باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارغا ئۇقتۇرۇش
1)تور بىتىمىز باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ سەمىگە: بىز ئالدىنقى قىتىم تور بىتىمىزدىكى باشقۇرغۇچىلار رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك تۇزۇملەر ئۇستىدە ئەسكەرتىش بەرگەن ۋە ئۆتكەن ھەپتە بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلارغا ئىچكى قىسىمدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولساقمۇ لىكىن بىرقىسىم باشقۇرغۇچىلار ئىزچىل مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغاچقا باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسى ئىلىپ تاشلاندى. باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسى بىكار قىلىنغان باشقۇرغۇچىلار: سەپەر ئىزدەن ئوت ماكانى ئەگەر يۇقاردا ئىسمى ئاتالغان باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقىچە پىكىرى بولسا بىۋاستە مۇشۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرسا ياكى بىكەت مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلارنىڭ تۇزۇمگە رىئەيە قىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز ۋە ئەسكەرتىمىز.(ئىسمىنى ئاتاشقا تىلىم ۋە قولۇم بارمىدى) ئەگەر يەنە مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەھۋاللىرى كۆرۇلسە بىردەك باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسى بىكار قىلىنىدۇ . 2) تور بىتىمىزگە ئەزا بولماقچى بولغان تورداشلارنىڭ سەمىگە:
نۆۋەتتىكى تور بىتىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ۋە بىرقىسىم كۆپ ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ تور بەت بوشلۇقى ۋە ساندانىغا بىسىم ئىلىپ كىلىۋاتقان تورداشلارنى چەكلەش ئۇچۇن بارلىق ئەزالارغا قارىتا تىزىملاتقاندىن كىيىن بىردەك تەستىقلاش تۇزۇمى يولغا قويۇلىدۇ. ئەزالار ھەر ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۇنى تەستىقلىنىدۇ. ئەزالىققا تىزىملاتقان تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقى تىزىملىتىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن چوقۇم بىردەك مۇشۇ تىما ئاستىغا تۆۋەندىكى تەلەپ بويىچە ئىنكاس قالدۇرىشى ۋە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ 128749421 نومۇرلۇق چ چ توپىغا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا تىزىملاتقان ئەزالىق نامى بىلەن كىرىشى شەرت، ئەگەر يۇقارقى ئىككى شەرتنىڭ بىرسى كەم قالسا ئەزالىق نامى بىردەك تەستىقلانمايدۇ. ئەسلى ئىسمىم: تور بەتتىكى نامىم: چ چ نومۇرۇم: خىزمەت ئورنۇم:
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى تور بەت باشقۇرۇش كوللىكتىپى 2011-يىل 3-ئاي 13-كۇنى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|