كۆرۈش: 1107|ئىنكاس: 5

ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلار ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە قائىدىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن 2كۈن تور ئىزدەپمۇ مۇشۇنچىلىك مەزمۇندىكى نەرسىنى تاپالماي بەك ئاۋارە بۇلۇپ كەتتىم .تاپقانلىرىممۇ ئۆلچەمسىز بۇلۇپ چىقتى ! شوڭا كۆپچىلىكنى بەھىرلەنسۇن دەپ ئالغاچ كەلدىم. باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاپ قالسا پايدىلىنارسىلەر中小学生行为规范标准和学生守则.zip(22 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 197)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +3تۆھپە +2شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 3 + 2 + 3ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-2 01:41:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى

1. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، ئەمگەكنى قىزغىن سكيۈش، ئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيۈش، سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ھىمايەقىلىش.
2. مەكتەپ ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش، ئاممىۋى تەرتىپكە رىئايە قىلىش، جەمىيەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش، دۆلەتنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە رىئايەقىلىش.
3. كوللىكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، كوللىكيىپنىڭ شان- شەرىپىنى قوغداش.
4. ئۈگۈنۈشنى قەتئى قىلىش، ئويلاش ۋە ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلىش.
5. تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، پايدىلىق بولغان مەدىنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ۋە ئىجتىمائى ئەمىلىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش.
6. ئاتا- ئانىسىنى قەدىرلەش، ئۇستازىنى ھۆرمەتلەش، ئەدەپ بىلەن كىشىلەرگە ھۆرمەت قىلىش.
7. سەمىمىي ئىشەنچىلىك بولۇش، ھەق- ناھەقنى پەرىق ئىتىش، خاتالىق كۆرۈلسە تۈزۈتۈش.
8. مۇھىتنى قوغداش، بايلىق مەنبەلىرىنى ئاسراش، ئومۇمنىڭ مۈلكىگە كۆيۈنۈش، ئەمگەك مىۋىسىگە كۆيۈنۈش، تازىلىققا رىئايە قىلىش، تۇرمۇشتا ئاددى- ساددا بولۇپ، ئىستىمال ئىشلىرىدا مۇۋاپىق بولۇش.
9. ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزۈگە كۆيۈنۈش، قىيىنچىلىق ۋە مۈشكۈلاتلارنى يىڭىش، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، قىمار ئوينىماسلىق، زەھەرلىك بۇيۇملاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇش.
10. چەتئەللىك مىھمانلارنى ھۆرمەتلەش، دۆلەتنىڭ ئىززەت ئابرويىنى قوغداش.


باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى

1. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، ئەمگەكنى قىزغىن سكيۈش، ئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيۈش، سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ھىمايەقىلىش.،ياخشى ئۈگىنىپ كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلەش.
2. كوللىكيىپقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا كۆيۈنۈش.
3. تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ، ئەقىل ئىشلىتىپ، بىلمىگەننى سوراش.
4. بەدەن چىنىقتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەرىستىن سىرىتقى پائالىيەتكە پائال قاتنىشىش.ل
5. تۇرمۇشتا تىجەشلىك بولۇپ، قالايمىقان پۇل خەجلىمەسلىك.
6. تازىلىققا ئەھمىيەت بىرىپ، مۇھىتنى ئاسراش، ئاممىۋى مۈلۈكنى ئاسراش
7. ئاتا- ئانىسىنى قەدىرلەش، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا ئەدەپلىك بولۇش.
8.مەكتەپنىڭ ئىنتىزامى ۋە تەرتىپىگە رىئايە قىلىش.
9. سەمىمىي ۋە ئىشەنچىلىك بولۇش، يالغان گەپ قىلماسلىق، ھەق- ناھەقنى ئىنىق ئايرىش، خاتالىق كۆرۈلسە تۈزۈتۈش.
10.شوخ تىتىك بولۇش، باتۇر قەيسەر بولۇش، قىيىنچىلىقنى يىڭىش.


ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى
1-        ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە كۆيۈنۈش ، تەقى تۇرقىغا دىققەت قىلىش
   (1) دۆلەتنىڭ شان- شەرىپىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل  بۆلۈش، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گىربىنى ھۆرمەتلەش، دۆلەت شىئېرىنى ئوقۇيالايدىغان بولۇش، دۆلەت بايرىقىنى چىقىرالايدىغان ۋە چۈشۈرەلەيدىغان بولۇش، دۆلەت شىئېرى ئورۇندالغاندا ھۆرمەت قەدەمدە تۇرۇپ، باش كىيىمىنى ئېلىپ ھۆرمەت بىلدۇرۇش، پىئونىرلار سالام بىرىش.
(2) ئولتۇرۇش، تۇرۇش، مېڭىش، كىتاب ئوقۇش، خەت يېزىش جەھەتلەردىكى قىياپىتى توغرا بولۇش.
(3) كىيىم- كېچىكى رەتلىك، پاكىزە بولۇش ھەم سۈپەتلىك، كۆركەم بولۇش.
(4) ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بەدەن چېنىقتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، يەرگە قالايمىقان تۈكۈرمەسلىك، كىرەكسىز نەرسىلەرنى قالايمىقان تاشلىماسلىق.
(5) تەقى- تۇرقى مەدەنىي بولۇش، ئورۇشماسلىق، ئادەم تىللىماسلىق، سەت گەپلەرنى قىلماسلىق.
(6) ساغلام مەدەنىيەتكە قىزىقىش، شەھۋانى، قاتىللىق، زوراۋانلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان كىتاب-  ژورنال، ئۈن- سىن بۇيۇملىرىنى كۆرمەسلىك.
(7) ئۆز نامىنى ئاسراش، تېپىۋالغن نەرسىلەرگە كۆز قېرىنى سالماي ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇش، باشقىلارنىڭ كۆشكۈرتىشىگە بىرىلمەسلىك، كىشىلىك غورۇرىنى يوقاتماسلىق.
2. سەمىمى ، دوستانە بولۇپ، كىشىلەرگە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش.
(8) ئادەتتىكى باردى- كەلدىدە كىشىلەرگە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش، سۆز قىلغاندا سورۇن ۋە قىلغان سۆزىگە دىققەت قىلىش، قىلغان ھەركىتى چوڭ سۈپەت بولۇش.
(9) باشقىلارنىڭ كىشىلىك غورورىغا، دىنىي ئىتىقادىغا ۋە مىللىي ئۆرۈپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۆسمۈرلەرگە كۆيۇنۈش، ئاياللارنى ھۆرمەتلەش، مېيپلارغا يار- يۆلەك بولۇش، چەتئەللىك مىھمانلارغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش.
(10) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ھۆرمەتلەش، ئۇچراشقاندا سالام بىرىش ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھال سوراش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ جاۋاپ بىرىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەرگەن لازىمەتلىكلىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى قولىدا قوبۇل قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارغا پىكىر بەرگەندە پوزتسىيسى جەھەتتە سەمىمى بولۇش.
(11) ئوقۇغۇچىلار ئارا ئىتتپاق، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، باردى- كەلدىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا سەمىمى مۇئامىلە قىلىش، لەقىمىنى چاقىرماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىمەسلىك، زىدىيەت كىلىپ چىققاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز- ئۆزىنى تەنقىت قىلش.
(12) مىھنانغا قىزغىن بولۇش، ئورنىدىن تۇرۇپ كۈتىۋىلىش.
(13) روخسەت ئالماي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ھۆجرىسىغا كىرمەسلىك، باشقىلارنىڭ مال- مۆلكىگە تەگمەسلىك ۋە ئىشلەتمەسلىك، باشقىلارنىڭ خەت- چەك ۋە خاتىرسىنى كۆرمەسلىك.
(14) باشقىلار گەپ قىلغاندا گېپىنى بۆلىۋەتمەسلىك، باشقىلارنىڭ ئۈگىنىشىگە، خىزمەت ۋە دەمئېلىشىغا كاشىلا قىلماسلىق. باشقىلارغا كاشىلا قىلغاندا ئەپۇ سوراش.
(15)  سەمىمى، ئىشەنچلىك بولۇش، سۆز- ھەركەتتە بىردەك بولۇش، باشقىلارغا ماقۇل بولغان ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش، قىلالمىغاندا ئەپۇ سوراش، باشقىلارنىڭ پۇل ماللىرىنى قەرز ئالغاندا ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرۇش.
3. قائىدىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىنتىزامغا بويسۇنۇش، تىرىشپ ئۈگنىش
(16) مەكتەپكە ۋاقتىدا كىلىش، بالدۇر قايتماسلىق، دەرس تاشلىماسلىق، دەرستىن بۇرۇن تۈرلۈك ئوقۇش ماتىرياللىرىنى ياخشى تەييارلاش. دەرسكە كىرگەن ۋە دەرستىن چۈشكەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئوقۇتقۇچىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، دەرستىن چۈشكەندە ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنپىتىن چىقىشىنى كۈتۈش.
(17) دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، قېتىرقىنىپ ئويلۇنۇش، ئۆزىنىڭ كۆزقارشىنى بايان قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئوقۇتقۇچىنىڭ سورىغان سۇئالىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاپ بىرىش.
(18) مەشىق قىلىش، تەكرار ئۈگىنىشنى ئەستايىدىل ئېلىپ بىرىش، تاپشۇرۇقىنى مۇستەقىل ، ئۆزۋاقتىدا ئورۇنداش، ئىمتىھاندا ساختىپەزلىك قىلماسلىق، دەرسنىڭ سېرتدىكى پائالىيەتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشۇرۇش، ھەركۈنى يېڭى خەۋەرلەرنى ئوقۇش، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش.
(19) ئىتتىپاق، پىئونىرلار  ئەترىتى پائالىيتىگە  ۋە مەكتەپ، سىنىپ تەشكىللىگەن مەدەنىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش، ھەرخىل پائالىيەتلەرگە دەل ۋاقتىدا يېىتىپ بىرىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش.
(20) دېژۈرنىلىكنى ئەستايىدىل ئېلىپ بىرىپ، سىنپ، مەكتەپ ھويلىلىرىنىڭ پاك- پاكىزە، گۈزەل بولۇشىنى ساقلاپ، كۈتۈپخانا، قىرائەتخانا، سىنىپنىڭ تىنچ بولۇشنى ساقلاپ، مەكتەپ ھويلىسىدا، سىنىپ ئىچىدە ۋە كارىدۇر ئىچىدە قوغلۇشۇپ ئۇينۇشىدىغان، پاراڭ سالىدىغان ئىشلاردىن خالى بولۇش.
(21) ئومومنىڭ مۆلكىنى ئاسراش، دوسكا، تام، پارتا، ئىلان تاختىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۈسىتگە قالايمىقان جىجىماسلىق، ئويماسلىق ۋە رەسىم سىزماسلىق، ئومومنىڭ نەرسىسىنى قەرز ئالسا ۋاقتىدا قايتۇرۇش، بۇزۇلغان نەرسىنى ئۆزلىكىدىن تۆلەش.
(22) ياتاق ۋە ئاشخانىنىڭ تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش، ئاشلىقنى ئاسراش، توك سۇنى تىجەشلىك بىلەن ئىشلىتىش، باشقۇرۇشقا بويسۇنۇش.
(23) بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، ئوتتىن، ئوغۇرلۇقتىن، توك سوقۇۋىتىشتىن، سۇدا تۇنجۇقۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش، خەتەرلىك ئويۇننى ئوينىماسلىق.
4. ئىشچان، ئاددىي- ساددا بولۇش، ئاتا- ئانىسىنى ھۆرمەتلەش.
(24) تۇرمۇشتا رېتىملىق بولۇش، ئۈگۈنىش ۋە ئارام ئېلىشتا قانۇنيەتلىك بولۇش.
(25) شەخسى تۇرمۇشنى باشقۇرۇشنى ئۈگىنىۋىلىش، ئۆزىنىڭ كېيىم- كېچەك، كىتاب، كۈندىلىكك بۇيۇملىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى ياخشى قىلىش.
(26) ئۆزى قىلالايدىغان ئائىلە ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى ئۆستىگە ئېلىش، ھەرخىل جامائەتكە پايدىلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش.
(27) تۇرمۇشتا ئاددىي- ساددا بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن بەسلەشمەسلىك، قالايمىقان پۇل خەجلىمەسلىك ، ئاتا- ئانىسىغا نامۇۋاپىق تۇرمۇش تەلىپى قويماسلىق .
(28) ئاتا- ئانىسىنىڭ پىكىرى ۋە تەلىمىگە ھۆرمەت قىلىش ھەم قۇلاق سىلىپ ئاڭلاش، ئاتا- ئانىسىغا كۆيۈنىش، تۇرمۇش، ئۈگىنىش، ئىدىيە ئەھۋالىنى ئاتا- ئانىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم قىلىش، ئاتا- ئانىسىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا ئەدەپ بىلەن جاۋاپ بىرىش.
(29)  سىرتقا چىقماقچى بولغاندا ياكى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئاتا- ئانىسىنى خەۋەرلەندۈرۈش، دەرسىتىن سېرتقى ۋاقىتلاردا سېرتقا چىقماقچى بولسا ئاتا- ئانىسىغا بارىدىغان جايىنى ئوچۇق ئېيتىش، ئاتا- ئانىسنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ سېرتتا قونۇپ قالماسلىق.
(30) چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كۆيۈنىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش، چوڭلار توۋلىغاندا ۋاقتىدا جاۋاپ بىرىش، ئاتا- ئانا ۋە چوڭلارغا قارىتا پىكىرى بولسا ئەدەپ بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئاتا- ئانىسى ۋە چوڭلار قوبۇل قىلمىسا سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش، تەڭ تۇرماسلىق، تاكاللاشماسلىق، ئاچچىقلانماسلىق.
5. ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئومومى ئەخلاققا رىئايە قىلىش.
(31) قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا بويسۇنۇش، قانۇننى ئىشلىتىش، ئىجتىمائى تۇرمۇشتا ھەرخىل قائىدىلەر ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سۆز- ھەركىتىنى تىزگىنلەش.
(32) قاتناش قائىدىسسىگە رىئايە قىلىش، قائىدىگە خېلاپ ھالدا ۋېىلىسپىت مىنمەسلىك، يولدىن كېسىپ ئۆتمەسلىك، پىيادىلەر يولىدا مېڭىش، كوچا ئاپتۇۋۇزىغا چىققاندا تەرتىپنى ساقلاش، ھەركتى مەدەنيى بولۇش، ۋاقتىدا بىلەت ئېلىش، ئاپتۇۋۇزغا چىققاندا رەتلىك چىقىش، ۋاراڭ- چۇرۇڭ سىلىپ قىستىماسلىق، ياشانغانلار، كىچىكلەر، كېسەل، مېيىپ، ھامىلدار ئاياللارغا ئورۇن ئۆتۈنۈپ بىرىش، ئاپتۇۋۇزدا ئورۇن تالاشماسلىق.
(33) نەرسە كىرەك سېتىۋالغاندا تەرتىپ بويىچە سېتىۋىلىش، پىركازچىككە ئەدەپلىك بولۇش، مۆلۈك تېپىۋالسا ئۆزلىكىدىن ئىگىسىگە قايتۇرۇش، ياكى ئومومغا تاپشۇرۇش.
(34)  مەدەنىي ئاسارە ئەتىقە، قەدىمى يادىكارلىقلارنى ئاسراش، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئاسراش، زىرائەتلەرنى، گۈل- گىيا،ئورمانلارنى ئاسراش، ھايۋاناتلارنى، ئىكلوگىيلىك مۇھىتنى قوغداش.
(35) ئىكىسكۇرسىيە، ساياھەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىش، قەھرىمانلار قەۋرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغاندا تەمكىن بولۇش، ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلماسلىق، ئويۇن كۆرۈش، مۇسابىقە كۆرۈشتە مەدەنىي تاماشىبىنلاردىن بولۇش، غەۋغا چىقارماسلىق، مەيداندىن سەۋەپسىز بالدۇر قايتماسلىق.
(36)  ئاممىۋى سورۇندا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز باشقىلارنى كەمسىتمەسلىك، خولۇم- خوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش، غەيۋەت- شىكايەت قىلماسلىق، ماجرا توغدۇرماسلىق، خولۇم- خوشنىلار قېيىنچىلىققا يولۇققاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ ياردەم بىرىش.
(37) تور ئەخلاقىغا ۋە بىخەتەرلىك بەلگۈلىمىسىگە رىئايە قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش.
(38) تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، قىمار ئوينىماسلىق، زەھەرلىك بۇيۇملاردىن ئۆزىنى يېراق تۇتۇش، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆرۈشكە باپ كەلمەيدىغان پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرمەسلىك، فئودال، خوراپى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، ھەرخىل نامدىكى قانۇنسىز تەشكلاتلار ۋە قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق.
(39) ياقا- يۇرتتىن كەلگەنلەرنى ھۆرمەتلەش، يول سورىغاندا ئەستايىدىل جاۋاپ بىرىپ كۆرستىپ قويۇش.
(40) توغرا كەيپىياتنى جارىي قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ئومومى ئەخلاقىغا خېلاپ كىلىدىغان قىلمىشلارنى توسۇش، قانۇنغا خېلاپ جىنايى قىلمىشلارنى كۆرگەندە ۋاقتىدا دوكلات قىلىش، ئۆزىگە زىيان كېلىدىغان ئىشلاردا كۆرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ئارقىلىق ئۆز- ئۆزىنى قوغداش ۋە ئۆز- ئۆزىنى قۇتقۇزىشنى ئۈگىنىۋىلىش.

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى
(1) دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، دۆلەت بايرىغى، دۆلەت گىرىبىنى ھۆرمەتلەش، دۆلەت شىئىرى ئوقۇشنى بىلىش، دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش، چۈشۈرۈشنى بىلىش، دۆلەت شېئرى ئورۇندالغاندا باش كيىمنى ئېلىپ ھۆرمەتتە تۇرۇش، پىئونىرلار سالام بىرىش.
(2) كوللىكىتپنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداش، كوللىكتىپنىڭ كىچىك خوجاينى بولۇش، ئىش بېجىرىشتە ئەستايىدىل بولۇش، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈگىنىۋىلىش.
(3) ئولتۇرۇش، تۇرۇش، مېڭىش، كىتاب ئوقۇش، خەت يېزىشتا قىياپىتى دۇرۇس بولۇش.
(4) مەكتەپكە ۋاقتىدا كىلىش، كېچىكمەسلىك، بالدۇر قايتماسلىق، دەرستىن قالماسلىق، كېسەل بولغاندا، ئىش چىققاندا روخسەت سوراش، مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەن ۋاقىتتا ئۆيگە قايتىش.
(5) دەرستىن بۇرۇن ئۈگىنىش بۇيۇملىرىنى ياخشى تەييارلاش، دەرسنى قېتىرقىنپ ئاڭلاش، ئاكتىپ پېكىر يۈرگۈزۈش، يۈرەكلىك ھالدا سۇئال سوراش، دەرستىن بۇرۇن مەشىق قىلىش، دەرسىتىن كېيىن تەكرارلاش، تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل ئورۇنداش.
(6) پايدىلىق مەدەنى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش، رادىئو گىمانستىكا ۋە كۆزئاسراش گىمناستىكىسىنى ئەستايىدىل قىلىش.
(7) ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەھۋال سوراش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىماتىنى قوبۇل قىلىش.
(8) ساۋاقداشلار ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۆزئارا ياردەم بىرىش، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىيدىلىكىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۈگىنىش، ساۋاقداشلارنى بۆزەك ئەتمەسلىك، جىدەل- ماجرا قىلماسلىق، ئۇرۇشماسلىق، تىللاشماسلىق.
(9) مەكتەپ تەشكىللىگەن ھەرخىل ئەمگەكلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش، دېژۈرنىلىكنى ئەستايىدىل قىلىش، سىنىپ ۋە مەكتەپ ھويلىسىنىڭ مۇھىت پاكىزلىقىنى ساقلاش.
(10) باشقىلارغا ۋەدە بەرگەن ئىشنى تىرىشپ ئورۇنداش، يالغان گەپ قىلماسلىق، خاتالىقنى تۈزىتىشكە جۈرئەتلىك بولۇش، قەرز ئالغان نەرسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش، ئومومنىڭ مۆلكىنى بۇزىۋەتسە تۆلەش، تېپىۋالغان نەرسىلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ياكى ئومومغا تاپشۇرۇش.
