مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 17 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 73|ئىنكاس: 5

غەلىبە قىلىشنىڭ يوللىرى ۋە ئىش ھاياتىنىڭ ئۇمۇمىي پرىنسىپلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

2

دوست

728

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
121 سەر
تىللا
27 دانە
تۆھپە
106 سەر
شۆھرەت
275 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 14:03:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلىبە قىلىشنىڭ يوللىرى ۋە ئىش ھاياتىنىڭ ئۇمۇمىي پرىنسىپلىرى
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ھەر قانداق ئىشنىڭ ياكى ھەرقانداق كەسىپنىڭ ئۆز ساھەسىگە خاس ئىشلەش ئۇسۇللىرى ۋە پرىنسىپلىرى بولغىنىدەك، ئەقلى بولسۇن، ياكى جىسمانى ئەمگەك بولسۇن ھەرقانداق بىر ئىشتا غەلىبە قىلىشنىڭمۇ بەزى قائىدە-ئۇسۇللىرى بولۇپ، ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلاش مۇمكىن:
1. ئىشلەش ئۈچۈن مۇناسىپ ۋاقىتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەڭ. ھەر قانداق ۋاقىتنى ئىشلەش ئۈچۈن مۇناسىپ دەپ بىلىڭ. ئۆزىڭىزگە مۇناسىپ ئىش ۋاقتىنىڭ يېتىلىشى كۈتىدىغان بولسىڭىز، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزى يېتىپ كەلمەيدۇ.
2.  ئىشلەش ئۈچۈن مۇناسىپ يەر ئىزدىمەڭ. ھەر قانداق يەرنى ئىشلەش ئۈچۈن مۇناسىپ دەپ بىلىڭ. ئەگەر ئۆزىڭىزگە مۇناسىپ ئىش ئورنىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە ساقلىسىڭىز، ئۇنداق ئورۇننى مەڭگۈ تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
3. كۈندىلىك ياكى مەلۈم ۋاقىت ئىچىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ۋە ياكى ۋەزىپىنى ئەتىگە كېچىكتۈرمەك. چۈنكى ھەر كۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدۇ.
4. بىر كۈندە ياكى بىر ۋاقىتتا بىرلا ئىشنى قىلىڭ: مەسىلەن دەرس ئوقۇماقچى بولسىڭىز بىر دەرس ئوقۇڭ، كىتاب ئوقۇماقچى بولسىڭىزمۇ بىرلا كىتاب ئوقۇڭ. ھەتتا بىرلا تېما ھەققىدە ئىزدىنىڭكى دىققىتىڭىز چېچىلىپ، زېھنى كۈچىڭىز ئاجىزلاپ كەتمىسۇن. شۇنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭكى، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ئىشنى بىرگە قىلىمەن دېگەن كىشى، ھېچ بىرىنى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئاخىرىغا چىقىرالمايدۇ. دۇنياغا مەشھۇر، ئەڭ كاتتا ئىسلام ئالىملىرىدىن ئىمام غەززالى ئۆزىنىڭ "ئىھيا ئۇلۇمىددىن" ناملىق قىممەتلىك ئەسىرىنى قانداق يېزىپ چىققانلىقى ھەققىدە سورالغىنىدا: بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا تېما ياكى بىرلا مەسىلە ھەققىدە ئىزدەندىم، دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن.
5.  بىر ئىشنى باشلىغان بولسىڭىز، شۇ ئىشنى تۈگەتمىگۈچە يېڭى ئىش باشلىماڭ. چۈنكى ئاخىرىغا چىقمىغان ئىش تېخى باشلانمىغان ئىش بىلەن باراۋەردۇر.
6 . بۈگۈنلۈك قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ياكى ۋەزىپىلەرنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئەتە نېمە ئىش قىلىشىڭىز ھەققىدە قارار بېرىڭ. ھېچ بولمىسا ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن نېمە ئىش قىلىش ھەققىدە ئويلىنىپ قارار بەرگەندىن كېيىن ئاندىن باشلاڭ.
7.   بىر دەرسنى باشلاشتىن، بىر كىتابنى ئوقۇشتىن ياكى بىرەر ۋەزىپىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئويلىنىڭ ۋە بۇ ئىش جەريانىدا لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى يېنىڭىزدا قويۇڭ. ھە دېسىلا لازىم بولغان نەرسىنى ئىزدەپ ئورنىڭىزدىن تۇرىدىغان ئىش چىقىپ زېھنىڭىز چېچىلمىسۇن.
  8. ئىش جەريانىدا، خۇددى دۈشمەننى كۆزىتىپ تۇرىۋاتقان ئەسكەردەك سەگەك بولۇڭ. دىققىتىڭىزنى بۇزماستىن، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئىشقا بېرىلىڭ. قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ئۆزىڭىزگە دۈشمەن بىلىڭ. ئەگەر سىز ئۇنى گۈزەل ۋە مۇكەممەل شەكىلدە تۈگەتمىسىڭىز، چوقۇم سىزنى ناھايىتى يامان بىر شەكىلدە تۈگىتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ.
  9.  بىر ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، قانداق قىلغاندا ئەڭ ئەڭ ئاسان ۋە قىسقا ۋاقىتتا مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە ئويلاڭ. پىلان -لاھىيەسىز بىر ئىشنى باشلىغان كىشى ئەخمەق دەپ ئاتىلىدۇ . ئىسلام ئالىملىرى: (توغرا سەۋەپكە ئېسىلغان كىشى، توغرا نەتىجىگە ئېرىشىدۇ،) دەيدۇ.
10.  قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يەڭمەستىن ھەرگىز ئارقىغا چېكىنمەڭ. شۇنى ياخشى بىلىڭكى، ھارغىنلىق ھۇرۇنلۇقنىڭ ئالامىتىدۇر. يەنە شۇنى ياخشى بىلىڭكى ئىشنى ياخشى كۆرۈش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق يېتىلىدۇ. قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان مەنىۋى لەززەت، تەڭداشسىز بىر لەززەتتۇر. يەنە شۇنى بىلىڭكى، ئۇرۇشتا يەڭگەن، بىر ئىشتا غەلىبە قىلغانلار ھارماي-تالماي تىرىشقان ۋە سەۋرى قىلغانلاردۇر. مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس ئىرادە ئالدىدا قىيىنچىلىقلار يوق بولۇپ، مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنگەن ئىشلارمۇ مۇمكىن بولىدىغان ھالغا كېلىدۇ.
  11.  ئىشىڭىزدا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئىلگىرى پارچىلاڭ، ئاندىن كېيىن ھەر قىيىنچىلىقنى بىر - بىرلەپ يېڭىشكە باشلاڭ. مەسىلەن بىر دەرسنى ياكى بىر كىتابنى، قىسىم- قىسىمغا ئايرىڭ. ئاندىن بىر - بىرلەپ چۈشىنىشكە باشلاڭ. بىر تېمىنى تولۇق چۈشەنمەستىن ئىككىنچى تېمىغا ئۆتمەڭ. ئوخشاش ئىشنى كۈندە يېمەك-ئىچمەكتە قىلىمىزغۇ؟ مەسىلەن: تاماقنى ئاز- ئازدىن بىرەر قوشۇقتىن يەيمىز. سۇنىمۇ يۇتۇم -يۇتۇم ئىچىمىز. مېۋە - چېۋە، ئالما يېسەكمۇ بىر تەرەپتىن چىشلەپ يەيمىز ھەممىنى بىراقلا يېمەيمىز ئەمەسمۇ؟
   12.  ھەر كۈن ئوخشاش سائەتلەردە ئىنتىزاملىق ھالدا ئىشلەڭ. ئىشىڭىز ئۇزۇن ۋاقىت تاشلىنىپ قالمىسۇن. كېسەل ياكى بەك ئالدىراش بولمىسىڭىز تەتىل ۋاقىتلىرىدىمۇ ئاز بولسىمۇ ئىشلەپ قويۇڭ. ئۇزۇن مۇددەت تاشلىنىپ قالغان ئىشنى، كېيىن قايتا باشلىماق تەسكە چۈشىدۇ.
   13. بىر ئىشنى قىلىۋېتىپ ھېرىپ قالسىڭىز، دەم ئېلىش ئۈچۈن باشقا بىر ئىش قىلىڭ. ئىشنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىڭ. دەم ئېلىش باھانىسى بىلەن بىكار ئولتۇرماڭ. بوش ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ئىچى ئىشلەتمىگەن تۆمۈرگە ئوخشاش داتلاپ كېتىدۇ. ئاققان سۇ مەينەت بولمايدۇ، تۇرغۇن سۇ مەينەت بولىدۇ.
    14.  ناھايىتى كۆپ تەپەككۇر قىلىڭ: شۇنى ياخشى بىلىڭكى، ئىشلەش دېگەنلىك توختىماي ھەرىكەت قىلىش، ئوقۇش، يېزىش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى تەپەككۇر قىلغان ئادەم كاندا ئىشلىگەن ئادەمدىنمۇ بەكراق ئىش قىلغان بىلەن باراۋەردۇر.
