باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

قوچۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى يارمىقى

يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-10 23:47 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
قوچۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى يارمىقى قوچۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى يارمىقى قوچۇ ئېلىنىڭ پۇلى . يۇمىلاق ، چاسا تۆشۈكلۈك ، چوڭ ، قېلىن ھەم ئېغىر بول

قوچۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى يارمىقى

 


 

  قوچۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى يارمىقى قوچۇ ئېلىنىڭ پۇلى . يۇمىلاق ، چاسا تۆشۈكلۈك ، چوڭ ، قېلىن ھەم ئېغىر بولۇپ ، نەپىس ياسالغان . يارماققا خەنزۇچە قەدىمكى لىشۇ خېتى شەكلىدە خەت چۈشۈرۈلگەن ، سانى ئانچە كۆپ ئەمەس . ھازىرغىچە مەلۇم بولغىنى ئون نەچچە بولۇپ ، ئاز بىر قىسمى چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن . چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋ گۇاڭ يىللىرىدا ۋېڭ شۇپېي ‹‹ قەدىمكى پۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىش ›› دېگەن ئەسىرىدە بۇنى تىلغا ئالغان . دىڭ خۇباۋنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرى نەشىر قىلىنغان ‹‹ قەدىمكى پۇللار قامۇسى ›› دېگەن ئەسىرىدىمۇ بۇ پۇل ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان . خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندىمۇ شىنجاڭدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا بۇ پۇلنى بايقىغان . 70 – يىللاردىن باشلاپ شىئەن ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىنمۇ تېپىلغان . 1977 – يىلى تۇرپان ئاستانىدىكى 519 – نومۇرلۇق قەبرىدىن بۇ پۇلدىن بىرسى تېپىلغان بولۇپ ، ئايلانمىسى 2.6 سانتىمېتىر ، قېلىنلىقى 0.38 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى 12.5 گرام كېلىدۇ . قەبرە شۇ چاغقىچە تېخى بۇزغۇچىلىققا ئۇچرىمىغان ، قەبرىدىن يەنە تاڭ سۇلالىسى جېنگۈەننىڭ 14 – يىلىدىن باشلاپ قوچۇنى تىنچىتىپ ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگىنىگە ئاساسلانغاندا ، بۇ پۇل چۇر جەمەتى ئىدىقۇت خاندانلىقى دەۋرىدە قۇيۇلغان . بۇنىڭدىن بۇرۇنقىلارنىڭ بۇ پۇل يۈن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان دېگەن كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ .

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر