ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم مەن تەرەپكە قاراپ باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

  • بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان سۆزلەر - [راس گەپ]

    2009-03-30 | خەتكۈچبەخىت 幸福

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37269397.html

    بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان سۆزلەر

     

    1.ھەركۈنى 11:00 دىن بۇرۇن ئۇخلاڭ،سەھەر 7:30 دىن بۇرۇن ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.

    2.ھەركۈنى غايىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىڭ.

    3.ۋاقىت بولسا كۆپ كىتاپ كۆرۈڭ،نەزەر دائىرىڭىز كېڭىيىدۇ؛ ۋاقىتنى ئەھمىيەتىسز ئىشلارغا سەرىپ قىلماڭ،ئىسىڭىزدە بولسۇن، ۋاقىت كەينىگە يانمايدۇ.

    4.كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇڭ، سالامەتلىك قولدىن كەتسە ھەممىسى تۈگەيدۇ؛ قىزلار ،ئوغۇللار ،ئۆزۈڭلارغا كۆيۈنۈڭلار.

    5.پۇل تىپىش ئىقتىدارىنى ياخشى ئۈگۈنۈڭ، پۇل ياشاشنىڭ ئاساسى.

    6.دائىم ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاڭ،قېرىنداشلىرىڭىزغا تىل قىلىڭ، قانداشلىق ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت.

    7.ياخشى ئاڭلىغۇچى بولۇڭ، باشقىلارنىڭ كەچۈرمىشىدىن ساۋاق ئىلىڭ.

    8.ئويناشنى بىلىڭ،ئوينىغاندىمۇ ياخشى،كىشىنىڭ مەسلىگى كەلگىدەك ئويناڭ.

    9.خىزمەتتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەربى ئۆيگە ئەكەلمەڭ،ھېچنىمىنى ھەل قىلالمايسىز،ئەكسىچە تىخىمۇ كۆپ ئاۋارچىلىق تاپىسىز.

    10.خىزمەتكە ئۈمۈتۋار بولۇڭ.

    11.رەھبەرلىك سەنئىتىنى ئۈگۈنۈڭ،باشقىلارغا كۈلۈپ قاراڭ، يەتتە ئۆلچەپ بىر كىسىڭ.

    12.بەزى ئىشلاردىن ئۆزىن قاچۇرۇشنى ئۈگۈنۈڭ.

    13.نادان ئادەملەربىلەن مۇئامىلە قىلماڭ، يامىنى يۇقىدۇ.

    14.بىخىللار بىلەن ئارلاشماڭ،يەنىلا زىيان تارتىدىغان ئادەم سىز بولىسىز.

    15.خۇپسەنلىك قىلىدىغانلارنى بىر كالتەك بىلەن ئۆرىۋىتىڭ،سىزگە ئەمدى يانالمايدىغان بولىدۇ.

    16.توي قىلىپ بولغانلار بىلەن ئارلاشماڭ، ئازاپلىندىغىنى يەنىلا سىز.

    17. ئوخشاش قىممەت قارىشى بار ئادەمنى تاللاڭ؛ سىزنى سۆيىدىغان ئادەمنى بىر ئۆمۈر  قەدىرلاڭ،ئاسىراڭ.

    18.ئۈمۈتسىز ئادەمدىن ئۈمۈد كۈتمەڭ، ئازاپ چىكىپ ھارغاندىلا شۇنى بىلسىزكى،سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان كىشى دائىم قىشىڭىزدا سىزگە كۆيۈندۇ.لىكىن سىز دائىم بەخىت ناھايتى يىراقتا دەپ بىلسىز.

    19.باشقىلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بەرمەڭ،ئۇ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى جىنايەت.

    20.ئەمەليەتچىل بولۇڭ، مۇھەببەت ھەقىقەت ئالدىدا دائىم ئاق؛رومانتىك مۇھەببەت ئەرلەرگە ئەمەس ئاياللارغا تەۋە.

    21.تويغا ئىشەنىچ بىلەن قاراڭ،ھەربىر تەييارلىقنى ياخشى قىلىڭ،ياخشى ئەر، ياخشى ئايال بولۇشقا تىرىشىڭ.

    22.تۇرمۇشتا ئۈمۈدۋار بولۇڭ، يۈرەك قىنىڭىز بىلەن گۈزەل ئائىلە قۇرۇپ چىقىڭ.بىر بىخەتەر،ئىللىق ئائىلە.

    23.دائىم دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئويلىماڭ،قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ.

    24.ئالدىراپ باشقىلارغا قەرىز بەرمەڭ،قەرىزدارلار دائىم قايتۇرغىسى كەلمەيدۇ.

    25.بىلىڭكى،نۇرغۇن كىتاپ ئوقىغان كىشى چوقۇم بىلىملىك بولمايدۇ،شۇنداقلا مەكتەپتە ئوقىمىغان كىشىنىڭ ھەممىسى ساۋاتسىز بولمايدۇ.

    26.چىرايىغا قاراپ باھا بەرمەڭ، چىراي ياخشى ، يامانلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس.

    27.ئۆزۈڭىزنى تونۇڭ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشاڭ.

    28.ياسىنىشنى بىلىڭ،دائىم  سىرىتقى كۆرۈنۈش كىشىگە بەرگەن تۇنجى باھا بولىدۇ.

    29.ئۆزىڭىزنىڭ يولىدا مىڭىڭ،باشقىلار بىلەن نىمە كارىڭىز؟

    30.باشقىلارنىڭ پۇلىنى تارتىۋىلىڭ، بولمىسا سىزمۇ پۇلىڭىزدىن ئايرىلسىز.

    مەنبە:

    http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=35864


    收藏到:Del.icio.us




    بۇ تېمىنىڭ تور ئادىرسى

    评论

  • ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ھېكمەتلەر ئىكەن، كۆپ ئىشلارغا دىققەت قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىم. رەھمەت.
    baydadam回复بوغلان说:
    قەدىمىڭىزگە مەرھابا ، رەھمەت قوللىغىنىڭىزغا . يەنەكىرىپ تۇرارسىز .
    2009-05-23 00:16:16
  • ھەركۈنى 11:00 دىن بۇرۇن ئۇخلاڭ،سەھەر 7:30 دىن بۇرۇن ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.

    بۇ سەل كىيىن بۇلۇپ قاپتىمۇ نىمە؟
    baydadam回复كەسپى说:
    ئەڭ بولمىغاندا مۇشۇ ۋاقىتتا تۇرۇش ۋە يېتىش كېرەك .دەپ قارىدىم . قەدىمىڭىزگە مەرھابا
    2009-04-18 21:27:07
  • راس

باي دادام تور خاتىرىسى

baydadam

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم زىيارىتىڭىزگە مەرھابا .بۇ تورخاتىرەم تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىزدىنىش،ئۆگۈنۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى خىياللىرىم،ھاسىلاتلىرىم بېلەن تولغان.بۇ خاتىرە باش تىمىسى ئېگىلىك تىكلەش باشقا تىمىلارھەم تەڭ مەۋجۈت بولغان ئونۋىرسال خارەكتىر بېلەن خارەكتىرلىنىدۇ .
  • زىيارەت سانى

ئۇسلۇپ نامى: Quiet | ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلغۇچى بىلىملىكلەر بلوگى