سۈت پاراشوكى قويۇق تەڭشەلسە بوۋاققا زىيانلىق
سۈت پاراشوكى قويۇق تەڭشەلسە بوۋاققا زىيانلىق
نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار بوۋاققا سۈت پاراشوكى تەڭشەپ بەرگەندە دائىم بىلىپ – بىلمەي سۈت پاراشوكىنى كۆپ سېلىۋېتىدۇ. بەزىلەر سۈت پاراشوكى قويۇق تەڭشەلسە بوۋاق قوبۇل قىلىدىغان ئوزۇقلۇق كۆپ بولۇپ، بوۋاقنىڭ قورسىقى ياخشى تويۇپ، كېچىسى ياخشى ئۇخلايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە سۈت پاراشوكىنىڭ قويۇق تەڭشىلىشى بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق.
1. سۈت پاراشوكى بەك قويۇق تەڭشەلسە بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۈت پاراشوكىنىڭ قويۇق – سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەش سۈت پاراشوكى تەركىبىدىكى ھەر خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ نىسبىتى بىلەن بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، ئىلمىي ئاساسقا ئىگە. سۈت پاراشوكى قويۇق تەڭشەلسە بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ، تەرەت راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا بوۋاقنى ھەزىم يولى كېسەللىرىگە گىرىپتار قىلىدۇ.
2. سۈت پاراشوكى بەك قويۇق تەڭشەلسە قان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قويۇق تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى قاندىكى ناترىي، تۆمۈر، كالتسىي مىقدارىنىڭ نورماللىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ناترىينىڭ قويۇقلۇقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدۇ. قاندا ناترىي بەك كۆپ بولسا كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچراپ، بويى پاكار بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاقنىڭ ناترىينى قوبۇل قىلىش نىسبىتى چوڭلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. قاندىكى ناترىينىڭ قويۇقلۇقى نورمال بولغان تەقدىردىمۇ، بوۋاق تېنىدە ناترىي توپلىنىۋەرسە نېرۋا سىستېمىسى ۋە بۆرىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
3. سۈت پاراشوكى بەك قويۇق تەڭشەلسە بوۋاقنىڭ سۇنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئازوتلۇق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلىدىغان بوۋاقلارغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم. قويۇق تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسىنى تۇتۇپلا قالماي، سۇ ئىچىش مىقدارىنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، سۈيدۇك مىقدارى ۋە قېتىم سانىنى ئازايتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۆرەكنىڭ يۈكى ئارتىپ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدۇ. قويۇق تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى يەنە بوۋاق قوبۇل قىلىدىغان ئاقسىلنى كۆپەيتىپ، سۇنى زىيادە ئازايتىۋېتىدۇ. ئاقسىل كاتابولىزمىدىن پەيدا بولىدىغان ئاقسىلسىز ئازوت ماددىسى قان پلازمىسىدا يىغىلىۋېلىپ، ئازوتلۇق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قىسقىسى، سۈت پاراشوكى تەڭشىگەندە ئورالمىسىغا يېزىلغان ئۆلچەم بويىچە تەڭشەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، سۈت پاراشوكىنىڭ مىقدارىنى خالىغانچە ئاشۇرماسلىق ياكى كېمەيتمەسلىك كېرەك. تەڭشىگەندە ئاۋۋال ئىلمان قايناق سۇ قويۇپ، ئاندىن سۈت پاراشوكىنى سېلىش، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن دەرھال بوۋاققا ئىچۈرۈش، بوۋاققا پات – پات ئۇسسۇزلۇق بېرىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
()
«سۈت پاراشوكى قويۇق تەڭشەلسە بوۋاققا زىيانلىق»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:جۇڭگو بالىلار دىيابېت كېسەللىكى باشقۇرۇش تۈرى شىن
- . جۇڭگو بالىلار دىيابېت كېسەللىكى باشقۇر
- . سۈت پاراشوكى قويۇق تەڭشەلسە بوۋاققا زىي
- . بوۋىقىڭىزنىڭ سوسكىسىنى دائىم دېزىنفېكس
- . قۇۋۋەت ئىچىملىكى بىخەتەرمۇ؟
- . پىششىقلانغان سۈت مەھسۇلاتى بالىلارنىڭ
- . يىراقنى كۆرەلمەسلىك «يەر شارى كېسەللىك
- . زىيادە ئىسسىق تۇتقان بالىلار ئاسانلا ئ
- . ۋىتامىن D كەمچىل بولسا ئاسان زۇكام بولى
- . بالدۇر مەكتەپكە كىرىش مېڭىنىڭ ئۆسۈپ يېت
- . تەن سەزگۈ ئويۇنى بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئېھ
- . تاللانغان يېمەكلىك ۋە بالىلاردىكى يىرا
- . چەت ئەلچە تېز تاماقلار ۋە بالىلاردىكى س
- . يېشىغا يەتمىگەن بوۋاقلار قېتىق ئىستېما
- . تەييار چۆپ ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېس
- . شاكىلات ۋە ئۇيقۇلۇقتا سىيىپ قويۇش كېسى
- . بالىلار ئايپەد (ipad) نى كۆپ ئىشلەتسە...
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . جۇڭگو بالىلار دىيابېت كېسەللىكى باشقۇر
- . سۈت پاراشوكى قويۇق تەڭشەلسە بوۋاققا زىي
- . بوۋىقىڭىزنىڭ سوسكىسىنى دائىم دېزىنفېكس
- . قۇۋۋەت ئىچىملىكى بىخەتەرمۇ؟
- . پىششىقلانغان سۈت مەھسۇلاتى بالىلارنىڭ
- . يىراقنى كۆرەلمەسلىك «يەر شارى كېسەللىك
- . زىيادە ئىسسىق تۇتقان بالىلار ئاسانلا ئ
- . ۋىتامىن D كەمچىل بولسا ئاسان زۇكام بولى
- . بالدۇر مەكتەپكە كىرىش مېڭىنىڭ ئۆسۈپ يېت
- . تەن سەزگۈ ئويۇنى بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئېھ
- . قۇۋۋەت ئىچىملىكى بىخەتەرمۇ؟
- . ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
- . بالىڭىزدا ‹‹چۈش سەيلىسى›› كېسەل
- . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە
- . بالىلار نېمىشقا تاماقتىن چىقىپ قا
- . بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىستېمال ق
- . 12 ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچ
- . 18 ياشقا توشمىغانلار ئورۇقلىتىش دو
- . ئەتىيازدا بالىلارنىڭ دىئابېت كېسى
- . ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
- . بالىلار نېمىشقا تاماقتىن چىقىپ قا
- . بالىلارنى بارغانسېرى دۆت قىلىپ قويىدىغ
- . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە
- . 12 ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچ
- . بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىستېمال ق
- . بالىڭىزغا ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى تېلې
- . بالىلار نېمىشقا شورپا ياكى قايناق
- . بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغر
- . بالىلارنىڭ شالۋىقى ئاقسا قانداق ق