| دىكتور نەشپەت ئۆمەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
نەشپەت ئۆمەر 1968- يىلى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى قاراقاش ناھيىسىنىڭ ئاقساراي يېزىسىدا بىر زىيالى ئائىيلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .1975- يىلدىن 1983- يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقۇغان .1983- يىلدىن 1986- يىلغىچە قاراقاش ناھيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيسىدە بولغان .1986- يىلدىن 1989- يىلغىچە خۇتەن ئالىي سىفەن تېخنىكۇمىنىڭ تىل - ئەدەبىيات پاكولتىتىدا ئۇقۇغان . ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خۇتەن ۋىلايەتلىك تىلىۋىزىيە ئىستانسىغا دىكتورلۇق كەسپى بۇيىچە ئىمتاھان بىرىپ 1992- يىلغىچە شۇ يەردە ئىشلىگەن . 1992- يىلى خىزمىتى شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىغا يۆتكەلگەن . ھازىرغىچە شۇ ئۇرۇندا دىكتورلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.1995- يىلى شىنجاڭ داشۆنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئۇقۇپ تۇلۇق كۇرۇس بۇيىچە باكلاۋېرلىق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن . نەشپەت ئۆمەرنىڭ خۇتەن ‹يىڭى قاشتېشى› ژورنىلى ‹ شىنجاڭ ياشلىرى › ژورنىلى ۋە باشقا گىزىت ژورناللاردا خېلى كوپ شىئېر . نەسىرلىرى ئىلان قىلىنغان . نەشپەت ئۆمەر دىكتورلۇق كەسپىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ كەسىپ ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان .ئۇنىڭ دىكتورلۇق كەسىپ ساھەسىگە دائىر يازغان ماقاللىرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا پات - پات ئىلان قىلنىپ تۇرۋاتىدۇ. نەشپەت ئۆمەر ئۈزىنىڭ كەسپىي ساھەسى بۇيىچە مەملىكەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى .دىكتورلۇق نەزىريىسى ۋە ئەمەلىيتى ھەققىدە ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئۈزىنىڭ نەزىريەۋىي بىلىمى ۋە ئەمەلىي ئىختىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ ئۆز كەسپىدە يىڭىدىن يىڭىچە ئۇتۇقلارنى قازانماقتا .
مەنبەسى : قاراقاش تەنتەنىسىدىن ئېلىندى |
|