ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > پىلان-لاھىيە > ئوقۇتۇش گۇرۇپپا،يىللىقلار > تولۇق مەزمۇنى

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىك

ۋاقىت : 2014-02-11 02:00 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم


جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاست ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى
 
 
ئاپتونوم رايون «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەكتەپلەردە تەنتەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرىنى تارقىتىش توغرىسدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گ ب ھ [2012] 53-نۇمۇرلۇق)نى، ج ك پ مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار سۆزلىرىنىڭ روھىنى مائارىپ سىستېمىسى بويىچە چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرى» (م پ [2013] 34-نومۇرلۇق)نى، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىي دىنىي ئىدىيەنى تازىلاش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسدىكى يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتى نىزامى»، «مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تەربىيەسى خىزمىتى قائىدىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ساپا مائارىپىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاست ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئادەم تەربىيەلەش قارىشىنى يېڭىلاپ، مەكتەپلەردە ساغلام ئالغا ئىنتىلىدىغان مەدەنىيەت كەيپىياتىنى يارىتىش ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاست ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە «تەنھەرىكەت بىلەن مەن ساغلام ھەم شات-خۇرام؛ ۋەتىنىمنى مەدھىيەلەيمەن، يۇرتۇمنى كۈيلەيمەن، مەكتىپىمنى سۆيىمەن» دېگەن تېمىدىكى دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. پائالىيەتنىڭ كونكرېت لايىھەسى مۇنداق:
1 . يېتەكچى ئىدىيە
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى، « ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، ئادەم تەربىيىلەش » نى تۈپ ۋەزىپە، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى نىشان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە خاسلىق يېتىلدۈرۈشىنى، مەكتەپلەرنىڭ ئۆزگىچىلىك شەكىللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يادرو، زامانىۋى مەدەنىيەتنى باشلامچى، پائالىيەت ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقا قىلىپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار كەڭ دائىرىدە قاتناشقان ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتىنى بېيىتىپ، تەنتەربىيە، سەنئەت تەربىيەسىنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيەلەش  فۇنكسىيەسى ۋە ئىجتىمائىي فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش ۋە مەيدانغا كەلتۈرۈش.
2 . پائالىيەت تېمىسى
«تەنھەرىكەت بىلەن مەن ساغلام ھەم شات-خۇرام؛ ۋەتىنىمنى مەدھىيەلەيمەن، يۇرتۇمنى كۈيلەيمەن، مەكتىپىمنى سۆيىمەن»
3 . پائالىيەت دائىرىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر.
4 . پائالىيەت مەزمۇنى
تېمىنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلام، ئەتراپلىق يېتىلىشىگە ۋە خاسلىق يېتىلدۈرۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى، مەكتەپ ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل شەكىللىك ئوقۇغۇچىلار ئاپتاپ تەنتەربىيەسى پائالىيىتى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈپ، تەبىئەت قوينىغا باشلاپ، قۇياش نۇرىغا چۆمۈلدۈرۈپ، مەكتەپ قوينىدىكى كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا جانلىق، جۇشقۇن، شات-خۇرام كەيپىيات يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام، شات-خورام يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، گۈزەل تۇرمۇشنى نامايان قىلىش.
(1) مەكتەپلەرنىڭ ئاپتاپ تەنتەربىيەسى پائالىيىتى
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىنى، تىكتاك توپ مۇسابىقىسىنى، ئارغامچا سەكرەش مۇسابىقىسىنى، خۇلا چەمبىرىكى مۇسابىقىسىنى، شاھمات (خەلقئارا شاھمات، قورشاۋ شاھمىتى، جۇڭگوچە شاھمات) مۇسابىقىسىنى، دەرس ئارىلىقىدىكى ساغلاملىق گىمناستىكىسى مۇسابىقىسىنى، غالتەك تېيىلىش مۇسابىقىسىنى، پەي توپ  مۇسابىقىسىنى، ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىنى، چامباشچىلىق، ساغلاملىق گىمناستىكىسى مۇسابىقىسىنى، تەپكۈچ تېپىش مۇسابىقىسىنى، تۈمۈر چەمبەر ئايلاندۇرۇپ يۈگرەش مۇسابىقىسىنى، ۋالىبول مۇسابىقىسىنى، ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنى، ۋېلسىپىت  مۇسابىقىسىنى، گۈزەللىك گىمناستىكىسى ۋە ساغلام كوچا ئۇسسۇلى مۇسابىقىسىنى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تۈر قىلىپ تەستىقلىغان مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقىلەرنى قانات يايدۇرۇش (ئۆز ئالدىغا تاللاپ قانات يايدۇرۇشقا بولىدۇ) ۋە يىنىك ئاتلېتكا مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش.
ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاست ئۆز جايىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى تولۇق نەزەردە تۇتۇپ، سىنىپنى بىرلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇسابىقە پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللىشى (ھەر بىر مەكتەپ يۇقىرىدا بەلگىلەنگەن ئاپتاپ تەنتەربىيەسى مۇسابىقە پائالىيىتىدىن ئاز دېگەندە بەش تۈرلۈك مۇسابىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى) كېرەك. پائالىيەتنى پىلانلىق، تەدبىرلىك، ۋاقىت جەدۋېلى بويىچە ئېلىپ بېرىش، ئوقۇتقۇچى بولۇش، مۇسابىقىگە مەيدان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. ئادەتتىكى رادىئو گىمناستىكىسى، چامباشچىلىق گىمناستىكىسى، كۆز ساغلاملىقى گىمناستىكىسىنى ياخشى يولغا قويغاندىن سىرت، ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ دولان مەشرىپى ساغلاملىق گىمناستىكىسى، قارا تۇلپار ساغلاملىق گىمناستىكىسى، سارودون ساغلاملىق گىمناستىكىسى قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرىنى تۈزۈپ ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش، ئوخشاش بىر خىل ساغلاملىق گىمناستىكىسىنى ھەر كۈنى تەكرارلاۋېرىپ ئوقۇغۇچىلاردا زېرىكىش تۇيغۇسى تۇغدۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەكتەپلەر ھەر دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان بىر ساغلاملىق گىمناستىكىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىسا بولىدۇ. پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، « ھەممە مەكتەپلەردە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ھەر ئايدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش، ھەر بىر ئادەم بىر تۈرگە قاتنىشىش، ھەممە سىنىپنىڭ پائالىيىتى بولۇش، ھەر بىر مەكتەپنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇش» نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەردە ھەممەيلەن قاتنىشىدىغان، بىرىنچىلىكنى تالىشىدىغان، جانلىق، جۇشقۇن ئاپتاپ تەنتەربىيەسى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
(2) سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتى
1 . ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسىنى، قىزىل ناخشا خور مۇسابىقىسى ۋە مەكتەپ ناخشا مۇسابىقىسىنى،  ھۆسىنخەت، رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىنى، مىللىي چالغۇدا ئورۇنداش مۇسابىقىسىنى، مىللىيچە ئۇسسۇل ( مەسىلەن، مەشرەپ، يالغۇز كىشلىك ئۇسسۇل، كوللېكتىپ ئۇسسۇل )  مۇسابىقىسىنى، مەكتەپ كوللېكتىپ ئۇسسۇلى  (2- يۈرۈش) مۇسابىقىسىنى، تالانتىنى نامايەن قىلىش مۇسابىقىسى ( جۈملىدىن ئەمگەك ماھارىتى ۋە پەن-تېخنىكا ئىجادىيىتى مۇسابىقىسى)نى ئۆتكۈزۈش؛ نەپىس سەنئەت، يەرلىك سەنئەتنى مەكتەپلەرگە ئەكىرىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت، سەنئەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنى (12 مۇقام ، ئاقىنلار ئېيتىشىشى، جاڭغىر، ماناس داستانى ۋە باشقا خەلق ناخشا-ئۇسسۇللىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بويىچە گۇرۇپپا پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قانات يايدۇرۇش.
ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاست ئۆز جايىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، «تەنھەرىكەت بىلەن مەن ساغلام ھەم شات-خۇرام؛ ۋەتىنىمنى مەدھىيەلەيمەن، يۇرتۇمنى كۈيلەيمەن، مەكتىپىمنى سۆيىمەن» دېگەن پائالىيەت تېمىسىغا بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، تولۇق قاتناشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىسىل مەدەنىيىتىگە ۋە يەرلىك مەدەنىيەت - سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش مەزمۇنىدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، « ھەممە سىنىپنىڭ ناخشىسى بولۇش، ھەر بىر ئوقۇغۇچى، ھەر بىر مەكتەپنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇش » نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. پائالىيەت ئارقىلىق يەرلىك مەدەنىيەت-سەنئەت بايلىقلىرىنى قېزىپ چىقىپ ۋە ئەمەلىي قوللىنىپ، روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە مەكتەپ سەنئەت دەرسلىكى ۋە ئەنئەنىۋى سەنئەت تۈرلىرىنى يارىتىپ، مەكتەپلەردە قويۇق سەنئەت تەربىيەسى كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، سەنئەت تەربىيەسى پائالىيىتىنىڭ ئومۇملىششى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پائالىيەت ئارقىلىق ياش–ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي غۇرۇرى، ئىشەنچىسى ۋە ئىپتىخارلىقىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھ قىلىش-يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.
مەزكۇر يولغا قويۇش لايىھەسىگە كىرگۈزۈلمىگەن تۈرلەرنى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاست مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان تەنتەربىيە، سەنئەت تۈرلىرىنى ئىجادىي يوسۇندا قانات يايدۇرسا ھەمدە ئوخشاپ كېتىدىغان ياكى ئالاقىدار تۈرلەرنى ئۆرنەك قىلىپ يولغا قويسا بولىدۇ.
5 . پائالىيەت ۋاقتى:
پائالىيەت 2014-يىلى 3-ئايدا باشلىنىپ، ھەر ئۈچ يىل بىر پائالىيەت دەۋرى قىلىنىپ، يىلمۇيىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛
2014-يىلى ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنى نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى چاقىرىدۇ ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاست ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە تەكشۈرۈشنى يولغا قويىدۇ؛
2015-يىلى ۋىلايەت، ئاپتونوم ئوبلاست ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ، پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛
2016-يىلى تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ ۋە تاۋلىنىپ، ئاساس پۇختىلىنىپ ۋە سەۋىيە ئاشۇرۇلۇپ، كېيىنكى دەۋرلىك پائالىيەت ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ.
6 . تەشكىللەش ۋە كاپالەتلىك قىلىش
(1) يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇش. تەنتەربىيە، سەنئەت تەربىيەسى ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ۋە ۋاستىسى، مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىچىلىك شەكىللەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك كاپالىتى. پۈتكۈل ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلغان ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتى ئۆزىنىڭ پائالىيەتكە قاتناشقان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆپ بولۇش، ئۆزگىچە، روشەن بولغان مەدەنىيەت، تەربىيە فۇنكسىيەسى ۋە ئىجتىمائىي فۇنكسىيەگە ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ئىستىراتېگىيەسىدە ئورنىنى ئالغۇسىز رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قۇيۇقلاشتۇرۇش، ئىدىيە-مەدەنىيەت ئىستىھكامىنى ئىگىلەش، ئىجتىمائىي كەيپىياتقان يېتەكچىلىك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاست بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول بولغان دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئىلمىي، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ تەشەببۇس قىلىپ، مەكتەپلەردە پەنگە چوقۇنىدىغان، ئەستايىدىل ۋە ئەمەلىيەتچىل  بولىدىغان،  ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەدەنىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىدە ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ «تۆتنى تونۇش»ىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭى، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە زامانىۋىلىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، دىنىي ئىدىيە ۋە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى ئىممونىتىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى كۈرەشنىڭ مەزمۇت ئىستىھكامى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
(2) رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش. ئۈچ ۋىلايەت بىر ئاپتونوم ئوبلاست مەسئۇل رەھبەر گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى، مائارىپ تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، مالىيە، ئىتتىپاق كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان مەكتەپ دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا پائالىيەتنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، تەنتەربىيە، سەنئەت مۇسابىقىلىرىنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، پائالىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك، قېلىپلىق ۋە ھەقىقىي ئۈنۈملۈك قانات يېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار بەلگىلەنگەن تەنتەربىيە، سەنئەت سايمانلىرىنى ئۆز ئالدىغا سېتىۋالسا مالىيە جەھەتتىن تولۇقلىما بېرىشكە ئوخشاش ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزى ياقتۇرىدىغان تەنتەربىيە، سەنئەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت تارماقلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق  جايدىكى  تەنتەربىيە مەيدانى، سەنئەت پائالىيىتى مەركىزى قاتارلىقلارنى مەكتەپلەرگە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىشى لازىم. ۋىلايەت، ئاپتونوم  ئوبلاستنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تارماقلىرى ۋە ئىتتىپاق كومىتېتلىرى ھەر يىلى ناھىيىلەر ئارا تەنتەربىيە، سەنئەت مۇسابىقىسى تۈرلىرىنى تەشكىللىشى ۋە قانات يايدۇرۇشى، ناھىيە، شەھەرلىك مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تارماقلىرى ۋە ئىتتىپاق كومىتېتلىرى ھەر يىلى مەكتەپلەر ئارا تەنتەربىيە، سەنئەت مۇسابىقىسى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى پائالىيەتنى تەشكىللەش، يولغا قويۇش ئىشلىرىغا كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ. مەكتەپ بۇ قېتىمقى تېما پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە ۋاسىتىسى بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرلىرى ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى، پىلاننى، سېلىنمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، يىللىقلار ئارا ۋە سىنىپلار ئارا مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى دائىم تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپتە رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىي تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ، پائالىيەتتە كۆزلەنگەن مەقسەتكە يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىشى لازىم. تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش، يېقىشلىق شەكىللەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك.
 (3) ۋاسىتىلەرنى يېڭىلاپ، مەكتەپ دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ پائالىيىتى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاست پائالىيەتنىڭ تېمىسى ۋە مەزمۇنىغا ئاساسەن تۈرلۈك ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنى، بولۇپمۇ يەرلىك مەدەنىيەت، مەكتەپنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق بايلىقلارنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تارماقلىرى ۋە ئىتتىپاق كومىتېتلىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، سەنئەت بايرىمى ۋە سەنئەت كۆرەكلىرىنى ئۆتكۈزۈش، مەكتەپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پۇرسەت بىلىپ، پائالىيەت ۋاستىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ ۋە بېيىتىپ، دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنىڭ قانات يېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
 (4) يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش. ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ پائالىيەتكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇشى، مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتى پىلانىنى تۈزۈش، راسخوت سېلىنمىسى، مۇسابىقىنى تەشكىللەش، قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمى قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە بۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ھەر ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە ئاز دېگەندە 2 پائالىيەت ئۇچۇرى ( سۈرەت ۋە سىن ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) يوللىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، مالىيە، ئىتتىپاق كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مۇۋاپىق پەيىتتە مەخسۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ قانات يېيىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم  ئوبلاست تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، ئۆزگىچە، ياخشى ئىشلەش ئۇسۇللىرىنى تاۋلاپ چىقىپ، ئۈلگە تۇرغۇزۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر پۈتۈن ئىلگىرى سۈرۈشى، ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.
(5) راسخوتنى كاپالەتلەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ دەرستىن سىرتقى ئاپتاپ تەنتەربىيەسى ۋە سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاست ھۆكۈمەت راسخۇتى ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ پائالىيەت راسخوتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ناھىيە، شەھەرلەر ئۆتكۈزىدىغان مەكتەپلەر ئارا مۇسابىقە پائالىيىتىنىڭ راسخوتىنى ناھىيە-شەھەر مالىيەسى ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش، ۋىلايەت، ئاپتونوم ئوبلاست ئۆتكۈزىدىغان ناھىيەلەر ئارا مۇسابىقە راسخوتىنى ۋىلايەت، ئاپتونوم ئوبلاست مالىيەسى ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش لازىم. ئاپتونوم رايون ھەر يىلى جايلارنىڭ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا قاراپ، « مۇكاپاتلاش ئارقىلىق تولۇقلىما بېرىش» يولى بىلەن مەدەت بېرىدۇ.
http://uyghur.xjedu.gov.cn/tzgg/2014/66898.htm
كېلىش مەنبەسى: مائارىپ نازارىتى تور بېتى

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(15)
93.8%
ناچاركەن
(1)
6.2%
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