بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-4 01:06
ساخاۋەتچى ئابلىكىم كامالنىڭ ئىش -ئىزلىرى
ئابلىكىم كامال: 1968- يىلى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ تۇزلۇقئۇتاغ رايونىدا تۇغۇلغان، 1985- يىلى پۇرچاقچى يېزىسىغا يۆتكىلىپ چىققاندىن كېيىن تىجارەت قىلىشقا باشلىغان. كېيىن ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تىجارەتنى كېڭەيتكەن، ئۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇن پۇل تاپقان، لېكىن ساۋاتسىزلىق، تىل بىلمەسلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقاچقا »ئۆزۈم چوڭ بولغان يۇرتتا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ سالدۇرۇپ، بىرمۇ ئۆسمۈرنىڭ مەندەك ساۋاتسىز قېلىپ، پۇشايمان يېيىشىگە يول قويمايمەن« دېگەن ئىرادىگە كەلگەن، شۇنىڭ ئۇ بىلەن 2005- يىلى 2 مىليۇن 118 مىڭ 780 يۈەن مەبلەغ سېلىپ تۈگمەنئېرىق كەنتىدە 30 مىڭ 240 كۋادىراتمېتىر كۆلەمگە ئىگە، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان يۈرۈشلەشكەن، 460 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدىغان »پۇرچاقچى يېزا ئىگىلىك تىكلەش مەكتىپى«نى قەد كۆتۈرگۈزدى. 2005- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى يېڭىدىن پۈتكەن پۇرچاقچى يېزىلىق ئابلىكىم كامال »ئىگىلىك تىكلەش« ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىدە ناغرا- سۇنايلار چېلىنىپ، مەكتەپ قورۇسى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. مەكتەپنىڭ چىم ياتقۇزۇلغان پۇتبول مەيدانىغا كەڭ سەھنە ھازىرلىنىپ، رەئىس سەھنىسىگە »بېيىغاندا مائارىپنى ئۇنتۇمايلى! ئىگىلىك تىكلەپ، ھاللىق سەۋىيىگە يېتەيلى!« دېگەن مەزمۇندىكى پلاكاتلار ئېسىلدى. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاممىدىن بولۇپ 3000 غا يېقىن كىشى مەكتەپكە يىغىلىپ داغدۇغىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئابلىكىم كامالنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجىلاردىكى ئاغىنىلىرىمۇ جەمئىي 20 كومپيۇتېر ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭ خەيرلىك ئىشىنى قۇتلۇقلىدى. شۇ كۈنى ئابلىكىم كامال ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم قىزىل گالستۇك تاقىدى. ۋىلايەت، ناھىيە رەھبەرلىرى ئۇنىڭ ئالىيجاناپ خىسلىتىنى ئۇزاقتىن- ئۇزاققا مەدھىيىلىدى، يۇرتداشلىرى ئۇنىڭغا ئۈزۈلدۈرمەي ئالقىش- تەشەككۈرلەرنى ياڭراتتى. كونا، خەتەرلىك سىنىپ، پارتا- ئورۇندۇقلار بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى مەكتەپكە كۆچۈپ كەلگەن قۇمباغ باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئاچما باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا چىن دىلىدىن ھۆرمەت- ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىگە كىيدۈرۈلگەن تون ۋە بېرىلگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسى، سوۋغا قىلىنغان دەستە- دەستە گۈللەردىن يۇرتداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى موھتاجلىقنى تاپالاپتىمەن، دېگەن ھېسسىياتقا كېلىپ چەكسىز شادلاندى.
مەرتلىك ئابىدىسى
جاپپار رەھىم (روھلان)
قاراقاشتىن چىقتى چوغ دىل بىر ئىلىم پەرۋانىسى، سالدى مەكتەپ ئىككى مىليۇن پۇلغا ئەل مەردانىسى. ئۇ خەلقنىڭ ئوت يۈرەك ئوغلانى پەخرى ئابلىكىم، مىڭلىغان ئۆسمۈر ئۈچۈن ئاچتى بىلىم دەرۋازىسى. شادلىنىپ دىللار سۆيۈندى، مەرت سېخى ئەر ئەقلىدىن، قەلبىگە ئاققاندا ئۇستاز ھېكمىتى-دۇردانىسى. مىليۇنېرلار جىق ۋە لېكىن ئاڭىلا خاس ئېھتىرام، شۇڭا دەيمىز بۇ يىگىتنى يۇرتىمىز ئەللامىسى. ئۇنى تەبرىكلەپ خەلقلەر باشىدا ئويناتتى خوپ، ياڭرىدى ھەرياندا ساز، ئەل ئالقىشى شادىيانىسى. ئېيتقىنا ئەي ئابلىكىم، سەندەك شەرەپنى ئالدى كىم؟ ئالتۇن ئوردىن ئىككى بولسا ساڭا خاس بىر دانىسى!... |