ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم مەن تەرەپكە قاراپ باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

  • يارى يوقنى بىچارە دەڭلار - [راس گەپ]

    2009-04-18 | خەتكۈچمالىيە باشقۇرۇش 财务管理

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38076648.html

    يارى يوقنى بىچارە دەڭلار
    (مۇھەممەتجان راشىدىن)

    يالغۇز قالغان چاغلىرىمدا بۇ شېئىر خېلى ئۆزكۈچىنى كۆرسىتىپ قۇيىدۇ .
    ئاپتۇرغا بولغان ھۆرمىتىمدە بۇيەرگەكۈچۈرۈپ كەلدىم .خۇدا مۇشۇنداق تاتلىق مىسرالارنى يازغان شائىرىمىزنىڭ تىنىگە ھەم قەلىمىگە ھاردۇق بەرمىسۇن . يامان كوزلەردىن ساقلىسۇن.


    سۆيەرى يوق،سۈيۈنەرى يوق
    يارى يوقنى بىچارە دەڭلا.
    كۆيەرى يوق كۈيۈنەرى يوق
    يارى يوقنى بىچارە دەڭلا.

    بۇدۇنياغا كەلگىنى بىكار
    ئۆزىگەقۇل ئۆزىگە چاكار
    پۇت قۇلى ساق،يۈرىكى ناكار
    يارى يوقنى بىچارە دەڭلا .

    ئالەم قەپەس قاناتسىز قۇشقا
    بۇلبۇل، كاككۇك تۈزەمدۇ قىشقا؟
    بىللە دانلاپ،بىللە ئۇچۇشقا
    يارى يوقنى بىچارە دەڭلا .

    يالغۇز تۇرنا غېرىپ مۇساپىر
    يىغلاپ ياشار تاغدا يالغۇز شىر .
    يالغۇزلاردا بولسۇن نە كىبىر
    يارى يوقنى بىچارە دەڭلا .

    يول باشلايدۇ ئەماغا تاياق
    ئۇلاغسىزلار يۈرىدۇ ياياق
    يارسىزلاردا كەمدۇر قول ئاياغ
    يارى يوقنى بىچارە دەڭلا .

    مەنبە : ئاپتۇرنىڭ < ئانا تاغلار > ناملىق شېئرلار توپلىمى
    باي دادام تور خاتىرىسى


    收藏到:Del.icio.us




    بۇ تېمىنىڭ تور ئادىرسى

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان، ئەمما " يالغۇز" چاغلاردا بۇ شېئىرنى ئوقۇپ چۈشكۈنلىشىشكە بولمايدۇ دوستۇم.
    baydadam回复مەخسۇت说:
    راس، دوستۇم چۈشكۈنلىشىشكە بولمايدۇ ، بۇلۇپمۇ ھازىر. ئەسكەرتىكىنىڭگە رەھمەت دوستۇم. قەدىمىڭگە مەرھابا.
    2009-04-20 00:31:37

باي دادام تور خاتىرىسى

baydadam

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم زىيارىتىڭىزگە مەرھابا .بۇ تورخاتىرەم تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىزدىنىش،ئۆگۈنۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى خىياللىرىم،ھاسىلاتلىرىم بېلەن تولغان.بۇ خاتىرە باش تىمىسى ئېگىلىك تىكلەش باشقا تىمىلارھەم تەڭ مەۋجۈت بولغان ئونۋىرسال خارەكتىر بېلەن خارەكتىرلىنىدۇ .
  • زىيارەت سانى

ئۇسلۇپ نامى: Quiet | ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلغۇچى بىلىملىكلەر بلوگى