مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2067 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 22 سېكۇنت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • ئامان 35 سېكۇنت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 26 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

كۆرۈش: 150|ئىنكاس: 5

ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا لىكسىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

89

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
21 سەر
تىللا
0 دانە
تۆھپە
18 سەر
شۆھرەت
17 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 18:57:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا


ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىمالى يېرىم شاردا بولۇپ ، دۇنيادىكى قېتئە ۋە ئوكيانلارنىڭ جايلىشىش مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا ، ئۇ ئاسىيانىڭ شەرقى قسىمىغا ، تىنىچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان . ئىلىمىزنىڭ زىمىنى كەڭ بولۇپ ، قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى تەخمىنەن 9 مىلىيۇن 600 مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىر كىلىدۇ ، بۇ پۈتكۈل ياۋروپانىڭ يەر كۆلىمى بىلەن تەڭ دىگۈدەك كىلىدۇ . يەر كۆلىمى جەھەتتە روسىيە بىلەن كانادادىن قالسا ، دۇنيادا 3- ئورۇندا تۇرىدۇ . ئىلىمىزنىڭ چىگرىسى ئۇزۇن ، قۇرۇقلۇقتىكى چىگرا سىزىغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مىڭ كىلومىتىردىن ئاشىدۇ ، قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت بىلەن قوشنا .
بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت بايرىقى بولۇپ ، قىزىل بايراقنىڭ سول ئۈستىگە بەش بۇرجەكلىك بەش سېرىق يۇلتۇز زىننەتلەنگەن . قىزىل رەڭ دەل جۇڭگۇ خەلقىنىڭ « 4- ماي ھەركىتى » دىن بۇيان ئېلىپ بارغان ئىنقىلاۋى كۆرىشىگە سىموۋول قىلىنغان . بەش يۇلتۇزنىڭ مۇناسىۋىتى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۇيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىموۋول قىلىنغان .
دۆلەت گىرىبى يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ ، بەش يۇلتۇز ، تىيەنئەنمىن مەيدانى ، ئالتۇن باشاق ۋە چىشلىق چاق چۈشۈرۈلگەن . دۆلەت گىرىبىدىكى سۈرەتلەر جۇڭگۇ خەلقىنىڭ « 4- ماي ھەركىتى » دىن بۇيانقى يېڭى دىمكۇراتىك ئىنقىلابى كۆرەشنى ۋە ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىكىدىكى ئىشچى – دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان يېڭى جۇڭگۇنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىززەت – ئابرويىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىى بىلدۈرگەن .
ئىلىمىزدە جەمئى 34 ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى ئورۇن بار بولۇپ ، 23 ئۆلكە ، 5 ئاپتۇنۇم رايۇن ، 4 بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە 2 ئالاھىدە مەمۇرى رايۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
تۆت بىۋاستە قاراشلىق شەھەر : بېيجىڭ ( پايتەخىت ) ، شاڭخەي ، تيەنجىن ، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت .
23 ئۆلكە : خېبىي ،سەنشى ، لىياۋنىڭ ، جىلىن ، خېيلوڭجىياڭ ، جىياڭسۇ ، جېجىياڭ ، ئەنخۇي ، فۇجىيەن ، جىياڭشى ، شەندۇڭ ، خېنەن ، خۇبىي ، خۇنەن ، گۇاڭدۇڭ ، خەينەن،  سېچۈەن ، گۇيجۇ ، يۈننەن ، شەنشى ، گەنسۇ ، چىڭخەي ، تەيۋەن ئۆلكىلىرىدىن ئىبارەت .
بەش ئاپتۇنۇم رايۇن : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنى ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى ، نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى ، شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن ئىبارەت .
ئىككى ئالاھىدە رايۇن : شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايۇنى ، ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرى رايۇنىدىن ئىبارەت .
ۋەتىنىمىز جۇڭگۇ قەدىمكى تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ ، دۇنيا تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . دۆلىتىمىز تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق ، ئالدىنقى چىن دەۋرى ( مىلادىدىن ئىلگىركى 221- يىلدىن بۇرۇن ) ، چىن ، خەن دەۋرى ( مىلادىدىن ئاۋالقى 221 – يىلدىن مىلادى 220 – يىلغىچە ) ، ئۈچ دۆلەت  ، ئىككى جىن ، جەنۇبى ، شىمالى سۇلالىلار دەۋرى ( مىلادى 220 – يىلدىن 589 – يىلغىچە ) ، سۇي ، تاڭ ، بەش سۇلالە دەۋرى ( مىلادى 581- يىلدىن 960- يىلغىچە ) ، سوڭ ، لىياۋ ، جەنۇبى جىن سۇلالىسى دەۋرى ( مىلادى 947- يىلدىن 1279- يىلغىچە ) ، يۈەن سۇلالسى دەۋرى ( مىلادى 1271- يىلىدىن 1368- يىلغىچە ) ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرى ( مىلادى 1368- يىلىدىن 1644- يىلىغىچە )، چىڭ سۇلالىسى دەۋرى ( 1636- يىلىدىن 1911- يىلىغىچە ) ، جۇڭخۇا مىنگو دەۋرى ( 1912- يىلىدىن 1949-يىلغىچە ) قاتارلىق دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن .
1949 –يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى . سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن ، جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنۋىرىسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك زورايدى . ئىسلاھات ئېلىپ بىرىش ، ئىشىكنى ئېچىۋىتىشتە زور تارىخى بۆسۈشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى . خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆزلۈكسىز ئۆسۈپ ، ھاللىق سەۋىيىگە يەتتى . سوتسىيالىستىك دىمكۇراتىك سىياسەت قۇرۇلۇشى ھەم تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى . خەلقئاارا سەھنىدىكى نوپۇزى كۇنسىرى ئېشىپ باردى .
ج ك پ 16- نۆۋەتلىك مەركىزى كومتېتى 6- ئومۇمى يىغىنىدا سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي سىتىراتىگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، خەلقنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ، شەھەر ، يېزا ، رايۇنلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىپ ، خەلقنى ئومۇميۈزلۈك باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسى ، ئىلىم – پەن ، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش،  ئىكىولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ، يۇقۇرى سەۋىيىدىكى ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ، پۈتۈن خەلق ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان ، ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ۋەزىيەت بەرپا قىلىشتەك ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش نىشانى روھىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ. ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ  ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق .





ئۇلۇغ ۋەتەن

      جوڭگۇ –تەرەققىي قىلىۋاتقان سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەت ،5مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى بىلەن يۇز نەچچە يىللىق ھاقارەتلىك تارىخ كاپىتالىزىمنى تاللاش ۋە ئۇنىڭ بەربات بولىشى بىلەن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپنىڭ غەلبىسىنى ۋە 40نەچچە يىللىق قۇرۇلۇش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر بىر مىليارىتتىن ئارتۇق نوپۇس بىلەن كىشى بىشىغا800جىڭدىن توغرا كەلمەيدىغان ئاشلىق ،يەرنىڭ كۆپ ،بايلىقنىڭ مول بولىشى بىلەن كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان بايلىق جەھەتتە دۇنيانىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيىسىدىن تۆۋەن تۇرۇش ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان سانائەت بىلەن بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كىتىشىنى ۋە نىسپىي ھالدىكى جاپالىق مۇھىت ئىكولوگىيىلىك شەرت شارائىت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر جۈملە سۆزگە ،يەنى جوڭگۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان ،سوتسىيالىزىمنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ،چوڭ دۆلەت دىگەن بىر جۈملە سۆز گە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ .مانا بۇ جوڭگۇنىڭ ئاساسلىق دۆلەت ئەھۋالى . دۆلەت ئەھۋالى يەككە يىگانە ئەھۋال بولماستىن بەلكى دۇنيا ئەھۋالىنىڭ بىر قىسمىدۇر.شۇڭا جوڭگۇنىڭ ئەھۋالىنى توغرا تونۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇنيا ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈش سىلىشتۇرۇش نوختىنەزىرى بىلەن قاراش كېرەك .
جوڭگۇ نامراتلىقنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىغان، شۇڭا بىز ھەرگىزمۇ غەرپ دۆلەتلىرى ئۈچۈن «قان يەتكۈزۈپ بەرگۈچى نەيچە» بولماسلىقىمىز كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىقتىزادىي جەھەتتە كاپىتالىزىم سىستىمىسىغا تايىنىشنى تەل-تۆكۈس تۈگىتىپ مۇستەقىل ھەم مۇكەممەل بولغان خەلق ئىگلىكى سىستىمىسىنى قۇرۇشىمىز ،دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق تەرەپلەرنى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشىمىز لازىم ،مۇشۇنداق قىلغاندا زۆرۈر بولغان خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ھەقىقى باراۋەرلىك ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى تولۇقلاپ ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايمىز. مەملىكىتىمىزنىڭ بىر نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش باشتىن ئاخىر يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمى باشتىن ئاخىر بىردەك بولغان، ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ كەلدى .جوڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسى جوڭگۇ ئىنقىلاۋى ۋە قۇرلىشىغا رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا ماركىسىزىملىق مىللەت نەزەريىسىنى جوڭگۇنىڭ دۆلەت ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈردى ،مىللەتلەر باراۋەرلىكى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش مىللىي تىرتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيىلەش ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىزادىنى راجلاندۇرۇش ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ،دىنىي ئىتتىقات ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ھازىرقى زامان ياش ئۆسمۈرلىرى ماركىسىزىم ،لىنىنىزىم ،ماۋزىدوڭ ئىددىيىسى ۋە دىڭ شىياۋپىڭ نەزەريىسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئېلىم-پەننى ھۆرمەتلەپ ،مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ ئىلمىي دۇنيا قاراش تىكلەپ ،مەردانىلىق بىلەن ئاتىزىمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىپ خوراپاتلىق قارىشىنىڭ تەسىرىنى تازىلاپ كونا ئۆرۈپ ئادەتنى ئۆزگەرتىپ يىڭى دۇنيا قاراش بىلەن ئۆزلىرىنى قوراللاندۇرۇش كېرەك .
  بارلىق فىئودال –خوراپاتلىق ۋە قانۇنغا خىلاپ دىنىي ھەركەتلەرنى چەكلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشىمىز ، ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزىمىز ھەل قىلالايدىغان ، مەدەنىيەتلىك ، سوتسىيالىزىم ئىزباسارلىرىدىن بولىشىمىز كېرەك.


ۋەتەنپەرلىكنىڭ مەنىسى


ۋەتەنپەرۋەرلىك دىگەن نىمە؟  ۋەتەنپەرۋەرلىك نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان مۇستەھكەملىنىپ كىلىۋاتقان ئۆز ۋەتىنىگە بولغان چوڭقۇر ھىسسىيات،مۇھەببىتىدىن ئىبارەت.
ئۇ قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ۋەتەننى سۆيۇش،سۇتسىيالىزىمنى سۆيۇش ، ئەمگەكنى سۆيۇش،ئەمگەكچىلەرنى سۆيۇش،كومۇنىستىك پارتىيەنى سۆيۇشتىن ئىبارەت بەش مەزمۇنىني ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىزنىڭ ۋەتىنىمىز جۇڭگۇ يېرى كەڭ،تۇپرىقى مۇنبەت،تاغ-دەريالىرى گۈزەل،بايلىقى مول قەدىمى مەدەنىيەتلىك دۆلەت.بۇ دۆلەتتە 56مىللەت ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان،مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان مۇرىنى مۇرىگە تىرەپ كۇرەش قىلىپ چەتئەل تاجاۋۇزچىلرىنى ئىلىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ جۇڭگۇ خەلقىنىڭ زىممىسىنى بىسىپ تۇرغان ئۇچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ .1949 -يىلى10-ئاينىڭ 1-كۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى،مۇشۇ نەچچە مىڭ يىل جەريانىدا جۇڭگۇنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئۇچۇن سۇنجۇڭسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى جۇڭگۇنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن بىغىشلاپ نەچچە مىڭ يىل ھۆكۇم سۇرگەن پادىشالىق تۇزۇمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، جۇڭخۇا مىنگونى قۇردى.
تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى جەريانىدا جۇڭگۇ زىيان تارتقاندىن باشقا تەڭسىز شەرتنامىلارغا قول قويۇپ،نۇرغۇنلىغان  ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ، خەلقپەرۋەر ئوت يۈرەك پالۋانلار، ئەزىمەتلەر شۇنداقلا بىر مىليارت 400مىليون سەر كۇمۇش غەزىنىدىن چىقىپ كەتتى،مانا مۇشۇنداق شارائىتتا نۇرغۇنلىغان ئەدىپلەر، ئالىملار،ھەربىلەر ، ئىنقىلاپچىلار ئىنقىلاپقا رەھبەرلىك قىلىپ قانلىق كۇرەشلەر ئارقىلىق ئۆز ۋەتىنىنى قوغداپ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇردى ھەمدە بىزگە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى قالدۇردى،بىز ياش ئۆسمۇرلەر بۇگۈنكى كۇننىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىگىنى تونۇپ يېتىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىمىزنى يۇقۇرى كۆتۇرىشىمىز كىرەك.
قانداق قىلغاندا ۋەتەننى قىزغىن سۆيگىلى بولىدۇ؟
①ۋەتەننى قىزغىن سۆيۇش ئۇچۇن ئالدىن ئۆز ئائىلىسىنى،ئۆز يۇرتىنى،مەكتىۋىنى،ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيۇپ،ئانا ۋەتىنىنى كۆز قارچۇغىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش،قوغداش لازىم،ئۆز ئائىلىسىنى ئۆز يۇرتىنى سۆيمەيدىغان ئۆز ئانا مەكتىۋىنى سۆيمەيدىغان ئوقۇغۇچىنى ۋەتەننى سۆيىدۇ،بۇ ئۇقۇغۇچىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھقا ئىگە دىگىلى بولمايدۇ.ئائىلىنى سۆيۇشتە ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش؛ئائىلىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم بىرىش،جاپادىن قورقماسلىق،تىرىشىپ ئۆگىنىش،ئىشلەش روھى بولغاندا ئۇلارنى ئۆز ئائىلىسىنى سۆيىدۇ دىيىشكەبولىدۇ،ئاتا-ئانىسىغاۋاپاداربولماي، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشمەي ، ئاتا-ئانىسىنى نارازى قىلىپ،مەكتەپكە كىلىپ تىرىشىپ ئۆگەنمىگەن،تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن،دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنمىگەن، دەپتەر-كىتاپلارنى ئاسرىمايدىغان،ياخشى ئوقۇمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئائىلىنى سۆيىدۇ دىگىلى بولمايدۇ.
مەكتەپ مۇلكىىنى،گۇل-گىياھلارنى،مۇھىتىنى ئاسرىمىغان،تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئوقۇغۇچىنى،ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىمىگەن ،تىرىشىپ ئۆگەنمىگەن ئوقۇغۇچىنى ئانا مەكتىۋىنى سۆيىدۇ دىگىلى بولمايدۇ.
ئەمگەكنى سۆيمەيدىغان ئۇقۇغۇچىنى(مەيلى ئەقلى ئەمگەك ياكى جىسمانى ئەمگەك بولسۇن) باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلىمىگەن ئوقۇغۇچىنى ئەمگەكىنى سۆيىدۇ دىگىلى بولمايدۇ.بۇنداق ئوقۇغۇچىلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى كەمچىل بولىدۇ.
سوتسىيالىزىمىنى،سوتىسىيالىستىك تۇزۇمىنى،سوتسىيالىستىك قانۇننى ھىمايە قىلىمايدىغان، سوتسىيالىزىمغا،سوتسىيالىستىك قانۇن-تۇزۇمگە،مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىگە رىئايە قىلىمايدىغان ئوقۇغۇچىنى ياخشڭ ئوقۇغۇچى  دىگىلى بولمايدۇ.
كوممۇنىسىتىك پارتىيەنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن سىياسەتلىرىنى،نىزاملىرىنى ئۆگەنمىگەن،ھىمايە قىلىمىغان پۇخرالارنى پارتىيەنى سۆيىدۇ دىگىلى بولمايدۇ.
بىزنىڭ بۇگۇنكىدەك مۇشۇنداق ئازادە،يورۇق،سىنىپلاردا خاتىرجەم ئوقۇپ بىلىم ئىگەللىشىمىز ئۇچۇن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن بىر تۈركۈم  ۋەتەنپەرۋەرلەرگە چىن يۈرىگىمىزدىن رەھمەت ئىيتماي تۇرالمايمىز.بىزنىڭ بۇگۇنكىدەك ئەۋزەل شەرت-شارائىتىمىز،بىر تۇركۇم مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئىسسسق قان-تەر ، ئېزىز جېنى بەدىلىگە كەلگەن.بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىغىمىز لازىم.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 2 + 3 + 2ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 2 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 22:43:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                 لىكسىيەرىڭىزگە رەخمەت.

31

تېما

6

دوست

1351

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
252 سەر
تىللا
169 دانە
تۆھپە
228 سەر
شۆھرەت
268 سەر

تىرىشچان ئەزاتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 22:58:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن.مۇشۇنداق  ۋەتەنپەرۋەرلىك توغىرسىدىكى لىكسىيە پائالىيتىنى تېخىمۇ كەڭەيتىپ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ دىگۈدەك بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ باللىرىمىزنىڭ ھۇششيارلىقىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈپ ئانا ۋەتىنىمىزگە بولغان كۆز قارشىنى چوڭقۇرلاشتۇرشىمىز لازىم.
   تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ...........................!
     

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 23:44:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلاقى تەربىيەگە ئائىت ياخشى تىمىكەن راستىنلا ئۇقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى بىرىشتە ئەسقىتىدىكەن رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 00:12:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزىنى سۆيۈش، يۇرتىنى سكيۈش  ۋەتەننى سۈيۈش جۈملىسىدىندۇر.   تىمىڭىزغا رەھمەت
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 00:13:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بىرىشتە  ئوقۇتقۇچىلارغا ياىشى ماتىرىيال سوۋغا قىپسىز   داۋاملىق تىرىشىڭ.
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:53, Processed in 0.432159 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش