| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنىت تەربىيسى > پەرزەنىت ساغلاملىقى > تولۇق مەزمۇنى

ئەمگەك بالىلارنى تاۋلايدۇ

ۋاقىت : 2012-11-06 00:27 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ەمىنلىگۇچى : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئەمگەك بالىلارنى تاۋلايدۇ


ئەمگەك بالىلارنى تاۋلايدۇ

چېن باۋچۈەن

 

 ھازىر، شەھەرلەردىكى مەكتەپلەردە ئەمگەك دەرسى تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دەرس دېگەندەك ئەمەلىيلەشمەيۋاتىدۇ.نەتىجىدە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاددىي دېھقانچىلىق ئىشلىرىمۇ يېڭىلىق تۇيۇلۇۋاتىدۇ.شۇڭا بالىلاردا كىچىكىدىن ئەمگەك قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، مەكتەپ بىلەن ئائىلە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

 مەن ئىسرائىلىيەدىكى بىر ئۈلگىلىك يەسلىنى ئىكسكۇرسىيە قىلغان، ئۇ يەسلىدە بالىلاردىن كىيىم كىيىش، تاماق يېيىش، قولىنى يۇيۇش قاتارلىق ئۆزلىرى قىلالايدىغان ئىشلارنى ئۆزىنىڭ قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تۈرلۈك ئەمگەك دەرسلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قىزلار جىسمانىي ئەمگەك قىلىشنى، ئوغۇللار تاماق ئېتىش ۋە يىڭنە ئىشى قىلىشنى ئۆگىنىدىكەن، نۇرغۇن ئائىلىدە پالتا، ھەرە قاتارلىق ئەمگەك قوراللىرى بار ئىكەن. ياپونىيەدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «ھەر قانداق ئىشتا دائىم باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش نومۇس»دەپ قارىلىدىكەن.دۆلىتىمىزدە بولسا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئەركە ئۈگىتىپ قويغاچقا ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىغاچقا، پەرزەنتلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلالمايدۇ.

 ئەمگەك قىلىشنى ئۆگىنىش، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تىكلەشنىڭ ئاساسى.ئەمگەك دۇنيانى يارىتىدۇ، ئەمگەكنى، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەش دۇنيادىكى ئاساسىي ئېقىم.ئەمگەكچان بولۇش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئەمگەكنى، بولۇپمۇ جىسمانىي ئەمگەكنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەكتە، بۇ ئەھۋال بالىلارغا ۋە ياشلارغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئەركە ئۈگىتىپ قويۇشى تۈپەيلى نۇرغۇن بالىلار تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى چىقالمايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇلار ئەمگەك قىلىشتىن قورقىدۇ، ئەمگەك قىلىشنى، بولۇپمۇ جىسمانىي ئەمگەكنى كەمسىتىدۇ، بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرسلەرنىڭ كۆپلىكى بالىلارنىڭ ئەمگەك ۋاقتىنى ئىگىلىۋالغاچقا، ھازىرقىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقتى.ھەتتا يېزا بالىلىرىمۇ جاپادىن قورقىدىغان، جىسمانىي ئەمگەكتىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغان بولۇپ قالدى.ئەمگەك قىلىشنى ئۆگىنىش تەن ساغلاملىق ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىنى كۈچەيتىشنىڭ، ئادىمىيلىكنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى.مۇشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەمگەك بالىلارنى تاۋلايدۇ.نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەمگەك ئىقتىدارى كۈچلۈك بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن.بىز بالىلارنىڭ مېھرىبان بولۇشىنى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشىنى خۇشاللىق، دەپ بىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز، ئەگەر ئۇلار تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالمىسا، ھەممە ئىشتا باشقىلارغا تايىنىۋالسا، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ ئەمگەك تەجرىبىسى بولۇش، ئەمگەك قىلىشنىڭ جاپاسىنى بىلىش باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ۋە ئەمگەچكىلەرنى ھۆرمەت قىلىش ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلەشنىڭ ئاساسى. ئەمگەك جەريانىنىڭ ھەممىسى جاپالىق بولىۋەرمەيدۇ.ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق قىممەت ياراتقان، باشقىلارغا ياردەم بەرگەن، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئېتىراپقا، ھۆرمەتكە ئېرىشكەن چاغدىكى خۇشاللىق ماددىي بۇيۇمدىن ھوزۇرلانغاندىكى خۇشاللىققا ئوخشىمايدۇ.بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە «جاپا تارتىش»نى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش بەجايىكى «ئىرادىنى چىڭىتىش»جەريانىدۇر.

 ئەمگەك يەنە كىشىلەرنىڭ تونۇشى، ھۆكۈم قىلىشى ۋە تاللاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى زۆرۈر يول.كىتابلاردا ئۆگەنگەن بىلىملەر ۋە نەزەرىيەلەر ئاخىرىدا يەنىلا ئەمگەك ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.راستىنى ئېيتقاندا، ھازىر، ياشلارنىڭ ئائىلىسىدىن مەكتەپكە، مەكتەپتىن ئىدارىگە كىرىشىدە ئەمگەك تەجرىبىسى كەمچىل.مەن دائىم ياش كادىرلار ۋە پىروفېسسورلارنىڭ ئۆزى مەشغۇل بولىۋاتقان كەسپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھېچنىمە بىلمەيدىغان، يېزىغا بارسا زىرائەتلەرنى پەرق ئېتەلمەيدىغان، زاۋۇتقا بارسا قەغەز ياساش، پولات تاۋلاش، ئېچىتىش تېخنىكىلىرىنىڭ پىرىنسىپىنى بىلمەيدىغان ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ تۇرىمەن.بۇلار جەمئىيەتكە ماسلىشالماسلىق، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىش ۋە بىلىم دائىرىسى تار بولۇشىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىدۇر.بۇنداق كىشىلەرنى ئوقۇش تارىخى قانچە يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئىقتىساس ئىگىسى دېيىشكە بولمايدۇ.

 جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى ساھەلەردىكى باشلامچىلارغىلا ئەمەس، نۇرغۇنلىغان يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىگە مۇھتاج. ھازىر ئەمگەك مائارىپىنىڭ يوقۇلۇشى ۋە كەمچىل بولۇشى ئېلىپ كەلگەن مەسىلىلەر كۈنسېرى روشەنلەشمەكتە.بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ھەر تەرەپنىڭ كۈچ چىقىرىشىغا، ئەمگەك مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە، بالىلارنىڭ پۇت-قولىنى قويۇۋېتىپ، ئۇلارغا ئەمگەك جەريانىدىكى ئىجادچانلىقنىڭ جاپاسىنى ۋە خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا موھتاج.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%

«ئەمگەك بالىلارنى تاۋلايدۇ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>