-
نۇرتاي ھاجى ھەققىدە - [خىياللىرىم]
2010-11-30 | خەتكۈچنۇرتاي 西部努尔集团 ھاجى 慈善
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/baydadam-logs/86119636.html
نۇرتاي ھاجى ھەققىدە
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى كۆپ مىللەتلەردىن قىلغاي.
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىك خەير- ساخاۋىتى بىلەن ئەلنىڭ يۈكسەك ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر يېقىندا بېيجىڭدا كاتتا شەرەپ سەھنىسىگە چىقتى .
شىنجاڭلىق بۇ خەير- ساخاۋەتچىنىڭ نامى پايتەخت ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭخۇا ئېلىگە تارالدى.
2006-يىللىق جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى بويىچە نام بېرىش- مۇكاپاتلاش يىغىنى 24-ئىيۇن بېيجىڭ خەلق سارىيدا داغدۇغلۇق ئېچىلدى ،يىغىندا شىنجاڭ غەربىي نۇرگۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەرگە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى دېگەن نام بېرىلدى .
نۇرتاي ھاجى 1996-يىلى 24-سېنتەبر ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،3مىليون 800مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن نۇرتاي ھاجى يېتىملەر مەكتىپىنى قۇرغاندا ،دەسلەپكى قەدەمدە ئىلى ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيە ،بىر شەھەردىن قۇبۇل قىلىنغان 60يىتىم بالا بۇ سۆيۈملۈك دادىسىغا 60دەستە گۈل سۇنغانىدى.ئارىدىن ئون يىل ئۆتتى ،ئون يىلدىن بۇيان ، نۇرتاي ھاجى كۈندىن -كۈنگە كۆپىيۋاتقان بالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش ، تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى ، ئۇلارغا يېتىملىكنى ھېس قىلدۇرماسلىق ،ئۇلارنىڭمۇ ئاتا - ئانىسى بار بالىلارغا ئوخشاش خۇشال - خۇرام ،ساغلام چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى .بۇ بالىلارغا ھەريىلى تاماق ،كىيىم - كېچەك ، تۇرالغۇ ، داۋالىنىش ئۈچۈن 1مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئاجراتقاندىن سىرت ، ئۇلارنىڭ يازلىق تەتىلنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن،يەنە 2 مىليون يۈەن خەجلەپ ،ئىلىدىكى ئەڭ گۈزەل ساياھەت رايونىنىڭ بىرى -كەڭسايدىكى گېنېرال جىلغىسىغا بالىلار باغۇ- بوستان ئارامگاھى قۇرۇپ بەردى .بالىلار ھەريىلى بۇ ئارامگاھتا يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى .ھازىر نۇرتاي ھاجى يېتىملەر مەكتىپىدە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بالىلار(2006)310غا يەتتى.(ھازىرقى باللارنىڭ سانى 500دىن يۇقىرى بولشى مۇمكىن)
بۈگۈنگىچە نۇرتاي ھاجى بۇ مەكتەپتىكى بالىلىرى ئۈچۈن 12مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ،مەدەنىيەت ،تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ بەردى ،شۇڭا بۇ بالىلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئازادە يورۇق سىنىپلاردا ئوقۇش ،ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلىدى.
چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى تەرەققىيات بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت چولپىنىنى باھالاش پائالىيىتىدە جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت ئەلچىسى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئەلچىسى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق چولپىنى جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى دىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك مۇكاپات تەسىس قىلىنغان .
نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر جۇڭخۇا خەير -ساخاۋەت چولپىنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كارخانىچى .ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ۋاخاخا گۇرۇھىنىڭ لېدىرى زوڭ چىنخۇ ،شياڭگاڭ شۈرى گۇرۇھىنىڭ لېدىرى ياڭ جاۋمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
شىنجاڭ گېزىتى 2006-يىلى7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندىھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى كۆپ مىللەتلەردىن قىلغاي.
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
ھۆمەتتە: باي دادامبۇ تېمىنىڭ تور ئادىرسى
评论
قەدىمىڭىزگە مەرھابا ، يەنە كىلىپ يوقلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .
قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
يەنە كىلىپ تۇرارسىز .