بوۋاقلارنىڭ يازدا زۇكام بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
يازدا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا ، ئاسان زۇكام بولمايدىغاندەك بىلىنىدۇ . ئەمەلىيەتتە بوۋاقلار بەدىنىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش مەركىزى نېرۋىسى ۋە تېرىسىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغاچقا ، ئۆيدە ھاۋا تەڭشىگۈچ بولسا ، ئۆي بىلەن تالانىڭ ھاۋا تېمېپراتۇرىسىدىكى پەرق چوڭىيىپ كېتىپ ، بوۋاقلار ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ . زۇكام بولغاندا تەر چىقمايدۇ ، تولا ئۇسساپ ، پات-پات كىچىك تەرىتى قىستايدۇ ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يېگۈسى كەلمەيدۇ . چىرايى سارغىيىپ ، ئىچى تىتىلداپ تۇرىدۇ . بوۋاقلارنىڭ شامالداپ زۇكام بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شامالداپ قېلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئۆي بىلەن تالانىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قلىشى كېرەك . بوۋىقىڭىزنى دائىم سالقىن جايدا ئارام ئالدۇرشىڭىز ، شەخسىي تازىلىقىغا دىققەت قىلىشىڭىز لازىم . پات-پات ئازراق تۇز سېلىنغان قايناق سۇنى سوۋۇتۇپ ئىچكۈزۈپ قويۇشىڭىز لازىم . ئۇنىڭدىن باشقا بوۋىقىڭىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ جىم تۇرمىسا ، لۆڭگىنى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ بەدىنى سۈرتۈپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىقلىق چىقىش بولسا ، يازدا بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرە كېسىلى ، ئۇ ئاساسەن بالىلارنىڭ مەيدە ، دۈمبە قىسمىغا كۆپ چىقىدۇ . ئىسسىقلىق چىققان يەرلەر قىزىرىپ بەكمۇ قىچىشىدۇ . ئىسسىقلىق بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىش ، تېرە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ئانىلار يۇقارقى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىشى كېرەك . ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|