ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > پىلان-لاھىيە > سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت پىلانى > تولۇق مەزمۇنى

2013-يىللىق سىنىپ خىزمىتى،ئەخلاقى تەربىيە،شەخىس،بىخەتەرلىك خىزمەت پىلانلىرى

ۋاقىت : 2013-03-03 21:48 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : سىرداشخۇمار | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

يامانسۇ يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ4-يىللىق2-سىنىپنىڭ 2012-2013-ئوقۇش يىلى  2-مەۋسۈملۈك سىنىپ خىزمەت پىلانى

 

مەكتىۋىمىزنىڭ 4-يىللىق 2-سىنىپىدا جەمئىي 25 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بۇلۇپ بۇنىڭ 13نەپىرى ئوغۇل، 12نەپىرى قىز. بۇ مەۋسۇمدە 25 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانى ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق يىتىلدۈرۈپ ، ئەخلاقلىق،بىلىملىك، ئىنتىزامچان ،تەرتىپلىك، جەڭگىۋار بولغان سىنىپ كوللىكتىۋى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىدۇ.                          

1.ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى-ئىدىيۋى تەربىيە ۋە ئەخلاقى-تەربىيە كۈچەيتىلىپ،ئۇلارنىڭ قانۇن جەھەتتىكى ئېڭى ئۆستۈرۈلۈپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بىرىدىغان، ئىناق-ئىجىل ئۆتىدىغان سىنىپ كوللىكتىۋى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈلىدۇ.                                                        

2.بارلىق ئوقۇغۇچىلار بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ،ئىلىم-پەن ھەم مەدىنيەت بىلىملىرى بىلەن قۇراللىنىپ كۈندۈلۈك ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى ۋاقتىدا ئۆگۈنۈپ ،ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىس ئۆتۈشىگە يېقىندىن ماسلىشىپ ھەرقايسى پەنلەردىن سۆزلەش، مۇستەقىل ئىشلەش ۋە مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىقتىدارنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈلىدۇ.                           

3.ئوقۇغۇچىلاردا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق،ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشىغا كەڭ پۇرسەت يارىتىپ بىرىش،يېڭىچە ۋە سوتسىيالىزىمغا خاس بولغان ياراملىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈلىدۇ.                                                        

4.ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك مۇقۇملۇق ھەققىدىكى تەشۋىق- تەربىيە كۈچەيتىلىپ ئۇلارنىڭ بىخەتەر، ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ياخشى شەرىت- شارائىت ھازىرلىنىپ كۈتۈلمىگەن ھادىسلەرنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا  تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈلىدۇ. 

5. ئاتا ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىلىش نىسبىتى%100 كە يەتكۈزۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە تۇلۇق كىلىشگە كاپالەتلىك قىلىنىپ ئىلغار سىنىپ كوللىكتىۋى قۇرۇپ چىقىشقا زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق  كۆرسۈتۈلىدۇ.                                                                    

يامانسۇ يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق2-سىنىپنىڭ 2012-2013-ئوقۇش يىلى  2-مەۋسۈملۈك ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت پىلانى

       بۇ مەۋسۈمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى قارىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئادەم بۇلۇشنىڭ توغرا يۇلىنى ئۆگىنىش،قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھۇقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش،قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەخلاق قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى خىزمەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك .                                                                    

1. ئوقۇغۇچىلارنى سىياسى ئۆگۈنۈشكە ئاكىتىپ قاتناشتۇرۇپ ۋە يىتەكلەپ ئۇلارنىڭ سىياسى –نەزىرىيە جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كاپالەتلىك لازىم.       

2. پىئونېرلار خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ شەكىلى ھەرخىل،مەزمۇنى مول بولغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئەخلاقى- تەربىيەنى سىڭدۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.     

3. مەكتەپنىڭ ئەخلاقى- تەربىيە خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلدىغان خادىملار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم چوڭ ئەتىرەت بىلەن ئوتتۇر ئەتىرەت مەخسۇس تېمىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە يىغىنى ئېچىپ ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ساپاسىنى ۋە تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈش لازىم.                                                                 

4. ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنىىپ ،ئەخلاقى تەربىيە ئۇقۇتۇش خىزمىتى جەھەتتىكى ھالقىلارنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ھەر قايسى جەھەتتىكى تەلىم-تەربىيسىنى سىڭدۈرۈش لازىم.                                   

5. جەمئىيەت، مەكتەپ،ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىنى قولغاكەلتۈرۈش ۋە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىينى قانات يايدۇرۇش لازىم .ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئۇلارغا دوستانە بۇلۇشتەك تەلىم-تەربىينى سىڭدۈرۈش. ئۇلارغا كىچىكىدىن باشلاپ يۇرتىنى، ۋەتىنىنى،مىللىتىنى،سۆيىدىغان ۋەتەن ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان ۋە 56مىللەتنى سۆيىدىغان ياخشى ئاڭنى يىتىلدۈرۈش،ياش-ئۆسمۈرلەرنى كلگۈسىنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم.                        

يامانسۇ يېزا مەركىزى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئابدىسەمەت ھەسەننىڭ 2012-2013-ئوقۇش يىلدىكى 2-مەۋسۈملۈك شەخسى خىزمەت پىلانى

مەن يۇقىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇشۇ 2-مەۋسۇمدىن باشلاپ پارتىينىڭ تۈرلۈك مائارىپ فاڭجىنلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەرخىل خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەش  ۋە ۋەزىپىلەرنى تۇلۇق ئۇرۇنداش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمەن.                  

1.سىياسى ۋە ئىدىيۋى جەھەتتە:

مەن پارتىينىڭ ھەرخىل مائارىپ فاڭجىنلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ پارتىينىڭ ھەرقايسى قۇرۇلتاي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئۆزەمنىڭ خىزمەت ئەمەلىيتىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،يۇقىرىنىڭ تۈرلۈك سىياسى ھۆججەتلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئارقىلىق سىياسى ساپايىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ھەر قانداق خىزمەتلەردە يۇقىرى بىلەن بىردەكلىكمى قەتئى ساقلايمەن.             

2.ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتە:

مەن يېڭى مەۋسۇمدىن باشلاپ ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، ئىزدىنىپ تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش تەلىپىگە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ماسلىشىپ، ئوقۇتۇشنىڭ تۈرلۈك قائىدە-نىزاملىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى ھازىرقى زامانغا ماسلىشالايدىغان سوتسىيالىزىمغا خاس ياراملىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ چىقىشقا بەل باغلايمەن.

3.مۇقۇملۇق جەھەتتە:

مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىنى قەتئى ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەر ساھە ۋە ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ جەمئىيەت ۋە مەكتەپنىڭ مۇقۇملۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلماي مەكتەپ ئامانلىقىنى ياخشى قوغداپ مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا كەڭ ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز-ئارا ئىناقلىقنى سۆيۈش ۋە مىللەتلەر ئىناق بولۇش كۆز قارىشىنى سىڭدۈرىمەن.

4.تەشكىلى تۈزۈم جەھەتتە:

مەن يۇقىرنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن خىزمەت تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ،مەكتەپنىڭ ۋە تەشكىلى ھەيئەتلەرنىڭ تۈزۈم ھەم تەلەپلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان،سەۋەبسىز كىچىكىپ دەرىس تاشلايدىغان،ئۆزمەيلىچە مەكتەپتىن ئايرىلدىغان ۋە بالدۇر ئىشتىىن چۈشۈدىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلمايمەن.

5.بىخەتەرلىك جەھەتتە :

ھەر قايسى رەھبەرلەرنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تۈرلۈك بىخەتەرلىك خىزمىتىنى قەتئى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، مەكتەپنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىقىنى قوغداپ تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان ھادىسلەرنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىپ،بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ۋە ئۇرۇنداشقا تەييار تۇرىمەن.

6.ساغلاملىق تەربىيسى جەھەتتە:

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام، نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ساغلاملىق تەربىيسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ،جەمئيتىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان يىمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىش،تۈرلۈك كىسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىش،كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىشتەك ناچار ئەھۋاللارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى قەتئى ئېلىپ،ئۇلارغا پاكىزە ، ئازادە ئۆگۈنۈش مۇھتى يارىتىپ بىرىشكە تىرىشىمەن.

يامانسۇ يېزا يۇلتۇزبۇلاق باشلانغۇچ مەكتەپ3-يىللىق1-سىنىپنىڭ 2011-2012-ئوقۇش يىلى  1-مەۋسۈملۈك بخەتەرلىك خىزمەت پىلانى

مەن يۇلتۇزبۇلاق باشلانغۇچ مەكتەپ3-يىللىق1-سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر بولغان ئوقۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن مەيدانىم مۇستەھكەم بايرىقىم روشەن ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكىدەك خىزمەت ئىشلىمەكچى بۇلۇۋاتىمەن.                                                        

1. يەنى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئۆگۈنۈش مۇھىتى يارىتىپ بىرىپ،ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋەجىسمانى جەھەتلەردە ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلىمەن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ۋە ئىش ھەركەتلىرىنى ھەر ۋاقىت كۆزۈتۈپ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن، شۇنداقلا ئۇلارغا بىخەتەرلىك تەربىيسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىككە بولغان چۈشەنچىسىنى ئۆستۈرىمەن.

2.ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى-ئىدىيۋى تەربىيە ۋە ئەخلاقى-تەربىيەنى كۈچەيتىپ،ئۇلارنىڭ قانۇن جەھەتتىكى ئېڭىنى ئۆستۈرىمەن،ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بىرىدىغان، ئىناق-ئىجىل ئۆتىدىغان سىنىپ كوللىكتىۋى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتىمەن.

3. مەيلى مەكتەپ ئىچى ۋەياكى سىرتىدا بولسۇن ئوقۇغۇچىلارغا يول ماڭغاندا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ مېڭىش، مەكتەپكە كەلگەندە ۋە قايىتقاندا قوغلاشماسلىق، ئاسان ئوت ئالدىغان ۋە ئادەمنى ئاسان زەخمىلەندۈردىغان تىغلىق ئەسۋاپ قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرمەسلىك ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارغا تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ نورمال بولغان ئوقۇش ۋە ئۈگۈنۈش پائالىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ،بىخەتەر ۋە تىنىچ بولغان ئۆگۈنۈش مۇھتى يارىتىپ بىرىشكە زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.     

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(18)
94.7%
ناچاركەن
(1)
5.3%
ئالدىنقىسى:本学期班级计划
كېيىنكىسى: 班级学期工作计划
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
سىرداشخۇمار تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-03-03 13:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-09-23 13:09
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