| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > بەشتاش تورى سەھىپىسى > تولۇق مەزمۇنى

بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى تازا تىللايلى!

ۋاقىت : 2011-08-10 17:11 | مەنبەسى : 未知 | ەمىنلىگۇچى : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى تازا تىللايلى!

 

مانا مەن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن بىرى توربەتتە بەزىدە مۇقىم بەزىدە نەچچە ئاي كىرەلمەي دىگەندەك بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا ھەمراھ بولۇپ كىلىۋاتىمەن. بۇگۇن مانا تۆۋەندىكى (/plus/feedback.php?aid=2864) تىمىغا يىزىلغان ئىنكاس ۋە قايتۇرما جاۋابنى كۆرۇپ،ئۇزۇندىن بىرى تىللاشنى كۆڭلۇمگە پۇككەن بولساممۇ، تىلىيالماي كەلگەن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى تازا بىر «تىللاي»دەيمەن.

ئۇيغۇر توردۇنياسىدا ئۆزگىچە يول تۇتۇپ كىلىۋاتقان توربەتنىڭ بىرى بولمىش بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى بەشتاش ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا 2008-يىلى روياپقا چىققاندىن بىرى ئىزچىل تۇردە مۇتەئەسسىپلىك،دۆتلۇك قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. نىمە ئۇچۇن بۇنداق دەيمەن؟ ئەمىسە تىللاشنى باشلىدىم.

1)بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى قۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ھەمدە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى بەكلا جەمئىيەتنىڭ ئارقىسىدا قالغان،تەرەققىيات روھىغا باي ئەمەس. نىمىشقا باشقا توربەتلەرگە ئوخشاش كەسپى توربەت نامى بولسىمۇ، جاھىللىق،مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ،يەنە باشقا كىنو،قۇرۇق گەپلەردىن بىرمۇنچى يوللىمايدۇ ھە،دىمەك بەشتاش تورى مۇتەئەسسىپ توربەت.

2)بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى ۋە قۇرغۇچى باشقۇرغۇچىلىرى تازىمۇ بىر ئىقتىسادى كاللىسى يوق ئەخمەقلەر.نىمە ئۇچۇن دەمسىز؟ مىنىڭ ئەتراپىمدىمۇ بىرمۇنچە كىشىلەر ئۇلارنى ئەخمەق دەپ تىللايدۇ،بولۇپمۇ بەشتاش ئەپەندى دىگەن ئەخمەقلەرنىڭ چوڭ ئاتىسىنى.چۇنكى ئۇلار ھەم ئۇ جاپا تارتىپ يىققان،سىتىۋالغان ماتىرياللرىنى باشقىلار يالۋۇرسىمۇ پۇلغا ساتمايدۇ.باشقىلار ئىتتىك چىكىدىغان ،رەڭگارەڭ ئىلان قويمايدۇ.قانداق ھەقىقى ئەخمەقمىكەن.

3)بەشتاش ئەپەندى ئارام ئىلىشنى ئۇقمايدىغان كالۋا،بەشتاش تورى يىتىۋىلىشنى بىلمەيدىغان دۆت. مەن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا قەدەم بىسىپ،بەشتاش ئەپەندى بىلەن تونۇشقاندىن كىيىن بۇ نۇقتىنى يەنە بىر چۇشەنگەن.نىمىشقا دەمسىز؟ بەشتاش ئەپەندى بۇ توربەتكە ئەڭ تىز دىگەندە ھەپتىدە بىر چىقالايدۇ،بەزىدە ھەتتا ئايدا بىر چىقالايدۇ. ئۇنداقتا بۇ توربەت قانداق قىلىپ مۇشۇنداق ھالەتكە كەلدى؟ بەشتاش ئەپەندى دىگەن كالۋا ئاداش بەش كۇن مەكتەپتە ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن ئايالىغا بەزىدە يىلىنىپ،بەزىدە دوق قىلىپ جۇمە كەچتە رۇخسەت سوراپ،جۇمە كىچە شەنبە كۇندۇز ،بەزىدە شەنبە كىچە يەكشەنبە كۇندۇز تورخانىدا مۇشۇ ھالەتكە كەلتۇرگەن.چۇنكى ئۇ ئىشلەۋاتقان جايدا ، يەنە كىلىپ ئائىلىسدە تور يوق. قانداق ھەقىقى كالۋامىكەن. كۇندە نەچچە سائەت تورغا چىقىش ئىمكانىيتى بار،تورغا چىقىپ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا،تورداشلارغا قارىغاندا ئۇ ھەقىقى ئەخمەق. بەشتاش تورىمۇ ھەقىقى دۆت،نىمىشقا دەمسىز؟ چۇنكى ئۇ ئۆزىگە مۇش بەرگەنلەرگە داۋاملىق ئاش بىرىدۇ.ئۆزىدىن ماتىريالغا ئىرىشىپ ئۆزىنى ئايلاپ تاشلىۋەتكەن،ماتىريال لازىم بولغاندا يەنە يۇزىنى نىپىز قىلىپ كىلىۋىرىدىغانلارغا مەندىنمۇ بەك قۇچاق ئاچىدۇ ئەمەسمۇ؟

