مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 7 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 2

سىنىپ مودىرلىق خىزمىتى ئۈستىدە ئويلىغانلىرىم(ئىككى پارچەئىلمى م.....

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

47

تېما

1

دوست

1905

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
395 سەر
تىللا
174 دانە
تۆھپە
423 سەر
شۆھرەت
387 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 16:53:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرس ئاڭلاش ۋە باھالاشتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار

دەرس ئاڭلاش مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىدىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ
بىرى بولۇپ،ئوقۇتۇش سۈپتىنى ئۆستۈرۈش كۈچلۈك تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە
مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس ئاڭلاش،باھالاش پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق
بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ئىددىيسى،ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىسىنى كېڭەيتىپ ،ياش يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەپ چىقالايدۇ.بۇ جەرياندا ھەربىر
ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتكۈچى،دەرس ئاڭلىغۇچى ۋە باھالىغۇچى بولۇپ بىر –بىرىگەتەسىر كۆرسىتىدۇ،بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋەيېتەكلەيدۇ.مەكتەپ ئوقۇتۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى بۇ خىزمەتنى ئەمەلىي ياخشى ئىشلەش،تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرغاندىن سىرىت يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش ۋە باھالاش سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ھازىر مەكتەپلەردە دەرس ئاڭلاش ۋە باھالاش داۋامىدا نۇرغۇن ئىللەتلەر ساقلىنىۋاتقان بولغاچقابۇخىزمەت تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ.بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى؛
1.دەرسنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن تۈرلۈك باھانەسەۋەبىدىن ۋاختىدا باھالاپ خۇلاسە چىقارماسلىق.بۇنىڭدا دەرس ئاڭلىغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
2.تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا خاتىرلەپ ،ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا باھالاپ قويۇپ دەرس ئۆتكۈچىگە نەپ بەرمەسلىك.
3.دەرسنىڭ نېگىزلىك قىسمىنى تۇتالماي،ھەممە تەرەپكە تەڭ ئېسىلىۋىلىش.
4.دەرس ئۆتكۈچىگە ياخشىچاق بولۇش ياكى دەرس ئۆتكۈچىدىن مەلۇم مۇددىئا سەۋەبىدىن
ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن،يىتەرسىزلىك تەرەپكە ھەدەپ ئېسىلىۋىلىپ،دەرس ئۆتكۈچىنىڭ
دەرس ئۆتۈش سەۋىيىسنى يوققا چىقىرىش.
مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنى قەتئىي تۈزىتىپ دەرس ئاڭلاش
ۋە باھالاش پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن.
1.ھەربىر دەرس باھالىغۇچى ۋە باھالاشقا رەھبەرلىك قىلغۇچى مەلۇم دەرىجىدە باھالاش
ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولۇشى،ئۆتۈلگەن دەرسكە نىسپەتەن بەلگىلىك سەۋىيەبولىشى،دەرسنىڭ
ھەربىر ھالقىسىنى ئەستايىدىل چۈشىنىپ تەھلىل قىلىشى،پىكىر يۈرگۇزىشى كېرەك.شۇنداق
بولغاندا بەرگەن باھاسىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ.
2.مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بىرىش ،دىمىسىمۇ بولىدىغان تەرەپلەرنى ئەزۋەيلەپ
ئولتۇرماسلىق،تۇتامى يوق سۆزلەر بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەك.
3.ئادىل،سەمىمىي بولۇش كېرەك.بۇنىڭدا دەرس ئۆتكۈچىگەگەپ ئېغىر كەتمىگەن ئاساستا
دەرستىكى روشەن سەۋەنلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپ دەرس ئۆتكۈچىنىڭ قايتا ئويلۇنۇپ،
ئۆزىدىكى سەۋەنىكلەرنىڭ ھەقىقى ئىكەنىلىكىنى بىلدۇرۇش كېرەك.چۈنكى دەرس ئۆتكۈچى
ئۆزىنىڭ دەرس ئۆتۈش پائالىيىتىنى ھېس قىلىپ بولالمايدۇ.
4.ئادەمگە قاراپ باھالاپ پەرىقلەندۈرۈش كېرەك.بۇنىڭدا مەكتەپتىكى تايانچ ئوقۇتقۇچىلارغا
نىسپەتەن تەلەپنى يۇقىرراق قويۇپ،ئۇلاردىكى ئىلغار ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى قېزىپ چىقىپ
كېڭەيتىش كېرەك.ياش يېڭى ئوقۇتقۇچىلارغا نىسپەتەن رىغبەتلەندۇرۇش پوزىتسىيسىدە تۇرۇش،
ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە،يېتەرسىزلىكلىىرىنى ئامالنىڭ بېرىچە ئوتتۇرىغا
قويماي،ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ،پۇرسەت بېرىش كېرەك.
5.مودا قوغلىشىپ قېلىپلىشىپ كەتكەن دەبدەبىلىك سۆزلەربىلەن باھا بېرىپ باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا نىسپەتەن قايمۇقۇپ قالىدىغان ئەھۋاللاردىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.
مەكتەپئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى يۇقارقى ئەھۋاللارغا ئەھمىيەت بەرگەندە دەرسخانا ئوقۇتۇش
خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش سۈپتىنى ئەلالاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىپلا قالماستىن يەنە،
بىر تۈركۈم ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش خىزمىتىدىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە
ئېرىشەلەيدۇ.


سىنىپ مودىرلىق خىزمىتى ئۈستىدە ئويلىغانلىرىم


سىنىپ مودىرلىق خىزمىتى بولسا مەكتەپ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە يادرولۇق رول ئوينايدىغان ئەڭ موھىم خىزمەت بولۇپ. سىنىپ مودىرلىق خىزمىتىنىڭ ياخشى-يامان بولىشى پۈتكۈل مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ياخشى -يامان بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئومۇمەن مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچى ھېساپلىنىدۇ.سىنىپ مودىرلىرى ئۆز سىنىپىنىڭ تەشكىللىگىچىسى ۋە ئىجادكارى ھېساپلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر سىنىپ مودىرى ئۆزىنىڭ سىنىپىنى ئەڭ ياخشى بولغان سىنىپ كوللىكتىۋى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئويلايدۇ. قابىل سىنىپ مودىرى بولۇپ ، ئۆزنىڭ سىنىپىنى ياخشى بەرپا قىلىشتا تۆۋەندىكى نوختىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
1.سىنىپ مودىرى ئۆز سىنىپنىڭ ئەمىلى ئەھالىنى چۈشۈنۈپ، ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ مەكتەپتىكى ۋە ئائىلىدىكى ئەھۋالىنى تولۇق ئىگەللەپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئائىلە،جەمىيەت، مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن تەربىيلىنىش موھىتىغا يۈزلىنىدۇ ، بۇ جەرياندا ھەر خىل ئاكتىپ ئامىللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىسا ، سەلبى تەرەپتىكى پاسسىپ ئامىللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۈگۈنىشتىن بېزار بولدىغان، مەكتەپتىن قاچىدىغان ، ئۈگۈنىشنى ئۆزىگە بولغان روھى بېسىم دەپ قارايدىغان پاسسىپ ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىللىرىنى چۈشۈنىشكە ماھىر بولۇپ، ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ روھى كەيپىياتىنى ۋاختىدا ئىگەللەپ، ۋاختىدا تەڭشەپ تۇرشى، ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ روھى كەيپىياتىنى كۆتۈردىغان ھەر خىل ئىژتىمائى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان دوستانە مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرشى لازىم.
2.سىنىپ مودىرلىرى ھەر قايسى پەن دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.ئوقۇتۇش خىزمىتى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئىزچىللىق ئاساس قىلىنغا تەلىم-تەربىيە جەريانىدۇر. ئوقۇتۇش پائالىيتىدە گەرچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم بېرىش ، ئادەم تەربىيلەش جەھەتتىكى نىشانى ئوخشاش بولسىمۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، روھى كەيپىيات ھالىتى،پىسخىك خاراكتىرى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش مىتودى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىندىۋدال ئالاھىدلىكلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنىش ئەھۋالى ئۆزگۈرۈپ ، ئۈگۈنىش جەھەتتىكى تۇراقسىزلىق كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ. بۇنداق مەسىللەر ۋاختىدا ھەل قىلىنمىسا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇرمال كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرشقىمۇ زور دەرجىدە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.
3.سىنىپ مودرلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ ، پاسسىپ تەسىرلەرنى بېرىپ قويۇشتىن قەتئى ساقلىنىشى لازىم، چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوبرازى ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ، پەقەت ئۇنىڭدىن ئۈگۈنىشنى ئەڭ توغرا، ئەڭ مۇكەممەل ئۈگۈنىش دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا سىنىپ مودىرلىرى ھەر جەھەتتىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۆزىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويلىغىنىدەك مۇكەممەل ئورۇنغا ئىگە قىلىشى كېرەك.
4.سىنىپ مودىرلىرى ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ،ئۇلار بىلەن سىردىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلار ھەل قىللالمىغان قىيىن مەسىللەرنى ۋاختىدا ئەڭ ياخشى ئۇسۇللار بىلەن ھەر قىلىپ بېرپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىكى ئىناق-ئىتتىپاق دوستانە مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشى لازىم، قانداقتۇر ئۇ دىگەن ئوقۇغۇچى مەن دىگەن ئوقۇتۇچى دەپ قاراپ كىبىر پەيدا قىلىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدا توساقلارنى پەيدا قىلماسلىقى لازىم.
5.ئوقۇغۇچىلارنى روھى جەھەتتىن كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنجىسىنى تىكلىشىگە ياردەم بېرىشى لازىم .
6.ئاتا-ئانىلار بىلەن سىردىشىشىنى كۈچەيتىپ جەمىيەتتە ئاتا-ئانىلار نىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىىپ تۇرشى لازىم، تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرەلىسەك قابىل بىر سىنىپ مودىرى بولۇپ چىققىلى بولىدۇ.



باھا سۆز

قاينامى ياخشى ماتىريال يوللاپسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 13:58
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ھەممىڭلارنىڭ نۇرۇز بايرىمغا مۇبارەك بولسۇن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 22:02:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باياتىن تېخى سىز يوللىغان pdf شەكلىدىكى بۇ ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىڭىزنى ئوقۇغانىدىم.نەچچە يىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلىي تەجرىبىڭىزگە ئاساسەن ياخشى يېزىپىسز،رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 23:49:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرس  باھالاش خىزمىتى  ئوقۇ - ئوقۇتۇشتا كەم بولمايدىغان مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى . سىز ئوتتۇرغا قويغان باھالاش  خىزمىتىدە دىققەت قىلىشق تىگىشلىك نۇقتىلارنى ناھايتى ياخشى شەرھىلەپ بېرىپسىز . ھەر بىر باھالىغۇچى بۇ ئۆرنەكلەر ئارقىلىق دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالىغاندا بىر تۈركۈم ئىلغار كۈچلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگىلى بولغۇدەك . ئۇندىن باشقا سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىدىكى تەجرىبىلىرىڭىزمۇ ئادەمنى قايىل قىلىدىكەن . رەھمەت سىزگە

باھا سۆز

ھېيت ياخشى ماتىريال ئىكەن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 13:52
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:34, Processed in 0.591854 second(s), 43 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش