بەشتاشتىن ئۇستاز ۋە تورداشلارغا خىتاب
بەشتاشتىن ئۇستاز ۋە تورداشلارغا خىتاب
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن تا ھازىرغىچە مەيلى قانداق بىر تورداش بولمىسۇن يۇز كىلەلمەيدىغان ياكى ۋەدىمىزدە تۇرالمايدىغان ئىشنى سادىر قىلمىدۇق.بىز مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن ئازراق بولسىمۇ كۆپچىلىككە قولايلىق يارىتىشنى مەخسەت قىلىۋاتىمىز. تور بىتىمىزدىكى ماتىرياللار نۆۋەتتە 4G دىن ئىشىپ كەتتى. لىكىن بىز ماتىرياللارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىر پۇتۇنلۇكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تىز سۇرئەتتە چۇشۇرش ۋە پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئىزچىل قوش لىنيەلىك بوشلۇقنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىز.تور بەتنىڭ نۆۋەتتە كۇندىلىك زىيارەت IP سى 8000 مىڭدىن چۇشمەي مىڭىۋاتىدۇ. بۇ تورداشلارنىڭ بىزنىڭ ئەمگىكىمىزنى ۋە بىزنى قوللىغانلىقىنى چۇشەندۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
يۇقاردا ئازراق سۆزلەپ سالدىم ھە، بۇ ھەرگىزمۇ زارلانغىنىم ئەمەس، بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى ئۇچۇن باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەن قاتارلق بارلىق دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى، لىكىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا تور بىتىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن يىللاپ پايدىلىنىپمۇ سالمايدۇ، جۇملىدىن تور بىتىمىزگە ھاجىتىمۇ چۇشمەيدۇ. لىكىن ئۇلار شۇنداق تۇرۇپمۇ ئازراق بولسىمۇ بىر ئىش قىلىش مەخسىتىدە مىھنەتسىز تور بىتىمىز ، تور بىتىمىز ئارقىلىق كەڭ تورداشلار ئۇچۇن ، ئۇستازلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۇچۇن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
لىكىن بىز مانا مۇشۇنداق قىلىپ تۇرۇپمۇ بىر قىسىم تورداشلارغا ياخشى بولالمىدۇق. بەزىلەر ھەتتا بىر قانچە قىتىم تىلفۇن قىلىپ مىنى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن ئەھۋاللارمۇ خىلى بار.( قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق بىزنى تىللىغان ۋە ھاقارەتلىگەن ئىشلارنى بۇ يەردە تىلغا ئالماي تۇراي)باشتا دىگەندەك بىزنىڭ بۇ تور بەتنى قۇرىشىمىز ھەرگىزمۇ ئىقتىساد ئۇچۇن ۋە ياكى باشقا مەخسەت ئۇچۇن ئەمەس. بەلكى دوسلارغا خىزمەت قىلىش، دوسلار ئارا، ئۇستازلار ئارا ماتىريال ئورتاقلىشىشنى ئىلگىرى سۇرۇش خالاس.جۇملىدىن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ بوشلۇق، ئىسىم قاتارلىق چىقىملىرى بىر يىلدا 1500 يۇەندىن يۇقىرى. لىكىن بىز ئىقتىسادى جەھەتتە ھىچقانداق بىر مەنپەئەتكە ئىرىشىپ باقمىدۇق. ھەم ئۇنداق قىلىشنىمۇ ئويلاشمىدۇق.
لىكىن بىزنى ئەيىپلىگەن دوسلار بىزنى نىمە دەپ ئەيىپلەيدىغانلىقىنى بەلكىم ئۆزلىرىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. چۇنكى بىز ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ھەممە نەرسە ھەقسىز دىگەن نەرسە ئىڭىمىزگە سىڭىپ كەتكەن. لىكىن ھەقسىز نەرسىنىڭ قانچىلىك قەدرى بار؟ ھەقسىز يۇمشاق دىتاللاردىن نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان كومپىيۇتىرلىرىمىز دەل شۇ سەۋەپتىن، ئويۇن ئويناش، فىلىم كۆرۇشكە بەكرەك ماس كىلىۋاتىدۇ. مىھنەتتىن ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك نەرسە بولمىسا كىرەك. باشقىلار شۇنچە مىھنەت بىلەن تەييارلىغان ماتىرياللارنى تور بەتكە يوللاپ، مانچە نومۇر بىلەن چۇشۇر دەپ بەلگىلىشى مىنىڭچە خاتا ئەمەس. ئەمدى شۇنداق ماتىريال بىلەن تەمىنلىەەن ئۇستازلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىمۇ ، مەنمۇ ئازراق ماتىريالغا ئىرىشسەم بولاتتى، باشقىلارمۇ ئۆزلىرىدە بارلىرىنى يوللىسۇن دىگەن سەۋەپتىن كەلگەن بولىشى ئىنىق. ئۇنداقتا تور بىتىمىز ۋە مەن ، باشقا باشقۇرغۇچىلار ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك مىھنىتى ئارقىسىدا ئوتتۇرغا قويغان تەلىپىنى رەت قىلامدۇق؟
سىز سەتىرشخانىغا كىرسىڭىز 30 مىنۇتتا چىچىڭىزنى ياساپ قويسا تۆۋەن دىگەندە 3 يۇەن بىرەسىز؟ بىر كىشى نەچچە ئون سائەت مۇكچىيىپ ئولتۇرۇپ سەرس تەييارلاپ، بەلگىلىك نومۇر بىلەن چۇشۇرۋىلىڭ دىسە ياق دىيىشكە نىمە ئاساسىڭىز بار؟