(11) پىشقەدەملەرنى ھۆرمەتلەش، ئاتا- ئانىسىغا كۆيۈنىش، ئاتا- ئانىسى ۋە پىشقەدەملەرنىڭ توغرا نەسىھەتىنى ئاڭلاش، ئۆز مەيلىچە ئىش كۆرمەسلىك.
(12) ۋاقتى- ۋاقتىدا يۇيۇنۇش، تىرنىقىنى ئېلىش، بېشىنى يۇيۇش، ئاخشىمى يېتىشتىن بۇرۇن چىشىنى چوتكىلاش، تاماقتىن بۇرۇن ، تەرەتتىن كېيىن قولىنى يۇيۇش، يەرگە قالايمىقان تۈكۈرمەسلىك، قالايمىقان نەرسە تاشلىماسلىق.
(13) ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى ئۆزى قىلىش، ئاتا- ئانىسىغا ياردەملىشىپ قىلالايدىغان ئائىلە ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىش.
(14) ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەش، تىجەشلىك بىلەن ئىش كۆرۈشكە دىققەت قىلىش، ئىسراپ قىلماسلىق، تاماق تاللىماسلىق، قالايمىقان پۇل خەجلىمەسلىك، تۇرمۇشتا باشقىلار بىلەن بەسلەشمەسلىك.
(15) ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، قېيىنچىلىقى بار كشىگە ياردەم بىرىش، مېيىپلارغا كۆيۈنۇش، باشقىلارنىڭ تەلىپى بولىدىكەن قۇدرىتىنىڭ يېتىشچە ياردەم بىرىش. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش، باشقىلارغا ئىللىق، ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش، ئىشلەتكەن سۆزى مەدەنى بولۇش.
(16) روخسەت ئالماي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ھوجرىسىغا كىرمەسلىك، باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە تەگمەسلىك، باشقىلارنىڭ ئۈگىنىش، خىزمەت ۋە دەمئېلىشىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك، باشقىلارغا دەخلى يەتكۈزگەندە كۆچۈرۈم سوراش.
(17) قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، يولنى كېسىپ ئۆتمەسلىك، پىيادىلەر يولىدا مېڭىش، تاشيول، تۆمۈريول ئۈستىدە ئوينىماسلىق، قوغلاشماسلىق، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، توك سوقىۋىتىشتىن ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش، ئوت ئوينىماسلىق، خەتەرلىك ئويۇنلارنى ئوينىماسلىق.
(18) ئاپتۇۋۇزغا، كىمىگە چىققاندا بىلەت ئېلىش، ياشانغان، كېسەل، مېيىپ، ئاجىز، ھامىلدار ئايال ۋە بالىلارغا ئورۇن بىرىش، ئاممىۋى سورۇننىڭ تەرتىپىگە رىئايە قىلىش، ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلماسلىق.
(19) مۇھىتنى ئاسراش، ئومومنىڭ مۆلكىنى ئاسراش، مەدەنىي ئاسارە ئەتىقە ۋە يادىكارلىقنى ئاسراش، گۈل- گىيا، ئۆت- چۆپ، دەل- دەرەخ، زىرائەت ۋە پايدىلىق ھايۋاناتلارنى ئاسراش.
(20) ساغلاملىققا پايدىلىق رەسىملىك كىتاب، گېزت ژورنال، كىنو،سىنئالغۇلارنى كۆرۈش، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىرىشكە مۇناسىپ كەلمەيدىغان پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرمەسلىك، خوراپات، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، قىمار ئوينىماسلىق، زەھەرلىك بۇيۇمغا يېقىنلاشماسلىق، يامان ئادەم، يامان ئىشنى كۆرگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش.
ۋاقتى: 2013-4-2 10:25:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش مۇنبىرىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
ياخشى تېما يوللاپسىز، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي، رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-7-19 12:52:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئۇستاز ھارمغايىسز .تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،
ۋاقتى: 2015-1-17 21:47:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رەھمەت ئۇستاز ھارمغايىسز .تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،
ۋاقتى: 2016-2-28 17:21:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،مەن بۇ ماتىرىيالڭىزغا بەك ئېھتىياجلىق ئىدىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش