| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 17:09
ئەسسالامۇئەلەيكوم تورداشلار،بۇرۇن بىز win xpنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدۇق.ھازىر بولسا win 7,win8 قاتارلىقلارنى ئىشلىتىۋاتىمىز،بەزىلىرىمىز بەلكىم win xpبىلەنwin 7,win8 قاتارلىقلارنى بىرلىكتە ئىشلەتكۈمىز كېلىۋاتقاندۇ،يەنى بىر كومپىيوتېردا قوش سېستىما ئىشلىتىش دىمەكچى،بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بىر مۇقىم سېستىما بىلەن بىر مەۋھۈم كومپىيوتېر ئىشلىتىشتۇر.يەنە كېلىپ مەۋھۈم كومپىيوتېر ئىشلىتىشنىڭ بىر قانچە تەرەپتىن پايدىسى بار ،مەسىلەن،بىز توردىن چۈشۈرگەن نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنى بىۋاستە كومپىيوتىرىمىزغا قاچىلاپ سىناپ بېقىپ يەنە ئۆچىرىمىز،شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەخلەت ھۆججەتلىرى كومپىيوتېرنىڭ سۇرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ،بۇرۇنقى بەزى يۇمشاق دېتاللار win 7,win8لاردا ئىشلىمەيدۇ،دەل بۇ چاغدا قوش سېستىما ئىشلىتىشكە مۇھتاج بولىمىز.شۇڭا مەن تۆۋەندە مەۋھۈم كومپىيوتېر ئىشلىتىش سۆرەتلىك دەرسلىكىنى ئىشلەپ يولداشلارغا سۇندۇم،ئېھتىياجى بار يولداشلار ئىشلىتىپ كۆرسە بولىدۇ. دەرسلىك ئىككى قىسىمغا بۆلىنىپ سۆزلەندى.1 1-مەۋھۈم كومپىيوتېر يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاش ۋە مەۋھۈم كومپىيوتېر قۇرۇش 2-مەۋھۈم كومپىيوتېرغا سېستىما قاچىلاش يۇمشاق دېتال ۋە سىن دەرسىنى توردىن چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://pan.baidu.com/share/link?shareid=439252&uk=2686874520
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|