ئۇنداقتا بىزنى ھاقارەتلىگەن دوسلار بىزنى يۇقارقى نومۇر بىلەن چۇشۇرۇش مەسىلىدە كۆپرەك ھاقارەتلەپ كەتتىڭلار؟ ئۇنداقتا سىلەر شۇنچە ھاقارەتلىگۇدەك بىزگە ، بەشتاش تورىغا ئۆتكۇزۇپ قويغىنىڭلار بارمۇ؟ بەشتاش تورى ئۇچۇن، شۇ ماتىريالنى تەمىنلىگۇچى ئۇچۇن نىمە ئىش قىلىپ بەردىڭىز؟
يىڭىدىن بەشتاش تورىنى ھاقارەتلەيدىغانلار ئاۋۇپ قالدى. قالايمىقان ئىنكاس يوللاش، قۇرۇق تىما يوللاش تىگى تەكتىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى ھاقارەت قىلغانلىق. بەشتاش بالىلارمائارىپ تورى سىزگە نىمە يامانلىق قىلدى؟ سىز بەشتاش تورىغا نىمە ئىش قىلىپ بەرگىنىڭىزگە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى بۇنچە ھاقارەت قىلىسىز؟
ئاخىرىدا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا بۇگۇندىن تارتىپ تىخىمۇ قاتتىق بولغان تىزىملاش ۋە جازالاش يولغا قويۇلىدۇ. ئوخشاش مەزمۇندىكى 2 ياكى 2 دىن ئارتۇق ئىنكاس يازغۇچىلار، تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز باھا- ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ئەزالىق نامى بىردەك تاقىلىدۇ. ئىغىر بولغاندا IP ئادرىسى تاقىلىدۇ.قۇرۇق تىما يوللىغۇچىلارنىڭ قۇرۇق تىمىسى 2 دىن ئاز بولسا بارلىق نومۇرلىرى بىكار قىلىنىدۇ. 2 دىن كۆپ بولسا ئەزالىق نامى بىكار قىلىنىدۇ.
ئەگەر سىز ھەقىقەتەن تىما يوللىيالمىغان بولسىڭىز يوللىماقچى بولغان ماتىريالنى baxtax@vip.qq.com غا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىكى ئەزالىق نامىڭىزنى قوشۇپ يوللاپ بىرىڭ.بىز تىگىشلىك نومۇرنى بىۋاستە ئەزالىق نامىڭىز ئاستىغا قوشۇپ، ماتىريالنى سىزنىڭ نامىڭىزدا تور بىتىمىزدە ئىلان قىلىمىز.
مەن بۇيەردە قالايمىقان بىر نەرسىلەرنى، باش ئاخىرى يوق گەپ -سۆزلەرنى يىزىۋەتكەن بولسا ئەپۇ قىلغايسىلەر.
()
«بەشتاشتىن ئۇستاز ۋە تورداشلارغا خىتاب»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:بەشتاش تەڭگىسىگە قانداق قىلىپ كۆپلەپ ئىرىشتىم
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قوللانمىسى
- . بەشتاش تەڭگىسىگە قانداق قىلىپ كۆپلەپ ئى
- . بەشتاشتىن ئۇستاز ۋە تورداشلارغا خىتاب
- . ماقالە تۇرىدىكى تىمىلارنى يوللاش ھەققى
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلا
- . ئەمدى بەشتاش تەڭگىسىگە ئىرىشىش چۇش ئەمە
- . بەشتاش تورىدىن جىددى ئۇقتۇرۇش
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى تازا تىلل
- . بەشتاش مۇلازىمەتچىلىرى خوتەندە
- . دوست بىكەت باشلىقلىرى سەمىگە:
- . جىددى ئۇقتۇرۇش ۋە ئەسكەرتىش
- . يىڭى ئەزا تىزىملىتىش توختىتىلدى
- . بەشتاش تورىدىن ئېلتىجا
- . يەنە تىما يوللىماسلىققا نىمە باھا
- . باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارغا ئۇقتۇرۇش
- . خوش-خەۋەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇش
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قوللانمىسى
- . بەشتاش تەڭگىسىگە قانداق قىلىپ كۆپلەپ ئى
- . بەشتاشتىن ئۇستاز ۋە تورداشلارغا خىتاب
- . ماقالە تۇرىدىكى تىمىلارنى يوللاش ھەققى
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلا
- . ئەمدى بەشتاش تەڭگىسىگە ئىرىشىش چۇش ئەمە
- . بەشتاش تورىدىن جىددى ئۇقتۇرۇش
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى تازا تىلل
- . بەشتاش مۇلازىمەتچىلىرى خوتەندە
- . دوست بىكەت باشلىقلىرى سەمىگە:
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قوللانمىسى
- . بەشتاشتىن ئۇستاز ۋە تورداشلارغا خىتاب
- . ماقالە تۇرىدىكى تىمىلارنى يوللاش ھەققى
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلا
- . ئەمدى بەشتاش تەڭگىسىگە ئىرىشىش چۇش ئەمە
- . بەشتاش تورىدىن جىددى ئۇقتۇرۇش
- . بەشتاش مۇلازىمەتچىلىرى خوتەندە
- . بەشتاش تورىدىن ئېلتىجا
- . خوش-خەۋەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇش
- . تور بىتىمىزنىڭ Cn تور نامى ھەققىدە
- . بەشتاش دەرس تەييارلىق كاتولوگى1.0
- . يەنە تىما يوللىماسلىققا نىمە باھا
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلا
- . بەشتاش تورىنىڭ ماتىرياللىرىنى كۆچ
- . ئەزا مەركىزى قوللانمىسى
- . يىڭى ئەزا تىزىملىتىش توختىتىلدى
- . ماقالە تۇرىدىكى تىمىلارنى يوللاش ھەققى
- . خوش-خەۋەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇش
- . بارلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار س
- . بەشتاش مۇلازىمەتچىلىرى خوتەندە