بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-28 15:36
ئەخلاق ۋە تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىللىرى دەرىس مۇنبىردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كىرەك مائارىپ ئىسلاھاتى نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يولغا قۇيۇلماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايۇنىمىز، ۋىلايىتىمىز جۈملىدىن ناھىيىمىزنىڭ ئوتتورا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە سىناق تەرىقىسىدا يولغا قۇيىلىۋاتىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە پۈتۈن مەكتەپلەرگە كەڭەيتىلىدۇ. دەرس ئىسلاھاتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلىيىتىگە ماس كىلىدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىككە ۋە بىر پۈتۈنلىككە ئىگە بۇلوپ مەكتەپ مائارىپى ئىچكى قىسمىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە يىڭى ئىدىيە، يىڭى تەلەپلەر بويىچە مۇۋاپىق تەڭشەشنى تەلەپ قىلىدۇ. يىڭى دەرسىلىك ئىسلاھاتىنىڭ بۇ تەلىپى ئىدىيە- ئەخلاق ئوقۇتقۇچىللىرى ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت، ۋە مەسئۇلىيەت يۈكلەيدۇ. چۈنكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئىدىيە- سىياسى ۋە ئىدىيە- ئەخلاق دەرىسلىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەسلەپكى قەدەمدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، سوتسىيالىزىملىق كۆز قاراش تەربىيىسى، كوللىكتىۋىزىمىلىق روھ تەربىيىسى، ئەخلاق تەربىيىسى، پەزىلەت تەربىيىسى، ئەمگەك تەربىيىسى، توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارشى تەربىيىسى، قىممەت قارشى يىتىلدۈرۈش جەھەتلەردە تەربىيە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ توغرا بولغان ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. ۋە جاپاغا چىداپ كۈرۈش قىلىش روھىنى يىتلدۈرۈپ ئۆزىنىڭ ھۇقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. يۇقارقى تەربىيەنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈشتە ئوقۇتقۇچىنىڭ باشتارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. بۇلۇپمۇ ئىدىيە- ئەخلاق ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ رۇلى ۋە مەسئۇلىيىتى ناھايىتى چوڭ. شۇڭا ئىدىيە- ئەخلاق دەرىسى بىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار پەقەت ئۈزىگە تەخسىم قىلىنغان دەرسنى ئۈتۈشنىلا مەقسەت قىلماي بەلكى ئۆزىنىڭ كەسپى ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ دائىرىلىك تەربىيە بىرىش، كىتابى بىلىملەر بىلەن چەكلىنىپ قالماي جەمئىيەت تەربىيىسى، دۇنيا قاراش تەربىيىسى بىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى تۆتلەشكەن، سوتسىيالىستىك ئاڭغا ئىگە ياراملىق ئەۋلاتلاردىن قىلىپ تەربىيلەش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن 1) ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئونۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كىرەك. ئىدىيە- ئەخلاق ئوقۇتقۇچىللىرى ئىدىيە- ئەخلاق ساپاسى يۇقىرى،بىلىم قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، نەزەر دائىرىسى كەڭ بۇلىشى كىرەك. 2) ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بۇلالىشى كىرەك. يەنى ئوقۇغۇچىلارغا قەتئى يالغان سۆزلىمەسلىك، پو ئاتماسىلىق، ساختىپەزلىك قىلماسىلىقى، كەسپى ئەخلاققا ئالاھىدە رىئايە قىلىشى كىرەك. 3) ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى تۈزۈتۈشكە دىققەت قىلىشى ۋە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشۈنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلاردىكى قارشىلىشىش كەيىپىياتىنى تۈگۈتۈش لازىم. ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان ئەخلاق قارشى يىتىلدۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۆزىگە ئىششىنىش، شان- شەرەپ تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈش لازىم. ئىدىيە- ئەخلاق دەرىسى ئوقۇتقۇچىللىرى بۇرۇنقى نۇقۇل دەرىسلىك مەزمۇنىنى سۆزلەشتەك كونىچە ئادەتنى يۇقۇتۇپ، يىڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا سىياسى ئىدىيۋى كۆز قاراش تەربىيىسى ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىنى دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ئېلىپ بېرىشى كىرەك. بۇ ئىدىيە- ئەخلاق دەرىسى ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ چۇقۇم ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
|