  15 . نەتىجىلىك ئىش قىلغان ياكى قىلمىغانلىقڭىزنى بىر كۈندە قانچىلىك ئىشنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىڭىز بىلەن ئۆلچەڭ. سائەت بىلەن ئۆلچەپ، بۈگۈن مانچە سائەت ئىشلەپتىمەن يېتەر ئەمدى دېمەڭ. بەلكى شۇ كۈندە نېمە ئىش قىلغانلىقىڭىزغا ياكى نېمە ئۈگەنگەنلىكىڭىزگە قاراڭ. نەتىجىلىك ئىش قىلىش، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش دېگەنلىك ئەمەس. ۋاقىتنى قىممەتلەندۈرۈش، يەنى شۇ ۋاقىتتا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىسىنى كۆرىدىغان قىممەتلىك ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش دېمەكتۇر.
16 .  ئىلمى خىزمەتلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۈزۈل- كېسىلسىز ھالدا، ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككى ئۈچ سائەت ۋاقىت ئاجرىتىش يېتەرلىكتۇر. بۈيۈك پەيلاسوپ ئىبنى سىنا ئۆزىنىڭ "كىتابۇششىپا" ناملىق ئەسىرىنى ھەر كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن باغداتتىكى بىر مەسچىتتە كۈندە ئىككى- ئۈچ سائەت ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ قالدۇرغان.
17.  مۇستەھكەم ۋە ئىرادىلىك بولۇڭ. چۈنكى تامچە- تامچە كۆل بولىدۇ، ئوخشاش يەرگە تامچىغان سۇ زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن مەر - مەر تاشلارنىمۇ تىشىپ ئۆتىشى مۇمكىن.
18. بىر ئىشنى باشلىسىڭىز، ياكى بىر كىتابنى ئوقۇش ئۈچۈن قولىڭىزغا ئالسىڭىز، جىددىيلەشمەڭ ياكى ئالدىراقسانلىق قىلماڭ. سەۋرلىك بولۇڭ، ھەرگىزمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلماڭ، قېتىرقىنىپ ئىشلەڭ ۋە ئۈگىنىڭ.
19.  قىلىۋاتقان ئىشىڭىز ۋە ياكى دەرىسلىرىڭىزدە ھېچقانداق بىر نوقتىدىن دىققەتسىزلىكتىن ئۆتۈپ كەتمەڭ. بەزى چاغدا كىچىككىنە بىر دىققەتسىزلىكتىن چوڭ -چوڭ زىيانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۇنتۇماڭ.
20.  كەچتە يېتىش ئۈچۈن بېشىڭىزنى ياستۇققا قويغاندا ئۆزىڭىزدىن ھېساب ئېلىڭ. بۈگۈن نېمە ئىش قىلغانلىقىڭىزغا قاراڭ. ئەتە نېمە ئىش قىلىشىڭىزنى قارار قىلماستىن ئۇخلىماڭ.
  21. ھەر كۈنى ياخشى بىر ئەسەردىن ئون ياكى ئون بەش بەت يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇڭ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق توغرا تەلەپپۇزدا سۆزلەش ۋە نۇتۇق قابىلىيىتىڭىز تەرەققى قىلىدۇ.
22.  كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ئۇچراتقان بەزى ھېكمەتلىك سۆزلەرنى يادلىۋېلىڭ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كەلىمە ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتىڭىز تەرەققى قىلىپ، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىڭىز ئاشىدۇ.
23.   ئۆگەنگەن بىرەر دەرسنىڭ ياكى بىرەر كىتابنىڭ باش تېمىلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، كىتابنى يېپىۋېتىپ ئوقۇغان كىتابنى يادىسىغا خۇلاسە قىلىشقا تىرىشىڭ. چۈنكى بىر كىتابنى ياكى بىر دەرسنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە چۈشۈنۈپ يېتىشنىڭ بىردىن - بىر يولى، ئوقۇغاننى ياكى ئاڭلىغاننى خۇلاسە قىلىپ يېزىپ قالدۇرۇشتۇر.
24. بىر دەرستە ياكى بىر كىتابتا ئوقۇغانلىرىڭنى دوستلىرىڭىزغا يادىسىغا مۇزاكىرە قىلىپ بېرىڭ. چۈنكى شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەم زېھنىڭىز ئاشىدۇ، ھەمدە ئۈگەنگەن نەرسىڭىز زېھنىڭىزغا يەرلىشىدۇ. تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىڭىز ئۈسۈپ، نۇتۇق قابىلىيىتىڭىز ۋە پىكىر- چۈشەنچىلىرىڭىزنى ئىپادىلەش ماھارىتىڭىز ئاشىدۇ.
  25.سۆزلىگەن سۆزلىرىڭىز، يازغان نەرسىلىرىڭىز قىسقا ۋە چۈشۈنۈشلۈك بولسۇن.
26. ئوقۇغان كىتابتا ئۇچراتقان گۈزەل بىر ئابزاسنى قايسى كىتابتىن ئېلىنغانلىقىنى بەت نۇمۇرى بىلەن ئېنىق يېزىپ قالدۇرۇڭ. مۇشۇنداق قىلىپ ساقلىغان مەلۇماتلار كەلگۈسىدە بىرەر ئەسەر يېزىپ قالدۇرماقچى بولغاندا سىزنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى مول بىر بايلىق ھېسابلىنىدۇ.
27. بىر ماۋزۇدا بىرەر ئەسەر ياكى بىرەر ماقالە يېزىشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىڭىزدا، باشقىلار يېزىپ بولغان تېمىدا، سىزمۇ ئوخشاش بىر نەرسە يېزىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىلگىرى بۇ تېمىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقىڭ.
28. ئىلمىي ئىشلار ئۈچۈن ھەر كىشىنىڭ مىجەزىگە مۇناسىپ، ئوخشىمىغان مەنپەئەتلىك ۋە قىممەتلىك سائەتلىرى باردۇر. بۇ سائەتلەر شەخسلەرگە قارتا ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئەتتىگەنلىك ياخشى بولسا، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن كۈندۈز، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن كېچە بولىشى مۇمكىن. سىز بۇ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى كۆڭۈل ئېچش ئۈچۈن قۇربان قىلىپ زايا قىلماڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 20:05:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتگەندە بۇگۇن مەن نىمە ئىش قىلمەن ،كەشتە، مەن بۇگۇن نىمە ئىش قىلدىم دىيىش كىرەك.

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 00:35:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىش قىلىشنىڭ پرىنسىپلىرى» دا كۆرسىتىلگەن پرىنسىپلار پايدىلىنىشقا ئەرزىپلا قالماستىن، ئەمەليىتىمىزدە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان پرىنسىپلار ئىكەن.
رەھمەت سىزگە.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 16:29:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك،يۇقىرى نوقتىلارغا دىققەت قىلغان ئاساستا ئۆزىمىز يەتمەكچى بولغان نىشانغا يېتىپ،بۈيۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرشايلى،تېمىڭىزغا رەھمەت!مۇھىم بىلىملەرنى بىلىۋالدىم...
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 17:11:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاپا بولماي مەنبەسىنى ئئەسكەرتىپ قۇيۇڭ ن. قايسى توردىن يوللىغان بولسىڭىز تور مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ  ياخشى تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

61

تېما

37

دوست

9175

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1670 سەر
تىللا
1116 دانە
تۆھپە
1960 سەر
شۆھرەت
2011 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 08:58:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز بىراق زەپەر ئەپەندى ئېيتقىنىدەك مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىزكەن
كەمىنە ئىلغاردىن بالىق دوسلارغا سالام
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:44, Processed in 0.473948 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش