مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 137|ئىنكاس: 11

ئايالىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇرى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

0

دوست

310

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
62 سەر
تىللا
56 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
61 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 21:31:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايالىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇرى


خوتۇن دىگەن ئاپشاركا، مەن نەگە بارسام شۇ يەرنى سوراپ تېپىۋالىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن بىزار بولسام ئۇ شۇنىڭدىن خوشال بولۇپ ھېرىپ قالمايدۇ.
بىراق بۇ ئاپشاركا يامغۇر ياققان يېرىم كېچىدە مەڭگۈلۈككە غايىپ بولدى.
مەن قاتتىق ئازاپلاندىم، كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ، ئۆزەمدىن ئۆتكەن سەھۋەنلىكنى كەچۈرۈۋەتەلمىدىم. توي كۈنى، ئايالىم ئۈزۈك ئالىدىغان پۇلغا ماڭا بىر يانفۇن ئېلىپ بەرگەن ئىدى. شۇ كۈنى كېچىدە، بىز ئىككىمىز يوتقان ئىچىدە يانفۇننىڭ مۇزىكا قوڭغۇرىقىنى تەكرار تەڭشەپ چىققان ئىدۇق.بىز تۇرمۇشنى خۇددى مۇشۇ يانفۇن قوڭغۇرىقىدەك جاراڭلىق، يېقىملىق ھېس قىلىپ، ئارزۇ ۋە ئۈمىتكە تولغان ئىدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن دائىم ئۇنىڭ تېلېفۇنىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. «جىنىم، ئىشتىن يانغاندا كۆكتات ئالغاچ كېلىڭ»، «جىنىم، سىزنى سېغىندىم، سىزنى سۆيىمەن»، «جىنىم، كەچتە ئاپامىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەيلى». كۆڭلۈمدە شۇنداق ئىللىقلىق ھېس قىلاتتىم. بىر قېتىم تېلېفۇن مېيىغا توك قاچىلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، دەل شۇنى كۈنى باشلىق بىلەن يېزىغا چۈشۈشكە توغرا كېلىپ قالسا بولىدۇ. تېخى يېرىم كېچە بولغاندا قايتىپ كەلگىنىمچۇ. ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىشىمگىلا ئايالىمنىڭ يىغلاپ كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئەسلىدە، ئۇ مەن ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدىن باشلاپ ماڭا ھەر ئون بەش مىنۇتتا بىر قېتىم تېلېفۇن قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما ئىزچىل مېنى مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس دەپ ئۇچۇر چىقىپ تۇرغان ئىكەن. خوتۇنۇم تېخىمۇ جىددىلىشىپ، بىرەر كىلىشمەسلىك چىققان ئوخشايدۇ دەپ كېيىن ھەر ئون مىنۇتتا تاكى مەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا بىر قىتىمدىن تېلېفۇن قىلىپ تۇرۇپتۇ.ئۆيگە كىرگەن چاغدا ئۇ تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى ئەمدىلا قويۇپ تۇرغان ئىكەن. مەن ئايالىمنىڭ كىچىك ئىشنى يوغۇنىۋەتكەنلىكىنى تازا مۇۋاپىق كۆرمەي:
-مەنمۇ كىچىك بالا ئەمەس، نىمە ئىش چىقاتتى،-دىدىم. ئايالىم مېنىڭ تېلېفۇننى ئالماسلىقىمدىن بىر خىل تۇيغۇنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى مېنى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ دەپ ھېس قىلغانلىقنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئايالىمنىڭ بېشىغا پەپىلەپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ئەخمەق،- دىدىم. بىراق شۇنىڭدىن كېيىن تېلېفۇن باتارىيىسىگە توك قاچىلاشنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمىدىم.
كېيىنچە مېنىڭ ئەمىلىممۇ ئۆستى. پۇلىمىزمۇ بولدى، يانفۇنىمنىمۇ نەچچە قېتىم ئالماشتۇردۇم. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئايالىمغا ئاشۇ ئۈزۈككە قەرزى ئىكەنلىكىم ئېسىمگە كەچتى-دە ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سۆرىگىنمچە سودا سارىيىغا ئېلىپ كەلدىم. لېكىن ئۇ ئارىسالدا بولۇپ:
-ئاق ئالتۇن، ئالماس ئۈزۈك دىگەنلەرنى بارماققا سېلىۋالغاننىڭ نىمىگە پايدىسى بار، ماڭا بىر يانفۇن ئېلىپ بېرىڭ، مەن سىز بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرالايمەن-دېدى. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا بىر يانفۇن ئېلىپ بەردىم.
شۇ كۈنى بىرىمىز ياتاق ئۆيدە ، بىرىمىز مېھمانخانىدا تۇرۇپ ئۆز-ئارا ئۇچۇر يوللىشىپ، ئىنتايىن خوشال ئوينىدۇق.
بىر كۈنى كېچىدە، مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن دوستلارنىڭ ئۆيىگە قەرت ئوينىغىلى باردىم. ئويناپ تازا قىزىغان چاغدا ئايالىمدىن تېلېفۇن كەلدى.
-سىز نەدە؟ نىمىشقا تېخىغىچە ئۆيگە قايتىمايسىز؟
-مەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە قەرت ئوينىۋاتىمەن.

