تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا بىلىم بىرىش بىلەن ئىقتىدار يىتىلدۇرۇش توغرىسىدا ھىس قىلغانلىرىم
سەمىرە مۇسا

تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش بىزنىڭ تەلىم-تەربىيە ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ئۇلى، كەم بولسا بولمايدىغان ئىنتايىن موھىم تەركىبى قىسىمى. تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئانا تىل دەرسى بولۇش سۈپتى بىلەن ئاساسىي مائارىپتىكى ئاساسى دەرس بولۇپلا قالماستىن بەلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدا تەربىيەكەنگۈچىلەرگە قارىتا بىلىم بىرىش بىلەن ئىقتىدار يىتىلدۇرۇشىنى زىچ بىرلەشتۇرۇش لازىم. بۇ مەقسەتكە يىتىشتە ئالدى بىلەن ھەر بىر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى تىل-ئەدەبىيات پىنىدە ئوقۇغۇچىلار ئىگەللەشكە تىگىشلىك بىلىم ھەمدە شۇ بىلىمنى ئىگەللىگەندە كىيىنكى ئوبىكتىلار ئۆزىدە يىتىلدۇرۇشكە تىگىشلىك ئەمەلى ماھارەتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئۆز كاللىسىدا چۈشىنىپ يىتىش لازىم. نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتىنڭ بىردەكلىكىگە ھەر ۋاقت يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. ھەر قانداق بىر كىتاۋى نەزەرىيە بىلىمنى ئۆگەنگەندە ئۇنىڭ توغۇرلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بىرەلەيدىغان جانلىق، ئەمەلى مىساللارنى كەلتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. كۆپ ماتىريال توپلاشقا، مول بىلىم ئامبىرى قۇرۇشقا، ئۆزى ئوقۇغان ماتىرياللارنى دائىم خاتىرە قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا بىلىم بىرىش ئھتىياجىغا ئاساسەن ئۇيغۇن كىلدىغان مەشقىلەندۇرۇش، قوزغىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە مىساللارنى كەلتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەريىۋى بىلىمىنى ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ھەمدە ئەمەلى ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەتراپلىق گۈزىتىش قابىلىيتىگە، مول تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش كىرەك. چۈنكى ھەر قانداق بىر ۋەقە، ھادىسىنى ئەتراپلىق كۈزەتكەندىلا ئاندىن ئۇ توغىرلىق توغرا پىكىر يۈرگۈزگىنى، بايان قىلغىنى ۋە مۇۋاپىق ئەدەبى ژانىر ئارقىلىق سۈرئەتلەپ رىيال تۇرمۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەريىۋى بىلىمى بىلەن ئەمەلى ئىقتىدار يىتىلدۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىنى ۋە كۆپ خىل ئىقتىدار يىتىلدۇرۇگىلى بولىدۇ.
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى |