چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى 2.0 ئېلان قىلىندى

سىز نۆۋەتتە كۆرىۋاتقان چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى 2.0 ئېلان قىلىندى بۇ ئەسلى نەشر بولسا .exe شەكلىدىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىيال بولۇپ، سىغىمى 未知 تور بېتىمىزگە قوشۇلغان (يېڭىلانغان) ۋاقتى بولسا 2014-07-25 -كۇنى بولۇپ، بۇ چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى 2.0 ئېلان قىلىندى نى يوللىغان گە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز ھەمدە سىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز. بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىڭىز بولۇپ قالغۇسى !
چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىنىڭ 2.0 نۇسخىسى
1.0 نۇسخىدا بايقالغان بارلىق مەسىلىلەر تۈزىتىلدى ئۇنىڭدىن سىرت نامزات سۆز تەرتىۋى جەھەتتە ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى.
چېچەن كىرگۈزگۈچ 2.0 نۇسخىسى ئالاھىدىلىكلىرى :
1. ئەزالارنىڭ كۆپ ئىشلەتكەن سۆزلۈكلىرىنى ئەستە ساقلايدۇ ، يەنى سىز چېچەن كىرگۈزگۈچ سۆزلۈك ئامبىرىدا يوق سۆزلەرنى بىر نەچچە قېتىم تەكرار كىرگۈزۈپ ئىشلەتكەندىن كىيىن ، چېچەن بۇ سۆزلۈكلەرنى ئەستە ساقلايدۇ ، ھەم نامزات سۆز قاتارىدا ئالدىغا تىزىپ بېرىدۇ بۇ 2.0 نۇسخىسىدىكى ئەڭ يارقىن نوقتا undefined
2.ۋىندوۋس 8 مېترو نۇسخىسىدا نورمال ئىشلەيدۇ
3.ئاپتوماتىك ئەمزە قويۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى ، ئەلۋەتتە بۇ ئىقتىدارنى سىز تەڭشەك رايونىدىن تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز .
4.قاچىلىغاندا ئىزدە تورىنى باشبەت قىلىش ياكى قىلماسلىقنى تاللىيالايسىز .
5.قاچىلىغاندا مۈدۈك باشبېتىنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىكنى تاللىيالايسىز .
6. چېچەن 2.0 نۇسخىسىدا نورمال ھالەت بىلەن چېچەن ھالەتنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز، تەڭشەك ئورنىدىن ئالماشتۇرسىڭىز ياكى shift + space يەنى شىفت بىلەن بوشلۇقنى تەڭلا بېسىپ ئالماشتۇرۇشقىمۇ ، ھالەت ستونىدىكى يۇلتۇز بەلگىسىنى يۇرۇتۇش ، ئۆچۈرۈش ئارقىلىقمۇ ئالماشتۇرالايسىز (چېچەن ھالەت : نامزات سۆزلۈك كۆرۈنىدىغان ھالەت ، نورمال ھالەت : نامزات سۆزلۈك كۆرۈنمەيدىغان ، بىۋاستە يېزىلىدىغان ھالەت)
7.كىرگۈزگۈچتە خەت يازغاندا نامزات سۆزلۈك ئۈستىدىكى سىز ئۇرۇپ كىرگۈزگەن ماس ھالدىكى لاتىن يېزىقى ئورنىغا ، ئۇيغۇرچە ئېلىندى (1.0 نۇسخىدا ئەڭ كۆپ ئىنكاس قىلىنغان نۇقتىلارنىڭ بېرى )
1. نۇسخىدىكى ھالىتى

2.0 نۇسخىدىكى ھالىتى

8. چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئۆلچەملىك يونىكود ئۆلچىمى ئاساسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان دېتال بولۇپ ، ئەلكاتىپ ، UKIJ ، ئەلپىدا قاتارلىق يونىكودلۇق كىرگۈزگۈچلەردە يېزىلغان بارلىق ماتېرىياللارنى قوللايدۇ . بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 2.0 نۇسخىسىدىكى يارقىن نوقتىلار يۇقارقى 8 تۈرلۈكلا ئەمەس ، قالغانلىرىنى ئۇدا 5-10 كۈن ئىشلەتكەندىن كىيىن تەبىئىيلا ھىس قىلىپ يىتەلەيسىز .
كىرگۈزگۈچنى ياقتۇرغان دوستلارنىڭ باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى ، توربېكىتى بار دوستلارنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ھە-ھۇ دىيىشىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز .
چېچەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى Windows مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دېتالى بولۇپ ، XP/Vista/Win7/win8 قاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
چېچەن كىرگۈزگۈچ ئاساسلىق ئىقتىدارى :
1. ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنالايسىز، سۆزلۈك ئامبىرى تەجرىبىلىك كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن.
2.ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ، چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىرگۈزۈش ئادىتىنى ئەستە ساقلايدىغان بولۇپ، كۆپ ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىزنى نامزات سۆزلۈك قاتارىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنىغا تىزىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
3.يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەگەر سىز يېڭى ئۆگەنچى بولسىڭىز يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسىنى قوزغىتىپ ، كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ( ياكى كۇنۇپكا تاختىسىغا قاراپ ) خەت كىرگۈزسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
4. كىرگۈزۈش سۈرئىتىڭىز تېزلىشىدۇ، سىز كىرگۈزمەكچى بولغان سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىنى كىرگۈزسىڭىزلا ، چېچەن سىزگە كىرگۈزگەن ھەرپلىرىڭىزگە ماس كېلىدىغان ، كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى نامزات سۆز قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
5.سۆز بىرىكمىسى كىرگۈزۈش تېخىمۇ قولايلىق ھەم تېز، مەسىلەن: ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز پەقەت ‹‹ ش ۇ ا ر ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز ‹‹ ۈ ش ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ. ( سۆز بېرىكمىسى يازغاندا ئەمزە ‹‹ ئ ››قوشۇپ يېزىشىڭىز ھاجەتسىز )
6.كۆپ خىل كىرگۈزگۈچ ئۇسلۇبى تەمىنلەندى، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسلۇب، رەڭلەرنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز. يەنە شىركىتىمىز تەمىنلىگەن Chichenicc ئۇسلۇب لايىھەلەش قورالى ئارقىلىق ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پاسوندىكى ئۇسلۇبلارنى ياساپ ئىشلىتەلەيسىز.
7.بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئەڭ يېڭى سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلىتەلەيسىز، سۆزلۈك ئامبىرىنى توردا يېڭىلاشقا بولىدۇ، شىركىتىمىز سۆزلۈك ئامبىرىنى داۋاملىق تولۇقلايدۇ، سۆزلۈك ئامبىرى يېڭىلاش ئۈچۈن دېتالنى قايتا قاچىلىشىڭىز ھاجەتسىز.
8.shift كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، لاتىنچە كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرالايسىز، ئىنتايىن قولايلىق.
9.قاچىلاش باسقۇچى ئاددىي، قولايلىق؛ قاچىلاشتىن ئىلگىرى ياكى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
10. چېچەن 2.0 نۇسخىسىدا نورمال ھالەت بىلەن چېچەن ھالەتنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز، تەڭشەك ئورنىدىن ئالماشتۇرسىڭىز ياكى shift + space يەنى شىفت بىلەن بوشلۇقنى تەڭلا بېسىپ ئالماشتۇرۇشقىمۇ ، ھالەت ستونىدىكى يۇلتۇز بەلگىسىنى يۇرۇتۇش ، ئۆچۈرۈش ئارقىلىقمۇ ئالماشتۇرالايسىز (چېچەن ھالەت : نامزات سۆزلۈك كۆرۈنىدىغان ھالەت ، نورمال ھالەت : نامزات سۆزلۈك كۆرۈنمەيدىغان ، بىۋاستە يېزىلىدىغان ھالەت)
چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى .
----------------------------------------------------------------------------
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.
«چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى 2.0 ئېلان قىلىندى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
☉تور بىتىمىزدىكى دەرسلىك ۋە يۇمشاق دىتاللار بىردەك WinRAR دا قىسىلغان،شۇڭلاشقا سىزنىڭ چۇشۇرگەندىن كىيىن WinRAR نىڭ يۇقىرى نۇسخىسىنى ئىشلىتىشىڭىزنى سورايمىز.
كېيىنكىسى: (ئۇيغۇرچە ئويۇن) كۇب
- (ئۇيغۇرچە ئويۇن) كۇب
- چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى 2.0 ئېلان قىلىندى
- مەكتەپلەرنىڭ دەرس تەقسىماتى، خىزمەت مىقدارى، داۋام، شە
- 参加社保资料ئىجدىما.ى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ماتىريالى
- alkatip57free ئەلكاتىپ يېزىق كىرگۈزۈش دىتالى
- ئىدىقۇت ئۇيغۇرچە خەت كىرەۈزۈش دىتالى
- ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كىرگۇزۇچ
- مەكتەپ باشقۇرۇش قوللانمىسى
- چ چ غا ئۇيغۇرچە خەت يېزىش
- 德育工作资料
- چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى 2.0 ئېلان قىلىندى
- ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش يۆنىلىشلىك لوغەت ‹‹ھەقسىز››
- ئۇيغۇر سوفىت فونت ئايلاندۇرغۇچ
- ئۇيغۇرچە Office ھۆججىتىنى ئەلالاشتۇر
- ئۇيغۇرچە نەزىر باغىقى سىستىمىسى
- ئۇيغۇرچە مىڭ يىللىق كالىندار
- ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان سۇ باسما تازى
- ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان رەسىم كەڭلىك
- سۇ باسما تازىلىغۇچ
- كۆپ ئىقتىدارلىق كومپىيۇتىر باشقۇر
- OFFIC ھۆججىتىنى قىسىش دىتالى
- ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش يۆنىلىشلىك لوغەت ‹‹ھەقسىز››
- چ چ غا ئۇيغۇرچە خەت يېزىش
- ئۇيغۇرچە مىڭ يىللىق كالىندار
- 2011-يىللىق ئىلىپبە ناخشىسى
- ئۇيغۇرچە رەسىم قوشۇش ۋە كۆرۈش دىتالى
- ئۇيغۇرچە نەزىر باغىقى سىستىمىسى
- مەكتەپ باشقۇرۇش قوللانمىسى
- 2012-يىللىق ئۇيغۇرچە_خەنزۇچە لوغەت س
- ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان رەسىم كەڭلىك
- ئۇيغۇر چە كىنو كۆرۈش سىستىمىسى
- ئۇيغۇر سوفىت فونت ئايلاندۇرغۇچ
- كۆپ ئىقتىدارلىق كومپىيۇتىر باشقۇر
- ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كىرگۇزۇچ
- 德育工作资料
- alkatip57free ئەلكاتىپ يېزىق كىرگۈزۈش دىتالى
- ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش يۆنىلىشلىك لوغەت ( 2012)
- خەنزۇتىلى كەسپى 2012كەسپى ئمتاھان ماتىريالى(1)(داگاڭ
- ئاپتوماتىك تەكلىپ يىزىش ئۇيغۇرچە
- خەنزۇچە خەتنىڭ پىينىنى تېپىش دېتا
- 2011-يىللىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