پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

چەتئەلدە ئوقۇغان باشلانغۇچ مەكتەپ

يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-04 23:10 مەنبەسى: ئاپتورى: ئەكبەر تۇرغۇ كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاپتورى:ۋاڭ شىمېڭ لى شىياۋگۇاڭ مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم. ئۇ ۋېنجۇ شەھرىدە 2-يىللىققىچە ئوقۇغاندىن كىيىن ، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئىتالىيەگە

ئاپتورى: ۋاڭ شىمېڭ

لى شىياۋگۇاڭ مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم. ئۇ ۋېنجۇ شەھرىدە 2-يىللىققىچە ئوقۇغاندىن كىيىن ، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئىتالىيەگە بېرىپ، ئۇ يەردە 3-4-يىللىقتا ئوقۇغان. ھازىر ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ 5-يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. يېقىندا ئۇنىڭ بىلەن چەتئەلدىكى مەكتەپ ھاياتى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقتىم. بۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش خىزمىتىمىزگە پايدىسى تېگىپ قالار دىگەن نىيەتتە بۇ يەرگە يوللىدىم .تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ بايانىدىن خاتىرلىۋالغىنىم:
  باشلانغۇچ مەكتەپ مەشغۇلىيەت جەدىۋىلى:
چۈشتىن بۇرۇن. 9:00---10:30   دەرس. ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە يوق
                      10:30---11:00 دەرس ئارلىقىدىكى دەم ئېلىش.
                      11:00---12:30 دەرس
                      12:30---1:00   تاماق
چۈشتىن كىيىن. 1:00---2:30 دەم ئېلىش
                     2:30---4:00 دەرس
بىر سائەت دەرس ۋاقتى 90 مىنۇت، دەرس ئارلىقىدىكى دەم ئېلىش 30 مىنۇت، بىركۈنلۈك دەرس نورمىسى 270 مىنۇت بولۇپ. ئېلىمىزنىڭ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكەندىن كىيىنكى ۋاقىت بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.
 دەرستە ئوقۇغۇچىلار چارچاپ كەتمەيدۇ.
ھازىر ئوقۇۋاتقان يىللىقىم  5-يىللىق.        4-سىنىپتا ئوقۇيدىغان دەرسىمىز تىل-ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، ئېنگىلىز تىلى، كومپىيۇتېر، مۇزىكا، تەنتەربىيە ۋە ئەمەلى بېجىرىش،تەجىربە قاتارلىقلار. ئەمەلى بېجىرىش بولسا سەي قورۇش قاتارلىق ئائىلە ئىشلىرى.مەسىلەن: پىدىگەن شورپىسىنى پىشۇرغاندىكى تېمپىراتۇرىسنى ئىگەللىۋېلىش،ماتىريال تەڭشەش قاتارلىقلار.بۇنىڭغا ئائىت مەخسۇس كىتابلارنى بىزگە تارقىتىپ بېرىدۇ. تەجىربە دەرسىدە فىزىكا، خىمىيەگە دائىر ئاددى تەجىربىلەرنى ئىشلەيمىز.مەسىلەن: ئىسفىرت لامپىسىنى يېقىش،ھاۋانى بايقاش قاتارلىقلار. بۇ دەرسلەر ناھايتى كۆڭۈللۇك .ۋاقىت ناھايتى تېز ئۆتىدۇ. چارچاشنىمۇ ھىس قىلمايمىز.ئەدەبىيات،ماتىماتىكا،ئېنگىلىز تىلى قاتارلىق دەرسلەردىمۇ، مۇئەللىم سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن، ھەممىنى بىلەلىگەن بولسىڭىز تەكرار قىلىش،تاپشۇرۇق ئىشلەش ياكى رەسىم سىزىش قاتارلىق باشقا ئىشلارنى قىلسىڭىز بولىدۇ. بىلەلمىگەن بولسىڭىز دەرس مۇنبىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلايسىز. مۇئەللىم زېرىكمەي چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ. باشقا ساۋاقداشلارمۇ چۈشنەلىمىگەن بولسا مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كىيىن مەكتەپتە قېلىپ چۈشەنگەنگە قەدەر ھەقسىز تەكرار قىلىپ بېرىدۇ.دەرس ۋاقتىدا چوڭ-كىچىك تەرەتكە چىقىپ كىرسەك،سۇ ئىچسەك، خالىغانچە سۇئال قويساق،گەپ قىستۇرساق، ھەتتا سىنىپ ئىچىدە مېڭىپ يۈرسەكمۇ بولىۋېرىدۇ. دەرس مۇنبىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ. بۇ قېتىم ئۇ بىلمىسە ، كېلەر قېتىم سىز بىلمەيسىز. مۇئەللىممۇ قايتا-قايتا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئىش قىلىپ دەرسلەر چۈشنۈشلۈك ۋە كۆڭۈللۈك، ئاتالمىش ناچار ئوقۇغۇچى يوق.
بەدەن ۋە خاراكتىر چېنىقتۇرۇش
دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر ناھايتى مول ۋە رەڭگا-رەڭ. ئويۇن ئويناش، مۇزىيلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش،بەدىئى كۆرگەزمە، چېركاۋلاغا بېرىپ دەرس ئاڭلاش،قاتناش قائىدىلىرى كۇرسى (قاتناش تارماقلىرى ئەۋەتكەن قارا ماشىنا. كومپىيۇتېر قاتارلىقلار دىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتىدۇ.) قاتارلىقلار. ئەڭ كۆپ ئېلىپ بېرىلىدىغىنى قىسقا-ئۇزۇن ئارلىققاغا يۈگۈرەش،توپ تۈرى،سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى. بۇ مۇسابىقىلەر ياخشىلىرىنى تاللاش ئەمەس، بەلكى بەدەن ۋە خاراكتىرىمىزنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈندۇر.
بىزدە سىنىپ كادىرى يوق
بىر سىنىپتا 10دىن 30غىچە ئوقۇغۇچى بولۇپ، سىنىپ كادىرلىرى تەيىنلەنمىگەن.كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى باراۋەر بولغان پۇقرالاردۇر.تاپشۇرۇقنى ئۆزىمىز مۇئەللىمگە تاپشۇرىمىز.تازلىق نۆۋەتچىلىكىنىمۇ بىز قىلمايمىز.تازلىقنى مەكتەپنىڭ مەخسۇس تازلىق خادىملىرى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كىيىن ،سىز مەكتەپتە قالماقچى بولسىڭىز ئۇنىڭغىمۇ بولىدۇ. ئۇ چاغدا تازلىق ئىشچىلىرىنىڭ باشقۇرشىدا بولىسىز. بىرەر ئىش يۈز بەرسە تازلىق ئىشچىسى ئائىلە باشلىقىغا تېلفون قىلىدۇ.
دەرس تولۇقلاش ھەققى ئالمايدۇ
سىنىپىمىزدا 4 نەپەر جۇڭگولۇق بار. مۇئەللىم بىزنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمىز، ئىلگىرى بەزى دەرسلەرگە قاتنىشالمىغانلىقىمىزنى نەزەردە تۇتۇپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ دەرسىمىزنى تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. بىزدىن دەرس تولۇقلاش ھەققى ئالماي، يەرلىك مائارىپ ئىدارىسغا دوكلات قىلىپ، ئىش ھەققىنى تولۇقلاپ بېرىشنى تەلەپ قلىدى. مائارىپ ئىدارىسى تەستىقلىمىغاندىن كىيىن ، بىر فۇڭمۇ ئالماي دەرسىمىزنى تولۇقلاپ بېرىۋەردى.مەكتەپ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىتالىيان تىلىنى بىلمەيدىغانلىقى ۋە ئېنگىلىز تىلىدىمۇ ناچارلىقىنى ئويلۇشۇپ، خەنزۇ تىلى بىلىدىغان مۇئەللىم تەكلىپ قىلىپ بىر ھەپتىدە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 2 سائەت دەرس ئۆتۈپ بەردى. مۇئەللىمنىڭ ئىش ھەققىنى مەكتەپ تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
سىناش، تەكشۈرۈشلەردە ئاۋال ئۇقتۇرۇش قىلىنمايدۇ.
بۇ يەردە ئىمتىھانلار باسقۇچلۇق ئىمتىھان،ماۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋە تەقلىدى ئىمتىھان دەپ ئايرىلمايدۇ. ئەمما ئىمتىھان بار. توغرىسىنى ئېيتقاندا بۇ ئىمتىھان ئەمەس بەلكى تەكشۈرۈشتۇر. تەكشۈرۈشتىن ئاۋۋال ئوقتۇرۇش قىلىنمايدۇ. تەكشۈرگەن چاغدا كىتاپ كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق رولى مۇئەللىمگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرۈش. يەنە نومۇر قويۇپ، دەرجىگە تۇرغۇزىدىغان ئىشلارمۇ بار.نەتىجىگە ئاساسەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا يەنە تەكرارلاش ئېلىپ بارىدۇ.
ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ تۈرىنى مەكتەپ ئۆزى بەلگىلەيدۇ.شۇڭا تەكشۈرلىدىغان مەزمۇنلارمۇ ھەرقايسى مەكتەپتە ئوخشىمايدۇ.مۇئەللىم ئۆزىنىڭ تاللىغانلىرىغا ئاساسەن، دەرستىن سىرتقى ماتىرياللارنى كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچىلارغا بەرسە بولىدۇ.ئومۇمەن ھەرقايسى مەكتەپ، ھەر قايسى ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدا رىقابەت كۈچلۈك.
مەنبە:
 
 
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئەكبەر تۇرغۇن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-03-12 00:03 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-04-05 01:04
تەۋسىيەلەر