بۇ بىر سائەتلىك كۆرەك دەرسنىڭ دەرس لاھىيىسى. كۆرۈپ پايدىلانغايسىلەر.
توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ تەجرىبە دەرسلىكى
ماتېماتىكا
3-يىللىق 2-قىسىم
سېكونت بىلەن تونۇشۇش
دەرس ئۆتكۈچى: سەمەت نىياز
2010-يىل 12-ئاينىڭ 3- كۈنى
ۋاقتى: 2010-يىل 12- ئاينىڭ 3- كۈنى
سېكونت بىلەن تونۇشۇش
ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ئۈستىدە تەھلىل:
« سېكونت بىلەن تونۇشۇش» « توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرسلىكى » 3- يىللىق 1- مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش مەزمۇنى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىرىنچى يىللىقتا پۈتۈن سائەت ۋە يېرىم سائەت ھەمدە سائەت قانچىدىن قانچە مىنۇت ئۆتكەنلىكى ھەققىدىكى بىلىملەرنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆگىنىپ ئۆتكەن. مىنۇت60= سائەت1 ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىدۇ.
بۇ ئۆگىنىش باسقۇچىدا ۋاقت بىرلىكلىرىدىن سېكونت ۋە سېكونت60= مىنۇت1 ئىكىنلىكىنى ئۆگىنىش بىلەن بىر سېكونتنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن ئىكەنلىكى ۋە 1 سېكونتتا نىمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچە ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ.
دەرس سائىتى : 1- سائەتلىك دەرس
دەرس تىپى : يېڭى دەرس
ئوقۇتۇش نىشانى :
1. بىلىم ۋە ئىقتىدار:ۋاقت بىرلىكلىرىدىن « سېكونت»، سېكونت60= مىنۇت1 ئىكەنلىكىنى ئىگىلىتىش ، ھەمدە سېكونتنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتەلەيدىغان قىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل: كۈزىتىش سېلىشتۇرۇش ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق 1 مىنۇت ۋە 1سېكونت ھەققىدىكى تۇنۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىر مىنۇت ۋە بىر سېكونتنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش.
3. ھىسسىيات پوزىتسىيىسى ۋە قىممەت قارىشى:ماتىماتىكا بىلەن تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھىس قىلدۇرۇش ئارقىلىق ، بىر مىنۇت، بىر سېكونتنىمۇ تىجەش، ۋاقتنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت ياخشى ئەخلاق يېتىلدۈرۈش.
مۇھىم نۇقتا: ۋاقت بىرلىكلىرىدىن « سېكونت» ۋە سېكونت60= مىنۇت 1 نى بىلدۈرۈش.
قىيىن نۇقتا: 1 مىنۇت ۋە 1 سېكونتنىڭ ۋاقت ئوقۇمىنى تۇرغۇزۇش.
ئوقۇتۇش ۋاستىسى: كومپىيۇتېر(دەرسلىك دېتالى)، تاپشۇرۇق قەغىزى، خىلمۇ خىل سائەتلەر ۋە سائەت مودىلى.
ئوقۇتۇش جەريانى:
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ئوقۇتقۇچى: ساۋاقداشلار سىلەر سىلەر ئىلگىرى ۋاقت ھەققىدە قانداق بىلىملەرنى ئۆگەنگەن؟ (سائەت ، مىنۇت)
ئوقۇتقۇچى: ئەمىلىيەتتە سىلەر دام ئۇچتىرىپ تۇرىدىغان ۋاقتقا دائىر بىر قانچە سۇئال بار سىلەر جاۋاپ بېرەلەمسىلەر؟ ( ئىكراندا تۆۋەندىكىلەر كۆرسۈتۈلىدۇ)
بوش ئورۇنلارغا مۇۋاپىق ۋاقت بىرلىكىنى تولدۇرۇڭ.
(1) بىزبىڭ بىر سائەتلىك دەرس ۋاقتىمىز 40 ( )
(2) تۇرسۇن ئۆيىدىن مەكتەپكە كەلگىچە 10 ( ) سەرپ قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ئېغىزچە تولدۇرۇدۇ.
ئوقۇتقۇچى: ساۋاقداشلار سىلەر بىر مىنۇتقىمۇ يەتمەيدىغان ۋاقت بىرلىكلىرىنى بىلەمسىلەر؟
ئوقۇتقۇچى: مەن سىلەرگە بىر نەرسە كۆرسۈتەي.( ئالدىن تەييارلانغان دەرسلىك دېتالىنىڭ 1- ئورگىنالى قاتناش چىرىقىنىڭ ھەركەتلىك پىلاستىنكىسى قۇيۇلىدۇ.)
ئوقۇتقۇچى: بۇ نىمە؟ نىمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟ تەتۈر سانىلىۋاتقان ساناقنىڭ ھەربىرى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ( ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بېرىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار تەتۈر سانىلىۋاتقان ساناقنىڭ ھەر بىرى بىر مىنۇت ياكى بىر سائەت دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن. )
ئوقۇتقۇچى: سىلەر تەييارلاپ كەلگەن سائەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى. كىمنىڭ سائىتى چىرايلىقكىن.( ئوقۇغۇچىلار سائەتلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشىدۇ.)
ئوقۇتقۇچى: سائىتىڭلار مېڭىۋاتامدۇ؟ ھازىر سائەت قانچە بولۇپتۇ؟
(ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ سائىتىنىڭ قانچە بولغانلىقىنى بىر – بىرىگە ئېيتىپ بېرىدۇ.)
ئوقۇتقۇچى: مەن تەييارلىغان سائەتنى سائەتنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
ئېكراندا ھەرخىل سائەتلەرنىڭ رەسىمى كۆرسۈتۈلىدۇ. ۋە ئۇلارنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلىدۇ. تام سائىتى، ئۈستەل سائىتى، ماخانىك سائەت، ئېلىكتىرونلۇق سائەت قاتارلىقلار.)
ئوقۇتقۇچى: مەن ئەكىرگەن سائەتنى كۆرۈپ بېقىڭلار.(چوڭ تام سائىتى كۆرسۈتۈلىدۇ. ھەمدە دوسكىنىڭ ئۈستى ئوتتۇرىسىغا ئېسىلىدۇ. )
ئوقۇتقۇچى: ئەمدى بىز تۆۋەندىكى سۇئاللار كۈزىتىپ باقايلى.
سۇئال: (1) بۇ سائەتنىڭ قاچە تال ئىستىرلىكىسى بار؟
(2) بارلىق ئىستىرلىكىلارنىڭ مېڭىش تېزلىكى ئوخشاشمۇ؟
(3) ئەڭ ئاستا ماڭغىنى قايسى ئىستىرلىكا؟
(4) ئەڭ تېز ماڭغىنى قايسى ئىستىرلىكا؟
ئوقۇتقۇچى: سېكونت ئىستىرلىكىسى بىر كىچىك بۆلەك ماڭسا بىر سېكونت بولىدۇ. بىر قېتىم ئايلانسا قانچە كىچىك بۆلەك ماڭىدۇ؟ بۇ قانچە سېكونت؟ قانچە مىنۇت؟
( ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كۈزەتكىنى بويىچە جاۋاپ بېرىدۇ.)
دوسكا خېتى : سېكونت60= مىنۇت 1
ئوقۇتقۇچى: بىر مىنۇت زادى قانچىلىك ئۇزۇن؟ بىر مىنۇتتا نىمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟ سىلەر بىر مىنۇت ئىچىدە 1دىن 100گىچە يېزىپ بولالامسىلەر؟ قېنى يېزىپ بېقىڭلار؟
(ئوقۇغۇچىلار سائەتكە قاراپ تۇرۇپ ئوقۇتقۇچى باشلاندى دىگەن ھامان يېزىشقا كىرىدۇ. ۋاقت توشتى دىگەن ھامان يېزىشنى توختىتىدۇ. ھەمدە قانچىگىچە يازالىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. )
ئوقۇتقۇچى: بىر مىنۇتنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى سىلەر بايقىدىڭلار. ئەمدى بىر سېكونتنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بايقاپ باقايلى. سىلەر بىر مىنۇت ئىچىدە 1دىن 10گىچە يېزىپ بولالامسىلەر؟( ئوقۇغۇچىلار سائەتكە قاراپ تۇرۇپ ئوقۇتقۇچى باشلاندى دىگەن ھامان يېزىشقا كىرىدۇ. ۋاقت توشتى دىگەن ھامان يېزىشنى توختىتىدۇ. ھەمدە قانچىگىچە يازالىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. )
ئوقۇتقۇچى: كۆپ قىسىم ساۋاقداشلىرىمىز ھىچنىمە يازالمىدى. سىلەر بىر سېكونتنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلالىدىڭلارمۇ؟ بىر سېكونتتا نىمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن؟ ئوقۇغۇچىلار: ( ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بېرىدۇ. بەلكىم ئۇلار بەك قىسقا ئىكەن، ھىچ ئىش قىلغىلى بولمايدىكەن دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن.)
ئوقۇتقۇچى : راستىنلا بىر مىنۇت ئىچىدە ھىچقانچە ئىش قىلغىلى بولمامدىغاندۇ؟ بىز تۆۋەندە بىر فىلىم كۆرەيلى .( ئېكراندا فىلىم قويۇلىدۇ.« ماشىنا بىر سېكونتتا 35 مېتىر يول يۈرەلەيدۇ.»،« دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئۇچىدىغان X_A43 تىپلىق ئايرۇپىلان بىر سېكونتتا 3000 مېتىر ئۇچالايدۇ. » ، « سۇنئى ھەمراھ بىر سېكونتتا 8000 مېتىر ئۇچالايدۇ.» ، « سەنشيا سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى بىر سېكونتتا 700مىڭ كىلوۋات توك چىقىرالايدۇ. »، « كومپىيۇتېر سېكونتىغا 300 مىليارد قېتىم ھېساپلاش ئېلىپ بارالايدۇ.» قاتارلىقلار )
ئوقۇتقۇچى: ۋاقت ھاقىقەتەن قىممەتلىك ، ئۆتۈپ كەتسە قايتۇرۇپ ئالغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىر مىنۇت، بىر سېكونتنىمۇ قەدىرلىشىمىز ، ئۇنى ئىسراپ قىلماسلىقىمىز لازىم.
ئوقۇتقۇچى: سائەتنىڭ سېكونت ئىستىرلىكىسى بىر كىچىك بۆلەك ماڭسا بىر سېكونت بولىدۇ. ئۇنداقتا بىر چوڭ بۆلەك ماڭسا قانچە سېكونت بولىدۇ؟ ( ئوقۇغۇچىلار دوسكىغا ئېسىلغان چوڭ سائەتنى ساناپ بايقاش ئارقىلىق جاۋاپ بېرىدۇ.)
مۇستەھكەملەش مەشقى :
بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ.
1. سائەت يۈزىدە ( )دانە چوڭ بۆلەك بار. ھەر بىر چوڭ بۆلەكتە ( )دانەكىچىك بۆلەك بار. سائەت يۈزىنىڭ بىر ئايلانمىسىدا جەمئى ( ) دانە كىچىك بۆلەك بار .
2. سائەتنىڭ سېكونت ئىستىرلىكىسى بىر كىچىك بۆلەكنى ماڭسا ( ) سېكونت بولىدۇ. سېكونت ئىستىرلىكىسى بىر چوڭ بۆلەكنى ماڭسا ( ) سېكونت بولىدۇ.
دەرستىن كېيىنكى كىچىك خۇلاسە:
بۇ بىر سائەتلىك دەرستىن سىلەر نىمىلەرنى بىلىۋالدىڭلار؟ ئۆگەنگىنىڭلارنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلەمسىلەر؟
( ئوقۇغۇچىلار ھىس قىلغىنى بويىچە خۇلاسىلايدۇ. ئوقۇتقۇچى يىغىنچاقلاپ بېرىدۇ.)
تاپشۇرۇق:
بىر دانىدىن سائەت مودىلى ياساپ كېلىڭلار. سائەتنىڭ چوڭ بۆلەك ۋە كىچىك بۆلەكلىرى ياخشى گەۋدىلەنسۇن.
دوسكا لاھىيىسى:
سېكونت بىلەن تونۇشۇش سېكونت60= مىنۇت1 |
گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ تەستىق پىكرى: