بۇ 3- يىللىق 2- مەۋسۈملۈك ماتىماتىكا 1- بۆلەك "ئورۇن ۋە يۆنىلىش"نىڭ 1- سائەتلىك دەرسى. پايدىلانغايسىلەر.
ۋاقتى: | 2011- يىل ئاينىڭ كۈنى |
دەرس تېمىسى: بىرىنچى بۆلەك . ئورۇن ۋە يۆنىلىش 2- مىسال.1- مەشىق . 1- 2- مىساللار | |
دەرس سائىتى: 1- سائىتى | |
دەرس تىپى: يېڭى دەرس | |
ئوقۇتۇتۈش نىشانى: بىلىم ۋە ئىقتىدار: ئەمىلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارغا شەرق، غەرپ، شىمال ۋە جەنۇپ قاتارلىق تەرەپلەرنى بىلدۈرۈش. جەريان ۋە ئۇسۇل: قىستۇرما رەسىم ۋە ئەمىلىي تەرەپلەرنى كۈزىتىش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈنۈلۈش ھەققىدىكى تۇنۇشىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش. ھىسسىيات، پوزىيسىيە ۋە قىممەت قارىشى: ئوقۇغۇچىلارغا ماتىماتىكىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى رولى ھىس قىلدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ماتىماتىكىغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش. | |
مۇھىم نۇقتا: ئوقۇغۇچىلارغا شەرق، غەرپ، شىمال ۋە جەنۇپ قاتارلىق تەرەپلەرنى بىلدۈرۈش، | |
قىيىن نۇقتا:ئوقۇغۇچىلارغا شەرق بىلەن غەرپ، شىمال بىلەن جەنۇپنىڭ قارىمۇ قارشى تەرەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش | |
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۈزىتىش، سېلىشتۇرۇش ئۇسۇللىرى | |
ئوقۇتۇش ۋاستىسى: كىتاپتىكى قىستۇرما رەسىم، ئەمىلىي نەرسىلەر، شەرق، غەرپ، شىمال ۋە جەنۇپ كارتىسى | |
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: (1) ئوقۇتقۇچى: سىلەر 1- يىللىقتا ئوڭ، سول، ئاستى، ئۈستى ، ئالدى ،كەينى قاتارلىق تەرەپلەرنى پەرق ئېتىشكە دائىر بىلىملەرنى ئۆگەنگەن. قېنى كىم ئۆزىنىڭ ئوڭ، سول، ئاستى، ئۈستى ، ئالدى ،كەينى قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدۇ؟ ( ئوقۇغۇچىلار قول كۆتۈرۈپ ئىختىيارى جاۋاپ بېرىدۇ.) (2) ئوقۇتقۇچى: ئوقۇغۇچىلار پائاليىتى كىم ئوڭ ، سولغا ئەڭ ياخشى بۇرۇلالايدۇ؟ ( بىر ئوقۇغۇچى ماھارەت كۆرسۈتىدۇ.) (3) ئوقۇتقۇچى: قېنى كىم شەرق، غەرپ، شىمال ۋە جەنۇپ تەرەپلەرنى تونۇپ بېرەلەيدۇ؟ سىز قانداق تۇنۇۋالدىڭىز؟ ئوقۇغۇچى: ئۆزىنىڭ نىمىگە ئاساسەن تۇنۇۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. (يۇقۇرقى سۇئاللار ئاساسىدا دەرس تېمىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ. ) | |
ئوقۇتۇش جەريانى: 1. يېڭى بىلىم : (1) ئەتىگەندە قۇياش قايسى تەرەپتىن چىقىدۇ؟ كەچتە قايسى تەرەپتە ئولتۇرىدۇ؟ (2) سىز شەرق تەرەپنى كۆرسۈتەلەمسىز ؟ سىنىپنىڭ شەرق تەرىپىدە نىمىلەر بار؟ (3) شەرق بىلەن غەرپ تەرەپلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى. ئۇنداقتا جەنۇپ تەرەپ قايسى تەرەپ؟ سىنىپنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە نىمىلەر بار؟ جەنۇپ بىلەن قايسى تەرەپ بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى؟ ( ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كۈزەتكىنى ۋە ھىس قىلغىنى ئاساسىدا جاۋاپ بېرىدۇ.) كوللىكتىپ پائالىيەتكە تەشكىللىش. بارلىق ساۋاقداشلار ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار. مەن دىگەن تەرەپلەرنى كۆرسۈتۈڭلار ، قېنى كىم ھەممىسىنى توغرا كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدۇ؟ ئوقۇتقۇچى: شەرق، غەرپ، شىمال ۋە جەنۇپ تەرەپلەرنى بىردىن-بىردىن ېيتىپ بېرىدۇ. ئوقۇغۇچى: ئوقۇتقۇچى دىگەن تەرەپلەرنى قولى ئارقىلىق كۆرسۈتىدۇ. خاتا كۆرسەتكەن ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى تېزلا چېنىپ قالىدۇ. ئىشلەپ بېقىڭ. 1- مىسالنى كۈزىتىڭ. كۈن چىققان تەرەپ قەيسى تەرەپ ؟ كىتاپخانا مەكتەپنىڭ شەرق تەرىپىدە بولسا قالغان ئۈچ تەرەپ قايسى تەرەپتە؟ كۈزەتكىنىڭ بويىچە بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ . كىتاپخانا مەكتەپنىڭ شەرق تەرىپىدە . تەنتەربىيە سارىيى مەكتەپنىڭ ( ) تەرىپىدە. ئوقۇتۇش بىناسى مەكتەپنىڭ ( ) تەرىپىدە. مەكتەپ دەرۋازىسى مەكتەپنىڭ ( ) تەرىپىدە. 2. مۇستەھكەملەش مەشقى: 1- مەشق 1- مىسال. سۆزلەپ بېقىڭ. سىنىپنىڭ شەرق، غەرپ، شىمال ۋە جەنۇپ تەرەپلىرىدە نىمىلەر بار؟ ( ئوقۇغۇچىلار كۈزىتىپ جاۋاپ بېرىدۇ. ) 2. مىسال. (1) رەسىمنى كۈزىتىڭ. بۇ ئۆينىڭ غەرپ تەرەپتىكى تېمىغا كالىندار ئېسىلغان. ئونداقتا بۇ ئۆينىڭ شەرق تەرىپىدە نىمە بار؟ ( ئوقۇغۇچىلار كۈزىتىپ جاۋاپ بېرىدۇ.) (2) سىز شەرق تەرەپكە قاراپ تۇرسىڭىز سول تەرىپىنىڭ قايسى تەرەپ بولىدۇ؟ بۇ ئۆينىڭ شىمال تەرىپىدە نىمە بار؟ ( ئوقۇغۇچىلار كۈزىتىپ جاۋاپ بېرىدۇ.) 3.بىلىمنى كېڭەيتىش: مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغىنىڭىزدا شەرق، غەرپ، شىمال، جەنۇپ تەرەپلەردە نىمىلەر بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ 4. بالىلار شېئىرى: ئەتىگەندە قۇياشقا ، قارىدممەن شەرققە. كەچتە قىپ قىزىل قۇياش، مۆكۈۋالدى غەرپكە. چۈشتە كۆردۈم قۇياشنى، چاقنايدۇ ئۇ جەنۇپتا،، زادى كۆرۈپ باقمىدىم. قۇياشنى مەن شىمالدا. | |
دەرستىن كېيىنكى كىچىك خۇلاسە: سىز بۇ سائەتلىك دەرستە نىمىلارنى بىلىۋالدىڭىز؟ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ نىمىلەرنى بىلىۋالغانلىقىنى ئېيىپ بېرىدۇ. | |
تاپشۇرۇق: بىر پارچە رەسىم سىزىڭ ، رەسىمىڭىزدە شەرق، غەرپ، شىمال، جەنۇپ تەرەپلەر ياخشى گەۋدىلەنسۇن. | |
دوسكا لاھىيىسى: بىرىنچى بۆلەك . ئورۇن ۋە يۆنىلىش 1- مىسال.1- مەشىق . 1- 2- مىساللار شەرق، غەرپ، شىمال، جەنۇپ | |
گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ تەستىقى: | |
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش: |