| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنىت تەربىيسى > پەرزەنىت ساغلاملىقى > تولۇق مەزمۇنى

يىراقنى كۆرەلمەسلىك «يەر شارى كېسەللىكى»گە ئايلان

ۋاقىت : 2012-12-10 00:54 | مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى | ەمىنلىگۇچى : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

يىراقنى كۆرەلمەسلىك «يەر شارى كېسەللىكى»گە ئايلاندى

يىراقنى كۆرەلمەسلىك «يەر شارى كېسەللىكى»گە ئايلاندى

【فىرانسىيە « دۇنيا گېزىتى » 1-دېكابىر خەۋىرى 】كۆپلىگەن كۆز كېسەللىكى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى « ئەسىر كېسەللىكى » دەپ ئاتاشماقتا. فىرانسىيە كۆز كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گىللېس.لاۋنارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بىز ياش–ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولغانلار سانىنىڭ كۆپىيىش ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن روشەنلىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز.

ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «لانسىت» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتلىك ئاۋستىرالىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى يان.مورگان ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئەترىتى ئېلان قىلغان بىر پارچە تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيادىكى بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان دۆلەت ۋە رايون (جۇڭگو، سىنگاپور، تەيۋەن، شياڭگاڭ، ياپونىيە ۋە كورىيە ) لارنىڭ شەھەرلىرىدىكى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى % 90 تىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئەجدادىكى بۇ نىسبەت ئاران % 25 تىن % 40 كىچە بولغان.

گەرچە ئېرسىيەت گېنى ئاسىيالىقلاردا يىراقنى كۆرەلمەسلىك مەسىلىسىنىڭ ئاسان پەيدا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى نىسبىتىمۇ ئۆرلىمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپادىكى 12 ياشتىن 54 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ نىسبىتى % 40 بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا بۇ سان % 20 ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئومۇمەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ : يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى % 25 تىن ئۆرلەپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا % 41.6 كە يەتتى.

بۇ ھادىسىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك ؟ ئېرسىيەت بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، مۇھىت ئامىلىمۇ تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشمەكتە : ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ۋە كۈندىلىك ئوزۇقلىنىش قاتارلىقلار.

يان. مورگاننىڭ تەتقىقات ئەترىتى يەنە مۇنداق بىر خەۋپلىك ئامىلنى بايقىدى : بۇ بولسىمۇ تەبىئىي يورۇقلۇقنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن ئىبارەت. بۇ ئەترەتنىڭ بايقىشىچە، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشخانا ئىچىدىكى سۇنئىي يورۇقلۇقتا ئۆگىنىش كۆز ئالمىسىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ. بۇ ھال يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھالبۇكى، ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە سىرتتا ھەرىكەت قىلىش ھەمدە تەبىئىي يورۇقلۇق بىلەن ئۇچىرىشىش، كۆز قىسمىنىڭ ھېدروخىلورىد سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۆز ئالمىسىنىڭ ئۇزىرىشىنى چەكلەش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىدۇ.

تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بايقىشىچە، ئۇزۇن ۋاقىت سىرتتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئادەملەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۆپ تۆۋەن بولىدىكەن. بىر مۇتەخەسسىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى : « كۆزنى ئاسراش رولىنى ئوينايدىغىنى تەنتەربىيە ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى تەبىئىي نۇر بولۇشى مۇمكىن ».

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>