قاچان قايتىپ كېلىسىز؟
--بىردەمدىن كېيىن.
ئۇتتۇرۇپ، ئۇتۇپ، ئۇتۇپ ئۇتتۇرېۋىتىپ تۇرغىنىمدا ئايالىمنىڭ تېلېفۇنى يەنە ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. سىرتتا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى. ئايالىمدىن يەنە تېلېفۇن كەلدى.
سىز زادى نەدە، نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز، تېز قايتىپ كېلىڭ.
-سىزگە دىدىمغۇ، مەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە قەرت ئوينىۋاتىمەن. قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان تۇرسا مەن قانداق قايتىپ كېتىمەن!
-ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزنى دەپ بېرىڭ، مەن ئالغىلى باراي!
-ئۇنداق قىلماڭ!-بىرگە قەرت ئوينىۋاتقان دوستلىرىم مېنى زاڭلىق قىلىشىپ، «سايىماخۇن» دىيىشتى، شۇنىڭ بىلەن مەن تېلېفۇنۇمنى ئېتىۋەتتىم.
تاڭ يورىدى، مەن ئوتتۇرۇپ ھېچنىمەم قالمىدى، دوستۇم مېنى ماشىنا بىلەن ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى. ئەمما ئىشىك قۇلۇپلانغان بولۇپ، ئايالىم كۆرۈنمەيتى. شۇ چاغدا تېلېفۇن جىرىڭلاپ قالدى، تېلېفۇننى قېينىئانام بەرگە ئىدى. قەينىئانام يىغلامسىراپ دىيىشىچە«-ئۇ يېرىم كېچىدە يامغۇرغا قارىماي، ۋېلىسىپىت مىنىپ، كۈنلۈك ئېلىپ خىزمەتداشىلىرىمنىڭ ئۆيىگە مېنى ئىزدەپ ، ھەممە ئۆيلەرگە بارغان، يولدا ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ، قايتا ھۇشىغا كېلەلمىگەن ئىكەن.
تېلېفۇنىمنى ئېچىپلا مەن تېخى ئۇقۇمىغان بىر قالدۇرۇلغان سۆزگە كۆزۈم چۈشتى. «ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ، بۇگۇن بىزنىڭ توي خاتىرە كۈنىمىز، مەن سىزنى ئىزدەپ ماڭدىم، قالايمىقان چېپىپ يۈرمەڭ، مەن كۈنلۈك ئالغاچ ماڭدىم». ئۇ مېنى ئىزدەش يولىدا مەڭگۇلۇككە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. مەن كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزۇپ، بۇ قىسقا ئۇچۇرنى تەكرار ئوقۇدۇم، شۇ كۈنى كەچتە ئۆزەمنىڭ پۈتۈن دۇنيانى ئۇتتۇرىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئايالىم ئالەمدىن ئۆتكىلى ئۈچ ئاي بولغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا قورقۇنۇچلۇق چۈش ئىچىدىن قايتىپ كېلەلمەيۋاتاتتىم. خىزمەتكە كۆڭلۈم تارتىمايتى، كۈنبويى خامۇش يۈرەتتىم، ھەمدە نەچچە قېتىم ئۇ ئالەمگە بېرىپ ئۇنىڭغا
‏ھەمرا بولۇشنى ئويلاپمۇ باقتىم.....................
‏ ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئازاپلىمايلى! بىزنى قەدىرلىگەنلەرنىڭ  قەدرىنى قىلايلى!!!!!!!!

مەنبە:مىسرانىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

7

تېما

1

دوست

1222

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
252 سەر
تىللا
169 دانە
تۆھپە
238 سەر
شۆھرەت
239 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 23:24:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا ،شۇنداق ياخشى ئايال ئۈلۈپ كېتىپتۇ - ھەي !!!

30

تېما

16

دوست

1422

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
273 سەر
تىللا
159 دانە
تۆھپە
250 سەر
شۆھرەت
333 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 14:42:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ ئايالنىڭ ۋاپادار ،كۆيۈمچانلىقىدىن شۇنداق تەسىرلەندىم.لېكىن مۇشۇنداق ساداقەتمەن  كۆيۈمچان ئايالنىڭ ‹ئاپشاركا › نامى بىلەن ئاتىلىشى ئىچىمنى ئاچچىق قىلىۋەتتى.جەمىيىتىمىزدە ھەقىقەتەنمۇ  مۇشۇنداق يولدۇشىغا كۆيۈمچان مېھرىۋان ئاياللارنى توغرا چۈشەنمەي ئۇلاردىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان ئەھۋاللار بار .ئەمىليەتتە بۇنداق ئاياللار دىن بىزار بولۇش ئەمەس پەخىرلىنىش كېرەك.  رەخمەت سىزگە !ھارمىغايسىز !

باھا سۆز

گۈلزار توغرا دەيسىز دوستۇم . قوللايمەن .  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 01:48
گۈل پۇرىقى بىلەن، ئادەم پەزىلىتى بىلەن قەدىرلىنىدۇ!

15

تېما

1

دوست

874

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
181 سەر
تىللا
92 دانە
تۆھپە
162 سەر
شۆھرەت
171 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 16:03:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ، مەزمۇنلۇق ھىكايە ئىكەن، ئادەم شۇنداق ئوخشايدۇ ، يېنىدا بارىدا قەدرىگە يەتمەيدۇ ، ئۇ نەرسە قولدىن كەتكەندىن كيىن  ئاھ ۋاھ دەپ زارلىنىپ يۇرىيمىز . بىرىمىزنىڭ ھالىغا ، قەدرىگە يىتەيلى ،

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 20:17:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئازاپلىمايلى! بىزنى قەدىرلىگەنلەرنىڭ  قەدرىنى قىلايلى!!!!!!!!»قوللايمەن.

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 00:45:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باردا ھالىغا يەتمەي ،يوقتا ھەسرەت چېكىشمۇ بىر تىراگېدىيە-دە

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 01:54:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇن دىگەن ئاپشاركا، مەن نەگە بارسام شۇ يەرنى سوراپ تېپىۋالىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن بىزار بولسام ئۇ شۇنىڭدىن خوشال بولۇپ ھېرىپ قالمايدۇ.
بىراق بۇ ئاپشاركا يامغۇر ياققان يېرىم كېچىدە مەڭگۈلۈككە غايىپ بولدى.


ئۇ مېنى ئىزدەش يولىدا مەڭگۇلۇككە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. مەن كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزۇپ، بۇ قىسقا ئۇچۇرنى تەكرار ئوقۇدۇم، شۇ كۈنى كەچتە ئۆزەمنىڭ پۈتۈن دۇنيانى ئۇتتۇرىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئايالىم ئالەمدىن ئۆتكىلى ئۈچ ئاي بولغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا قورقۇنۇچلۇق چۈش ئىچىدىن قايتىپ كېلەلمەيۋاتاتتىم. خىزمەتكە كۆڭلۈم تارتىمايتى، كۈنبويى خامۇش يۈرەتتىم، ھەمدە نەچچە قېتىم ئۇ ئالەمگە بېرىپ ئۇنىڭغا
‏ھەمرا بولۇشنى ئويلاپمۇ باقتىم.....................

ھېكايىنىڭ باش ئاخرى ماسلاشماپتۇ .
مەن بۇ ھېكايىنىڭ بېشىنى ئوقۇپلا ئاياللاردىن بىزار بولغان بىر ئەرنىڭ ھال دەردى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن .   ئەسلىدە  بىر ۋاپادار ئايالنىڭ  ئېرىگە بولغان ساداقەتلىكى بىلەن ۋاپادارلىقى ئىپادىلەنگەن ئىكەن . بۇ ئايالنىڭ كۆيۈمچانلىقى بىلەن ۋاپادارلىقى ھەممە كىشىنى شۇنداق تەسىرلەندۈرگەن يەردە ئاشۇ ئەرنىڭ ئۇنى « ئاپشاركا » دەپ تىلغا ئېلىشى  مۇۋاپىقمۇ ؟ ئاياللارنىڭ ئېرىدىن ئەنسىرشى ، ئۇلارغا بولغان كۆيۈمچانلىق ئەمدى كېلىپ ئاپشاركاسىمان بولۇپ قالدىمۇ ؟
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

5

تېما

11

دوست

523

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
96 سەر
تىللا
56 دانە
تۆھپە
97 سەر
شۆھرەت
114 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 00:46:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئازاپلىمايلى! بىزنى قەدىرلىگەنلەرنىڭ  قەدرىنى قىلايلى، ئاياللىرىمىزغا لەقەم قويمايلى!

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 17:21:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزىمىز ياخشى كورگەن ئايالنى ئازاپلاش شۇ  ئەر ئۈچۈن  ئىنتايىن ناچار خىسلەت دەپ قارايمەن
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

15

تېما

2

دوست

728

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
121 سەر
تىللا
27 دانە
تۆھپە
106 سەر
شۆھرەت
275 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 16:48:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزەلدىن قەدرى يوقتۇر يانىدا بارى،
ئىنسان ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:08, Processed in 0.466759 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش