-ياقەي، چىرايلىق ئىسىم ئىكەن!- دېدى ساداقەت ئۆزىنىڭ ھەيران قالغانلىغىنى يوشۇرالماي،- بۇندىن كېيىن ئالاقىلىشىپ تورايلى...
ئۇلار شۇنىڭدىن باشلاپ داۋاملىق ئۈندىدار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردى، بولۇپمۇ كەچقۇرۇنلىرى ئۇلارنىڭ سۆھبىتى خۇددى يېڭىدىن مۇھەببەتلەشكەن قىز-يىگىتلەرگە ئوخشاش بىرەر سائەتكە سوزىلاتتى.
ئارىدىن خېلى مەزگىل ئۆتۈپ بىر كۈنى رىمونتخانىدىكى باشقىلار ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىسرايىل كۈندىلىك رىمونت خاتىرىسىنى كومپيوتىرغا كىرگۈزىۋەتكەندىن كېيىن كېيىمىنى يەڭگۈشلەپ ماڭاي دەپ تۇرشىغا بىر سۆرەش ماشنىسى «TOYOTA» ماركىلىق بىر پىكاپنى سۆرىتىپ رىمونتخانىغا كىرىپ كەلدى. پىكاپنىڭ ئالدى سوقۇلغان، ئالدى ئەينەك چېقىلغان بولۇپ، سۆرەپ كەلگەن ماشنا سوغورتا شىركىتىنىڭ ماشنىسى ئىدى. ئىسرايىل ماشنىنىڭ ئالدىنىڭ ئېغىر مىجىلغانلىغىنى كۆرۈپ سوغورتا شىركىتىدىكىلەردىن سورىدى؛
-بۇ ماشنىنى ھەيدىگەن ئادەم ساقمۇ؟
-ساق، ئەنە ئاشۇ قىز ماشنىنىڭ ئىگىسى بولىدۇ!- دېدى سوغورتا شىركىتىنىڭ بىر خادىمى ساداقەتنى كۆرسىتىپ.
-نېمە؟ شۇنداق ئېغىر سوقولۇپتۇ...،- ئىسرايىل بىردە ساداقەتكە بىردە ئالدى قىسمى مىجىلغان پىكاپقا قاراپ ھەيران قالغانلىغىدىن سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتى.
-چەتئەلنىڭ ماشنىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى مانا شۇ يەردە!- دېدى سوغورتا خادىمى چۈشەندۈرۈپ،- ئۇنى سوقولغاندا ئالدىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان بولۇتسمان شار
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

7

تېما

5

دوست

1213

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
212 سەر
تىللا
99 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
309 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 17:50:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى قاچان يوللايسىز ،زەپەر مۇئەللىم . بەك تەقەززا قىلىۋەتمەي تىزراق يوللىغايسىز.....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-10 23:46, Processed in 0.254635 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش