پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرىپىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

成 人教育2011年总结

يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-05 11:12 مەنبەسى: ئاپتورى: ustaz كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاچال يېزا مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ 2011- يىلى قىش 2012- يىلى ئەتتىياز پەسىللىك چوڭلار مائارىپ خۇلاسىسى ئاچال يېزا مائارىپ ئىشخانىسى 2012- يىل
تەلەي +1

 

ئاچال يېزا مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ
2011- يىلى قىش 2012- يىلى ئەتتىياز پەسىللىك چوڭلار مائارىپ خۇلاسىسى
 
 
 
 
 
 
 
 
ئاچال يېزا مائارىپ ئىشخانىسى
2012- يىلى 3- ئاينىڭ 16- كۈنى
 
 
 
 
 
 
 ئاچال يېزا ئۇقۇتۇش رايۇنىنىڭ2011- يىلى قىش 2012- يىلى ئەتتىياز پەسىللىك چوڭلار مائارىپ خىزمەت خۇلاسىسى
بىز بۇيىل ناھىيىلىك پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مائارىپ پەن تېخنىكا ئىدارېىسىنىڭ 2011- يىللىق يېزا چوڭلار مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىۋىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىپ ، ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش، كەڭ دېھقان چارۋىچىلارنى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پەن- تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن ھەم بىكار يۈرگەن ياشلارنى قانۇن- تۈزۈم بىلىملىرى بىلەن تەربىيلەش خىزمىتىنى ئۇمۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ ، بۇ يىللىق چوڭلار مائارىپ خىزمىتىدە بەلگىلىك نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.
 چوڭلار مائارىپى خىزمىتى جەھەتتە:
1) چوڭلار مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش مىخانىزىمىنى ئورنۇتۇپ، يېزا ، كەنت ۋە مائارىپ تارماقلىرىدىن تەركىب تاپقان يېزا چوڭلار مائارىپىغا بولغان مەخسۇس رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى قۇرۇپ چىقىلدى.
2) يېزا چوڭلار مائارىپىغا بولغان قاراش ئۆزگەرتىلىپ، يېزا ، كەنت ۋە مائارىپ تارماقلىرىدىن بىرىنچى قول مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئورنۇتۇلۇپ، يېزا چوڭلار مائارىپى خىزمىتى ھەر قايسى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ كۈندۈلۈك مۇھىم ئىشلار قاتارىدا چىڭ تۇتۇلدى.
3) تەشۋىقات خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەت جۈملىدىن ناھىيىمىزنىڭ ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇشقا ئائىت نىزام ۋە بەلگىلىمىلىرى كەڭ ئاممىغا تەشۋىق قىلىنىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش خىزمىتىگە بولغان ئاڭلىقلىقى ئۆستۈرۈلدى.
4) ئۆتكەن يىل قىش بۇ يىل ئەتتىياز پەسىللىك چوڭلار مائارىپ خىزمىتىدە ھۆددىگەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنۇتۇلۇپ ، ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش خىزمىتىدە كەنتلەر تەشكىللەشكە ، مەكتەپلەر ئۇقۇتۇشقا ، ئۇقۇتۇش رايۇنى ئارقا سەپ خىزمىتىگە ، يېزا تەكشۈرۈپ نازارەتچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولدى ھەمدە ھەرقايسى مەكتەپلەر ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش ئوقۇتقۇچىلىقىغا بىر نەپەردىن ئوقۇتقۇچى ئاجراتتى.
5) بۇ يىللىق ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش خىزمىتى ھەرقايسى كەنتلەرنى بىرلىك قىلغان ھالدا يېزا بويىچە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ 4 ئورۇندا تەشكىللەندى. يەنى (1) دەڭ رايۇنى ، تۇرا كەنت (2) قالما كەنت ، قۇملۇق كەنت ، گەزلىك كەنت (3) كۆل كەنت ، ئىتتىپاق كەنت (4) چىلان كەنتلەردە ئېلىپ بېرىلدى.
6) بۇ يىللىق ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش خىزمىتى 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە مۇنتىزىم ئېلىپ بېرىلدى.
7) ئۇقۇتۇش مەزمۇنى ئېلىپبە ، ماتېماتىكا بىلىملىرى ئاساس قىلىنىپ ، پەن- تېخنىكا بىلىملىرىدىن قوشۇمچە لېكسىيە سۆزلەندى.
8) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس خاتىرىسى ، كۈندۈلۈك يوقلىمىسى ۋە كىتاپ ماتىرياللىرى تۇلۇق بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ ئارخىپلاشتۇرۇلدى.
9) يېزىمىزنىڭ 2000- يىلىدىكى نۇپۇس سىتاتسىتىكىسىغا قارىغاندا 15 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ساۋاتسىزلار 122 نەپەر بولۇپ، بۇلاردىن ھازىرغا قەدەر ساۋاتلىق بولغىنى 25 نەپەر ، قالدۇق ساۋاتسىزلار 97 نەپەر ئىدى. بۇ يىللىق ياش ئېنىقلاشتا يېشى ئاشقانلار 25 نەپەر، ئۆلۈپ كەتكەنلەر 19 نەپەر ، كۆچۈپ كەتكەنلەر 33 نەپەر بولۇپ ئەمەلىي قالدۇق ساۋاتسىز 20 نەپەر . 20 نەپەر قالدۇق ساۋاتسىزنى تۇلۇق ساۋات چىقىرىش ئۆگىنىشىگە تەشكىللەپ،     6نەپىرىنىڭ ساۋادىنى چىقاردۇق.
10) مۇستەھكەملەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بىرىپ، يىللاردىن بۇيان ساۋاتلىق بولغانلارنى مۇستەھكەملەش ئۆگىنىشىگە تەشكىللەش ئارقىلىق خېمىغا يېنىش نىسبىتىنى %0 دائىرىدە چەكلىدۇق.
     2. پەن تېخنىكا خىزمىتى جەھەتتە:
1) ئۆتكەن يىل قىش بۇ يىل ئەتتىياز پەسىللىك ياش ئوتتۇرا ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پەن- تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەش خىزمىتى يېزا بويىچە 7 ئورۇندا ئوخشاشلا قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەربىر كەنتتە 3 قاراردىن جەمئى 22 قارار تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىپ، 3052 نەپەر ياش ئوتتۇرا ياش ئەمگەك كۈچىدىن 1550 نەپەر ئەمگەك كۈچىنى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پەن- تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەپ، تەربىيلەش نىسبىتىنى %50.8 تىن ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدۇق.
2) تەربىيلەش مەزمۇنى باغۋەنچىلىك بىلىملىرى ، چارۋا ماللارنى بورداش تېخنىكىسى، قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسى ، كېۋەز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ، پىلانلىق تۇغۇت بىلىملىرى،قۇرۇلۇش تېخنىكىسى قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ئىبارەت بولدى.
3) تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئائىلىسىگە قايتقان ياشلار نى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پەن- تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇپ، تەربىيلىنىش دائىرىسىنى %87 تىن ئاشۇرۇشقا تىرىشتۇق.
   دىمەك، يېزىمىز مائارىپىنىڭ ئاساسى بولغان چوڭلار مائارىپ خىزمىتى ئاساسى مائارىپقا ماس ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ، ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتىنىڭ نەتىنجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلغان ھالدا يېزىمىزنىڭ ئۆتكەن يىل قىش بۇ يىل ئەتتىياز پەسىللىك چوڭلار مائارىپى خىزمىتى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئىلىم- پەنگە تايىنىپ ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمى تېزلىتىلدى.
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

ustazنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پىلان ۋە خۇلاسە] 小学党支部“四亮” [ 2012-04-05 11:50:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 小学“安全生产年”深化隐患排查治理工作实施方案 [ 2012-04-05 11:27:21 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 小学 “干部作风建设年”暨赴基层转变作风服务群众活动第一阶段 [ 2012-04-05 11:24:16 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 党在我心中 [ 2012-04-05 11:22:34 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] ساۋاتلىق بولغانلاردىن ئېلىنغان مۇستەھكەملەش ئىنت [ 2012-04-05 11:18:14 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 成 人教育2011年总结 [ 2012-04-05 11:12:34 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ustaz تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-04-01 20:04 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-04-05 11:04
تەۋسىيەلەر