بالامسەن
ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمان
(بالىلار بايرىمى مۇناسىۋتى بىلەن يېزىلدى)
تىنىقلىرىڭ خۇش ھىدلىك پۇراق كەبى بالامسەن. ئۆيگە بەركەت،قۇت بەرگەن ئوماق،سەبى بالامسەن.
جۈپ كۆزۈڭدىن پارلايدۇ ھۆر دەۋىرنىڭ سىماسى، تەشنالىقنى قاندۇرغان بۇلاق كەبى بالامسەن.
بېرىپ ئىزگۈ تىلەكنى،سۆيۈندۈرۈپ يۈرەكنى، قاراڭغۇنى يورۇتقان چىراق كەبى بالامسەن.
بېنا قىلغان بېغىمدا سەنسىز بۇلبۇل سايرىماس، شۇ بېغىمدا گۈل-غۇنچە ياپراق كەبى بالامسەن.
چۈشسەم دەريا-دېڭىزغا مېھرىڭ ماڭا مەدەتكار، دولقۇنلاردا مەن ئۈچۈن قولۋاق كەبى بالامسەن.
ۋەتىنىڭنى سۆيۈپ ئۆت،ئەل ئىشقىدا كۆيۈپ ئۆت، باھادىرغا ،باتۇرغا قوشماق كەبى بالامسەن.
ئاپتۇر يېڭسار ناھىيە توپلۇق يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىۋىدە |