ۋاقىت : 2011-05-02 18:22 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئوبولتالىپ | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
قىزىل ئۆستەڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2008-2009ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۇملۇق كەسپى ئۈگىنىش پىلانى
克孜勒吾斯塘小学2008-2009年第二学期职业学习计划
قىزىل ئۆستەڭ باشلانغۇچ مەكتەپ
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
قىزىل ئۆستەڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2008-2009ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۇملۇق كەسپى ئۈگىنىش پىلانى
克孜勒吾斯塘小学2008-2009年第二学期职业学习计划
مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئادەم تەربىيلەشنى ئاساس لىنىيە قىلدىغان ئورگان . مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپتىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسى نەزىريە ۋە كەسپى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش نۆۋەتتىكى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش ئوقۇغۇچىلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەش مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسۇليىتى . بۇ مەسۇليەتنى ئادا قىلىشتا ئوقۇتقۇچىلاردا بەلگىلىك ئوقۇتۇش مىتوتى ،بىلىم ساپا ،كەسپى ئەخلاق ساپا بولۇش ۋە ئۇنى ئەمالگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇ. لىكىن مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش مىتوتى ،بىلىم ساپا ،كەسپى ئەخلاق ساپا جەھەتتە ساقلانغان مەسىللەر ئاز ئەمەس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇ –ئوقۇتۇش جەھەتتىكى بۇ خىل يىتەرسىزلىگىنى تۈگتىپ ياراملىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن مەكتىۋىمىز ھەپتىدە بىر سائەتتىن ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنىش بىر تۇتاش ئۈگۈنىش شەكلىدە كەسپى ئۈگۈنىش ئورۇنلاشتۇرۇپ كەسپى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قاتار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز .
1.كەسپى ئۈگۈنىشنى ھازىرقى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا ماس كىلدىغان تەربىيلەش خاراكتىرى كۈچلۈك بولغان ئەمىليەتنى ئاساس قىلغان ئۈگۈنىش پىلاننى ئەتراپلىق تۈزۈپ چىقىىپ ئۈگۈنىشنىڭ مەزمۇنى مول شەكلى ھەر خىل قاراتمىلىغى كۈچلۈك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز .
2-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئۈگۈنىشكە تۇلۇق قاتنىشىشى ۋە بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن يوقلىما قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ خاتىرسىنى ۋاختىدا تۇلۇق يېزىشىنى ۋە ئۈگۈنىش جەريانىدا ھەل بولمىغان مەسىللەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىمىز .
ئۆزلىگىدىن خەنزۇ تىلى ئۈگۈنىشنى تەشەببۇس قىلىپ خەنزۇ تىلى سەۋىيسى تۆۋەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنالايدىغان ئاددى سۆزلەرنى ئىشلىتەلەيدىغان بىلىمگە ئىگە بولىشىنى كەسىپنى تەتقىق قىلىشنى قولغا كەلتۈرمىز .
كەسپى ئۈگۈنىشتە يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا دائىر مەزمۇنلاردىن دىڭ شىياپىڭنىڭ مائارىپ نەزىريەسى ،ساپا مائارى ،نىشانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە خىزمىتىدىكى دائىملىق مەسىللەر قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە لىكسىيە سۆزلەش ،مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ،سۆبەت ئېلىپ بېرىش تەجرىبە تۇنۇشتۇرۇش ،قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسى مائارىپ ئىسلاھات يۈلنىشىدە ماسلىشىش ئېڭىنى يۇقۇرى كۈتۈرمىز .ئوقۇتۇشتىكى دائىملىق مەسىللەر توغرىسىدىكى تۇنۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرمىز .شۇ ئارقىلىق يېڭى دەرسلىكنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا بەلگىلىك ئاساس ھازىرلايمىز .
ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر خىل تىمىدىكى ۋە شەكىللەردىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارتىپ يېڭى ئۇسۇللارنى تېپىپ چېقىشقا يىتەكلەش تەجرىبە ئۈگۈنىپ كىلىشكە ئىۋەرتىپ تەجرىبە كەڭەيتىشكە تەشكىللەش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىزمەتلەر ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ ئىسلاھات يۈلىنىشىگە ماسلىشىشقا يىتەكلەپ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىنى بىلىمنى چوقۇرلاشتۇرساق ،يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلارنى مىىفانىك ئۈگۈنىشتىن ئىزدىنىپ ئۈگۈنىشكە يۈزلەندۈرمىز .يۇقۇرقىدەك بىر قاتار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى جەھەتتىكى سەۋەيسىنى يۇقۇرى كۆتىرىپ دەرس ئۆتۈش تەيارلىق قىلىش تەربىيلەش جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تۈگتىپ ياخشى ئوقۇتۇش شارايىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ياراملىق ئەۋلاتلارنى يتىشتۈرۈپ چىقىمىز. قىزىل ئۆستەڭ باشلانغۇچ مەكتەپ
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
(تەھرىر : admin)