ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > تەييارلىق > تولۇقسىز 2-ماۋسۇم > تولۇق مەزمۇنى

7-يىللىق ئەدەبىيات 2-مەۋسۈم«بىز نىمىشقا كېسەل بۇلىمىز»

ۋاقىت : 2013-03-26 11:59 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : babor | كۆرۇلىشى : قېتىم
ماتېرىيال تىپى : دەرس تەييا ھوقۇق شەكلى : ھەمبەھىر ماتېرىيال تىلى : ئۇيغۇرچە ماتېرىيال سىغىمى : MB ھۆججەت تىپى : .doc ئىجرا مۇھىتى : Win2003,WinXP,Win2000,Win9X تەۋسىيە دەرىجە : ★★★☆☆ يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-03-26 ماتېرىيال باھاسى : چەكلىمىسىز چۈشۈرۈش چۈشۈرلۇش سانى :
ماتېرىيال ئېزاھاتى

سىز نۆۋەتتە كۆرىۋاتقان 7-يىللىق ئەدەبىيات 2-مەۋسۈم«بىز نىمىشقا كېسەل بۇلىمىز» بۇ دەرس تەييا بولسا .doc شەكلىدىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىيال بولۇپ، سىغىمى MB تور بېتىمىزگە قوشۇلغان (يېڭىلانغان) ۋاقتى بولسا 2013-03-26 -كۇنى بولۇپ، بۇ 7-يىللىق ئەدەبىيات 2-مەۋسۈم«بىز نىمىشقا كېسەل بۇلىمىز» نى يوللىغان babor گە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز ھەمدە سىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز. بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىڭىز بولۇپ قالغۇسى !

دەرىس تەييارلىغۇچى ئوسمانجان دۆلەت دەرىس تەييارلىغان ۋاقىت 2011- يىلى3- ئاينىڭ 20- كۈنى
دەرىس ئۈتىدىغان سىنىپ 7- يىللىق 2,3- سىنىپ  18- سائەتلىك دەرىس لايھەسى
دەرىس تىمىسى بىز نىمىشقا كىسەل بۇلىمىز
ئاپتۇرى جورجى ۋىتولكاس ژانىرى مۇھاكىمىلىق ئەسەر
ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم  نىشانى ئادەمنىڭ نېمە سەۋەپىتىن كىسەل بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى نىگىزلىك بىلىملەرنى ئىگەللەش.
ئىقتىدار نىشانى ساغلام بولۇشتا روھى ئامىلىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلكىنى بىلىۋېىلش ئارقىلىق ئۆز ساغلاملىقىنى ئۆزى ئاسرىيالايدىغان بولۇش.
ھىسىيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى كىسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا روھىي كەيپىياتىنى تۇراقلاندۇرۇش ۋە ئۆزىگە باھا بىرەلەيدىغان مىجەز – خاراكتىر، ئوقۇغۇچىلاردا كىسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا روھىي كەيپىياتىنى تۇراقلاندۇرۇش ۋە ئۆزىگە باھا بىرەلەيدىغان مىجەز – خاراكتىرنى تاۋلاش ،ئىسىل ئەخلاقى پەزىلەت يىتىلدۈرۈش.
مۇھىم نوختا ساغلاپ بۇلۇشتا روھى ئامىلنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش.
قىيىن نوختا مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەرنى يېزىشتا پىكىرنى قاتلاملار بۇيىچە يېزىش ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈش.
ئوقۇتۇش قۇراللىرى دەرسىلىك كىتاب، دوسكا، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قوللانمىسى
تەييارلىق سىناق ۋە دەرىسىكە باشلاپ كىرىش ئەسەر مەزمۇنى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى سىنىلىدۇ.
1.سىز ھازىرغا قەدەر قانداق كىسەللەرگە گىرىپتار بۇلۇپ باقتىڭىز؟
2.«تەن ساقلىق- زور بايلىق» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى يىشىپ بىرەلەمسىز؟
3.بىز دوختۇرخانىلارغا بېرىپ قاراپ باقىدىغان بولساق نۇرغۇن بىمارلارنىڭ نىمجان ھالەتتە ياتقانلىقىنى كۈرىمىز. سىزنىڭچە ئادەم نىمىشقا كىسەل بولىدۇ؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئاساسىدا دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى دەرس تىمىسى دوسكىغا يېزىلىپ ئاپتۇر ھەققىدە تۇنۇشتۇرىلىدۇ.
جۇرجى ۋىتولكاس- گىرىتسىيلىك ئالىم . 1932- يىلى تۇغۇلغان. ئەھۋالغا قاراپ داۋالاش ئۇسۇلىنى تاپقانلىقى ئۈچۈن 1996- يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
تېكىست ئالدى بىلەن ئۈلگە سۈپىتىدە بىر قېىتم ئوقۇپ بىرىلىدۇ. كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئوقۇيدۇ. يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات بىرىلىدۇ.
پوقاق كىسىلى _ ① قالقان بەز ئىششىقى ، يەنى بۇيۇندا بولىدىغان بىر خىل كىسەللىك .
سەزگۈرلۈك _ ① سىزىش ئىقتىدارى ، سىزىمچانلىقى كۈچلۈك ؛ تاشقى تەسىرنى تىز سىزىدىغان ، سىزىمچان . ② زىرەك ، ھوشيار .
دىرېكتور _  مەلۇم كارخانا ياكى شىركەتنىڭ مەسئۇلى .
پاراللىچ _ جانلىقلار تىنىنىڭ مەلۇم قىسملىرىنىڭ فونىكىسسىيلىك رولىنى قىسمەن ياكى تولۇق يۇقىتىشى سەۋەبىدىن كىلىپ نۇرمال فىزىئولوگىيلىك ئىقتىداردىن مەھروم بولىدىغان بىر خىل كىسەللىك .
دىۋەڭلىك كىسىلى _ ئەقلى ئىقتىدارى چىكىنىش سەۋەبىدىن ، كاللىسىنىڭ نۇرمال ئەقلىي ئىقتىدارىدىن تۈۋەنلەش كىسلى .
مۇتلەق _ ① مەڭگۈ بىر خىل تۇرىدىغان ، ئۆزگەرمەيدىغان ، ئۆزگەرمەس ، مۇقىم ؛ مەڭگۈلۈك . ② پەقەت مەلۇم بىر خىل شارائىتقىلا ماس ئاساسلانغان ، باشقىللىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان . ③ پۈتۈنلەي ، تۇلۇق ، تامامەن . ④ ھەرگىز ؛  پەقەت . ⑤ ئىنتايىن ، ناھايىتى .
شەخسىيەتچىلىك _ ھەممىدە شەخىسنى ئاساس قىلىدىغان ، شەخسىي مەنپەئەتنى كوللىكتىپ مەنپەئەتتىن ئۈستۈن ئۇرۇنغا قويىدىغان ۋە ئۆزى بىلەنلا بولۇپ ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان بىر خىل خاتا ئىدىيە .
نەپرەت _ قاتتىق غەزەپ ۋە يىرگىنىش تۇيغۇسى .
ۋەھىمە _ قاتتىق قۇرقۇش ، غەم- ئەندىشە ، ئەنسىزلىك نەتىجىسدە پەيدا بولغان روھى–   ھالەت .
ئافىنا _  گىرىتسىيدىكى بىر شەھەرنىڭ نامى .
پالەچ _ ① بىر خىل كىسەللىك . بۇنىڭدا  ، نىرۋا خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ بەدەننىڭ بىر قىسمى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا مەھرۇم بولىدۇ . ② كۆچمە. بىرەر ئىش ، خىزمەت يۈرۈشمىگەن، توختاپ قالغان؛ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، ئاقساپ قالغان ھالەت .
كەيپىيات  _ ① روھى ھالەت ؛ كەيىپ . ② ئومۇمى ۋەزىيەت ، ئەھۋال ، ھالەت .
قامداش _ بىرەر ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئىھتىياجنى قاندۇرماق ؛ تەمىنلىمەك ؛ باقماق ؛ تۇلۇقلىماق .
تاساددىپى _ ① كۈتۈلمىگەن ، تۇساتتىن يۈز بەرگەن ؛ ئۇشتۇمتۇت . ② سەۋەبى نامەلۇم ، سەۋەپسىز .
يۈرەك سانجىقى _ يۈرىكىگە ئۆتكۈر بىر نەرسە سانجىلغاندەك ئاغرىيدىغان  بىر خىل يۈرەك كىسەللىكى . 
مېخانىزىم _ ① تۈرلۈك ماشىنىلارنىڭ ئىچىكى قىسملىرى ، ئىچكى تۈزۈلىشى ؛ سېستىما . ②  تۈرلۈك ماشىنا ئۈسكۈنىلەر .
مىجەز _ ① ئادەمىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان خاراكتىرى ، خۇسۇسىيتى ، خۇلقى . ② ئادەم ئورگانىزمىنىڭ تەبىئىتى . ③ سالامەتلىك ؛ كەيپىيات .
كۈچ - قۇۋۋەت –  كۈچ ۋە قۇۋۋەت .
چۇس _ بىرەر ئىشتا ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ، ئاسان خاپا بولىدىغان ، ئوڭاي تىرىكىدىغان ؛ يەڭگىل . 
تىرىكىش – ئاچچىقلىنىش ، خاپا بولۇش .
ئادەت _ ① ئۆگىنىپ قالغان ھەرىكەت ؛ قىلىق . ② ئاتا- بۇۋىسىدىن قالغان ۋە كىشىلەرگە سىڭىپ كەتكەن تەرتىپ ؛ قائىدە- يۇسۇن ، ئەنئەنە ، ئۇدۇم . ③  ئاياللاردا ھەر ئايدا بىر قېتىم دەۋىر قىلىدىغان بالىياتقۇدا قان ھاسىل بولۇشتىن ئىبارەت فىزىئولۇگىيلىك ھادىسە .
 
ئوقۇتۇش جەريانى سىز جورجىغا ئوخشاش نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەردىن كىملەرنى بلىسىز؟
بىز ئەمدى تىكىستتىن ھاسىل قىلغان چۈشەنچىمىز بىلەن تۇرمۇش تەجرىبىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئادەمنىڭ زادى نىمە ئۈچۈن كىسەل بۇلىدىغابلىقىنى خۇلاسىلەپ باقايلى.
ئادەمنىڭ كىسەل بۇلۇش سەۋەبلىرى:
مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى
روھى جەھەتتىكى تۇراقسىزلىق
ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭشەلمەسلىكى
ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى
..........................
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ساغلام بۇلۇش ئۈچۈن نىمىلەرگە ئەھمىيەت بىرىش كىرەكلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باقايلى.
ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا يىتەكلەيمىز.
ساغلاملىققا دائىر ماقال-تەمسىللەرنى بىلەمسىز؟ ساۋاقداشلىرىڭىزغا سۆزلەپ بىرىڭ.
ساغلاپ تەندە ساپ ئەقىل.
ساپ ھاۋا تەنگە داۋا.
تەن ساقلىق زور بايلىق.
خۇلاسە:
بۇ ئەسەر مۇھاكىمە خاراكتىرلىك تىببى ساۋات ئەسەرى بولۇپ ئادەم شەخسى تازىلق، مۇھىت تازىلىقى ناچار بولسا ، رۇھى جەھەتتىن جىددىيلىك بولغاندا كىسەل بولىدىغانلىقى ، كىسەللىك ئادەم بەدىنىدىلا بولۇپ قالماسىتىن روھىيتىدىمۇ كىسەل بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال شەخىسنى روھى جەھەتتىن تەربىيلەش شەخسى تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقىنى ياخشى ئشلەش ۋە كەيپىيات جەھەتتە ئۆزىمىزنى روھلۇق ، خۇشال تۇتۇشىمىز لازىم.
دەرسخانىدىكى مەشىق كىسەل ئادەتتە ئادەم بەدىنى ئىچىدىكى كىسەلنىلا ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ ئۆز قارىشىڭىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۈتۈڭ.
تاپشۇرۇق مەزمۇنى ساغلاملىققا دائىر ماقال- تەمسىل توپلاپ كىلىڭلار
نىشان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىششىگە يول ئېچىپ بىرىش.
تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرلىدۇ
خۇلاسىلاش ئۇسسۇلى سىنىپتا كوللىكتىپ خۇلاسىلىنىدۇ
تەستىقلىغۇچى ئىمزاسى   2011- يىلى       - ئاينىڭ      - كۈنى
 

----------------------------------------------------------------------------

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ئېسىلكەن
(25)
92.6%
ناچاركەن
(2)
7.4%
چۈشۈرۇش ئادرىسى
    چۈشۈرۈش ئادرىسىغا كىرىڭ
بېكەت ئەسكەرتمىسى

تور بىتىمىزدىكى دەرسلىك ۋە يۇمشاق دىتاللار بىردەك WinRAR دا قىسىلغان،شۇڭلاشقا سىزنىڭ چۇشۇرگەندىن كىيىن WinRAR نىڭ يۇقىرى نۇسخىسىنى ئىشلىتىشىڭىزنى سورايمىز.

ئەگەر  دەرسلىك ۋە يۇمشاق دىتاللار نورمال چۇشمىسە خاتالىق مەلۇم قىلغايسىز.
ئەگەر تور بىتىمىزدىكى دەرسلىك ۋە يۇمشاق دىتاللار چۇشمىسە،ئىھتىمال تور بىتىمىزنىڭ شۇ كۇنلۇك ئەڭ چوڭ چۇشۇرۇش چىكى توشقان بولىشى مۇمكىن،شۇڭا سەل ساقلاپ يەنە سىناپ بىقىڭ.
تور بىتىمىزدىكى دەرسلىك ۋە يۇمشاق دىتاللارنى باشقا توربەتلەردە تارقىتىش قارشى ئېلىنمايدۇ،ھەممەيلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى مەزمۇن قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى.
تور بىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم دەرسلىك ۋە يۇمشاق دىتاللار كەڭ تورداشلارنىڭ تەمىنلىشى ۋە توردىن يىغىلغان،ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز تىزدىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!

 

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
babor تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-03-31 18:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-02 16:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