مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 114|ئىنكاس: 3

باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

88

تېما

1

دوست

2339

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
485 سەر
تىللا
449 دانە
تۆھپە
326 سەر
شۆھرەت
394 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 13:38:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى


ئاپتۇرى: بۇۋەجەر ئابدۇرېھىم


بالىلارنىڭ تەبىئىتى ئومۇمىي جەھەتتىن قىزىققاقلىققا مايىل بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىرىدا بۇ خىل پىسخىكا ئەڭ گەۋدىلىك بولىدۇ. ئۇلار كۆرگەنلا نەرسىگە ھەۋەس ۋە قىزىقىش بىلەن قارايدۇ، كۆزىتىدۇ، بىلگۈسى كېلىدۇ؛ ئاڭلىغانلىرىغا ئاسان ئىشىنىدۇ، دوراپ باققۇسى كېلىدۇ؛ كۆرگىنى مەيلى ياخشى ئىش بولسۇن ياكى يامان ئىش بولسۇن، ئۇلار ئۈچۈن قىزىقىشنىڭ جەلپكار ئۆرنىكى بولۇپ، بۇ خىل قىزىقىش قايسى تەرەپكە يېتەكلەنسە، ئۇلار تەبىئىيلا شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. بۈگۈنكى زامانىۋى تۇرمۇش شەكلى ئۇلارنىڭ قىزىقىش دائىرىسىنى مىسلىسىز دەرىجىدىكى چەكسىزلىككە ئىگە قىلغاچقا، ھەربىر ھەرىكىتى ۋە گەپ-سۆزى مۇمكىنقەدەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆزىتىش نەزىرىدىن چەتتە قالسىلا، ئويلاپ باقمىغان يامان تەسىرلەرنى بىلىپ-بىلمەي يۇقتۇرۇۋېلىشى، ھەتتا ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، دەۋر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى.

بالىلىق قەلب گويا سۈتتەك ئاق، تىنىق بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك بولغاچقا، بۇلغانمىلارنىڭ يۇقۇشى تېز، تەسىر قىلىشى ئوڭاي بولىدۇ. كىچىككىنە بالىلارنىڭ مۇھەببەت خەتلىرىنى يېزىشىپ، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشلىرى؛ يۇقىرى يىللىقتىكى قىزلارنىڭ تۈنەكلەردە پەيدا بولۇشى، يېتىلگەن ئاياللاردەك گىرىم ۋە كىيىم-كېچەككە ھەۋەس قىلىشى، ئوغۇلللارنىڭ تاماكا، ھاراققا ھەۋەس بىلەن ئىنتىلىشى...قاتارلىق ئىشلار دەل بۈگۈنكى زامانىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ يامان تەرىپى، بالىلارنى مىللىي ئەنئەنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، يامراپ كېلىۋاتقان تاشقى مەدەنىيەتنىڭ يالتىراق كۆرۈنىشلىرىگە غەرق قىلىۋېتىدۇ. ئۇلار بۇنداق تەسىرنى تېلېۋىزور، كومپىيوتېردىنلا قوبۇل قىلىپ قالماستىن، يەنە جەمئىيەتتىن، مۇئەللىملىرىدىنمۇ قوبۇل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئەللىمدىن قوبۇل قىلىش ئەڭ خەتەرلىك. چۈنكى، بالىلار مۇئەللىمنى دوراشقا بەك ھېرىسمەن كېلىدۇ. مۇئەللىمنىڭ قىلغىنىنى راست، دېگىنىنى توغرا دەپ بىلگەچكە، ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىشنى، ئۇنىڭدەك بولۇشنى خۇشاللىق دەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئوقۇتقۇچىلار قانداق قىلىشى كېرەك.

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش ھەرقاچان بالىلارنىڭ سۆز ھەرىكىتىنى سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىپ، غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا تەربىيە بېرىش بىلەن بىللە، تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇلارغا نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىشى كېرەك. بۇ، ھېچبولمىغاندا بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى بىلەن توغرا ئادەتنىڭ پەرقىنى بىلىپ مېڭىشىغا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق، مەسىلەن، كىتاب ئوقۇش، ھېكايە سۆزلەش، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇش، بالىلارنى سۆزلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنى تونۇتۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۇسۇلى خەلق چۆچەكلىرىنىڭ گۈزەل نەمۇنىلىرىنى سۆزلەش ياكى ئوقۇپ بېرىش. دەرسلىكتىكى قېلىپلاشقان ئوقۇشلۇقلارنى تولا ئوقۇپ ياد بولۇپ كەتكەن بالىلار ئۈچۈن دىلغا ياقىدىغان چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بېرىش، بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ قېلىپقا چۈشۈپ تورمۇزلىنىپ قېلىۋاتقان نېرۋىلىرىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىپ ئازادىلىككە باشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، پارلاق مىللىي مەدەنىيەت دالاسى ۋە گۈزەل، تارتىملىق مىللىي تۇرمۇشنىڭ جەلپكار قەدىمىي مۇھىتىغا باشلاپ، روھىنى چاڭقاقلىتىن خالاس قىلسا ئەجەب ئەمەس.
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىشتە چوقۇم بېرىۋاتقان تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى، ۋەزىپە ئۈچۈنلا قىلىپ قويماسلىقى لازىم. مەسىلەن، بىر ئوقۇتقۇچى بالىلارغا ئەنئەنە تەربىيەسى بېرىۋاتقاندا، چېچىنى كۆپتۈرۈپ بېشىنى سېۋەتتەك قىلىۋالسا، كىيگەن يوپكىسىنىڭ قىسقىلىقىدىن يوتا، پاچاقلىرى كۆرۈنۈپ تۇرسا؛ ئەر ئوقۇتقۇچىلار رەڭدار كىيىملەرنى كىيگەن، چاچلىرى گەدەنگىچە چۈشكەن دېگەندەك غەلىتە ھالەتتە بولسا، بالىلارغا تەسىرى قانداق بولار؟ بۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلار دېگىنىنى ئەمەس، قىلغىنىنى دورىسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە مۇئەللىم مەسئۇل بولالامدۇ؟ شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن بارلىق سۆز ۋە ھەرىكەتتە بالىلارغا ئۈلگە بولۇش ھەممىدىن مۇھىم. شۇنداق قىلغاندىلا تەربىيەنىڭمۇ نەتىجىسى بولىدۇ. بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپتىلا گۈزەل ئەخلاق، توغرا ياشاش ئۇسۇلى بىلەن تەربىيەلەنسە، كېيىنكى ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئاسانلىقچە ئەگرى يولغا مېڭىپ قالمايدۇ. چۈنكى، كىچىكلىكتىكى يېتىلگەن ئادەت ۋە مىجەز-خارەكتېر تا ئۆلگۈچە ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ ھەقتە ئەجدادلىرىمىز تولىمۇ پاساھەتلىك ھەم قايىل قىلارلىق ئەقلىيە سۆزلەرنى قالدۇرغان.

باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلارغا سۈت بەرگۈچى ئىنىكئانا. ئۇنىڭ سۈتىدە توغرىلىق، ئادىمىيلىك، ياخشى خۇلق خۇرۇچ بولسا، شۇ بويىچە يېتىلىشىگە ئاساس سېلىنىپ، جان بىلەن تەڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە يېتىپ بارىدۇ، ئەكسىچە بولسا بارا-بارا يامان خۇيلۇق بولۇپ ئاپەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. ھەربىر ئوقۇتقۇچى بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىسا،بالىلىرىمىزدىن ئۈمىد بار.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

31

تېما

6

دوست

1351

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
252 سەر
تىللا
169 دانە
تۆھپە
228 سەر
شۆھرەت
268 سەر

تىرىشچان ئەزاتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 21:12:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيسى بالىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ، بالىلار خۇددى بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ قانداق بۇياق بىلەن قانداق مەزمۇنلار بىلەن بۇيىلىشى شۇ باشلانغۇچ مائارىپى تەرپىدىن بەلگۈلىنىپلا قالماستىن ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ ھەقىقەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ بىر ئىش. شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلار بۇلۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىللىرى بۇنىڭغا ئالاھىيدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.
كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم ئىسىل تىما ئېلىپ كەپسىز سىزگە بەركەت تىلەيمەن!   

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 21:25:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلارغا سۈت بەرگۈچى ئىنىكئانا. ئۇنىڭ سۈتىدە توغرىلىق، ئادىمىيلىك، ياخشى خۇلق خۇرۇچ بولسا، شۇ بويىچە يېتىلىشىگە ئاساس سېلىنىپ، جان بىلەن تەڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە يېتىپ بارىدۇ، ئەكسىچە بولسا بارا-بارا يامان خۇيلۇق بولۇپ ئاپەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. ھەربىر ئوقۇتقۇچى بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىسا،بالىلىرىمىزدىن ئۈمىد بار.

بۇ قۇرلارنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ مەسئۇليىتىنىڭ نەقەدەر  ئېغىرلىقى بىلەن خىزمىتىنىڭ نەقەدەر شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى  ھېس قىلالايدۇ .
دىمەك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم ئىشەنچ ئاتا قىلىشى كېرەك . شۇندىلا ئۇ بالىلار قەلبىدىكى  ئانىسى ، سىرداش دوستى ، بالىلار مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ تەشكىلاتچىسى ، يېتەكچىسى بولۇپ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى ياراتقۇچىسى بولالايدۇ .
تېمىڭىزغا رەھمەت .
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7206 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7888 سەر
شۆھرەت
5848 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 21:59:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيسى بالىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ مۇھىمبولغان تەربىيەلەرنىڭ بىرى ئۇقۇغۇچىلارغا باشلانغۇچتىكى ئەپ بارغان تەربىيە ئۇلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىدە مۇھىم ئۇرۇننى ئىگەنلەيدۇ . راس  دەيسىز
شۇڭا ئۇقۇغۇچىلارغا  بىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىللىرى تۇلۇق ئەھمىيەت بىرىشىمىز تۇلىمۇ زۈرۈل
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:46, Processed in 0.456384 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش