مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 11 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 159|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

0

دوست

310

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
62 سەر
تىللا
56 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
61 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 22:14:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانىl ObY  
eYjF"Aq  
'&gUAt  
~"wnl32G-:  
673G6Nk  
@Y(7n/*  
مەلۇمكى ، تىل بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتتىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ، ئەڭ مۇھىم بەلگۈسى . كۆپىنچە مىللەتلەرنىڭ تىللىرى ئۆز ئىچىدىن يەنە نۇرغۇن دىئالىكىت ۋە شىۋىلەرگە ئايرىلسىمۇ ، يەنىلا بىر يىتەكچى ئەدىبى تىل ئارقىلىق بىر ئىتنىك نام ئاستىغا ئۇيۇشۇپ تۇرىدۇ . كۆك تۈرۈك ۋە ئۇيغۇر مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن تارتىپ قېلىپلاشقان ھەممە مەدىنىيەتلىك تۈركى خەلىقلەرگە ئورتاق ئەدىبى تىللىق رودىنى ئاتقۇرۇپ كەلگەن ، قەدىمقى ئۇيغۇر تىل مەدىنىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۈركى تىل ، ئوتتۇرا ئاسىيادا تاكى 1924-يىلغىچە مەۋجۈت بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنىڭدىن كىيىنكى بىر ئەسىرلىك جەرياننى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر، ئۇزبېك مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىدىكى يىڭى سەھىپە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . 1OqVNp%K  
مەزكۇر ماقالىدا ؛ ئۇيغۇر نامنىڭ تارىختا مىللەت نامى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى تۈركى خەلىقلەر ئارىسىدىكى كۈچلۈك قەبىلەۋى سىياسى كۈچنىڭ نامى سۈپىتىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ، تارىخ سەھنىسىدىن يوقۇلۇش جەريانى ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزلەشتۈرۈش ئېھتىياجى ۋە يېقىنقى زامان غەرىپ ئىلمىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قايتا تونۇش جەريانى ، ئۇيغۇرلارنىڭ تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ تەسىرىدە يىڭىچە مائارىپ ، يىڭىچە جۇغراپىيىۋى نام ۋە ئىتنىڭ ناملارنى قوبۇل قىلىش جەريانى ، ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كىيىن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى باشلاپ بەرگەن يېزىق ئىسلاھاتى ۋە يىڭى ئەدىبى تىل يارىتىش ۋە مىللى مەتبۇئاتنى بەرپا قىلىش تەسىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى نۇقتىلىق سۆزلىنىدۇ .     mryT%zSlM  
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ۋە قەبىلىۋى تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ ، بىر پۈتۈن سىياسى گەۋدىدە ، يەنى ئۇيغۇر نامىغا ئۇيۇشۇش جەريانى 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تولۇق تاماملاندى دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ خىل قاراش مەلۇم چەكلىمىگە ئىگە ، چۈنكى كۇچانى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى تاكى 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئۆز مۇستەقىللىغى ۋە بۇددا ئىتىقىدىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى ، قارا قىتانلارنىڭ قاراخانىلار خانلىقىنى ۋەيران قىلىشى ۋە موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بوي سۇندۇرۇشى بىلەن قاراخانىلار دەۋرىدىن باشلانغان ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توساق ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئېتىقاد بىرلىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا قىتانلار ۋە موڭغۇللارنىڭ ئوتترۇرا ئاسىياغا قىلغان ھەربى يۈرۈشلىرى ئەسلىدىكى قاراخانىلار خانلىقى زىمىنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىۋىنى تېخمىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى . ,S, R6#3G  
11-ئەسىرنىڭ ئۆزىدىلا قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قەبىلە ۋە مىللەت تەركىۋى ناھايىتى مۇرەككەپ ئىدى ، بۈيۈك ئالىم مەخمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا شۇ چاغدىكى ئاساسلىق غول ئانا تۈركى قەبىلىلەرنىڭ 20 ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورۇنلۇشۇش تەرتىۋىنى يازمىچە ۋە خەرىتە ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ . تۈركلۈك چەك چېگىرىسى ئىنىق ئايرىلغان بۇ 20 قەبىلىنىڭ پەقەت يەتتىسىنىلا ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىدە ( توخسى ، ياغما ،چىگىللەر ئىلى دەريا بويلىرىدا . چارۇقلار مارالبېشى ئەتراپىدا ، چۇمۇللار يارىش تۈزلەڭلىكى ئەتراپىدا ، ئۇيغۇرلار كۇچارنىڭ شەرقىدىكى بەش شەھەردە ، ئارامۇت ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن جايدا دەپ ) كۆرسىتىدۇ . A/j'{X!z  
مەخمۇت قەشقەرى رىم (ئاناتولىيا) دىن تاكى جۇڭگو چېگىرىسىگىچە بولغان بارلىق تۈركى تىللىق قەبىلىلەرنى ئوموملاشتۇرۇپ تۈرك دەپ ئاتىسىمۇ لېكىن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ 11- ئەسىردىكى مىللەت قارشىدا تۈرك دىگەن چوڭ ئىتنىك نام ئاستىدا يەنە ئۈچ چوڭ سىياسى كۈچ (تۈرك ، ئوغۇز ، ئۇيغۇر ) بار ئىدى . E`32iE]O  
سىياسى كۈچلەرنىڭ بىرىنجىسى تۈرك ، مەخمۇد قەشقەرى بەزى سۆزلۈكلەرنى ئىزاھلىغاندا ، مەسىلەن ئازرۇق باشقا ، بۆلەك - ئوغۇزچە ، تۈركلەر بۇنى ئازىن دەيدۇ دىيىش ئارقىلىق تۈركنى ئوغۇزلارغا قارشى قويىدۇ ، دىۋاندا مۇنداق مىساللار خېلى بار . يەنە بىر جايدا « شۇڭا مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن ، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن ، ئەڭ زېرەكلىرىدىن ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۈپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياق كېزىپ چىقتىم . تۈرك ، تۈرۈكمەن ،ئوغۇز ، چىگىل ،ياغما ۋە قىرغىزلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم» . بۇ يەردە مەخمۇد قەشقەرى ''تۈرك'' نى بىرمۇنچە قەبىلىلەر قاتارىدا سانايدۇ . بىراق دىۋندا تۈركنىڭ سۆزىنى ئىزاھلىغاندا بىرلىك ھەم كۆپلۈك مەنىلىرىدە كېلىدىغانلىقى ، كۆپلۈك بولۈپ كەلگەندە نوھ ئەرۋاھلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ .  3+M+5  
مەخمۇد قەشقەرىنىڭ نەزىرىدىكى تۈركلەر زادى كىم ؟ مەخمۇد قەشقەرى ''تۈرك'' دىگەندە قەبىلەۋى تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ ، ئولتۇراق تۇرمۇشقا بالدۇر كۆچكەن ، خاقانىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىدىكى ئەدىبى تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلىقنى كۆرسىتىۋاتامدۇ ؟ بۇنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ . ئىككىنچى چوڭ سىياسى كۈچ ئوغۇزلار ، مەخمۇد قەشقەرىنىڭ دىۋاننى يېزىش سەۋەبىگە توختالغىنىمىزدا ، «كىشىلەرنىڭ ئوغۇز تۈركمەنلىرىنى بىلىشكە ئېھتىياجى بولغانلىقى ئۈچۈن ، شۇلارنىڭلا ئۇرۇقلىرىنى ، ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنىمۇ كۆرسەتتىم» دەيدۇ . «پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگۈلىرىنى ، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە ،'' تۈرك تىلىنى ئۈگىنىڭلار ،چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋاملىشىدۇ دىگەن ئىكەن » دەيدۇ . يەنە ئوغۇز سۆزىگە تەبىر بەرگەندە ، تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى ، ئوغۇزلار ، تۈركمەنلەردۇر ، ئۇلارنىڭ 22 ئۇرۇغى بولۇپ ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بەلگۈسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار... بىرىنجىسى ۋە يېتەكچىسى قىنىق . زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى شۇلاردىن- دۇر ... دەيدۇ . 2qKAO/_O  
ئورخون ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ، ئاخىرىدا ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەركىۋىگە كىرگەن قارلۇقلار ''دىۋان''دا ئايرىم قەبىلىلەر ئىتتىپاقى سۈپىتىدە ئەمەس ، بەلكى تۈركمەنلەرنىڭ تەركىۋىگە قېتىۋېتىلىدۇ: '' ئابا - ئاپا ، ئانا ، ئوغۇزچە . قارلۇق تۈركمەنلىرى بۇ سۆزنى قاتتىق تەلەپپۇز قىلىدۇ '' ''قارلۇقلار كۆچمەن تۈرۈكلەرنىڭ بىر گوروھى بولۇپ ، ئوغۇزلاردىن باشقىدۇر ، ئۇلارمۇ تۈركمەن ھىسابلىنىدۇ '' تۈركمەن سۆزىگە كەلگەندە ، ''تۇركمەن بۇلار ئوغۇزلاردۇر ...، تۈركمەنلەر ئەسلىدە 24 قەبىلىدۇر...''دەپ ئوغۇز بىلەن تۈركمەننىڭ ئارىسىدا تەڭلىك بەلگۈسى قويىدۇ .   R_:-Z .  
ئۈچىنچى چوڭ سىياسى كۈچ ئۇيغۇرلاردۇر . مەخمۇد قەشقەرى ئۇيغۇرلار نامىغا كەلگەندە ، بارلىق تۈركى قەبىلىلەرگە قارىغاندا ئالاھىدەرەك تەبىر بېرىدۇ . يەنى ئۇيغۇر سۆزىگە تەبىر بەرگەندە ،باشقا قەبىلىلەرگە ئوخشاشلا ئاددىلا ''قەبىلەڭ'' دەپ تونۇشتۇرماي ، بەلكى '' بىر ئەلنىڭ نامى '' دەپ ئىزاھلايدۇ . ھەممىمىزگە مەلۇمكى ''ئەل '' دىگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدا ''دۆلەت ، مىللەت '' دىگەن ئىككى مەنانى بېرىدۇ . دىمەك ، كۇچار ۋە بەش بالىق قاتارلىق بەش شەھەرنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلار دىنى ئېتىقاد ئايرىمىچىلىقى تۈپەيلىدىن ، قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان قاراخانىلار خانلىقى تەۋەلىكىدىكى . ئۇيغۇرلاردىن پەرىقلەنگەندىن سىرت ، قەبىلەۋى تەشكىلاتلىرىمۇ پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىدى . مەخمۇد قەشقەرى ئۇيغۇرلاردىكى بىۋاستە قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئىچكى توققۇز قەبىلىنى سانىمىغان تەقدىردىمۇ ، تاشقى توققۇز قەبىلە ئىتتىپاقىنى تىلغا ئالغان بولاتتى . ''دىۋان''دا پەقەت ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان باسمىل ، ياغما قاتارلىق بىرنەچچە قەبىلىلا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدا كۆرسىتىلگەن . M3)Id?|]6  
ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى ، مەخمۇد قەشقەرى ''دىۋان''نى يېزىشتا مۇسۇلمان بولغان تۈرۈكلەرنى ئاساس قىلغانلىقى ، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - ئايماقلىرى ، تاغ دەريا ، يۇرتلىرىنى يېزىشنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئىنىق مەلۇمات يوق .     oR<;Tr~{q  
دىمەك 11- ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوغۇز تۈركلىرى ( تۇركمەن ، قارلۇق ) نى ئاساس قىلغان قاراخانىلار خانلىقى بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەشكىل قىلغان''ئۇيغۇر ئېلى'' دىن ئىبارەت ئىككى ھاكىمىيەت مەۋجۈت ئىدى . قاراخانىلار خانلىقى ئۆز ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ، يارلىق پۈتۈك ، مەدىنىيەت ئىشلىرىنى بارلىق مەدىنىيەتلىك تۈركى خەلىقلەر ، جۈملىدىن ئولتۇراق تۈرۈكلەر ئارىسىدا ئوموملاشقان ئۇيغۇر ئەدىبى تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئېتىقاد ئايرىمىچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق يەكلەپ كەلگەن ، ھەتتا مۇسۇلمان تۈركلەر ئارىسىدا '' ئادەم تاتلاشسا (ئۇيغۇرلاشسا) ، قىلىچ داتلاشسا بۇزۇلۇر '' دىگەن ماقال تارقالغان . بىراق قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى قەبىلە ، ئوغۇز قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ تەركىۋىدىكى ئەزەلدىن تۈركى خەلىقلەرنىڭ سىياسى ۋە مەدىنى ھاياتىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتمىگەن ، ئادەتتىكى كىچىك بىر قەبىلە بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر سىياسى قەبىلىۋى كۈچ بولۇپ ئۇيۇشالمىدى . شۇڭا كىيىنكى مەزگىللەردە قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بارلىق تۈركى قەبىلە - ئۇرۇقلار ، ئەتراپتىكى ئەرەپ ، فارىسلار ۋە بۇدىست ئۇيغۇرلاردىن ئۆزلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن تۈرك نامىدا ئاتىلىپ كەلدى . تۈركى خەلىقلەر ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ئەدىبى تىل كۆك تۈركلەردىن كىيىن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى داۋاملاشتۇرۇپ تاكامۇللاشتۇرغان تىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەب ، فارىس ، سوغداقلار نەزىرىدە ئوموملاشتۇرۇلۇپ ،'' تۈركى تىل'' دەپ ئاتىلاتتى . مۇشۇ ئەدىبى تىلدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان تۈرك زىيالىلىرىمۇ بۇ تىلنى بەزى بەزىدە '' خاقانىيە تۈركچىسى '' ياكى ''قاشىغەر تۈركچىسى '' دەپ ئاتىغانلىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، ئومومىيۈزلۈك تۈرك تىلى دەپ ئاتالدى . بۇدىزىم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ تىلىنى '' تۈرۈكچە '' دەپ ئاتىغاندىن سىرت بەزىدە'' ئۇيغۇر تۈركچىسى'' دەپمۇ ئاتىدى . شۇ سەۋەپلىك پەقەت ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلىپ تۈركى خەلىقلەر ئارىسىغا ئوموملاشتۇرغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى ، مەخمۇد قەشقەرى ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ تۈرك يېزىقى دەپ ئاتىغان . دىمەك ، شەھەرلەشكەن ، مەدىنىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقان بارلىق تۈركى خەلىقلەر ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئاساسىدا قېلىپلاشقان ئەدىبى تىل ئەتراپىغا ئۇيۇشقان بولسىمۇ ، بۇ تىل ''ئۇيغۇر تىلى'' دەپ ئاتالماي ''تۈرك تىلى'' دەپ ئاتالدى . بۇنىڭدا قەدىمقى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ مەركىزى رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت بۇددىزىم مۇھىتىدا تۇرۇپ كەلگەنلىكى سەۋەپ بولغان ئىدى . :Ui'x8yt  
14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەسلىدىكى قاراخانىلار زىمىنىدىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ نەزىرىدە «بۇدىست ، كاپىر »مەنىسىدە چۈشۈنىلىپ كەلگەن « ئۇيغۇر» نامى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشى بىلەن ئىستىمالدىن قالدى . بىراق ، ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك مەدىنىيىتى ، ھاكىمىيىتى ، يېزىقى ، پۈتۈك ئىشلىرى بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئەتىۋارلىشىشىغا ئېرىشكەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يۇەن سۇلالىسى ئوردىسىدا ، تۈمۈرىلەر ئوردىلىرىدا « ئۇيغۇر» نامىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى . چۇنكى بۇددا دىنىنىڭ لاما مەزھىپىدە تۇرىۋاتقان موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى ھاكىمىيەت ئارقىلىق قوغدىغان ئىدى . موڭغۇللارنىڭ مەركىزى ئاسىيانى بوي سۇندۇرۇش ئۇرىشىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىر تۈمەن كىشىلىك قوشۇنى تۇرشاۋۇل قوشۇن بولۇپ سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭغان ئىدى ، بۇ قوشۇندا ئىدىقۇت بارچۇق ئات تېكىننىڭ ئۆزى قوماندان بولغان ئىدى .نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىلار چاغاتاي خانلىقى ، ئىلخانىلار خانلىقلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى . ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى خارەزىم ، ھىرات قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالدى . كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرى جانلىنىشقا باشلىغان تۇرپاندىن بارغان بىر قىسىم ئۇيغۇر قوشۇنلىرى مۇھەممەت شەيبانخاننىڭ قوشۇنى تەركىۋىدە تۈرچىستان شەھەرلىرىگىچە ھۇجۇم قىلغان . 1312-يىللىرى ئەتراپىدا ئۆزبەك خاننىڭ تاغىسى توقتاغا خان ئۆلگەندە ئۇيغۇرلاردىن بولغان باژىر توق بۇغا دىگەن كىشى تەختنى تارتىۋالغان : « كېلىن بايالىن قاتارلىقلارنى ئۆزبەك خان ئەلەيھىرەخمانى ئالدۇرۇپ كىلىشكە ئەۋەتتى . ئۇلار يېتىپ كەلگۈچە توختاغا خان ۋاپات بولدى . باژىر توق بۇغا دىگەن ئۇيغۇر قەۋمىدىن ئىدى ، كۆڭلى قارا كىشى ئىكەن ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن خان بولدى»......   -9"[/  
17-ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق تارىخچى خىۋا خانى ئابدۇلغازى باھادۇرخان (1605-1664) «شەجەرەئى تۈرك»ناملىق ئەسىرىدە ئۆزىنى خانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر نايمانلىرى ئىكەنلىكىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ ، ھەمدە خۇراسان ، سەمەرقەنت ، خارەزىم تەرەپلەردە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت قىلغانلىقىنى كۆپ ئورۇندا تىلغا ئالىدۇ . بولۇپمۇ ئابدۇلغازى باھادۇرخاننىڭ دادىسى ئەرەپ مۇھەممەدخاننىڭ قېشىدا « ئۇيغۇرلاردىن قۇربان ھاجى دىگەن كىشى بار بولۇپ ، خاننىڭ ئۇنىڭدىن ئۇلۇق بېگى يوق ئىدى... '' قەدىمى خەلق بۇ زاماننىڭ خەلقىدىن ياخشى ئىدى ، قۇربان ھاجى دىگەن بۇ ئۇيغۇر كىشىنىڭ ئوغلى قۇلمۇھەممەت مېنىڭ ئاتالىغىم ئىدى '' دەيدۇ . ئابدۇلغازى خان باشقا قېرىنداشلىرىدىن ھوقۇق تالىشى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئابدۇلغازى خاننىڭ دۇشمەنلىرى تەرەپىدىن قىرغىن قىلىنغان ئىدى . خارەزىم ، خىۋا ، ئۆرگەنچ تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلار 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئايرىم بىر سىياسى كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش سالاھىيىتىدىن قالغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ رايونلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئىدى . T\T>\&nY+|  
ئابدۇلغازى باھادۇرخاننىڭ « شەجەرەئى تەراكىمە » ناملىق ئەسىرىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا خارەزىم ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئۇيغۇرچە كۆچۈرۈلىشى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى ئىدى .   32DEKO] i  
بىراق تۈمۈرىلەر ئوردىسىدا 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ئورنىغا مۇتلەق خاتىمە بېرىلگەن ئىدى . شۇڭا ئۇيغۇرلار مەدىنىيەت ساھەسىدىلا ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالغان ئىدى ، ئەلىشىر ناۋائى تۇرك شىېرىيىتىنىڭ پېشىۋاسى مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇستازى دەپ تەرىپلەيدۇ . =,W~^<\"  
1540-1546-يىللىرىدا يېزىلغان «تارىخى رەشىدى» دە ئەلىشىر ناۋائىنىڭ نەسەبىسىنىڭ ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىكەنلىگى تىلغا ئېلىنىدۇ . 15-ئەسىردە يېزىلغان «تارىخى خانى»ناملىق ئەسەر ئاپتورنىڭمۇ ئۇيغۇر باخشىلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىگى ھەەققىدە مەلۇمات بار. ناۋائىنىڭ «ۋەقىفنامە» ناملىق ئەسىرىدە تۆمۈرىيلەر ئوردىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى بارلاس ، ئارلات ، تارخان ، قىيات ،قوڭرات قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئارقىغا تىزىلغان . ناۋائى تۈمۈرىيلەرنىڭ ئوردىسىدا پادىشاھ ھۈسەئىن بايقارادىن قالسىلا 2- نومۇرلۇق شەخىس بولسىمۇ ، لېكىن ئۆز مۆھرىنى يۇقارقى قەبىلىلەرنىڭ مۆھرىنىڭ ئاستىغا بېسىشقا مەجبۇرى بولغان . بۇ ھار- نومۇسقا چىدىمىغان ناۋائى ئۆز ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ۋە بۇ ۋەقەنى '' موھرىنى سۇندۇرۇش '' ئاتالغۇسى بىلەن بىلەن ئىپادىلىگەن . +r__>V,  
دىمەك ، 13-ئەسىرنىڭ بېشىدا قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ، 14-ئەسىردە ئۇلۇق «ئىدىقۇت ئۇيغۇرئېلى» نىڭ گۇمران بولىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسى سەھنىسىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيادا تاكى 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ، سىياسى جەھەتتە يەنىلا ئۈستۈنلۈك تالىشىپ كەلدى . شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ ئەسىر مابەينىدە ئۇيغۇرلار ئايرىم سىياسى كۈچ بولۇش سالاھىيىتىدىن قالدى. 32brt` oR  
شىنجاڭدا بولسا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن ، چاغاتاي ئەۋلاتلىرى مۇتلەق ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى .« ئۇيغۇر» نامى مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى» سىدە 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا '' سېرىق ئۇيغۇرلار'' نامى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تىلغا ئېلىندى . تۇغلۇق تۈمۈرخاننىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن تاكى 1514-يىلى « ياركەند سەئىدىيە .ئۇيغۇر خانلىقى » قۇرۇلغانچىچە بولغان ئىككى ئەسىر ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە ئۆتتى . ' C1yqkIa`  
ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ نەسەبى بىۋاستە چىنگىزخانغا باغلىنىش يولى بىلەن پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇقلىغى گەۋدىلەندۈرىلىدىغان بولدى . شۇنىسى قىززىقكى موڭغۇللار بىلەن تۈركى خەلقلەرنىڭ زور دەرىجىدە يۇغۇرۇلىشىدىن كېلىپ چىققان ئېتنىك ئۆزگۈرۈش مەدىنىيەت جەھەتتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى .چىنگىزخان نەسلىدىن بولغان بارلىق موڭغۇل پادىشاھلارنىڭ نەسەبى ئالدى بىلەن چىنگىزخانغا تۇتاشتۇرۇلغاندىن كىيىن تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئوغۇزخانغا ، نوھ ئوغلى تۈرككە تۇتاشتۇرىلىدىغان بولدى .   o}lA\32A  
16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەختۇم ئەززەم ئەۋلاتلىرىنىڭ سەئىدىيە خانلىقىغا كېلىپ تەسىر دائىرە تالىشىشى بىلەن يەرلىك خەلىقنىڭ مىللى ئېڭىدا يەنە بىر زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى ، يەركەند سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى گۇمران بولۇش بىلەن شىنجاڭنىڭ سىياسى ۋە دىنى سەھنىسىگە ئاتالمىش سەئىد ئەۋلادلىرى چىقتى ، ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ دىنى قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز نەسەبلىرىنى بىۋاستە ئەرەبلەردىن ، تەسەۋۇپچى ئەۋلىياھلاردىن ئىزدەش ، ۋە ئۆز نەسەبىنى زورلاپ ئەرەب ، فارىسلارغا باغلاش خائىشى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى . 1864 -يىلى ياقۇببەك ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ ، سەئىد ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى تەسىرىگە زەربە بېرىلگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللى نامىنى ئاللىقاچان ئۇنتىغان ئىدى . Ju XuS  
شىنجاڭنىڭ چىن سۇلالىسى تەۋەلىگىگە ئۆتىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ غەربى ئاسىيا ۋە ئەرەپ ، فارىسلار بىلەن بىۋاستە ئۇچۇرىشىش پۇرسىتى ئازايدى . شۇ سەۋەپلىك مەدرىسلەردە ئەرەب ، فارىس تىللىرىنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىشى ۋە بۇ تىللاردا بىۋاستە ئەسەر يارىتىش مودىسىمۇ پەسكويغا چۈشتى . شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئەرەب ، فارىس تىللىرىنى بىلىدىغان زىيالىلار ئازىيىپ تۈركى تىلغا بولغان ئېھتىياج ھەدەپ كۈچەيدى . نۇرغۇن تارىخى ، ئەدىبى ، دىنى ئەسەرلەر تۇركى تىلىغا تەرجىمە قىلىندى . تۈركى تىلىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر يارىتىلدى . بۇ دەۋىردە تۈركى تىلدا يارىتىلغان ئەسەرلەر ھەرقانداق دەۋىرلەردىكىدىن كۆپ بولدى . بۇنىڭغا يۈزلەپ مىساللارنى كەلتۈرۈش مۈمكىن . ئاڭ ۋە ئىدىئالوگىيە جەھەتتىمۇ مەلۇم بۇرۇلۇش بولدى . ئەنئەنىۋى تېمىلاردىن رئىال تېمىلارغا مۇراجەت قىلغان بىلال نازىم ، سەئىد مۇھەممەد قاشىي ، ئابدۇرېھىم نىزارى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدىپلەر ۋە ئۆز تارىخىغا يىڭىچە نەزەر بىلەن قارىغان موللا موسا سايرامى ، مۇھەممەد سادىق قەشقەرى قاتارلىق تارىخچىلار يېتىشىپ چىقتى . بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رىئال ئېھتىياج تۈپەيلى ئويغەنغان سىتىخيىلىك بۇرۇلۇش ئىدى . شۇ سەۋەپلىك ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن سەل كىيىن كىرگەن تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ تەسىرىنى ناھايىتى تېزلا ئۆزلەشتۈرىۋالدى . >U[YSsFt6  
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قازىنىشى بىلەن  سوۋىت ئوتتۇرا ئاسىياسىدا  مىللى چىگىرالار ئايرىلىپ تۇركىي خەلىقلەرنىڭ جۇملىدىن قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك خەلىقلىرىنىڭ ئايرىم جۇمھۇرىيەتلەرگە بۆلۇنىشى سەۋەپلىك ئىلگىركى مەدىنىيەت ۋە سىياسى بىرلىك تۈپدىن بۇزۇلدى. 1921-يىلى 21-ئىيۇن كۇنى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى مەشھۇر سىياسىيون جەمىيەت ئەربابى ئابدۇللا روزا باقىيېفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشكەنتتە ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇپ بۇ نامنى تارانچى، قەشقەرلىق، ئالتە شەھەرلىك، خوتەنلىك دىگەندەك ناملارنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. ئابدۇللا روزاباقىيىف بۇنامنى ئەسلىگە كەلتۇرگەندە ئەينى چاغدىكى جىددى سىياسى ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. يەنى يەتتىسۇ ۋە ئىككى دەريا ئارلىغىدىكى قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا تارانچى، قەشقەرلىك، ئالتە شەلىك دىگەندەك ئېغىر بۇلۇنمىچىلىك مەۋجۇت بولغانلىقى ئۇچۇن، چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۇكۇمرانلىقىغا قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىشقا مۇمكىن بولماي قالغان ئىدى. ئابدۇللا روزاباقىيېف ئۇيغۇر نامى ئۇنۇتۇلۇپ شۇنچە ئۇزۇن زامانلاردىن كىيىن بۇنامنى قانداقلارچە قايتا تۇنۇپ قالدى؟ EcmyY,32w  
ئىمپىراتور پىترنىڭ كېڭەيمىچىلىكىدىن كېيىن روسىيە دەسلەپ ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنلىرىغا ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا ،خىۋا ، قوقان خانلىقلىرىغا كېڭەيمىچىلىك قىلشقا باشلىدى . كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن ، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئىمپىرىيەلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارمىقىدا جۇغراپىيە ئىلمى جەمىيىتىنى قۇردى . مەزكۇرجەمئىيەت ئەزالىرى كېڭەش نىشان قىلىنغان رايونلارغا ئىلمىي تەكشۈرىشكە بېرىپ چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنى قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. بۇماتىرىياللار ئۆز نۆۋىتىدە يەنىلا نۇرغۇن ئارخىئولوگىيىلىك، ئىتنوگىرافىيىلىك، مىللەتشۇناسلىق ماتىرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. شۇڭا پۈتۈنلەي ھەربىي ئاخبارات ئىگەللەش مەقسىتىدە كەلگەن چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ ئىلى ۋە ئالتە شەھەر تەرەپتىن توپلىغان ماتىرىياللىرىنىڭ ھايال ئۆتمەيلا ئوتتۇرا ئاسىيانى چۈشۈنىش ئىستىگىدە كۆز تىكىپ تۇرغان ئېنگىلىز، گىرمانلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىشى ۋە غەربتە قاتتىق زىلزىلە قوزغىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى.   l#%G~c8x  
چۇقان ۋەلىخانوف ئىلى ۋە ئالتە شەھەر ئاھالىسىنى بىرەر ئىتنىك نام بىلەن ئاتىمىسىمۇ لېكىن قەدىمقى ئۇيغۇرلار ياشىغان جايلارنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. خەنزۇ مەنبەلىرىگە پۇختا بولغان ئىئاكىنىف بىچۇرىننىڭ << قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرگە دائىر ماتىرىياللار >>ناملىق تۆت توملۇق تەرجىمە ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىتنىك قاتلىمىنى يورۇتۇپ بېرىشتە بىرىنچى قول ماتىرىيال بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ، دۇنخۇاڭ، مۇڭغۇلىيەلەردىن زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرچە مەڭگۈتاش،يازما ماتىرىياللارنىڭ تېپىلىشى ۋە س. ئې. مالۇف ، ۋ. ۋ. رادلوف، ۋ. ۋ. بارتولد، د. ئى. تىخانوف قاتارلىق تۈركىلوگلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئابدۇللا روزىباقىيىفنى قاتتىق سۈيۈندۈرگەن ئىدى. يوقۇرقى كىشلەرنىڭ تۈركىلوگىيە ساھەسىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ھازىرقى كۈندە پۈتۈنلەي ئىلمىي ئەمگەك سانالسىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھمىيىتى چار روسسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بوي سۇندۇرىشىغا ئاساس سالغانلىقىدا ئىدى..   ,[ M^rv  
<<ئۇيغۇر>> نامى گەرچە 1921-يىلى تاشكەنىتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ نامنى بىردىنلا ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشتۇرۇش قىيىنغا چۈشتى. چۈنكى شۇنىڭغىچە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت جەھەتتە تۈركىي تىل دىگەن ئورتاق ئەدەبىي تىل بىلەن باغلىنىپ تۇرسىمۇ لېكىن ئۇلاردا ئىنىق مىللەت ئۇقۇمى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىدىن يىتىشىپ چىققان تۇنجى مەرىپەتچى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف تەخەللۇسى<<ئۇيغۇر بالىسى>> ئۇيغۇرلار ئىچىدە دەسلەپكىلىرىدىن بولۇپ << ئۇيغۇر >> نامىنى 1911-يىلى ئىشلەتكەن كىشى بولسىمۇ لېكىن 1914-يىلى ئالتە شەھەرگە قىلغان ساياھىتى جەريانىدا ئالتە شەھەر ئاھالىسىنىڭ مىللىي ئېڭىنى تەكشۈرۈپ قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشەلمەيدۇ ، ئەكىسچە ئۇلاردىن<< مىللىتىڭىز نىمە؟>> دىگەن سوئالغا << مۇسۇلمان، ئىبراھىم خەلىلۇللانىڭ مىللىتى، چەنتۇ>> دىگەندەك جاۋاپلارغا ئېرىشىدۇ.   "Bbd[ZI8  
ئەمەلىيەتتە ئابدۇللا روزى باقىيىفنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسەتكۈچى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف بولغان. چۈنكى نەزەر خوجائابدۇسەمەت ئورىنبۇرۇگدا 1908- يىلدىن باشلاپ چىقىشقا باشلىغان يېرىم ئايلىق ژورنال<< شۇرا>> دا،1909- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىشقا باشلىغان . ئابدۇسەمەتوف 1911- يىلدىن باشلاپ ئۆزىگە << ئۇيغۇر بالىسى>> دەپ تەخەللۇس قويغان بولسىمۇ<< شۇرا>> غا يازغان ماقالىلىرى ئۆزىگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئىلى ۋە يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە بولغاچقا، ئۇلارنى ئالتە شەھەر ئۇيغۇرلىرىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزچىل تۈردە <<تارانچى>> دەپ ئاتىغان. ھەتتا قۇمۇل، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىمۇ<<تارانچى>> دەپ ھىساپلىغان. u1i ?L'  
نەزەرخوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ ئۇيغۇر نامىنى قۇبۇل قىلىشى تەساددىپىي ئىش ئەمەس چۈنكى تاتارلاردا 1905- يىلىدىكى روسسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن يىڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن جەدىدچىلىك ھەركىتىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن 1918-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر جەمئىي 63 خىل گېزىت،34 خىل ژورنال نەشىر قىلىنغان ئىدى. مانا بۇ گېزىت-ژورناللار روسسىيە مۇسۇلمانلىرى بولۇپمۇ تاتار جەدىدچىلىرىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك پائالىيەت سورۇنى ئىدى. مەتبەچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. گېزىت- ژورناللاردا دىنى-ئىجتىمائىي ماقالىلەر بېسىلغاندىن سىرىت تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر تۈرلۈك ماقالىلەر بېسىلىپ چىقتى. زەكىي ۋەلىدىي تۇغان قاتارلىق تۈركىلوگلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف، لەتىپ ئەنسەرىي قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ زىھنىنى ئويغاتتى. دىمەك تاتار مەتبۇئاتى نەزەرخوجىغا ئوخشاش نۇرغۇن زىيالىيلارنىڭ يىڭى زامان مەدەنىيىتىنى ئۈگۈنىدىغان ئەڭ ياخشى مەكتىۋىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ << شۇرا>>،<< ۋاقىت>>، << تىليارىش>> لاردا ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتىدىن خەۋەرلەرنى بەردى.<<شۇرا>>نىڭ 1910- يىلىدىكى بىر سانىدا ئۇيغۇر بالىسى <<ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر كونا ئەسىرى، ئۇلۇق ئەسەر (قۇتادغۇبىلىگ)نى (شۇرا) سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىپ تۈرك قېرىنداشلارنى خوشال قىلغىلى بولماسمۇ؟>> دەپ مۇراجەت قىلدى. يەنە شۇ ساندا ئۇ << شۇرا>> ژورنالىدىن ن . ن. پانتۇسوفنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى بىر ئەسىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى ئۆتۈنگەن. دىمەك نەزەر خوجا ئابدۇ سەمەتوفنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتى 1910- يىلدىن سەل بۇرۇن باشلانغان بولسا كېرەك. بۇلاردىن باشقا<< شۇرا>> ژورنىلى ۋە << ۋاقىت>> گېزىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ مەلۇمات بەرگەن كىشى ئاتاقلىق تاتار ئالىمى سەيياھ نۇشۇرۋان يائۇشىف بولدى. ئۇنىڭ مەتبۇئات ھاياتى سەل كېيىنرەك يەنى 1914- يىلدىن كېيىن باشلانغان بولسىمۇ لېكىن 1914- يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1917-يىلنىڭ بىشىغىچە بولغان ئارلىقتا ئىلى ۋادىسى ۋە ئالتە شەھەرساياھىتىدىن يازغان ماقالىسى ئازكەم يۈز پارچىگە يىتىدۇ. نۇشىرۋان يائۇشىفنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئومۇمىي تۈرك تارىخىنى يېزىشقا پايدىلىق قوليازمىلارنى جۈملىدىن << تارىخىي رەشىدىي>> نى تېپىش بولغاچقا ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا ئۈلگىرەلمەي قالغان. شۇڭا ئۇ ئىلى ۋە ئالتە شەھەر ئاھالىسىنى بىردەك <<ئالتە شەھەرتۈركلىرى>>،<<چىنى تۈركلىرى>> دەپ ئاتايدۇ. ئورتاق تۈرك تىلى، ئورتاق تۈرك مەتبۇئاتى، يىڭىچە مائارىپ يارىتىش غايىسى بارلىق غايىلىرىنىڭ مېغىزى بولغاچقا تۈركىي خەلقلەرنى ئۇششاق ئىتنىك گۇرۇپپىلار بويىچە ئاتاشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئېلىنغان كۆپلىگەن ماقالىلىرى ئىچىدە <<ئۇيغۇر>> ئاتالغۇسى ئاساسەن ئۇچىرىمايدۇ. ئۇ ئۆز ئىدىيىسى بويىچە شۇنداق ئاتاشنى خالىمىغانمۇ ياكى << ئۇيغۇر>> نامى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى تۇتۇقمۇ؟ بۇ تېخى تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك مەسلە.  نۇشىرۋان يائۇشىف تارىخىي قوليازمىلارنى ئىزدەشتە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ لېكىن ئالتە شەھەر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈگىنىش ئارقىلىق توپلىغان جەمئىيەت تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرى پەۋقۇلئاددە قىممەتلىكتۇر. ئۇنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن بەرگەن مەلۇماتلىرى بۈگۈنكى كۈنلىكتە ئەينى دەۋىر ئۇيغۇر روھىيىتىنى چۈشۈنىشتە تېپىلغۇسىز مەنبە بولۇپ تۇرماقتا. چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ 1857- يىلىدىكى تەكشۈرۈشىدە ئالتە شەھەر ئاھالىسى ئۆزبىكلەرنى <<ئەنجانلىق>> دەپ ئاتايدىغانلىقى، نۇشىرۋان يائۇشىفنىڭ تەكشۈرىشىدە ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ << ئەنجانلىق>> نى مىللەت نامى سۈپىتىدە چۈشۈنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار شۇ ۋاقىتقىچە ئۆزلىرىنى كىچىك دائىرىدە << قەشقەرلىق>>، <<خوتەنلىك>> دەپ ئاتىغاندىن سىرىت ئۆزى ياشاۋاتقان رايونلارنى چوڭ دائىرىدە نىمە دەپ ئاتىغان؟   C*,PH!$k  
« تارىخى رەشىدى »«تارىخى خەمىدى» قاتارلىق ئەسەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى جۇغراپىيەلىك چۈشەنچىلەردىكى ئىككى دەريا ۋادىسىنى مەركەز قىلغان رايونلار تۈرگىستان دەپ ، شەرقى چاغاتاي خانلىقى ھۆكۈمىرانلىق قىلغان رايونلار ئالتە شەھەر ، يەتتە شەھەر ، موڭغۇلىستان دەپ . كۇچارنىڭ شەرقىدىكى تۈرپاننى مەركەز قىلغان قەدىمى ئىدىقۇت خاندانلىقىنىڭ زىمىنى ئۇيغۇرستان ۋىلايىتى دەپ ئايرىلغان .چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كىيىن موڭغۇلىستان نامى ئۇنتۇلۇپ ، ئالتە  شەھەر ، يەتتە شەھەر دىگەن ناملار ئىشلىتىلىشكە باشلىدى . 1759-يىلىدىن كىيىن بۇ جاي« شىنجاڭ» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ نام ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىلا ئىشلىتىلدى . چۈنكى 1864-يىلدىن 1878-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ياقۇپبەك ھاكىمىيىتى ئالتە شەھەر ، يەتتە شەھەر نامىنىڭ ئومومىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، شىنجاڭ نامىنىڭ ئىزچىل ئىشلىتىلىشىگە ئىمكانىيەت بەرمىگەن ئىدى . ياپون ئالىمى «ئوئىشى شىنىچىرۇ » ؛ نوشۇرۇۋان يائۇشېفنىڭ ماقالىلىرىگە يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىسى دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن 1933-يىلى قەشقەر ، خوتەنلەردە يۈز بەرگەن ئىنقىلابلار ۋە ئۇلار ئىشلەتكەن جۇغراپىيىلىك نام ۋە مىللەت ناملىرىنى يۇقۇرىدىكى تاتار جەدىتچىلىرى ھەركەتلىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. fIg~[VN"  
«ئۇيغۇر»نامىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تاتار جەدىتچىلىرى قوزغىغان يىڭىچە مائارىپ ۋە ئەينى زامان مەدىنىيىتى بىلەن ئۇچۇرشىشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك . نوشۇرىۋان يائۇشېفنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تاتارچە گېزىت ، ژورناللارنىڭ كىرىشى 1910-يىللاردىن باشلانغان بولسا كېرەك دەيدۇ. ئۇ ئاقسۇدىكى سەپىرىدە « بۇ يەردىكى خەلق گېزىت ئوقۇمايدۇ ، ئوقۇغان تەغدىردىمۇ ئۇرۇش خەۋەرلىرىنىلا كۆرىدۇ »دەپ يازغان ، لېكىن نىمە گېزىت ئوقۇيدىغانلىقىنى يازمايدۇ . قەشقەرنىڭ  مەدىنى ئەھۋالى ھەققىدە يازغاندا «قەشقەر خەلقى ئارىسىدا گېزىت ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى » دەيدۇ-يۇ ، كىشىلەرنىڭ قانداق گېزىتلەرنى ئوقۇيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق ، 1916-يىلى خوتەندىن يوللىغان مەلۇماتلاردا پۈتكۈل خوتەن تەۋەسىدە قۇربان ھاجى ۋە موللا دەيدىغان ئىككى كىشىنىڭلا گېزىت - ژورنال ئوقۇيدىغانلىقى ، ئۇلارنىمۇ تېخى گېزىت، ژورنال ئوقۇشقا باشلىغىنىغا 4-5 يىللا بولغانلىقىنى يازىدۇ . بۇ گېزىت ژورناللارنىڭ ئىسمى ئېنىق يىزىلمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپ بولغاندا 3-4 خىل تاتارچە گېزىت. ژورنالغا مۇشتىرى بولىدىغانلىقى ئېنىق ئېيتىلغان . دىمەك خوتەنگە تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ تەسىرى 1910-يىلى يېتىپ بارغان . a$P$Ngi?S  
شىۋېتسىيە دىن تاراتقۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيەتلىرى 1897-يىلىدىن باشلانغان ئۇلارنىڭ قەشقەردە رەسمى باسمىخانا ئىچىپ ، تۈرلۈك تۈرۈكچە باسما بويۇملىرىنى كۆپلەپ نەشىر قىلىشى 1901-يىلىدىن باشلانغان بولسىمۇ ، لېكىن 1915-يىلى قەشقەردە بىرەر ئايدەك تۇرغان نوشۇرىۋان يائۇشېف بۇ ھەقتە ھىچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، سېۋېتسىيە دىن تاراتقۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭغا مەتبە بويۇملىرىنى ئېلىپ كېلىپ زامانىۋى تېخنىكا بىلەن دىننى ماتېرىياللار ، تارىخى - ئەدەبى ئەسەرلەر ،تۈرلۈك دەرسلىكلەر ۋە باشقا ماتىرىياللارنى نەشىر قىلىپ تارقىتىشى، 1924-يىللاردا يۇقۇرى پەللىگە چىققان . بەزى كىتاپلار ھەتتا قايتا-قايتا بېسىلغان ، بەزى كىتاپلارنىڭ تراژى مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن . شىۋېتسىيە دىن تاراتقۇچىلىرى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان جىددى ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ ، 1929-يىلى «كىتابى ئىلمى ئىملا »دىگەن ئىملا لوغىتىنى تۈزۈپ نەشىر قىلغان ۋە بارلىق باسما بويۇملىرىنىڭ ئىملاسى مۇشۇ قائىدە بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلغان . [i)G32:8U  
ئىملا لوغىتىدە جانلىق تىلدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى ئېتىۋارغا ئېلىنماي ، تۈركى تىلنىڭ ئەنئەنىسى ئۆز  پېتى ساقلاپ قېلىنغان . شۇ سەۋەپلىك ، بۇ تىل «ئۇيغۇر تىلى »دەپ ئاتالماي بەلكى «شەرق تۈركچىسى» ، «ئالتە شەھەر تۈركچىسى» دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان . مەشھۇر ئۇيغۇر شۇناس ئالىم گۇننار يارىڭ ئەپەندىمۇ بۇ تىلنى ئۇيغۇرچە دەپ ئاتاشقا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن . بۇ ئەمىلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىدا باش كۆتۈرىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى خەلقلەرگە ئورتاق تۈركى تىل ئەنئەنىسىدىن چەتنەپ ، يەنى سۈنئى تىللارنى يارىتىپ بېرىشكە قارشى ئىلىم كۈرىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان. شۇ سەۋەپلىك تۈركى خەلىقلەر ئارىسىدا خېلى چوڭقۇر يىلتىز  تارقان  تۈركلىك ئىدىيىسى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا تولۇق بەربات قىلىنغان بولسىمۇ شىنجاڭدا تاكى 1937-يىلى شىۋېتسىيە دىن تاراتقۇچىلىرى قوغلاپ چىقىرىلغانغا قەدەر داۋاملاشتى . شۇڭا شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا « ئۇيغۇر» نامىنى رەسمى ئېتنىك نام سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش خېلى ئۇزاققا سوزۇلدى . شۇڭا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىشىنى يەنىلا يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى باشلامچىلىق بىلەن ياراتقان بولۇپ ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن پەقەت شۇ مىللەتلەرگىلا خاس ئايرىم ئەدەبى تىل يارىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى . چۈنكى ئۇيغۇر، ئۇزبەك خەلىقلىرى ئارىسىدىكى ئەدەبى تىل بىرلىگى تۈپەيلىدىن بۇ ئىككى خەلق ئارىسىدىكى پەرق روشەن ئايرىلىپ چىقمىدى . ?>o|H-R~5Z  
سوۋىت ئىتتىپاقىدا يىڭى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مەيدانغا كىلىشى 1920-يىلى تۇنجى جۇمھۇرىيەتلىك گېزىت« كەمبەغەللەر ئاۋازى» نىڭ نەشىر قىلىنىشى بىلەن باشلاندى. گېزىت يۈزىدە باشلانغان ئېملا ۋە يېزىق مەسىللىرى توغىرىسىدىكى تالىشىشلار نەتىجىسىدە، 1925-يىلى7-ئاينىڭ-18كۈنى ئالمۇتىدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كېڭىشى چاقىرىلدى. يىغىندا ئۇيغۇرلار شۇ ۋاقىتقىچە ئىشلىتىپ كەلگەن ئەرەب يېزىقى ئىسلاھ قىلىنىپ 27 ھەرىپلىك يىڭى ئۇيغۇر يېزىقى مەيدانغا كەلگەن. بۇ تاتار جەددىچىلىرىنىڭ تاتار يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىشىدىن 5 يىل كېيىنكى ئىش ئىدى. بۇ سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن ئايرىم بەلگە بولماسلىق ئەھۋاللىرىغا خاتىمە بېرىلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا غايەت زور بۇرۇلۇش ياسىدى. ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەمزىلىك سەككىز سوزۇق ھەرىپىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئەنە شۇنىڭدىن باشلانغان بولسىمۇ بۇ ھەمزىلىك سوزۇق ھەرىپلەر1920- يىللىرىدىكى تاتار يېزىقى ئىسلاھاتىدا پەيدا بولغان 1926- يىلى موسكىۋادا س س س ر ئەللىرىنىڭ مەركىزىي نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئالىمى، شائېر ئابدۇلھەي مۇھەممىدىنىڭ « ئۇيغۇرچە يېزىق يوللىرى» دىگەن كىتابى نەشىردىن چىقتى. بۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ئىملا لوغىتى ئىدى. بۇنىڭغا ئابدۇللاروزى باقىيىف سۆز يازغان بولۇپ، ئېملا پىرىنسىپى ھەققىدە ھىچقانداق سىياسىي خاھىش ئېيتىلمىغان بەلكى يىڭىدىن يارىتىلىدىغان ئەدەبىي تىلنىڭ «پەرغانە، يەتتەسۇ، كاشغەر، غۇلجا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى خەلق ئەدەبىياتى ۋە تىل غەزىنىلىرىگە ئاساسلانغان» تىل بولىشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. F {T\UX  
نىمىشقىدۇر شۇنىڭدىن ئىككى-ئۈچ يىل ئۆتۈپ ئابدۇلھەي مۇھەممىدىنىڭ « ئۇيغۇرچە يېزىق يوللىرى» غا ھۇجۇم باشلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى قايتا بېكىتىش ھەققىدىكى كۆرەش باشلىنىپ كەتتى. 832ORr  
1928-يىلى سەمەرقەنتتە چاقىرىلغان پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىملا كېڭىشىدە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار« كاشغەر، ياركەنت، خوتەن، دولان، ئاقسۇ، ئۈچ تۇرپان، قۇمۇل ۋە ئىلى ئۇيغۇرلىرى»نىڭ تىلى بىر دىگەن خۇلاسە چىقىرىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېملاسىنى قايسى پىرىنسىپتا بىكىتىش مەسلىسىدە تاكى 1930-يىلى 5-ئايدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك تىل ئېملا قۇرۇلتىيى ئېچىلغىچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تالىشىشلار بولغان. بۇ تالىشىش ئاساسلىق قەدىمىي ئۇيغۇرئەدەبىي تىلى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا يىڭى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېملاسىنى مورفولىگىيەلىك پىرىنسىپ ئاساسىدا تۈزۈش بىلەن فونىتىكىلىق پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان جانلىق تىلغا تارتىىش توغىرىسىدا بولغان. ئابدۇلھەي مۇھەممىدى، لەتىپ ئەنسەرى، قادىر ئاشۇروف قاتارلىق زىيالىلار مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ لېكىن كۇنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان سىنپىي كۆرەش ئۇلارنى ئۆز مەيدانىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر قىلغان. بۇھەقتىكى بەس-مۇنازىرىلەر ئۇيغۇرچە« شەرىق ھەقىقىتى» ژورنىلى بىلەن« قىزىل تۇغ» گېزىتلىرىدە بىسىلىپ تۇرغان.     b!xm=U  
1936-يىلى ئالمۇتىدا چاقىرىلغان جۇمھۇرىيەتلەر ئارا تىل-ئېملا كېڭىشىدە ئۇيغۇرئالىمى قادىر ئاشۇروف «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېملاسىنى بىكىتىشتە فونىتىكىلىق پىرىنسىپ، مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپنىڭ ئورنىغا دەسسىسۇن. مەن ئىلگىرى خاتا پىكىرلەردە بولغان چۈنكى ئۇچاغدا مەن ساۋاتسىز ئىدىم، ھازىر ئۆستۈم...» دەپ ئىلگىرىكى پىكىرىدىن يېنىشقا مەجبۇر بولغان. چۈنكى شۇ چاغلاردا« كەمبەغەللەر ئاۋازى» نىڭ مۇھەرىرى ئابلىمىت غوجام بەردى قاتارلىق كىشلەر لېنىننىڭ« تىل سىنىپىي كۆرەشنىڭ ئۆتكۈر قورالى» دىگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېملاسىنى لېنىنچە يېشىش شۇئارىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. y1 53ax  
1936-يىلدىكى يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى بىكىتىش پىرىنسىپىدا تۈپلۈك ئۆزگىرىش يۈزبەرگەن يەنى شۇنىڭغىچە ئاساسەن تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا نىسپىي ئەمەل قىلغان ئاساستا چىقىۋاتقان ئۇيغۇرچە گېزىت-ژورناللار ئومۇميۈزلۈك جانلىق تىلغا تارتىلغان. جانلىق تىلدىلا مەۋجۇت بولۇپ يېزىقتا ئىپادىلەنمىگەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى ۋە شۇنىڭغىچە ئەدەبىي تىلنىڭ سىرتىدا تۇرىۋاتقان شىۋە سۆزلۈكلىرى تىلدا ئومۇميۈزلۈك ئەكىس ئىتىشكە باشلىغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۆتىلىدىغان دەرىسلىك كىتابلار ئۇيغۇرچە ئەدەبىي، سىياسىي ئەسەرلەر مۇشۇ يىڭى ئەدەبىي تىل فورمىسى بويىچە نەشىر قىلىنغان. نەتىجىدە يىڭى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يىڭى مۇنتىزىم مائارىپ ئارقىلىق ناھايىتتى تېزلا ئومۇملاشتۇرۇلغان.     )!(etB=`y  
1947- يىلى سوۋىت ئۇيغۇرلىرى لاتىن يېزىقىدىن سىلاۋىيان يېزىقىغا كۆچۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى يەنە بىر قېتىم قايتا بېكىتىلدى. 1960- يىلى ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىم غوجىئەھمەت سەدۋاقاسوفنىڭ يىڭى ئىملا لوغىتى ئېلان قىلىنىشى بىلەن 1947-يىلدىن بېرى ئىشلىتىلىۋاتقان ئېملا قائىدىسى كۈچتىن قالغان .      سوۋىت ئۇيغۇرلىرى نەشىر قىلغان تۈرلۈك گېزىت -ژورناللار شىنجاڭغىمۇ كۆپلەپ تارقىلىپ تۇرغان. شىڭسىسەي بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىر مەزگىللىك دوسىتلىقى جەريانىدا بۇنداق مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن. شىڭسىسەي بىلەن غوجى نىياز ھاجىنى ياراشتۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن سوۋىت تەرەپ مۇتەخەسىسى، غوجىنىياز ھاجىنىڭ مەسلىھەتچىسى مەشۇر روزىيىف(تەخەلۇسى ۋەتەن ئوغلى) ئۆلكىلىك ھۆكىمەتنىڭ نەشىرئەپكارى بولغان. «شىنجاڭ گېزىتى»نى ئۆز رەھبەرلىگىدە تەسىس قىلغان ۋە باش مۇھەرىرلىگىنى ئۆزئۈستىگە ئالغان. شۇڭا بۇگېزىتنىڭمۇ سوۋىت ئۇيغۇرلىرى ياراتقان يىڭى ئەدەبىي تىلدا چىقماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.   32*<nfA}  
شىۋىتسىيە دىن تاراتقۇچىلىرى بىلەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈن -تۈنسىز بۇ  كۆرەشتە ئاخىرى سوۋىت ئىتتىپاقى غەلبە قىلدى. سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيىلىشىدىن كېيىن شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاھالە تۇيمايلا ئۇيغۇر نامىنى ئۆزلەشتۈردى.1936-يىلى ئۆلكىلىك ھۆكىمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غوجىنىياز ھاجىنىڭ پەرمانى بىلەن ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىش قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىندى SR\F2@32u  
trC+Etc 32  
'uOzC"_yF  
مەنبە: نۇر تورى
مەنبە: ئانا تۇپراق
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

3

تېما

0

دوست

116

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
25 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
22 سەر
شۆھرەت
28 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 14:30:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز مىلىتىنىڭ شەكىللىشنى ۋە تارىخنى بىلىش بارلىق ئادەملەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، شونداقلا ئۆز مىلىتىگە مەسئۇل بولغانلىق بولۇپ كەلگۈسى پەقەت تارخنىڭ بولغانلىق ئۈچۈن تەرەققى قىلىدۇ،
ئادەمدەك ئادەم بولايلى

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 18:57:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىركىشىنىڭ ئۈزىمىزنىڭ ياشاش ۋە شەكىلىللىنىش تارىخىنى بىلىش ئەڭ مۇھىم بولغان بىلىمدۇر . رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 00:08:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخمىز توغرسىدا قىممەتلىك ماتېرىيال ئېلىپ كەلگىنىڭىزگە تەشەككۈر.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

7

تېما

29

دوست

2844

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

بايقاش

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
579 سەر
تىللا
15 دانە
تۆھپە
615 سەر
شۆھرەت
671 سەر

مائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 15:55:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مىللىتىمىز توغرىسىدا ياخشى ماتىياللارنى يوللاپسىز رەخمەت سىزگە.
مەتتۇردى مەتتۇرسۇن

61

تېما

37

دوست

9175

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1670 سەر
تىللا
1116 دانە
تۆھپە
1960 سەر
شۆھرەت
2011 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 20:05:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخمىز توغرسىدا قىممەتلىك ماتېرىيال ئېلىپ كەپسىز رەخمەت سىزگە
كەمىنە ئىلغاردىن بالىق دوسلارغا سالام
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:38, Processed in 0.478979 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش