كۆرۈش: 5480|ئىنكاس: 21

پەخىرلىك ئۇستاز،ئەدەبىياتشۇناس،شائىر،يازغۇچى،،

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پەخىرلىك ئۇستاز،ئەدەبىياتشۇناس،شائىر،يازغۇچى،پروفىسسور ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ قىسىقىچە تەرجىمىھالى
پەخىرلىك ئۇستاز،ئەدەبىياتشۇناس،شائىر،يازغۇچى،شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولغان.
201208291718548989.jpg

1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «» يازغۇچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 1998-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى خەنزۇ ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدىكى ئىلمىي ماقالە باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن. 2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.2000-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۈچ مائارىپ» خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك ناخشا توپلاش پائالىيىتىدە يازغان تېكىستى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجە مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.
201208291719492734.jpg

2000-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛ 2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»، 1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل - پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى، 1993-يىلى شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «شاراپ تۇمۇرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «كۆيگەن دېڭىز» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
مەنبە:تور دۇنياسى






باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2تۆھپە +2شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
TARAM + 2 + 2 + 2 + 2ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-2-6 18:45:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تونۇشتۇرۇپسىز  كىتابىنى بىر ئوقۇپ باقسامكەن !
ۋاقتى: 2013-2-6 19:42:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلىك ئۇستاز،ئەدەبىياتشۇناس،شائىر،يازغۇچى ھەم پروفىسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنى ،تېخىمۇ چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .
ۋاقتى: 2013-2-7 10:46:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتشۇناس،شائىر،يازغۇچى. ئابدىقادىر جالالدىىنىڭ بۇندىن ھەرساھە خىزمەتلىرىدە داۋاملىق ئۇتۇق قازىنىشىغا تىلەكداشمەن .
ۋاقتى: 2013-2-7 19:05:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تونۇشتۇرۇش بوپتۇ . ئۇنىڭ يەنە يېقىندا «قىشتىكى خامان» ناملىق شېئىرلار توپلىمىمۇ نەشىردىن چىقتى

باھا سۆز

ئۇنداق بولسا ئۇستازنىڭ بۇ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك... تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-2-17 12:57
ۋاقتى: 2013-2-7 19:06:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تونۇشتۇرۇش بوپتۇ . ئۇنىڭ يەنە يېقىندا «قىشتىكى خامان» ناملىق شېئىرلار توپلىمىمۇ نەشىردىن چىقتى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-17 12:57:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نونى يوللىغان ۋاقتى  2013-2-7 19:05
ياخشى تونۇشتۇرۇش بوپتۇ . ئۇنىڭ يەنە يېقىندا «قىشتىكى خ ...

ئۇنداق بولسا ئۇستازنىڭ بۇ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك...
ۋاقتى: 2014-4-4 00:55:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىرنىڭ تىنىگە سسالامەتلىك ،ئىجادىيىتىگە تېخىيمۇ نۇسرەت تىلەيمەن .
ۋاقتى: 2014-4-10 15:36:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماتىرىيال بولۇپتۇ، ئۇستازنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مۇۋەپپىقىيەت، تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز.
ۋاقتى: 2014-4-10 16:30:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھىيەت ئالىمىمىزدىكى يېتەكچى ئۇستازلارنىڭ سەرخىلى ،ھەقىقى ئۇستازلىق رولىنى ئارتقۇرۋاتقان تۆھپىكار شائىرىمىز،مۇتەپپەككۇرىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش