بالىڭىزغا ئويۇنچۇق كۆزئەينەك ئېلىپ بەرمەڭ
ھازىر باغچا ، سەيلىگاھ ، كوچىلاردا بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق كۆزئەينەكلەرنى تاقىۋالغانلقىنى ، باش كىيىملىرىدە تۈرلۈك شەكىلدە كۆزئەينەكلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇچرىتىمىز . ئاتا-ئانىلار ئويۇنچۇق كۆزئەينەكلەرنىڭ بالىلارغا قانچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىمايلا ئېلىپ بېرىدۇ . ئويۇنچۇق كۆزئەينەكلەر ئاساسەن سۇلياۋدىن ياسالغان بولۇپ ، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ، نۇر قايتۇرۇشچانلىقى ، ئىسسىقلىق تارقىتىشى ياخشى ئەمەس . مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ئەنۋەردىن ئىگىلىشىچە ، بالىلار يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا ، كۆز مۇسكۇللىرى ، كۆرۈش پەردىلىرى تېخى تەرەققىي قىلىپ كېتەلمىگەن بولىدىكەن . بۇنداق شارائىتتا دائىم سۇلياۋ كۆزئەينەكلەرنى تاقىسا ، مۈڭگۈز پەردىسىگە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك ، كۆز قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن . «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|