| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنىت تەربىيسى > پەرزەنىت ساغلاملىقى > تولۇق مەزمۇنى

پىششىقلانغان سۈت مەھسۇلاتى بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتى

ۋاقىت : 2012-12-12 22:33 | مەنبەسى : 未知 | ەمىنلىگۇچى : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

پىششىقلانغان سۈت مەھسۇلاتى بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى

ۋە تەم سەزگۈسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ


 پىششىقلانغان سۈت مەھسۇلاتى بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە تەم سەزگۈسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ

   پىششىقلانغان سۈت مەھسۇلاتلىرى بالىلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان قوشۇمچە يېمەكلىك. ئاتا – ئانىلار نۇرغۇن سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، دەپ قاراپ دائىم بالىلىرىغا يېگۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە سۈت مەھسۇلاتلىرىغا خىلمۇخىل خۇرۇچلار قوشۇلغان، بالىلار زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا سالامەتلىكىگە يوشۇرۇپ خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

   نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، پىشلاق، قوي سۈتى تابلېتى، كالا سۈتى تابلېتى، سۈت كۇمۇلىچى قاتارلىقلار. بۇ مەھسۇلاتلار ھەرخىل ھەرياڭزا بولۇپ، كۆپ قىسمى «يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات» دېگەن نام بىلەن بازارغا سېلىنغان. بىراق، ئۇلارغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار تىزىملىكىگە تەپسىلىي قارايدىغان بولساق، «سۈت پاراشوكى»، «ئاق شىكەر»، «ئۆسۈملۈك مېيى»، «چۈچۈمەل تەم تەڭشىگۈچ»، «تاتلىق تەم تەڭشىگۈچ»، «مۇئەتتەر» قاتارلىق خۇرۇچلارنىڭمۇ يېزىقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بولۇپمۇ ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ تەركىبىدىكى ماي كىسلاتاسى بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كۆپ ساندىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىغا مۇئەتتەر قوشۇش ئارقىلىق تەم كىرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلار ئۇلارنىڭ يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

   لېكىن، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ پايدىلىق تەرىپى يوقمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ تەركىبىدە سۈتلۈك ئاقسىل، سۈتلۈك ماي كۆپ بولۇپ، ئېنېرگىيە تولۇقلايدۇ. شۇڭا، ئۇ بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەتتىن كېيىن ئېنېرگىيە تولۇقلاش يېمەكلىكى ئورنىدا ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا ئامال بار پارچىسىنى ئالماسلىق، ئارىلاشتۇرۇلغان ماتېرىياللارغا تەپسىلىي قاراپ ئۆسۈملۈك مېيى قوشۇلمىغاننى تاللاش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ساقلىنىش مۇددىتى ئېنىق يېزىلغان، ئوراپ قاچىلىنىشى پۇختا، تامغىسى بار، مۇنتىزىم زاۋۇتلاردىن چىققان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش لازىم. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، بالا بىر كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان سۈت مەھسۇلاتىنىڭ مىقدارى 10 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بولمىسا بالا ھەزىم قىلالمايلا قالماي يەنە ئىشتىيى تۇتۇلۇپ قالىدۇ.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>