4)بەشتاش تورى تىزلا تور دۇنياسىدىن يوقالسا بولاتتى. نىمىشقا دەمسىز بايا مەن دىگەندەك بىرمۇنچە سۋەپلەر ئاندىن سەل تۇرۇپ تىللايدىغاندك بىرقانچە سەۋەپلەردىن باشقا ، بەشتاش تورىنىڭ سادىق باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئاتامانلىرىمۇ بەشتاش تورىدىن زىرىككىلى تۇردى. چۇنكى بەشتاش ئەپەندى،بەشتاش تورى ئەخمەق تۇرسا،ئاتامانلارغا نەپ ئىلىپ كىلەلمىسە قانداقمۇ زىرىكمىسۇن؟ مانا ئايدىڭكۆل ئەپەندىنىڭ توربەتكە كىرىپمۇ قويمىغىنىغا ئىككى ئاي بولاي دەپتۇ؟ ( ئاتامان مىنى جازالىمىسىلا جۇمۇ). يەنە باشقىلارمۇ بار ئىدىم ،لىكىن ئايدىڭكۆل چوڭامدەك ئىغىر ئەمەسكەن،ھەم ئاساسلىق تىللاش نىشانىمىز بەشتاش بولغاچقا ئۇلارنى چىشلەپ تارتمايلى.

5)بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى ھەقىقى تۇردە بىر ئوقۇتقۇچىلارغا خىزمەت قىلىمىز دەپ تۇرۇپ خىزمەت قىلمايدىغان كالۋا،پىخسىق. نىمە ئۇچۇن دەمسىز قاراڭ، مانا (/plus/feedback.php?aid=2864) بۇ تىما ئاستىدا ياخشى بىر دەرس تەييارلىقى بارئىكەن. چۇشۇرۇش ئۇچۇن 4 تەڭگە (400 نومۇرغا تەڭ) بولمىسا چۇشۇرگىلى بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرتورداش تۆۋەندىكىدەك ئىنكاس يازسا،بەشتاش ئەپەندى ئۇنىڭغا قارىتا تۆۋەندە بىرىلگىنىدەك ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ،قانداق راسمىكەن.

نامەلۇم بىر تورداشنىڭ ئىنكاسى:

这个软件需要 4 金币 才能下载,你目前拥有金币:0

بىزنىڭ شەخسەن مېنىڭ پۇلۇم يوقكەن .ھەممىلا ئادەمنىڭ يوللاش ئىقتىدارى بولىۋەرمەيدۇ ،بولسا توردىن چۈشۈرىمىز دەپ ئاۋارە بولمايمىز.بۇ ئىشنى ئوبدان ئويلىنىپ بېقىشىڭىزلارنى سورايمەن.

بەشتاش ئەپەندىنىڭ قايتۇرما ئىنكاسى:

تور بىتىمىزگە تىما يوللاش ئارقىلىقلا جۇغلانما ۋە تەڭگىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ دەپ كىم دەيدۇ سىزگە؟ كۇندە توربىتىمىزگە بىرقىتىم كىرىپ قويسىڭىز 30 نومۇر،بىرتىمىغا لاياقەتلىك باھا يازسىڭىز 10 نومۇر قوشۇلىدۇ.تىمىدىن بىرنى يوللاپ قويسىڭىز 50 نومۇر قوشۇلىدۇ.ئىككى كۇن كىرسىڭىز 60 نومۇر،10 تىمىغا باھا يازسىڭىز 100نومۇر،رەسىم ،ماقالە،مائارىپقا دائىر يىڭى ئۇچۇر قاتارلىقلاردىن بەش پارچە يوللىسىڭىز 250 نومۇر،مانا جەمئى 410 نومۇر بولدى،ئۇنى بىمالال 4 تەڭگىگە ئالماشتۇرايلايسىز.ئىككى كۇندە كىرىپ قويۇش،30 مىنۇتچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىرماۋسۇملۇق سەرخىل دەرس تەييارلىقىغا ئىرىشىش بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەسمۇ؟

6)بەشتاش تورى دىگىنىنى قىلمايدىغان يۇمشاقباش. نىمە ئۇچۇن دەمسىز باشقىسىنىغۇ دىمەيلا قوياي.ئەزالار تىزىملىتىش ئىغىزى

/member/index_do.php?fmdo=user&dopost=regnew))  غا يىزىپ قويغان تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىشنى كۆردىڭىزمۇ؟ لىكىن ئۇمۇ ناھايتى ۋاقىتلىقلا گەپ بولدى،قانداق دەمسىز،بەشتاش ئەپەندى تورداشلار خاپا بولدى دەپلا ئۇ تۇزۇمنى بىكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل –سەرخىل ئىسىمدا تىزىملىتىدىغان ئۇچار –قانات،قۇرت-قوڭغۇز ئەزالارمۇ پەيدا بولدى.

ئەسكەرتىش: تور بىتىمىزگە ئەگەر نوقۇل ماتىريالغا ئىرىشىش مەخسىتىدە تىزىملاتماقچى بولسىڭىز،تىزىملاتمايلا قويۇڭ. ئەگەر ھەقىقى ئەزا بولۇش نىيتىڭىز بولسا تەپسىلى ،ئەتراپلىق تولدۇرۇڭ. ئەزالىق نامىڭىز تەستىقلاشتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن رەسمى كۇچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە ماتىريال يوللاش ۋە چۇشۇرۇش ھوقۇقىغا ئىرىشەلەيسىز.

ئەسلى يەنە تىللاي دىگەن ئىدىم،لىكىن ئىچىم پۇشتى،يەنىلا تورداشلار تىللاپ باقسۇن،قورقماي تىللاڭلا،تازا تىللاڭلا.سىلەرگە ياردەم بىرىمەن دەپ سىلەرنى ئاۋارە قىلغاندىن كىيىن تازا بولدى دىگۇچە تىللاڭلا!

()

ياخشى
(8)
61.5%
ناچار
(5)
38.5%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>