بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلانمايدىغان ت
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلانمايدىغان تىمىلار توغرىسىدا ئېزاھات
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن تا ھازىرغىچە كەڭ ئۇستازلار ۋە قىرىنداشلارنىڭ يىقىندىن قوللىشى ۋە مەدەت بىرىشى ئاستىدا مانا بۇگۇنكى كۇنگە يىتىپ كىلىپ،كۇندىن - كۇنگە ئۆسۇپ يىتىلمەكتە. بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى زىيارەت قىلىدىغان ۋە پايدىلىنىدىغانلارنىڭ جۇملىدىن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىن ئىبارەت كەڭ ئۇستازلار،ئاتا-ئانىلار شۇ ئارقىلىق مىللى مائارىپقا خىزمەت قىلىدىغان بىر مەۋھۇم دۇنيانى بىلىدىغانلار كۇندىن-كۇنگە كۆپەيمەكتە.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن تا ھازىرغىچە ئىزچىل مائارىپچىللىق بايرىقى ئاستىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدۇق. ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ چىڭ تۇرىمىز. ھەرقانداق بىر شەيئى ئۆز خاراكتىرىگە ماس ئىش قىلىشى كىرەك. توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم بولسىمۇ تەسىر قىلىش كۇچى بىرئاز كۇچلۇك بولغان ۋاستە تىغىمۇ شۇنداق قىلىشى كىرەك.بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى مائارىپ خاسلىقىنى،ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنى ساقلاش ئۇچۇن تىرىشىپ كەلدۇق،ھەم تىرىشىۋاتىمىز.شۇڭلاشقا بىر قىسىم تىمىلاردىن ئىزچىل ئۆزىمىزنى تارتىپ كەلدۇق،ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز. چۇنكى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى ئونۋىرسال توربەت ئەمەس.ھەممە نەرسە بولسا قاچىلاۋىرىدىغان،نىمە بولسا ئىلان قىلىۋىرىدىغان. لىكىن بىز شۇنداق تىرىشقان بولساقمۇ لىكىن بىرقىسىم دوسلىرىمىز ئىزچىل بىزنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇپ، تەستىقلاشقا مۇناسىپ ئەمەس تىمىلارنى تەستىقلىمىغانلىقىمىزدىن ئاغرىنماقتا، شۇڭا بۇيەردە تەپسىلى ئېزاھات بىرىشنى توغرا تاپتۇق.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا بىردەك تۆۋەندىكى تىمىلار تەستىقلانمايدۇ.
1) تەربيۋى ئەھمىيتى يوق ، مائارىپ بىلەن مۇناسىۋەتىسىز ھەرقانداق بىر ئەدەبى ئەسەر، ھىكايە،پوۋىسىت،... قاتارلىقلار.
2)دىننى ئەسەرلەر،دىنغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم،ماقالە،ئۇچۇر قاتارلىقلار،دىننى ئاتالغۇلار كۆپ بولغان ماقالىلەر
3)جىنسىيەت توغرىسىدىكى مەزمۇنلار(ھەرقانداق بىر جىنىس توغرىسىدا ئۇچۇر،مەزمۇن بار تىما تەستىقلانمايدۇ)
4)مائارىپقا ،مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتسىز ھەرقانداق بىر خەۋەر،ئۇچۇر
5) قوش تىل مائارىپىغا دائىر مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنمىغان ھەرقانداق بىر ماقالە ۋە ئەسەر،كۆز قاراش.
6) باشقىلارنىڭ غورۇرىغا ،شەخسىيتىگە ھۇجۇم قىلىش خاراكتىرىدكى تەرجىمىھال،ۋەقەلىك،ئەسەر ۋە پارچە.
7)ئوقۇتۇش،پايدىلىنىش قىممىتى يوق ھەرقانداق بىر رەسىم،رەسىم توپلىمى
8)تىمىسى بار،مەزمۇنى يوق تىمىلار
9)تىمىسى بار،ماتىريالى يوق( دەرس تەييارلىق.دىتال تۇرىدىكى ماتىرياللارنى يوللىمىغان،ئادرىسىنى ئەسكەرتمىگەن)تىمىلار
10)مىللى ئۆچمەنلىك قوزغايدىغان،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائى ئىناقلىققا زىت تىمىلار
11)مىللى ئەخلاققا يات بولغان تىمىلار
12)ياش - ئۆسمۇرلەرنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشىگە زىيانلىق بولغان تىمىلار
13)باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىنى،مەخپىيتىنى ئاشكارىلاش مەزمۇنىدىكى تىمىلار
14) باشقا دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان،يامان تەسىر پايدا قىلىدىغان تىمىلار
تۆۋەندىكى تىمىلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۇرلىدۇ. ( مۇلازىمەت ۋە ئىنكاس تىلفۇنى:13899107420)
1)باشقا توربەتلەردىن كۆچۇرۇپ كىلىنگەن تىما ۋە مەزمۇن ( تىما ۋە مەزمۇن تەستىقلاش جەريانىدا بىزنىڭ بارلىق توردۇنياسىنى تولۇق بىلىش ۋە زىيارەت قىلىش ئىمكانىيتىمىز بولمىغاچقا،ئەزالار بىلىپ-بىلمەي باشقا توربەتلەردىن مەزمۇنلارنى ئەسكەرتمىگەن ياكى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ ئەسلى توربەت ۋە ئاپتۇر قوشۇلمىغان ، باشقا توربەتلەرگە كۆچۇرۇشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىنىق ئەسكەرتكەن تىمىلار)
2) ئەسەر ھوقۇقىغا چىتىلىدىغان تىمىلار ( سىز مىنىڭ ھوقۇقۇمغا تەسىر يەتكۇزدى دەپ قارىغان يازما ۋە مەزمۇنلار)
3) تور بىتىمىز ئەزالاردىن تور بىتىمىزگە يوللىغان، لىكىن يوللاپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ۋە باشقا مەنپەتىگە زىيانلىق ئىكەن دەپ قارىغان تىمىلار
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار يوللىغان ھەرقانداق بىر تىمىنى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى ۋە ئەسلى يوللىغۇچى قوشۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەرقانداق بىر باھانە ۋە سەۋەپ بىلەن باشقا توربەت،بىلوگ ۋە توردىسكىسى..... قاتارلىقلاردا تارقىتىشقا،ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى بارلىق ئۇستازلار،تورداشلار ۋە ئەزىز قىرىنداشلارنىڭ،ئۇيغۇر مائارىپىغا كۆڭۇل بولىدىغان،ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدىغان،توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيادا ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بىر ماكانى،پەخرلىنىدىغان دۇنياسى بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان دوسلارنىڭ بىزنى تىغىمۇ يىقىندىن قوللىشى ۋە ياردەمدە بولىشىنى سەمىمى ئۇمۇد قىلىمىز.
پاش قىلىش،مەلۇم قىلىش،مۇلازىمەت،ياردەم،ھەمكارلىق .تىلفۇن:13899107420 چ چ : 282763137
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى توربەت باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
2011-يىل 10-ئاي 18-كۇنى
()
«بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلانمايدىغان ت»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:ماقالە تۇرىدىكى تىمىلارنى يوللاش ھەققىدە ئېزاھات
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قوللانمىسى
- . بەشتاش تەڭگىسىگە قانداق قىلىپ كۆپلەپ ئى
- . بەشتاشتىن ئۇستاز ۋە تورداشلارغا خىتاب
- . ماقالە تۇرىدىكى تىمىلارنى يوللاش ھەققى
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلا
- . ئەمدى بەشتاش تەڭگىسىگە ئىرىشىش چۇش ئەمە
- . بەشتاش تورىدىن جىددى ئۇقتۇرۇش
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى تازا تىلل
- . بەشتاش مۇلازىمەتچىلىرى خوتەندە
- . دوست بىكەت باشلىقلىرى سەمىگە:
- . جىددى ئۇقتۇرۇش ۋە ئەسكەرتىش
- . يىڭى ئەزا تىزىملىتىش توختىتىلدى
- . بەشتاش تورىدىن ئېلتىجا
- . يەنە تىما يوللىماسلىققا نىمە باھا
- . باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارغا ئۇقتۇرۇش
- . خوش-خەۋەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇش
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قوللانمىسى
- . بەشتاش تەڭگىسىگە قانداق قىلىپ كۆپلەپ ئى
- . بەشتاشتىن ئۇستاز ۋە تورداشلارغا خىتاب
- . ماقالە تۇرىدىكى تىمىلارنى يوللاش ھەققى
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلا
- . ئەمدى بەشتاش تەڭگىسىگە ئىرىشىش چۇش ئەمە
- . بەشتاش تورىدىن جىددى ئۇقتۇرۇش
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى تازا تىلل
- . بەشتاش مۇلازىمەتچىلىرى خوتەندە
- . دوست بىكەت باشلىقلىرى سەمىگە:
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قوللانمىسى
- . بەشتاشتىن ئۇستاز ۋە تورداشلارغا خىتاب
- . ماقالە تۇرىدىكى تىمىلارنى يوللاش ھەققى
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلا
- . ئەمدى بەشتاش تەڭگىسىگە ئىرىشىش چۇش ئەمە
- . بەشتاش تورىدىن جىددى ئۇقتۇرۇش
- . بەشتاش مۇلازىمەتچىلىرى خوتەندە
- . بەشتاش تورىدىن ئېلتىجا
- . خوش-خەۋەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇش
- . تور بىتىمىزنىڭ Cn تور نامى ھەققىدە
- . بەشتاش دەرس تەييارلىق كاتولوگى1.0
- . يەنە تىما يوللىماسلىققا نىمە باھا
- . بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلا
- . بەشتاش تورىنىڭ ماتىرياللىرىنى كۆچ
- . ئەزا مەركىزى قوللانمىسى
- . يىڭى ئەزا تىزىملىتىش توختىتىلدى
- . ماقالە تۇرىدىكى تىمىلارنى يوللاش ھەققى
- . خوش-خەۋەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇش
- . بارلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار س
- . بەشتاش مۇلازىمەتچىلىرى خوتەندە