مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2082 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 1چىچەك 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادىكى ئەڭ موھىم ئىش قەيەردە تۇرغانلىقىمىز ئەمەس،قەيەرگە قاراپ ماڭغانلىقىمىز.

  • 1چىچەك 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بەخىت ئالتۇن – كۆمۈشكە تولغان ئۆيدە بولمايدۇ .

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 17 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • siginix1212 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تىللاسىنى پۇل تۆلەپ ئىلىش ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتكەن بولساڭلار

  • 1چىچەك 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى كىمدە بار؟يوللاپ قويساڭلار.

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 17 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(2)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • 1چىچەك 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلارنى بەختسىز قىلساڭ ،ئۆزۇڭمۇ بەخىتكە ئېرشەلمەيسەن .

  • زەپەر 6 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

كۆرۈش: 117|ئىنكاس: 3

ماتېماتىكا ئومۇمىي تەكرار جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

497

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
117 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
100 سەر
شۆھرەت
118 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 02:13:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-18 20:05  

  
ماتېماتىكا ئومۇمىي تەكرارىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم

ماتېماتىكا دەرسى لوگېكىلىقى كۈچلۈك، ئابىستىراكىتلىقى يۇقۇرى، چېتىشلىق دائىرىسى ۋە مەزمۇن دائىرىسى كەڭ بولغان پەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكى ئومۇمىي تەكرارنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، مەن تۆۋەندە ماتېماتىكا تەكرارى جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
1-تەكرار باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭلىدە سان بولۇشى، ئومۇمىي تەكرارنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ۋە  Y لاھىيەسى ئۈستىدە ئويلىنىشى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تەكرار پىلانىنى پۇختا، سېستىمىلىق تۈزۈپ چىقىشى لازىم. پىلانغا ئاساسەن تەكرار قىلىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن پىلاننى جانلىق قوللۇنۇش، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولغاندا ئۆزگەرتىش لازىم. پىلان جانسىز، ئۆلۈك بولۇپ قالماسلىقى، سۈرئەت قوغلاشماسلىق لازىم.
2-ئىمتىھان سوئال تەتقىقاتى ۋە تەھلىلگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئالدىنقى يىللاردىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىنى تەتقىق قىلىش، قىزىق نۇقتىلار قايسى؟ ئارىلاپ چىقىۋاتقان بىلىم نۇقتىلىرى قايسى؟ قايسى بىلىم نۇقتىلىرىدىن قايسى خىل تۈردىكى سوئاللار چىقىرىلىۋاتىدۇ؟ سوئال يۈزلىنىشى قانداق بولىۋاتىدۇ؟............ قاتارلىقلارنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش ھەمدە شۇ ئاساستا مۇۋاپىق مەسىلە، مىساللارنى تاللاپ تەكرار قىلىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى تەكرارغا يېتەكلەش لازىم.
سوئال تەتقىقاتىدا ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تەكرار دائىرىسىنى مۇۋاپىق كىچىكلىتىش، ئىمتىھان نۇقتىلىرىنى تەكرار قىلىش، ئىمتىھان نۇقتىسى بولمىغان مەزمۇنلارنى تەكرار قىلماسلىق، بۇ ئارقىلىق ۋاقىت ۋە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
3-مۇۋاپىق بولغان تەكرار ماتېرىياللىرىنى تاللاش، تاللانغان تەكرار ماتېرىيالىدا ئاساسىي بىلىممۇ بولغان، تىپىك مىسال، مەشىقلەرمۇ بولغان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان يۈزلىنىشىگە ماس بولغان ھەم ئاساسىي بىلىمنى تەكرار قىلىش ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدار، ماھارىتىنى ئۆستۈرەلەيدىغان ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىپ تاللاش ھەم ئوقۇغۇچىلارنى تەمىنلەش كېرەك. ئەگەر ۋاقىت يېتىشمىسە شۇ ماتېرىيالنى تولۇق تەكرار قىلىش، ۋاقىت يېتىشمىسە تەكرار قىلمىسىمۇ بولىدۇ.
ئەگەر مۇۋاپىق ماتېرىيال بولمىسا ئوقۇتقۇچى تەكرار ماتېرىيالىنى ئۆزى تەييارلىشى لازىم.
4-تەكرار قىلغاندا تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە تەكرار قىلىش.  ① ئاساسىي بىلىمنى تەكرار قىلىش.  ② ئالاھىدە نۇقتىلارنى تەكرار قىلىش.  ③ ئۇنىۋېرسال مەسىلىلەرنى تەكرار قىلىش.   ④ تەقلىدى سوئاللارنى تەكرار قىلىش.
ئاساسىي بىلىمنى تەكرار قىلىش – دەرسلىك سېستىمىسى بويىچە بارلىق مەزمۇنلارنى دەرس ئۆتكەندەك بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بېرىش بولماستىن، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا كىرىشتۈرۈپ تەكرار قىلىش كېرەك. ئاساسىي بىلىم بىلەن مەشىقلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشى لازىم.
ئالاھىدە نۇقتىلارنى تەكرار قىلغاندا ئالاھىدە نۇقتىلارنى سۆزلەش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق مەشىقلەندۈرۈشنى بىرگە ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ئۇنىۋېرسال مەسىلىلەر تەكرارى بىلەن تەقلىدى سوئاللار تەكرارىدا مەشىقلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدار ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
مېنىڭچە، بىرىنچى مەۋسۇمدا ئاساسىي بىلىم تەكرارى، ئالاھىدە نۇقتىلار تەكرارى، ئۇنىۋېرسال مەسىلىلەر تەكرار ئېلىپ بېرىلسا، ئىككىنچى مەۋسۇمدا تەقلىدى ئىمتىھان سوئاللىرى ئىشلەنسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
5-تەكراردا 4نى سۆزلەش يەنى ئاساسىي بىلىمنى سۆزلەش، قانۇنىيەتنى سۆزلەش، قائىدە-ئۇسۇلنى سۆزلەش، قانۇنىيەتنى سۆزلەش، قائىدە-ئۇسۇلنى سۆزلەش، تەپەككۇر يولىنى سۆزلەش لازىم.
ماتېماتىكا تەكرارى جەريانىدا ئىشلەنگەن ھەربىر مىسالدىكى ئاساسلانغان ئاساسىي بىلىم، مەسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قوللۇنۇلغان ئۇسۇل ۋە تەپەككۇر يولىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىش، بېرىلگەنلىرىدىن «يىپ ئۇچى» ئىزلەش، قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى بايقاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىگەللىتىشىمىز زۆرۈر.
6-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تولۇقلاشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنى، بىلىم نۇقتىلىرىنى تولۇقلاش كېرەك.
دەرسلىك كىتاپتا سۆزلەنمىگەن مەسىلىلەرنى يېشىشتە ئاسانلىق يارىتىدىغان بەزىبىر ئۇسۇل، فورمىلىلارنى چوقۇم ئوقۇغۇچىلارغا ئېيتىپ بېرىش ھەمدە مۇۋاپىق مەشىقلەندۈرۈش لازىم. ئوقۇغۇچىلار قىينىلىۋاتقان بىلىم نۇقتىلىرىدا تولۇقلاش ئېلىپ بېرىش ھەمدە مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.
7-تەكرار جەريانىدا ئۇششاق، كىچىك چۈشەنچىلەرگە سەل قارىماسلىقىمىز، نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم. دەرسلىكتىكى مۇھىم مەزمۇنلار چوقۇم ئىمتىھاننىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇشى ناتايىن. سوبىكتىپ سوئاللاردا بىز دىققەت قىلمىغان، كىچىك ئۇششاق چۈشەنچىلەردىن سوئاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا تەكراردا كىچىك چۈشەنچىلەرگە ئېتىۋار بېرىش كېرەك.
8-ھەرخىل ئىمتىھانلارنى، سىناقلارنى كۆپرەك ئېلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە ئىمتىھاندىن كېيىنكى تەھلىلنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان مەزمۇن ۋە شۇ تۈردىكى مەسىلىلەرنى ئىمتىھاندىن كېيىن تولۇقلاش، مەشىق سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق شۇ بىلىم نۇقتىلىرىنى تولۇقلىۋېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش لازىم.
تەكرار جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى، قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە، ماتېماتىكىلىق ئىدىيە ۋە ئۇسۇللارنى سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە بىۋاستە سەزگۈ ۋە ئىجادى تەپەككۇرنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
ئومۇمەن، تەكراردا ئاساسنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسنى پۇختا سېلىش، مۇھىم نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇش، ئىمتىھان نۇقتىلىرىنى تەكرار قىلىش، ئىقتىدار ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشنى ئاساس قىلىش كېرەك.

2013-2-19

پىرىسلانغان ھۆججەتنى كۆرمەكچى ھەم پايدىلانماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ ماتېماتىكا ئومۇمىي تەكرارىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم (2).doc                                               
                           
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

574

تېما

31

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7211 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7893 سەر
شۆھرەت
5855 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 09:24:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادىرسى كۈرۈنمەيدۇ . خاپا بولماي قايتا تەھىرلەپ قويسىڭىز .
ئىمكان بار  ماقالە ئەسەرلەرنى . ھودتا يېزىپ بۇلۇپ ياسولاپ ،  ياكى زىپ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ يوللىسىڭىز . باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئۇڭاي بۇلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ  ھە. ئىجادىي تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي   .رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 18:31:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادىرسى كۈرۈنمەيدۇ  تەھرىرلەپ قۇيۇڭ.
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

295

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6771 سەر
تىللا
1731 دانە
تۆھپە
10815 سەر
شۆھرەت
5790 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 20:09:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز سەمى ئەپەندى ؟
ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ماتىماتىكا ئوقۇتۇشى ناھايىتى قىيىن بولغان بىر پەن بولۇپ قالدى . سىزنىڭ بۇ  تېمىڭىز ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاشۇ قىيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغۇدەك رەھمەت سىزگە .
  تېمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىىنى  ئۈمۈد قىلىمەن رەھمەت.
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 18:51, Processed in 0.449445 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش